Translation of the Meanings of the Noble Quran - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
25 : 11

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦٓ إِنِّي لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٌ

شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: ئەي قەۋمىم! مەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە سىلەرگە ئەۋەتىلگەن دىننى روشەن بايان قىلىپ بەرگۈچىمەن. info
التفاسير: |
Benefits of the Verses on this page:
• الكافر لا ينتفع بسمعه وبصره انتفاعًا يقود للإيمان، فهما كالمُنْتَفِيَين عنه بخلاف المؤمن.
كاپىر قۇلىقى بىلەن كۆزىدىن ئۆزىنى ئىمانغا يېتەكلەيدىغان دەرىجىدە مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ، چۈنكى كۆز بىلەن قۇلاق كاپىرلارغا نىسبەتەن يوقنىڭ ئورنىدىدۇر، ئەمما مۇمىن ئۇنداق ئەمەس. info

• سُنَّة الله في أتباع الرسل أنهم الفقراء والضعفاء لخلوِّهم من الكِبْر، وخُصُومهم الأشراف والرؤساء.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قانداق كىشىلەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى ئۇلارنىڭ كەمبەغەل ۋە ئاجىز كىشىلەر بولىدىغانلىقىدۇر، چۈنكى ئۇلار تەكەببۇرلۇقتىن خالىي كىشىلەردۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ دۈشمەنلىرى بولسا ئاقسۆڭەك ئەربابلاردۇر. info

• تكبُّر الأشراف والرؤساء واحتقارهم لمن دونهم في غالب الأحيان.
ئاقسۆڭەك ئەربابلار كۆپىنچە تەككەببۇر بولۇپ، ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ. info