Prijevod značenja časnog Kur'ana - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Sadržaj prijevodā


Prijevod značenja Ajet: (58) Sura: Sura en-Nur
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِيَسۡتَـٔۡذِنكُمُ ٱلَّذِينَ مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ وَٱلَّذِينَ لَمۡ يَبۡلُغُواْ ٱلۡحُلُمَ مِنكُمۡ ثَلَٰثَ مَرَّٰتٖۚ مِّن قَبۡلِ صَلَوٰةِ ٱلۡفَجۡرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُم مِّنَ ٱلظَّهِيرَةِ وَمِنۢ بَعۡدِ صَلَوٰةِ ٱلۡعِشَآءِۚ ثَلَٰثُ عَوۡرَٰتٖ لَّكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ وَلَا عَلَيۡهِمۡ جُنَاحُۢ بَعۡدَهُنَّۚ طَوَّٰفُونَ عَلَيۡكُم بَعۡضُكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇل - چۆرىلىرىڭلار ۋە بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن، ھۆر بالىلىرىڭلار مۇنداق ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن رۇخسەت سورىسۇن: (بىرىنچىسى) بامدات نامىزىدىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولۇپ، بۇ سىلەرنىڭ ئويغاق ھالىتىڭلاردا كىيىدىغان كىيىمىڭلارنىڭ ئورنىغا ئۇخلاش كىيىمىڭلارنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتۇر. (ئىككىنچىسى) چىڭقى چۈش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سىلەر چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سېلىۋېتىسىلەر. (ئۈچىنچىسى) خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنكى ۋاقىت بولۇپ، چۈنكى بۇ ۋاقىت سىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ ئۇخلايدىغان ۋاقتىڭلاردۇر. بۇ ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان) ۋاقىتلاردۇركى، بۇ ۋاقىتلاردا سىلەردىن رۇخسەت سورىماي تۇرۇپ يېنىڭلارغا ھېچكىم كىرمىسۇن. مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشقا چاغدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار يېنىڭلارغا رۇخسەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ - چىقىپ تۇرىدىغانلاردۇر. شۇڭا ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا رۇخسەتسىز كىرىشتىن چەكلەنسە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرگە رۇخسەت سوراشنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، يولغا قويغان ئەھكاملارغا دەلىل بولىدىغان ئايەتلەرنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكاملىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
Tefsiri na arapskom jeziku:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• اتباع الرسول صلى الله عليه وسلم علامة الاهتداء.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىك ھىدايەت تاپقانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.

• على الداعية بذل الجهد في الدعوة، والنتائج بيد الله.
دەۋەتچىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەۋەت يولىدا پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سېلىشتۇر. ئەمما نەتىجە ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.

• الإيمان والعمل الصالح سبب التمكين في الأرض والأمن.
ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر يەر يۈزىدە قۇدرەت تېپىش ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

• تأديب العبيد والأطفال على الاستئذان في أوقات ظهور عورات الناس.
قۇللارنى ۋە كىچىك بالىلارنى كىشىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتلاردا رۇخسەت سوراپ كىرىشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.

 
Prijevod značenja Ajet: (58) Sura: Sura en-Nur
Indeks sura Broj stranice
 
Prijevod značenja časnog Kur'ana - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Sadržaj prijevodā

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Zatvaranje