Check out the new design

Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik. * - Sadržaj prijevodā


Prijevod značenja Sura: Ez-Zumer   Ajet:
قُلۡ إِنِّيٓ أُمِرۡتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱللَّهَ مُخۡلِصٗا لَّهُ ٱلدِّينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، شەكسىزكى ئاللاھ مېنى ئىبادەتنى خالىس قىلغان ھالدا يالغۇز ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَأُمِرۡتُ لِأَنۡ أَكُونَ أَوَّلَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
ئۇ مېنى مۇشۇ ئۈممەتتىن مۇسۇلمان بولغان ۋە ئۆزىگە بويسۇنغانلارنىڭ تۇنجىسى بولۇشقا بۇيرۇدى.
Tefsiri na arapskom jeziku:
قُلۡ إِنِّيٓ أَخَافُ إِنۡ عَصَيۡتُ رَبِّي عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ناۋادا مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سالسام، ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت بۈيۈك كۈندىكى ئازابتىن قورقىمەن.
Tefsiri na arapskom jeziku:
قُلِ ٱللَّهَ أَعۡبُدُ مُخۡلِصٗا لَّهُۥ دِينِي
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، شەكسىزكى مەن ئىبادەتنى خالىس قىلغان ھالدا يالغۇز ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ باشقىسىغا قۇلچىلىق قىلمايمەن.
Tefsiri na arapskom jeziku:
فَٱعۡبُدُواْ مَا شِئۡتُم مِّن دُونِهِۦۗ قُلۡ إِنَّ ٱلۡخَٰسِرِينَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَأَهۡلِيهِمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ أَلَا ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡخُسۡرَانُ ٱلۡمُبِينُ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلار خالىغان بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېلىڭلار (بۇ بۇيرۇق تەھدىتنى ئىپادىلەيدۇ). ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار ئۆزلىرىدىن ۋە بالا - چاقىلىرىدىن قۇرۇق قالغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى جەننەتكە، يەنە بىر قىسمى دوزاخقا كىرىش ئارقىلىق ئايرىلىپ كەتكەن بولغاچقا ئۆزئارا قەتئىي ئۇچرىشالمايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، مانا بۇ ھېچقانداق چۈشىنىكسىزلىك بولمىغان، ھەقىقىي روشەن زىيانكارلىقتۇر.
Tefsiri na arapskom jeziku:
لَهُم مِّن فَوۡقِهِمۡ ظُلَلٞ مِّنَ ٱلنَّارِ وَمِن تَحۡتِهِمۡ ظُلَلٞۚ ذَٰلِكَ يُخَوِّفُ ٱللَّهُ بِهِۦ عِبَادَهُۥۚ يَٰعِبَادِ فَٱتَّقُونِ
ئۇلارنى ئۈستى تەرەپتىنمۇ، ئاستى تەرەپتىنمۇ ئىس - تۈتەك، ئوت يالقۇنى ۋە ھارارەت قورشىۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى مەزكۇر ئازاب بىلەن قورقۇتىدۇ. ئەي بەندىلىرىم! بۇيرۇقلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىمدىن يېنىش ئارقىلىق مەندىن قورقۇڭلار.
Tefsiri na arapskom jeziku:
وَٱلَّذِينَ ٱجۡتَنَبُواْ ٱلطَّٰغُوتَ أَن يَعۡبُدُوهَا وَأَنَابُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ لَهُمُ ٱلۡبُشۡرَىٰۚ فَبَشِّرۡ عِبَادِ
بۇتلارغا ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە چوقۇنۇشتىن ساقلانغان، تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قايتقان كىشىلەرگە ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىدە ۋە قىيامەت كۈنىدە جەننەت بىلەن خۇشبېشارەت بېرىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! بەندىلىرىمگە بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزگىن.
Tefsiri na arapskom jeziku:
ٱلَّذِينَ يَسۡتَمِعُونَ ٱلۡقَوۡلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحۡسَنَهُۥٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ هَدَىٰهُمُ ٱللَّهُۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ
سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى ۋە يامىنىنى پەرقلەندۈرگەن، ئاندىن سۆزنىڭ پايدىلىق بولغان ئەڭ گۈزىلىگە ئەگەشكەنلەر، مانا مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەر ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.
Tefsiri na arapskom jeziku:
أَفَمَنۡ حَقَّ عَلَيۡهِ كَلِمَةُ ٱلۡعَذَابِ أَفَأَنتَ تُنقِذُ مَن فِي ٱلنَّارِ
كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇقىدا چىڭ تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولغانلارغا كەلسەك، ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ بۇنداقلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ۋە مۇۋەپپىقىيەت بېرىشكە ئامالىڭ يوق. ئەي پەيغەمبەر! سەن مۇشۇنداق كىشىلەرنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالامسەن؟
Tefsiri na arapskom jeziku:
لَٰكِنِ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ لَهُمۡ غُرَفٞ مِّن فَوۡقِهَا غُرَفٞ مَّبۡنِيَّةٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ لَا يُخۡلِفُ ٱللَّهُ ٱلۡمِيعَادَ
لېكىن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلار ئۈستى - ئۈستىگە سېلىنغان ئالىي تۇرالغۇلارغا ئېرىشىدۇ، ئۇ تۇرالغۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا مۇشۇنداق ۋەدە قىلغان بولۇپ، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
Tefsiri na arapskom jeziku:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَسَلَكَهُۥ يَنَٰبِيعَ فِي ٱلۡأَرۡضِ ثُمَّ يُخۡرِجُ بِهِۦ زَرۡعٗا مُّخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصۡفَرّٗا ثُمَّ يَجۡعَلُهُۥ حُطَٰمًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ
شەكسىزكى سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنى بۇلاقلارغا ۋە ئۆستەڭلەرگە كىرگۈزگەنلىكىنى، ئاندىن مۇشۇ سۇلار ئارقىلىق رەڭلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك زىرائەتلەرنى چىقارغانلىقىنى، ئاندىن كېيىن بۇ زىرائەتلەرنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ بىلىپ تۇرۇۋاتىسىلەر. ئەي مۇشۇنداق ھادىسىلەرگە شاھىت بولغۇچى! ئاندىن بۇ زىرائەتلەرنىڭ ياشىرىپ بولغاندىن كېيىن سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئاندىن قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن. شەكسىزكى بۇنىڭدا جانلىق قەلب ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت بار.
Tefsiri na arapskom jeziku:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• إخلاص العبادة لله شرط في قبولها.
ئاللاھقا ئىبادەتنى خالىس قىلىش ئۇنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتىدۇر.

• المعاصي من أسباب عذاب الله وغضبه.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئاللاھنىڭ ئازابىغا ۋە غەزىپىگە سەۋەب بولىدۇ.

• هداية التوفيق إلى الإيمان بيد الله، وليست بيد الرسول صلى الله عليه وسلم.
ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، بۇ ئىش پەيغەمبەرنىڭ قولىدا ئەمەس.

 
Prijevod značenja Sura: Ez-Zumer
Indeks sura Broj stranice
 
Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik. - Sadržaj prijevodā

Izdavač: centar za kur'anske studije "Tefsir".

Zatvaranje