Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Ar-Ra‘d   Ayah:
۞ أَفَمَن يَعۡلَمُ أَنَّمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ ٱلۡحَقُّ كَمَنۡ هُوَ أَعۡمَىٰٓۚ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقۇچى مۇئمىن كۆزى (ھەقىقەتنى كۆمەيدىغان) كور، ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمايدىغان كاپىر بىلەن ئوخشا بولامدۇ؟ شەكسىزكى ئاشۇنىڭدىن پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند - نەسىھەت ئالىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱلَّذِينَ يُوفُونَ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ وَلَا يَنقُضُونَ ٱلۡمِيثَٰقَ
ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان كىشىلەر ئاللاھ بىلەن قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بىلەن قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ، ئاللاھ بىلەن ياكى باشقىلار بىلەن قىلىشقان ۋەدىلىرىنى بۇزمايدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَٱلَّذِينَ يَصِلُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيَخۡشَوۡنَ رَبَّهُمۡ وَيَخَافُونَ سُوٓءَ ٱلۡحِسَابِ
ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزىدۇ، پەرۋەردىگارىدىن شۇ دەرىجىدە قورقىدۇكى، بۇ قورقۇنچ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرى قىلغان پۈتۈن گۇناھلاردىن ھېساب ئېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى كىم ئىنچىكە سۈرۈشتە قىلىنسا تۈگىشىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَٱلَّذِينَ صَبَرُواْ ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ رَبِّهِمۡ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنفَقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ وَيَدۡرَءُونَ بِٱلۡحَسَنَةِ ٱلسَّيِّئَةَ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عُقۡبَى ٱلدَّارِ
ئۇلار ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا چىدامچان، ئاللاھ تەقدىر قىلغان بارچە خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلارغا سەۋرچان كىشىلەردۇركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ، نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال - مۈلۈكلەردىن بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلەرنى بەرگەندىن سىرت، رىيادىن ساقلىنىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ھالەتتە نەپلە سەدىقىلەرنىمۇ بېرىدۇ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن ئاشكارىمۇ سەدىقە قىلىدۇ، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان بۇ كىشىلەر قىيامەت كۈنى مەدھىيەگە لايىق ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
جَنَّٰتُ عَدۡنٖ يَدۡخُلُونَهَا وَمَن صَلَحَ مِنۡ ءَابَآئِهِمۡ وَأَزۡوَٰجِهِمۡ وَذُرِّيَّٰتِهِمۡۖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَدۡخُلُونَ عَلَيۡهِم مِّن كُلِّ بَابٖ
بۇ ياخشى نەتىجە جەننەت ئەھلىگە بولۇپ، ئۇلار جەننەتلەردە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك نېئمەتلەر ئىچىدە تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، ئانىلىرى، خاتۇنلىرى ۋە ئەۋلادلىرىدىن توغرا يولدا بولغانلارنىڭمۇ شۇلار بىلەن بىرگە جەننەتكە كىرىشى ئۇلارغا ئاتا قىلىنغان نېئمەتنىڭ مۇكەممەلىكىدىندۇركى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئۇرۇق -تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ كۆڭلى ئارام تېپىشى ئۈچۈندۇر. پەرىشتىلەرمۇ ئۇلارنى تەبرىكلەپ جەننەتتىكى تۇرالغۇلىرىنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
سَلَٰمٌ عَلَيۡكُم بِمَا صَبَرۡتُمۡۚ فَنِعۡمَ عُقۡبَى ٱلدَّارِ
پەرىشتىلەر ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرگەندە: سىلەرگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز، دەپ ئۇلارنى تەبرىكلىشىدۇ، يەنى سىلەر ئاللاھ تائالاغا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا چىدامچان، تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە سەۋرچان بولغىنىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالغىنىڭلار ئۈچۈن ئەمدى بارچە ئاپەتلەردىن ئامان - ئېسەن بولدۇڭلار. سىلەر ئېرىشكەن بۇ نەتىجە نېمىدېگەن ياخشى - ھە؟
Arabic explanations of the Qur’an:
وَٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهۡدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مِيثَٰقِهِۦ وَيَقۡطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱللَّعۡنَةُ وَلَهُمۡ سُوٓءُ ٱلدَّارِ
ئاللاھقا چىن ئەھدە قىلغاندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدىغان، ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان سىلە - رەھىمنى ئۈزىدىغان ئەنە شۇ بەدبەختلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىشقا مەھكۇمدۇر، ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱللَّهُ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ وَفَرِحُواْ بِٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا فِي ٱلۡأٓخِرَةِ إِلَّا مَتَٰعٞ
ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. بىراۋنىڭ رىزقىنىڭ كەڭرى قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ سائادەتمەنلىكىنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئەمەس، رىزقىنىڭ تار بولغانلىقىمۇ ئۇنىڭ بەدبەخت بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئەمەس. كاپىرلار ھاياتىي دۇنيادىن خۇشال بولۇشۇپ، دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق كۆڭلى ئارام تاپتى. ھاياتىي دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن پەقەت ئازغىنە ئۆتكۈنچى مەنپەئەتتۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّ ٱللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِيٓ إِلَيۡهِ مَنۡ أَنَابَ
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلار: نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرەۋردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ماددىي مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟ شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن بولاتتۇق، دېيىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ماددىي مۆجىزە تەلەپ قىلغان بۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۆز ئادالىتى بىلەن خالىغان كىشىنى ئازغۇن قىلىدۇ، تەۋبە بىلەن ئۆزى تەرەپكە يۈزلەنگەنلەرنى ئۆز پەزلى بىلەن توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى مۆجىزىلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈشىگە باغلىغۇدەك، ھىدايەت ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئەمەس.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَتَطۡمَئِنُّ قُلُوبُهُم بِذِكۡرِ ٱللَّهِۗ أَلَا بِذِكۡرِ ٱللَّهِ تَطۡمَئِنُّ ٱلۡقُلُوبُ
ئاللاھ ھىدايەت قىلىغان ئاشۇ كىشىلەر ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇركى، ئۇلار ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش، ھەمدۇ-سانا ئېيتىش ھەمدە ئۇنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاڭلاش بىلەن ئۇنى ياد ئېتىش ئارقىلىق كۆڭۈللىرى تەسكىن تاپىدىغان كىشىلەردۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەنلا تەسكىن تاپىدۇكى، ئۇ قەلبلەر شۇنىڭغا لايىقتۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• الترغيب في جملة من فضائل الأخلاق الموجبة للجنة، ومنها: حسن الصلة، وخشية الله تعالى، والوفاء بالعهود، والصبر والإنفاق، ومقابلة السيئة بالحسنة والتحذير من ضدها.
بۇ ئايەتلەر جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىر بۆلۈك ئېسىل ئەخلاقلارغا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئاللاھ تائالادىن قورقۇش، ۋەدىلەرگە ۋاپا قىلىش، سەۋرچان بولۇش، ياخشىلىق يوللىرىغا مال چىقىم قىلىش، يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ۋە يامانلىققا يامانلىق قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار شۇ ئېسىل ئەخلاقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.

• أن مقاليد الرزق بيد الله سبحانه وتعالى، وأن توسعة الله تعالى أو تضييقه في رزق عبدٍ ما لا ينبغي أن يكون موجبًا لفرح أو حزن، فهو ليس دليلًا على رضا الله أو سخطه على ذلك العبد.
رىزىقنىڭ ئاچقۇچى ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاللاھنىڭ بىرەر بەندىنىڭ رىزقىنى كەڭرى ياكى تار قىلىپ قويغانلىقى كۆرەڭلەش ياكى قايغۇرۇشقا سەۋەب بوپقالسا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى رىزىقنىڭ كەڭرى ياكى تار بولۇشى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ ياكى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولىقىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەس.

• أن الهداية ليست بالضرورة مربوطة بإنزال الآيات والمعجزات التي اقترح المشركون إظهارها.
بەندىنىڭ ھىدايەت تېپىشى چوقۇم مۇشرىكلار كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئالامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلەرنى چۈشۈرۈشكە باغلىق ئەمەس.

• من آثار القرآن على العبد المؤمن أنه يورثه طمأنينة في القلب.
مۇئمىن بەندىنىڭ قەلبىنى ئارام تاپقۇزۇش قۇرئاننىڭ تەسىرلىرىدىن بىرىدۇر.

 
Translation of the meanings Surah: Ar-Ra‘d
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close