Prijevod značenja časnog Kur'ana - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Sadržaj prijevodā


Prijevod značenja Ajet: (200) Sura: Sura el-Bekara
فَإِذَا قَضَيۡتُم مَّنَٰسِكَكُمۡ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَذِكۡرِكُمۡ ءَابَآءَكُمۡ أَوۡ أَشَدَّ ذِكۡرٗاۗ فَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِي ٱلدُّنۡيَا وَمَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنۡ خَلَٰقٖ
سىلەر ھەج پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپ بىكار بولغىنىڭلاردا، ئاتا-بوۋاڭلاردىن پەخىرلىنىپ ئۇلارنى ياد ئەتكىنىڭلاردەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار ۋە ئۇنى كۆپ مەدھىيەلەڭلار. ئاتا-بوۋاڭلارنى ماختىغىنىڭلاردەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ئاللاھنى كۆپ مەدھىيىلەڭلار. چۈنكى سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان ھەر قانداق نېئمەت ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەندۇر. ئىنسانلار ھەرخىل بولۇپ، بەزى كىشىلەر پەقەت دۇنيا ھاياتىغىلا ئىشىنىدىغان مۇشرىك كاپىردۇر. ئۇ رەببىدىن پەقەت ساغلىق، مال-دۇنيا ۋە بالا-چاقىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ نازۇ-نېئمەتلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرىنىلا سورايدۇ. بۇلار دۇنياغا قىزىقىپ ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتە مۆئمىن بەندىلىرىگە تەييارلىغان نەرسىلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ.
Tefsiri na arapskom jeziku:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• يجب على المؤمن التزود في سفر الدنيا وسفر الآخرة، ولذلك ذكر الله أن خير الزاد هو التقوى.
مۆئمىن دۇنيا ۋە ئاخىرەت سەپىرىگە ئوزۇق ئېلىشى كېرەك. ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە تەقۋادارلىق ئاخىرەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوزۇقتۇر.

• مشروعية الإكثار من ذكر الله تعالى عند إتمام نسك الحج.
ھەج پائالىيىتى تۈگىگەندىن كىيىن، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا.

• اختلاف مقاصد الناس؛ فمنهم من جعل همّه الدنيا، فلا يسأل ربه غيرها، ومنهم من يسأله خير الدنيا والآخرة، وهذا هو الموفَّق.
كىشىلەرنىڭ مەقسەتلىرى ھەرخىل بولۇپ، بەزىلەرنىڭ مەقسىتى دۇنيادۇر، ئۇلار رەببىدىن دۇنيادىن باشقىنى سورىمايدۇ. يەنە بەزىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورايدۇ. بۇلار مۇۋەپپىقيەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر.

 
Prijevod značenja Ajet: (200) Sura: Sura el-Bekara
Indeks sura Broj stranice
 
Prijevod značenja časnog Kur'ana - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Sadržaj prijevodā

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Zatvaranje