Check out the new design

আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ * - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ

অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আল-ৱাক্বিয়াহ   আয়াত:
يَطُوفُ عَلَيۡهِمۡ وِلۡدَٰنٞ مُّخَلَّدُونَ
قېرىماي ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئېقىپ تۇرغان شارابلارنى پىيالە، چەينەك ۋە جاملارغا تولدۇرۇپ سۇنۇپ تۇرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
بِأَكۡوَابٖ وَأَبَارِيقَ وَكَأۡسٖ مِّن مَّعِينٖ
قېرىماي ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئېقىپ تۇرغان شارابلارنى پىيالە، چەينەك ۋە جاملارغا تولدۇرۇپ سۇنۇپ تۇرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَّا يُصَدَّعُونَ عَنۡهَا وَلَا يُنزِفُونَ
جەننەتنىڭ شارابلىرى بۇ دۇنيانىڭ شارابلىرىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنى ئىچكەنلەرنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ ۋە ئەقلىنى يوقاتمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَفَٰكِهَةٖ مِّمَّا يَتَخَيَّرُونَ
بۇ غىلمانلار جەننەت ئەھلى خالىغان مېۋە - چېۋىلەرنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَلَحۡمِ طَيۡرٖ مِّمَّا يَشۡتَهُونَ
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَحُورٌ عِينٞ
ئۇلارغا جەننەتتە سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشاش شەھلا كۆزلۈك، گۈزەل ھۆرلەر بېرىلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
كَأَمۡثَٰلِ ٱللُّؤۡلُوِٕ ٱلۡمَكۡنُونِ
ئۇلارغا جەننەتتە سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشاش شەھلا كۆزلۈك، گۈزەل ھۆرلەر بېرىلىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
بۇ ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوٗا وَلَا تَأۡثِيمًا
ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆزلەرنى ۋە گۇناھ بولىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِلَّا قِيلٗا سَلَٰمٗا سَلَٰمٗا
ئۇلار پەقەت پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن سالاملىرىنى ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان سالاملىرىنىلا ئاڭلايدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَأَصۡحَٰبُ ٱلۡيَمِينِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلۡيَمِينِ
ئەسھابۇل يەمىن دېگەن: نام-ئەمەل كىتابى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر بولۇپ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلارنىڭ مەرتىۋېىسى ۋە ئورنى نېمە دېگەن كاتتا!.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فِي سِدۡرٖ مَّخۡضُودٖ
ئۇلار تىكەنلىرى ئېلىۋېتىلگەن، كىشىگە زىيان قىلمايدىغان سىدر مېۋىلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن مەۋزلەردىن، يوقىلىپ كەتمەي ئۈزلۈكسىز تاشلىنىپ تۇرىدىغان سايىلاردىن، توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن، توساقسىز، ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چەكلىمىسىز يېيەلەيدىغان مېۋىلەردىن، كارىۋاتلار ئۈستىگە سېلىنغان ئېگىز تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَطَلۡحٖ مَّنضُودٖ

وَظِلّٖ مَّمۡدُودٖ

وَمَآءٖ مَّسۡكُوبٖ

وَفَٰكِهَةٖ كَثِيرَةٖ

لَّا مَقۡطُوعَةٖ وَلَا مَمۡنُوعَةٖ

وَفُرُشٖ مَّرۡفُوعَةٍ

إِنَّآ أَنشَأۡنَٰهُنَّ إِنشَآءٗ
ھەقىقەتەن بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھۆرلەرنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىچە گۈزەللىكتە ياراتتۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فَجَعَلۡنَٰهُنَّ أَبۡكَارًا
بىز ئۇلارنى ئىلگىرى ھېچكىم يېقىن كېلىپ باقمىغان قىزلار قىلدۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
عُرُبًا أَتۡرَابٗا
ئۇلار ئەرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، ياشتىمۇ تەڭتۇش جۈپتلەردۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لِّأَصۡحَٰبِ ٱلۡيَمِينِ
بىز بۇ ھۆرلەرنى نامە - ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەن سائادەتمەنلەرنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ ئالامىتى قىلدۇق.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
ثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأَوَّلِينَ
بۇلار ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدە كۆپتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَثُلَّةٞ مِّنَ ٱلۡأٓخِرِينَ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى ئۈممەتتۇر.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَأَصۡحَٰبُ ٱلشِّمَالِ مَآ أَصۡحَٰبُ ٱلشِّمَالِ
ئەسھابۇل شىمال دېگەن: نام-ئەمەل دەپتىرى سول تەرەپتىن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاقىۋېتى نېمە دېگەن يامان!.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
فِي سَمُومٖ وَحَمِيمٖ
ئۇلار تولىمۇ ئاتەشلىك شامال ۋە ئىنتايىن ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ، قاپقارا ئىس - تۈتەكتىن شەكىللەنگەن، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَظِلّٖ مِّن يَحۡمُومٖ
ئۇلار تولىمۇ ئاتەشلىك شامال ۋە ئىنتايىن ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ، قاپقارا ئىس - تۈتەكتىن شەكىللەنگەن، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَّا بَارِدٖ وَلَا كَرِيمٍ
ئۇلار تولىمۇ ئاتەشلىك شامال ۋە ئىنتايىن ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ، قاپقارا ئىس - تۈتەكتىن شەكىللەنگەن، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَبۡلَ ذَٰلِكَ مُتۡرَفِينَ
ھەقىقەتەن ئۇلار مۇشۇ ئازابقا دۇچار بولۇشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا تولىمۇ باياشات، شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇشتىن باشقا غېمى يوق كىشىلەر ئىدى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَكَانُواْ يُصِرُّونَ عَلَى ٱلۡحِنثِ ٱلۡعَظِيمِ
ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتا قاتتىق چىڭ تۇراتتى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
وَكَانُواْ يَقُولُونَ أَئِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ
ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقتىن (مۇسۇلمانلارنى) مەسخىرە قىلىپ ھەمدە (قايتا تىرىلىشنى) يىراق ساناپ: بىز ئۆلۈپ، تۇپراققا ۋە چىرىپ كەتكەن سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتا تىرىلىمىزمۇ؟ بىزدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - ئەجدادلىرىمىزمۇ قايتا تىرىلەمدۇ؟ دەيتتى.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
أَوَءَابَآؤُنَا ٱلۡأَوَّلُونَ

قُلۡ إِنَّ ٱلۡأَوَّلِينَ وَٱلۡأٓخِرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن خالايىقلار ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئەلۋەتتە توپلىنىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
لَمَجۡمُوعُونَ إِلَىٰ مِيقَٰتِ يَوۡمٖ مَّعۡلُومٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن خالايىقلار ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئەلۋەتتە توپلىنىدۇ.
আৰবী তাফছীৰসমূহ:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• العمل الصالح سبب لنيل النعيم في الآخرة.
ياخشى ئەمەل ئاخىرەتتە نېئمەتلەرگە ئېرىشىشكە سەۋەب بولىدۇ.

• الترف والتنعم من أسباب الوقوع في المعاصي.
راھەت - پاراغەت ۋە باي - باياشاتلىق گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە پېتىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

• خطر الإصرار على الذنب.
گۇناھتا چىڭ تۇرۇش خەتەرلىكتۇر.

অৰ্থানুবাদ ছুৰা: আল-ৱাক্বিয়াহ
ছুৰাৰ তালিকা পৃষ্ঠা নং
 
আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ - অনুবাদসমূহৰ সূচীপত্ৰ

তাফছীৰ চেণ্টাৰ ফৰ কোৰানিক ষ্টাডিজৰ ফালৰ পৰা প্ৰচাৰিত।

বন্ধ