ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (11) سوره: سوره رعد
لَهُۥ مُعَقِّبَٰتٞ مِّنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَمِنۡ خَلۡفِهِۦ يَحۡفَظُونَهُۥ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡۗ وَإِذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِقَوۡمٖ سُوٓءٗا فَلَا مَرَدَّ لَهُۥۚ وَمَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَالٍ
ئاللاھ تائالانىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئىنسانلارنىڭ قېشىغا نۆۋەتلىشىپ كېلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى كېچىدە كەلسە، يەنە بىر قىسمى كۈندۈزى كېلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىنساننى ئاللاھ كەلتۈرمەسلىكنى پۈتۈۋەتكەن ھادىسىلەردىن ساقلاپ قالىدۇ، ئۇلار ئىنساننىڭ گەپ - سۆزلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى ئىنسانلار ئۆزلىرى ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا تۇزكورلۇق قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ھالىتىنى ناچار ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. ناۋادا ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلىۋەتمەكچى بولسا ئۇنىڭ ئىرادىسىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى بولمايدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەرگە نىسبەتەن ئىشىڭلارغا ئاللاھتىن باشقا ئىگە بولغۇچى يوق، شۇڭا بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• عظيم مغفرة الله وحلمه عن خطايا بني آدم، فهم يستكبرون ويَتَحَدَّوْنَ رسله وأنبياءه، ومع هذا يرزقهم ويعافيهم ويحلم عنهم.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىنىڭ كەڭرىلىكىنى ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ خاتالىقلىرىغا قارىتا جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قارشىلاشسىمۇ يەنىلا ئۇلارغا رىزىق بېرىپ، تەنلىرىنى ساق قىلىپ، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• سعة علم الله تعالى بما في ظلمة الرحم، فهو يعلم أمر النطفة الواقعة في الرحم، وصَيْرُورتها إلى تخليق ذكر أو أنثى، وصحته واعتلاله، ورزقه وأجله، وشقي أو سعيد، فعلمه بها عام شامل.
ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكى ئانىنىڭ قارنىدىكى تۆرەلمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ بالىياتقۇلارغا كىرگەن ئىسپىرمىنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇنىڭ ئەركەك ياكى چىشى بولۇپ يارىتىلىدىغانلىقىنى، ساقلىقى ۋە كېسەللىكىنى، رىزقىنى، ئەجىلىنى، بەختسىز ياكى بەختلىك بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• عظيم عناية الله ببني آدم، وإثبات وجود الملائكة التي تحرسه وتصونه وغيرهم مثل الحَفَظَة.
ئاللاھنىڭ ئادەم بالىلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوغدايدىغان ۋە خەتەرلەردىن ساقلايدىغان پەرىشتىلەرنىڭ ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا پەرىشتىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئىپادىلەيدۇ.

• أن الله تعالى يغير حال العبد إلى الأفضل متى ما رأى منه اتباعًا لأسباب الهداية، فهداية التوفيق منوطة باتباع هداية البيان.
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ توغرا يولنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرسە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىنساننى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىشى ئۇنىڭ ئاللاھ كۆرسەتكەن توغرا يولنى ئىزدىشىگە باغلىقتۇر.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (11) سوره: سوره رعد
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن