Check out the new design

Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik. * - Sadržaj prijevodā


Prijevod značenja Sura: El-Bekara   Ajet:
أُحِلَّ لَكُمۡ لَيۡلَةَ ٱلصِّيَامِ ٱلرَّفَثُ إِلَىٰ نِسَآئِكُمۡۚ هُنَّ لِبَاسٞ لَّكُمۡ وَأَنتُمۡ لِبَاسٞ لَّهُنَّۗ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَخۡتَانُونَ أَنفُسَكُمۡ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡ وَعَفَا عَنكُمۡۖ فَٱلۡـَٰٔنَ بَٰشِرُوهُنَّ وَٱبۡتَغُواْ مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَكُمۡۚ وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ ٱلۡخَيۡطُ ٱلۡأَبۡيَضُ مِنَ ٱلۡخَيۡطِ ٱلۡأَسۡوَدِ مِنَ ٱلۡفَجۡرِۖ ثُمَّ أَتِمُّواْ ٱلصِّيَامَ إِلَى ٱلَّيۡلِۚ وَلَا تُبَٰشِرُوهُنَّ وَأَنتُمۡ عَٰكِفُونَ فِي ٱلۡمَسَٰجِدِۗ تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَقۡرَبُوهَاۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ ءَايَٰتِهِۦ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ
دەسلەپتە ئەر كىشى رامىزان كېچىسى ئۇخلاپ قېلىپ ئاندىن بامداتتىن ئىلگىرى ئويغانغان بولسا، ئۇنىڭ يەپ-ئىچىشى، ئايالى بىلەن بىرگە بولىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئاللاھ كېيىن بۇ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى. ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرگە بولۇشنى رۇخسەت قىلدى. ئاياللار سىلەر ئۈچۈن يېپىنچىدۇر، سىلەر ئاياللار ئۈچۈن يېپىنچىسىلەر. بىر-بىرىڭلاردىن بىھاجەت بولالمايسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا خىيانەت قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ سىلەرگە رەھىم قىلدى، سىلەرنى كەچۈردى ۋە سىلەرگە يەڭگىللەشتۈرۈپ بەردى. ھازىر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرگە بولۇڭلار. ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان پەرزەنتنى تەلەپ قىلىڭلار. پۈتۈن كېچە ۋە تاڭ يورۇپ كېچە قاراڭغۇلىقى كەتكەنگە قەدەر يەپ-ئىچىڭلار. ئاندىن تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن كىرىپ كەتكۈچە روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ روزىنى تولۇقلاڭلار. مەسچىتلەردە ئېتىكاپتا تۇرۇپ ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرگە بولماڭلار. چۈنكى ئاياللار بىلەن بىرگە بولۇش ئېتىكاپنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر. مەزكۇر ھۆكۈملەر ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدىكى ئاللاھنىڭ چىگراسى بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەرگىز يېقىنلاشماڭلار. ھەقىقەتەن كىمكى ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىغا يېقىنلاشسا ھارامغا چۈشۈپ قالغىلى ئاران قالىدۇ. ئاللاھ ھۆكۈملەرنى يۇقىرىقىدەك ئېنىق بايان قىلىش بىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولىشى ئۈچۈن بايان قىلىپ بېرىدۇ.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ وَتُدۡلُواْ بِهَآ إِلَى ٱلۡحُكَّامِ لِتَأۡكُلُواْ فَرِيقٗا مِّنۡ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ بِٱلۡإِثۡمِ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا ئوخشاش يولسىز شەكىلدە ئېلىۋالماڭلار. ئاللاھنىڭ ھارام قىلغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن گۇناھقا پېتىپ ھاكىملارنىڭ قېشىغا داۋالىشىپ بارماڭلار. ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھقا قەدەم ئېلىش ناھايىتى قەبىھ ۋە چوڭ گۇناھتۇر.
Tefsiri na arapskom jeziku:
۞ يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡأَهِلَّةِۖ قُلۡ هِيَ مَوَٰقِيتُ لِلنَّاسِ وَٱلۡحَجِّۗ وَلَيۡسَ ٱلۡبِرُّ بِأَن تَأۡتُواْ ٱلۡبُيُوتَ مِن ظُهُورِهَا وَلَٰكِنَّ ٱلۡبِرَّ مَنِ ٱتَّقَىٰۗ وَأۡتُواْ ٱلۡبُيُوتَ مِنۡ أَبۡوَٰبِهَاۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلار سەندىن يېڭى ئاينىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەققىدە سورىشىدۇ. سەن ئۇلارغا بۇنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە جاۋاپ بېرىپ : ئۇ كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر، دېگىن. ئۇلار يېڭى ئاي ئارقىلىق ھەج ئايلىرى، رامىزان ئېيى، زاكات بېرىشتە يىلنىڭ تامام بولغانلىقى قاتارلىق ئىبادەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى بىلىدۇ. مۇئامىلە مەسىلىلىرىدە دىيەت ۋە قەرزنىڭ مۇددىتىنى بەلگىلەش قاتارلىقلارنى بىلىدۇ. جاھىلىيەتتە قىلغىنىڭلاردەك ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان چېغىڭلاردا ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن كىرىشىڭلار ياخشىلىققا ياتمايدۇ، بەلكى ھەقىقى ياخشىلىق قىلغۇچى ئىچى ۋە تېشىدا ئاللاھقا تەقۋادار بولغان كىشىدۇر. سىلەر ئۆيلەرگە ئىشىكىدىن كىرىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرگە ئوڭايدۇر ۋە جاپا-مۇشەققەتتىن يىراقتۇر. چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت بار ئىشلارغا بۇيرىمىدى. سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىپ، يامان كۆرگەن نەرسىلەردىن قۇتۇلىشىڭلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەلنى ئۆزۈڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابى ئوتتۇرىسىدا قالقان قىلىڭلار.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَقَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يُقَٰتِلُونَكُمۡ وَلَا تَعۡتَدُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُعۡتَدِينَ
ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنىڭ ئۈستۈن بولىشىنى كۆزلەپ، سىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش ئۈچۈن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. بالىلار، ئاياللار، ۋە ياشتا چوڭلارنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئۆلتۈرۈپ چىرايىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ چىگراسىدىن ئۆتۈپ كەتمەڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ دىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
Tefsiri na arapskom jeziku:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• مشروعية الاعتكاف، وهو لزوم المسجد للعبادة؛ ولهذا يُنهى عن كل ما يعارض مقصود الاعتكاف، ومنه مباشرة المرأة.
ئېتىكاپنىڭ يولغا قويۇلىشى: ئېتىكاپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتە تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئېتىكاپتا تۇرغۇچى ئېتىكاپنىڭ مەقسىتىگە زىت كېلىدىغان، ئەر-ئايالنىڭ بىريەردە بولىشىغا ئوخشاش ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن چەكلىنىدۇ.

• النهي عن أكل أموال الناس بالباطل، وتحريم كل الوسائل والأساليب التي تقود لذلك، ومنها الرشوة.
كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يىۋېلىشتىن چەكلەش، پارىخورلۇققا ئوخشاش ناھەق يەۋېلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ۋاسىتە ۋە ئۇسلۇب چەكلەندى.

• تحريم الاعتداء والنهي عنه؛ لأن هذا الدين قائم على العدل والإحسان.
بۇ دىن ئادالەت ۋە ئېھسان ئۈستىگە بەرپا بولغانلىقى ئۈچۈن، تاجاۋۇزچىلىق چەكلەندى ۋە ھارام قىلىندى.

 
Prijevod značenja Sura: El-Bekara
Indeks sura Broj stranice
 
Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik. - Sadržaj prijevodā

Izdavač: centar za kur'anske studije "Tefsir".

Zatvaranje