Check out the new design

Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran * - Translations’ Index


Translation of the meanings Surah: Al-Hadīd   Ayah:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلصِّدِّيقُونَۖ وَٱلشُّهَدَآءُ عِندَ رَبِّهِمۡ لَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ وَنُورُهُمۡۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىپ قويماستىن ھەممىگە ئىمان ئېيتقانلار ئىمانىدا راستچىل كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا شېھىتلىك ماقامىغا ئېرىشىدىغانلاردۇر. ئۇلارغا ئالدىن تەييارلانغان ئېسىل مۇكاپاتلار بار. ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئالدى ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە ماڭىدىغان نۇرى بولىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار جەھەننەم ئەھلىدۇركى، ئۇلار قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا لَعِبٞ وَلَهۡوٞ وَزِينَةٞ وَتَفَاخُرُۢ بَيۡنَكُمۡ وَتَكَاثُرٞ فِي ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَوۡلَٰدِۖ كَمَثَلِ غَيۡثٍ أَعۡجَبَ ٱلۡكُفَّارَ نَبَاتُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصۡفَرّٗا ثُمَّ يَكُونُ حُطَٰمٗاۖ وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٞ شَدِيدٞ وَمَغۡفِرَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٞۚ وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا مَتَٰعُ ٱلۡغُرُورِ
بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت جىسمانىي تاماشا قىلىدىغان، دىللار كەيىپ سۈرىدىغان ئويۇن - تاماشىدىن، ياسىنىشقىلا ئەسقاتىدىغان زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆز - كۆز قىلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خۇددى ئۆسۈملۈكلىرى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇزاق ئۆتمەيلا ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ كېتىدىغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئەي ئىنسان! ئاشۇ ئۆسۈملۈكلەر يېشىللىققا پۈركەنگەندىن كېيىن ساپسېرىق بوپكەتكەنلىكىنى، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تىتما - تىتما قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاخىرەتتە كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قاتتىق ئازاب بار. ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە ئۇنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئۆتكۈنچى مەنپەئەت بولۇپ، ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. شۇڭا كىمكى ئاخىرەتنىڭ ئۈزۈلمەيدىغان نېئمىتىدىن دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىدىكەن، ئۇنداق ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
سَابِقُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا كَعَرۡضِ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أُعِدَّتۡ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۚ ذَٰلِكَ فَضۡلُ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
ئەي ئىنسانلار! تەۋبە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۈڭلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرگە بەسلىشىڭلاركى، شۇ ئارقىلىق گۇناھلىرىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە مۇۋەپپەق بولىسىلەر، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىننىڭ كەڭلىكىچىك كېلىدىغان جەننەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ جەننەتنى ئاللاھ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە تەييارلىغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات ئاللاھ بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدىغان ئىلتىپاتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرىگە كاتتا مەرھەمەت ئىگىسىدۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِيٓ أَنفُسِكُمۡ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مِّن قَبۡلِ أَن نَّبۡرَأَهَآۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
يەر يۈزىدىكى قۇرغاقچىلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق بالا - مۇسىبەت، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يەتكەن خاپىلىقلارنىڭ ھەممىسى بارچە مەخلۇقاتلار يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەندۇر. بۇنداق قىلىش ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
لِّكَيۡلَا تَأۡسَوۡاْ عَلَىٰ مَا فَاتَكُمۡ وَلَا تَفۡرَحُواْ بِمَآ ءَاتَىٰكُمۡۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخۡتَالٖ فَخُورٍ
ئەي ئىنسانلار! بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ تا قىيامەتكە قەدەر يۈز بېرىدىغان بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىن بۇرۇنلا لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈۋېتىشى) سىلەرنىڭ قولدىن كەتكەن نەرسىلەر ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەر قانداق تەكەببۇرنى ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان نېئمەتلەرنى ئىنسانلارغا كۆز - كۆز قىلىدىغانلارنى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيدۇ.
Arabic explanations of the Qur’an:
ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ وَيَأۡمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلۡبُخۡلِۗ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
ئۆزلىرى سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ماللارنىمۇ سەرپ قىلمايدىغان، باشقىلارنىمۇ بېخىللىققا بۇيرۇيدىغان بېخىل كىشىلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئۆزىگە زىيان ئۇرىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەت بولۇپ، بەندىلىرىنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىگە موھتاج بوپقالمايدۇ. ئۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەلىنىشكە لايىقتۇر.
Arabic explanations of the Qur’an:
Benefits of the verses in this page:
• الزهد في الدنيا وما فيها من شهوات، والترغيب في الآخرة وما فيها من نعيم دائم يُعينان على سلوك الصراط المستقيم.
دۇنياغا ۋە ئۇنىڭ ئەيش - ئىشرەتلىرىگە بېرىلمەسلىك، ئاخىرەتكە ۋە ئۇنىڭدىكى مۇقىم نېئمەتلەرگە قىزىقىش توغرا يولدا مېڭىشقا ياردەم بېرىدۇ.

• وجوب الإيمان بالقدر.
تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىبتۇر.

• من فوائد الإيمان بالقدر عدم الحزن على ما فات من حظوظ الدنيا.
بۇ دۇنيالىق نېسىۋىلەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىگە قايغۇرماسلىق تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ پايدىلىرىدىن بىرىدۇر.

• البخل والأمر به خصلتان ذميمتان لا يتصف بهما المؤمن.
ئۆزىمۇ بېخىللىق قىلىپ، باشقىلارنىمۇ بېخىللىققا بۇيرۇش مۇئمىنگە ياراشمايدىغان ئىككى خىل ناچار ئىللەتتۇر.

 
Translation of the meanings Surah: Al-Hadīd
Surahs’ Index Page Number
 
Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran - Translations’ Index

Issued by Tafsir Center for Quranic Studies

close