Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Ash-Shūra   Ayah:
وَٱلَّذِينَ يُحَآجُّونَ فِي ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا ٱسۡتُجِيبَ لَهُۥ حُجَّتُهُمۡ دَاحِضَةٌ عِندَ رَبِّهِمۡ وَعَلَيۡهِمۡ غَضَبٞ وَلَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٌ
كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان بۇ دىندا ئاساسسىز باھانىلەر بىلەن دەتالاش قىلىدىغانلارنىڭ باھانىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە مۇئمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قىلچە ئېتىبارى ھەم ئەھمىيىتى يوقتۇر. كاپىر بولغانلىقى ۋە ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپى ھەمدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان قاتتىق ئازاب بار.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ وَٱلۡمِيزَانَۗ وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّ ٱلسَّاعَةَ قَرِيبٞ
ئاللاھ تائالا ھېچقانداق شەك بولمىغان قۇرئاننى ھەق بىلەن نازىل قىلدى، كىشىلەر ئارىسىدا ئىنساپ بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئادالەتنى نازىل قىلدى. ئۇلار ئىنكار قىلىۋاتقان قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە، كۆرۈنگەن تاغنىڭ يىراق ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم.
Arabic explanations of the Qur’an:
يَسۡتَعۡجِلُ بِهَا ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِهَاۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مُشۡفِقُونَ مِنۡهَا وَيَعۡلَمُونَ أَنَّهَا ٱلۡحَقُّۗ أَلَآ إِنَّ ٱلَّذِينَ يُمَارُونَ فِي ٱلسَّاعَةِ لَفِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٍ
قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھېساب، ساۋاب ۋە جازالارغا ئىشەنمەيدۇ، ئاللاھقا ئىشىنىدىغان مۇئمىنلەر بولسا قىيامەتتىكى ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتنىڭ شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرىسىدا دەتالاش قىلىپ، جىدەللىشىدىغانلار ۋە ئۇنىڭ بولۇشىدا شەك قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱللَّهُ لَطِيفُۢ بِعِبَادِهِۦ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُۖ وَهُوَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡعَزِيزُ
ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى كۆيۈنگۈچىدۇركى، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭكىنى تار قىلىدۇ. قارىماققا باشقىچە كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ (بۇ، ئاللاھنىڭ) شۇ كىشىگە قىلغان رەھمىتىدۇر. ئاللاھ كۈچلۈكتۇركى، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
مَن كَانَ يُرِيدُ حَرۡثَ ٱلۡأٓخِرَةِ نَزِدۡ لَهُۥ فِي حَرۡثِهِۦۖ وَمَن كَانَ يُرِيدُ حَرۡثَ ٱلدُّنۡيَا نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَا وَمَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِن نَّصِيبٍ
كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىمىز. مەسىلەن، بىر ياخشىلىقنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۆپەيتىپ بېرىمىز. كىمكى مۇشۇ دۇنيانىلا كۆزلەيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا ئۆزىگە تېگىشلىك بولغاننىلا بېرىمىز، ئەمما ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن كۆردى.
Arabic explanations of the Qur’an:
أَمۡ لَهُمۡ شُرَكَٰٓؤُاْ شَرَعُواْ لَهُم مِّنَ ٱلدِّينِ مَا لَمۡ يَأۡذَنۢ بِهِ ٱللَّهُۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةُ ٱلۡفَصۡلِ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۗ وَإِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ياكى بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ مۇشرىكلارغا شېرىك، ھالالنى ھارام قىلىش، ھارامنى ھالال قىلىش قاتارلىق دىندىن ئاللاھ ئۇلارغا رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى يولغا قويۇپ بەردىمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ئىختىلاپلاشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغانغا مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرمىگەن بولسىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغان بولاتتى. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا قىيامەتتە كۈتۈۋاتقان دەرتلىك ئازاب بار.
Arabic explanations of the Qur’an:
تَرَى ٱلظَّٰلِمِينَ مُشۡفِقِينَ مِمَّا كَسَبُواْ وَهُوَ وَاقِعُۢ بِهِمۡۗ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فِي رَوۡضَاتِ ٱلۡجَنَّاتِۖ لَهُم مَّا يَشَآءُونَ عِندَ رَبِّهِمۡۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَضۡلُ ٱلۡكَبِيرُ
ئەي پەيغەمبەر! شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورققان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى بۇ جازا شەكسىز يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارغا پەقەت قورقۇشلا تەۋبىنىڭ ئورنىدا ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۇلارنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، يەنى جەننەتنىڭ باغلىرىدا ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان، تۈرلۈك نېئمەتلەر بار بولۇپ، مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئەنە شۇ ھېچقانداق ئىلتىپات تەڭ كەلمەيدىغان بۈيۈك ئىلتىپاتتۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• خوف المؤمن من أهوال يوم القيامة يعين على الاستعداد لها.
مۇئمىننىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشەتلىك ئەھۋاللىرىدىن قورقۇشى ئۇنىڭ قىيامەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

• لطف الله بعباده حيث يوسع الرزق على من يكون خيرًا له، ويضيّق على من يكون التضييق خيرًا له.
ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇركى، رىزقىنىڭ كەڭرى بولۇشى ياخشى بولىدىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، رىزقىنىڭ تار قىلىنىشى ياخشى بولىدىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ.

• خطر إيثار الدنيا على الآخرة.
دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن بىلىش خەتەرلىكتۇر.

 
Translation of the meanings Surah: Ash-Shūra
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close