ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره ابراهيم   آیه:

سۈرە ئىبراھىم

از اهداف این سوره:
إثبات قيام الرسل بالبيان والبلاغ، وتهديد المعرضين عن اتباعهم بالعذاب.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ھەقنى بايان قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاش ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن يۈز ئۆرىگەنلەرنى ئازاب بىلەن تەھدىد قىلىش.

الٓرۚ كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ إِلَيۡكَ لِتُخۡرِجَ ٱلنَّاسَ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذۡنِ رَبِّهِمۡ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ
ئەلىف، لام، را، سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا مۇشۇنداق ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان. ئەي پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان كەرىم سېنىڭ ئىنسانلارنى كۇپرى، نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇقتىن ئىمانغا، ئىلىمگە ۋە ھىدايەتكە، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەر ئىشىدا مەدھىيەگە لايىق زات ئاللاھ تائالانىڭ يولى بولغان ئىسلام دىنىغا يېتەكلىشىڭ ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱللَّهِ ٱلَّذِي لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَوَيۡلٞ لِّلۡكَٰفِرِينَ مِنۡ عَذَابٖ شَدِيدٍ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى يەككە - يېگانە ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ يالغۇز قۇلچىلىق قىلىنىشقا لايىق زاتتۇركى، مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭغا شېرىك قىلىنماسلىقى كېرەك. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب ھامىنى كېلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ يَسۡتَحِبُّونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا عَلَى ٱلۡأٓخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبۡغُونَهَا عِوَجًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٖ
كاپىرلار دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆتكۈنچى مەنپەئەتلەرنى ئاخىرەتتىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس نېئمەتلەردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن بۇراپ، ھېچكىمنىڭ ماڭماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىنى قارىلاشقا ۋە ھەقىقەتتىن تايدۇرۇپ، توغرىلىقتىن چەتنىتىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. مۇشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە ئاشۇ كىشىلەر ھەقتىن ۋە توغرىدىن ئىنتايىن يىراق ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوۡمِهِۦ لِيُبَيِّنَ لَهُمۡۖ فَيُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
بىز ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسەك، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى قەۋمىنىڭ چۈشىنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان ھالەتتە ئەۋەتتۇق. بىزنىڭ ئۇنى قەۋمىنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئەۋەتكىنىمىز يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆز ئادالىتى بىلەن خالىغان كىشىنى ئازغۇن قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۆز پەزلى بىلەن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ، يارىتىش ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَآ أَنۡ أَخۡرِجۡ قَوۡمَكَ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ وَذَكِّرۡهُم بِأَيَّىٰمِ ٱللَّهِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٖ
بىز مۇسانى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق ھەمدە ئۇنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلۈندۈردۇق، شۇنداقلا ئۇنى ئۆز قەۋمىنى كۇپرى ۋە جاھالەتتىن ئىمان ۋە ئىلىمگە چىقىرىشقا، ئاللاھ ئۇلارغا نېئمەتلەر ئاتا قىلغان پاراۋان كۈنلەرنى ئەسلىتىشكە بۇيرۇدۇق. شەكسىزكى ئاشۇ كۈنلەردە ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقىنى، قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە مۇئمىنلەرگە نېئمەت ئاتا قىلغانلىقىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئالامەتلەر بار. مانا بۇ ئاللاھنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدە سەۋرچان، داۋاملىق ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەت ۋە مەرھەمەتلىرىگە شۈكرى قىلىدىغان كىشىلەر مەنپەئەت ئالالايدىغان ئەھۋالدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• أن المقصد من إنزال القرآن هو الهداية بإخراج الناس من ظلمات الباطل إلى نور الحق.
شەكسىزكى قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن مەقسەت، ئىنسانلارنى باتىلنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىمان نۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق توغرا يولغا يېتەكلەشتۇر.

• إرسال الرسل يكون بلسان أقوامهم ولغتهم؛ لأنه أبلغ في الفهم عنهم، فيكون أدعى للقبول والامتثال.
بارچە پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمىنىڭ تىلىدا ئەۋەتىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشىنىشىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرنىڭ دېگەنلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىجرا قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ.

• وظيفة الرسل تتلخص في إرشاد الناس وقيادتهم للخروج من الظلمات إلى النور.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى زۇلمەتلەردىن نۇر تەرەپكە يېتەكلەش ۋە باشلامچىلىق قىلىشقا يىغىنچاقلىنىدۇ.

وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ أَنجَىٰكُم مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَسُومُونَكُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبۡنَآءَكُمۡ وَيَسۡتَحۡيُونَ نِسَآءَكُمۡۚ وَفِي ذَٰلِكُم بَلَآءٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَظِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، بەنىي ئىسرائىلدىن ئىبارەت قەۋمىگە ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلىتىپ: ئەي قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلار، ئەينى چاغدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن ساقلاپ قالدى. ئۇلار سىلەرنى شۇنداق قاتتىق قىينايتتىكى، ئاراڭلاردا مۇسانىڭ سەلتەنىتىنى تارتىۋالىدىغان بىرەر بالا تۇغۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئوغۇل پەرزەنتلىرىڭلارنى بوغۇزلىۋېتەتتى. خىزمىتىگە سېلىپ، خورلاش ئۈچۈن قىزلىرىڭلارنى ھايات قالدۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا سىلەر ئۈچۈن سەۋرچانلىق ئۈستىدىكى كاتتا سىناق بار ئىدى. نەتىجىدە ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ مۇشۇنداق خاپىلىقلارغا سەۋر قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پىرئەۋن تەۋەلىكىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلىدى.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ تَأَذَّنَ رَبُّكُمۡ لَئِن شَكَرۡتُمۡ لَأَزِيدَنَّكُمۡۖ وَلَئِن كَفَرۡتُمۡ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٞ
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە ئۇقتۇرغان مۇنۇ پاساھەتلىك ئۇقتۇرۇشىنى ئەسلەڭلار: ئەگەر ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ ئەلۋەتتە سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ نېئمەت ۋە ئىلتىپاتلار ئاتا قىلىدۇ. ناۋادا ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، شۈكۈر قىلمىساڭلار، شەكسىزكى ئۆز نېئمىتىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، شۈكۈر قىلمىغانلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىقتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِن تَكۡفُرُوٓاْ أَنتُمۡ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا فَإِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِيٌّ حَمِيدٌ
مۇسا قەۋمىگە ئېيتتى: ئى قەۋمىم! ناۋادا سىلەر ۋە يەر يۈزىدىكى بارچە ئىنسانلار كاپىر بوپكەتكەن تەقدىردىمۇ، سىلەرنىڭ كۇپرىڭلارنىڭ زىيىنى يەنىلا ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ئۆز زاتىدا ھەمدۇ-ساناغا لايىق زاتتۇر. ئىمان ئېيتقۇچىلارنىڭ ئىمانى ئۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك ئىنكارچىلارنىڭ كۇپرىسىمۇ ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَبَؤُاْ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ قَوۡمِ نُوحٖ وَعَادٖ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ لَا يَعۡلَمُهُمۡ إِلَّا ٱللَّهُۚ جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَرَدُّوٓاْ أَيۡدِيَهُمۡ فِيٓ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَقَالُوٓاْ إِنَّا كَفَرۡنَا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ وَإِنَّا لَفِي شَكّٖ مِّمَّا تَدۡعُونَنَآ إِلَيۡهِ مُرِيبٖ
ئەي كاپىرلار! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ ۋە ئاد قەۋمى، ھۇد قەۋمى، سالىھ قەۋمى بولغان سەمۇد ئاھالىسى، شۇنداقلا ئۇلاردىن كېيىن ئۆتكەن، سانىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك قىلىنغانلىق خەۋىرى سىلەرگە كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە بولغان ئاچچىقتىن بارماقلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ پەيغەمبەرلىرىگە: شەكسىزكى بىز سىلەر ئەۋەتىلگەن دىنغا كاپىر بولدۇق، شەكسىزكى بىز شۇنداق بىر گۇمان ئىچىدىدۇرمىزكى، بۇ گۇمان بىزنى سىلەر چاقىرىۋاتقان ئىشتىن شەكلىنىشكە ئۈندەۋاتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ قَالَتۡ رُسُلُهُمۡ أَفِي ٱللَّهِ شَكّٞ فَاطِرِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يَدۡعُوكُمۡ لِيَغۡفِرَ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُؤَخِّرَكُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ قَالُوٓاْ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا تُرِيدُونَ أَن تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعۡبُدُ ءَابَآؤُنَا فَأۡتُونَا بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ
پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا جاۋابەن: ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ۋە قۇلچىلىق قىلىنىشتا يالغۇز ئىكەنلىكىدە شەك بارمۇ؟ ھالبۇكى ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى ھەمدە ئىلگىرىكى ئۇلارنى ئۆرنەكسىز بارلىققا كەلتۈرگۈچىدۇر. ئۇ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن سىلەرنى ئۆزىگە ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىدۇ، سىلەرنى بۇ دۇنيادا بېكىتىلگەن ئەجىلىڭلار توشقانغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ، دېدى. قەۋمى ئۇلارغا: سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان سىلەر، بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق. سىلەر بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز بۇرۇندىن چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولۇۋاتىسىلەر. قېنى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن بىزگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، دېدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من وسائل الدعوة تذكير المدعوين بنعم الله تعالى عليهم، خاصة إن كان ذلك مرتبطًا بنعمة كبيرة، مثل نصر على عدوه أو نجاة منه.
دەۋەت ئوبېكتلىرىغا ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلىتىش دەۋەت ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ بۇ ئەسلىتىش دۈشمەنگە قارشى ياردەم بېرىش ياكى دۈشمەندىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئوخشاش كاتتا نېئمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىش تېخىمۇ ياخشىدۇر.

• من فضل الله تعالى أنه وعد عباده مقابلة شكرهم بمزيد الإنعام، وفي المقابل فإن وعيده شديد لمن يكفر به.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە شۈكرىنىڭ بەدىلىگە تېخىمۇ كۆپ نېئمەت بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى ئۇنىڭ پەزلى - مەرھەمىتىدىندۇر. يەنە شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ نېئمەتكە تۇزكورلۇق قىلغانلارغا بولغان تەھدىتى قاتتىقتۇر.

• كفر العباد لا يضر اللهَ البتة، كما أن إيمانهم لا يضيف له شيئًا، فهو غني حميد بذاته.
بەندىلەرنىڭ كۇپرىسى ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىمانىمۇ ئاللاھقا ھېچنەرسىنى ئارتۇق قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز زاتىدا ھەممىدىن بىھاجەت، مەدھىيەگە لايىقتۇر.

قَالَتۡ لَهُمۡ رُسُلُهُمۡ إِن نَّحۡنُ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۖ وَمَا كَانَ لَنَآ أَن نَّأۡتِيَكُم بِسُلۡطَٰنٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا جاۋابەن: بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانلارمىز. بىز بۇ تەرەپتە سىلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىمىزنى ئىنكار قىلمايمىز. لېكىن بۇ ئوخشاشلىق ھەممە تەرەپتە ئوخشاش بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ئالاھىدە نېئمەت ئاتا قىلىپ، ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلىككە تاللايدۇ. بىز سىلەر تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى ئاللاھنىڭ خاھىشىسىز كەلتۈرەلمەيمىز. چۈنكى ئۇنى كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئىمكانىيىتىمىزدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ يەككە - يېگانە ئاللاھ تائالانىڭ قولىدىدۇركى، ئۇ ئاشۇنداق مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشكە قادىردۇر. ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان مۇئمىنلەر بارچە ئىشلىرىدا يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا لَنَآ أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى ٱللَّهِ وَقَدۡ هَدَىٰنَا سُبُلَنَاۚ وَلَنَصۡبِرَنَّ عَلَىٰ مَآ ءَاذَيۡتُمُونَاۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ
بىزنى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشتىن قايسى كۈچ، قايسى باھانە توسۇپ قېلىۋاتىدۇ؟ ھالبۇكى ئاللاھ بىزنى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ داغدام يولغا يېتەكلىگەن تۇرسا. ئەلۋەتتە بىز سىلەرنىڭ ئىنكار قىلىش ۋە مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىشىڭلارغا سەۋر قىلىمىز. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار بارچە ئىشلىرىدا يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِرُسُلِهِمۡ لَنُخۡرِجَنَّكُم مِّنۡ أَرۡضِنَآ أَوۡ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَاۖ فَأَوۡحَىٰٓ إِلَيۡهِمۡ رَبُّهُمۡ لَنُهۡلِكَنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ
پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلار پەيغەمبەرلىرىگە قارشى پاكىت كەلتۈرەلمىگەن چاغدا: بىز سىلەرنى چوقۇم يۇرتىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىمىز ياكى سىلەر ئۆز دىنىڭلاردىن يېنىپ، بىزنىڭ دىنىمىزغا كىرىسىلەر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۇلارغا: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغان زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَلَنُسۡكِنَنَّكُمُ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَافَ مَقَامِي وَخَافَ وَعِيدِ
ئەي پەيغەمبەرلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! بىز چوقۇم كاپىرلارنى ھالاك قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەر يۈزىدە سىلەرنى يەرلەشتۈرىمىز. ئىنكارچى كاپىرلارنى ھالاك قىلىش، ئۇلارنى ھالاك قىلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ۋە مۇئمىنلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مەزكۇر نېئمەت مېنىڭ كاتتىلىقىمىنى ۋە داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېسىدىن چىقارمىغان ھەمدە مەن ئاگاھلاندۇرغان ئازابتىن قورققان كىشىلەر ئۈچۈندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱسۡتَفۡتَحُواْ وَخَابَ كُلُّ جَبَّارٍ عَنِيدٖ
پەيغەمبەرلەر پەرۋەردىگارىدىن دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىشنى تىلىدى، ھەقىقەتكە بويۇن ئەگمىگەن ھەمدە ھەق ئاشكارا بولسىمۇ ئەگەشمىگەن ھەر قانداق تەكەببۇر زىيان تارتتى.
تفسیرهای عربی:
مِّن وَرَآئِهِۦ جَهَنَّمُ وَيُسۡقَىٰ مِن مَّآءٖ صَدِيدٖ
قىيامەت كۈنى بۇ تەكەببۇرنىڭ ئالدىدا جەھەننەم بار بولۇپ، ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ جەھەننەمدە دوزاخ ئەھلىنىڭ جاراھەتلىرىدىن ئېقىپ چىققان قان - يېرىڭلار بىلەن سۇغۇرىلىدۇ، لېكىن بۇ زەردابلار ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرالمايدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئۇسسۇزلۇق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ئازابلار بىلەن داۋاملىق ئازابلىنىپ تۇرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَتَجَرَّعُهُۥ وَلَا يَكَادُ يُسِيغُهُۥ وَيَأۡتِيهِ ٱلۡمَوۡتُ مِن كُلِّ مَكَانٖ وَمَا هُوَ بِمَيِّتٖۖ وَمِن وَرَآئِهِۦ عَذَابٌ غَلِيظٞ
ئۇ زەرداب بەك ئاچچىق، ھەم قىزىق، ھەم سېسىق بولغانلىقتىن ئارقىمۇ-ئارقا ئىچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ، لېكىن ئۇنى يۇتالمايدۇ. ئۇ دۇچار بولغان ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن ئۆلۈم كېلىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆلۈپ، بۇ ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ. بەلكى مۇشۇنداق ئازابلانغان پېتى تىرىك قالىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان باشقا قاتتىق ئازابمۇ بار.
تفسیرهای عربی:
مَّثَلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡۖ أَعۡمَٰلُهُمۡ كَرَمَادٍ ٱشۡتَدَّتۡ بِهِ ٱلرِّيحُ فِي يَوۡمٍ عَاصِفٖۖ لَّا يَقۡدِرُونَ مِمَّا كَسَبُواْ عَلَىٰ شَيۡءٖۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلضَّلَٰلُ ٱلۡبَعِيدُ
كاپىرلارنىڭ سەدىقە قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتىش دېگەندەك ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئىشلىرى خۇددى قاتتىق بوران چىققان كۈندىكى شامال ئۇچۇرتۇپ كەتكەن كۈلگە ئوخشايدۇ. شامال ئۇنى كۈچ بىلەن كۆتۈرۈپ، ھەر تەرەپكە سورۇۋېتىدۇ - دە، ئۇنىڭدىن ھېچ ئەسەر قالمايدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ كۇپرىسى سورۇۋەتكەچكە، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ. ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلمىغان بۇنداق ئەمەل توغرا يولدىن يىراق ئازغۇنلۇقتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• أن الأنبياء والرسل بشرٌ من بني آدم، غير أن الله تعالى فضلهم بحمل الرسالة واصطفاهم لها من بين بني آدم.
شەكسىزكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر ئادەم بالىلىرى ئىچىدىن چىققان ئىنسانلاردۇر. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى پەيغەمبەرلىك بېرىش ئارقىلىق باشقىلاردىن ئارتۇق قىلدى ھەمدە ئۇلارنى ئادەم بالىلىرى ئىچىدىن پەيغەمبەرلىككە تاللىدى.

• على الداعية الذي يريد التغيير أن يتوقع أن هناك صعوبات جَمَّة سوف تقابله، ومنها الطرد والنفي والإيذاء القولي والفعلي.
جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىغان دەۋەتچى كەلگۈسىدە بۇ يولدا دۇچ كېلىدىغان بىر تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارغا تەييار تۇرۇشى كېرەك. يۇرتىدىن قوغلىنىش، سۈرگۈن قىلىنىش، سۆز -ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇچرايدىغان ئەزىيەتلەر ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.

• أن الدعاة والصالحين موعودون بالنصر والاستخلاف في الأرض.
شەكسىزكى دەۋەتچىلەر ۋە ياخشى كىشىلەرگە غەلىبە ئاتا قىلىنىدىغانلىقى ۋە يەر يۈزىدە ھۆكۈمران قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىلگەن.

• بيان إبطال أعمال الكافرين الصالحة، وعدم اعتبارها بسبب كفرهم.
كاپىرلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەللىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ وَيَأۡتِ بِخَلۡقٖ جَدِيدٖ
ئەي ئىنسان! شەكسىزكى ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتقانلىقىنى، بىكار ياراتمىغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئىبادەت قىلىدىغان باشقا كىشىلەرنى كەلتۈرگەن بولاتتى. ئەلۋەتتە سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىدىغان ۋە ئىتائەت قىلىدىغان باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرۈش ئاللاھقا ئاساندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ بِعَزِيزٖ
سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرۈش ئاللاھقا تەس ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىگە قادىر زاتتۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش تەس كەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَبَرَزُواْ لِلَّهِ جَمِيعٗا فَقَالَ ٱلضُّعَفَٰٓؤُاْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُنَّا لَكُمۡ تَبَعٗا فَهَلۡ أَنتُم مُّغۡنُونَ عَنَّا مِنۡ عَذَابِ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۚ قَالُواْ لَوۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ لَهَدَيۡنَٰكُمۡۖ سَوَآءٌ عَلَيۡنَآ أَجَزِعۡنَآ أَمۡ صَبَرۡنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٖ
پۈتۈن مەخلۇقاتلار قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن چىقىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدۇ. ئاندىن ئەگەشكۈچى ئاجىزلار يولباشچى كاتتىۋاشلىرىغا: ئەي كاتتىۋاشلار! شەكسىزكى بىز سىلەرگە ئەگىشىپ، سىلەرنىڭ بۇيرۇقۇڭلار بويىچە ئىش قىلغان، چەكلىگەنلىرىڭلارنى قىلمىغان ئىدۇق. ئەمدى سىلەر بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق بولسىمۇ قوغدىيالامسىلەر؟ دەيدۇ. يولباشچى كاتتىۋاشلار دەيدۇكى: ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغان بولسا ئىدى، بىزمۇ سىلەرنى شۇ يولغا يېتەكلىگەن ھەمدە ھەممىمىز بىردەك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلغان بولاتتۇق. لېكىن ئاللاھ بىزنى ئازغۇن قىلدى، ئاندىن بىزمۇ سىلەرنى ئازدۇردۇق. شۇڭا ئەمدى بىز مەيلى ئازابقا ۋايسايلى ياكى چىشىمىزنى چىشىمىزغا چىشلەپ تۇرايلى، ھەممىمىز ئوخشاش. بۇ ئازابتىن بىزگە ئەمدى قېچىش يوق.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لَمَّا قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ إِنَّ ٱللَّهَ وَعَدَكُمۡ وَعۡدَ ٱلۡحَقِّ وَوَعَدتُّكُمۡ فَأَخۡلَفۡتُكُمۡۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيۡكُم مِّن سُلۡطَٰنٍ إِلَّآ أَن دَعَوۡتُكُمۡ فَٱسۡتَجَبۡتُمۡ لِيۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوٓاْ أَنفُسَكُمۖ مَّآ أَنَا۠ بِمُصۡرِخِكُمۡ وَمَآ أَنتُم بِمُصۡرِخِيَّ إِنِّي كَفَرۡتُ بِمَآ أَشۡرَكۡتُمُونِ مِن قَبۡلُۗ إِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرگەن ۋاقىتتا ئىبلىس مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرگە راست ۋەدە قىلغان ئىدى ھەمدە سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. مەن سىلەرگە يالغاندىن ۋەدە قىلغان ئىدىم، شۇڭا سىلەرگە بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم. مېنىڭ دۇنيادا سىلەرنى كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇققا زورلىغۇدەك كۈچۈم يوق ئىدى، لېكىن سىلەرنى كۇپرىغا چاقىرىپ قويدۇم، ئاسىيلىقنى چىرايلىق كۆرسەتتىم، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا ئەگىشىشكە ئالدىرىدىڭلار. شۇڭا ئەمدى ئۆزۈڭلارنىڭ ئازغۇنلۇقى ئۈچۈن ماڭا مالامەت قىلماي، ئۆزۈڭلارغا مالامەت قىلىڭلار. چۈنكى شۇنداق قىلىش ئەڭ لايىق مالامەتتۇر. مەن سىلەردىن ئازابنى قايتۇرۇش ئارقىلىق سىلەرنىڭ نىجاتكارىڭلار بولالمايمەن، سىلەرمۇ مەندىن ئازابنى قايتۇرۇش ئارقىلىق مېنىڭ نىجاتكارىم بولالمايسىلەر. شەكسىزكى مەن سىلەرنىڭ قۇلچىلىق قىلىشتا مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغىنىڭلارنى ئىنكار قىلىمەن. دۇنيادا ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدىغان دەرتلىك ئازاب بار.
تفسیرهای عربی:
وَأُدۡخِلَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا بِإِذۡنِ رَبِّهِمۡۖ تَحِيَّتُهُمۡ فِيهَا سَلَٰمٌ
زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئەكسىچە، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا سالاملىشىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ، پەرۋەردىگارىمۇ ئۇلارغا سالام بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ تَرَ كَيۡفَ ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا كَلِمَةٗ طَيِّبَةٗ كَشَجَرَةٖ طَيِّبَةٍ أَصۡلُهَا ثَابِتٞ وَفَرۡعُهَا فِي ٱلسَّمَآءِ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالانىڭ تەۋھىد كەلىمىسى ئۈچۈن قانداق مىسال بايان قىلغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ تەۋھىد كەلىمىسى بولسا "ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر" دېگەن سۆز بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ياخشى دەرەخ خورمىغا ئوخشاتتى. ئۇنىڭ يىلتىزى يەر ئاستىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ياخشى يىلتىزلىرى ئارقىلىق سۇ ئىچىدۇ، شېخى بولسا ئاسمانغا تاقاشقان بولۇپ، شەبنەمدىنمۇ سۇ ئىچىدۇ ھەمدە ساپ ھاۋانى سۈمۈرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• بيان سوء عاقبة التابع والمتبوع إن اجتمعا على الباطل.
بۇ ئايەتلەر ئەگەشكۈچى بىلەن ئەگەشتۈرگۈچى خاتا ئۈستىدە بىرلەشسە ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

• بيان أن الشيطان أكبر عدو لبني آدم، وأنه كاذب مخذول ضعيف، لا يملك لنفسه ولا لأتباعه شيئًا يوم القيامة.
شەيتاننىڭ ئادەم ئەۋلادىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ، يالغانچى، ئېتىبارسىز، ئاجىز ئىكەنلىكىنى، قىيامەت كۈنى نە ئۆزىگە، نە ئەگەشكۈچىلىرىگە قىلچە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

• اعتراف إبليس أن وعد الله تعالى هو الحق، وأن وعد الشيطان إنما هو محض الكذب.
ئىبلىسنىڭ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ زادى ھەق ئىكەنلىكىنى، شەيتاننىڭ ۋەدىسىنىڭ بولسا قىپقىزىليالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• تشبيه كلمة التوحيد بالشجرة الطيبة الثمر، العالية الأغصان، الثابتة الجذور.
تەۋھىد كەلىمىسىنى مېۋىسى تەملىك، شاخلىرى ئېگىز، يىلتىزلىرى مۇستەھكەم دەرەخكە ئوخشىتىدۇ.

تُؤۡتِيٓ أُكُلَهَا كُلَّ حِينِۭ بِإِذۡنِ رَبِّهَاۗ وَيَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَالَ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
بۇ ياخشى دەرەخ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ھەر ۋاقىت تەملىك مېۋە بېرىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى پەند - نەسىھەت ئالسۇن دەپ مۇشۇنداق مىساللارنى بايان قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٖ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ ٱجۡتُثَّتۡ مِن فَوۡقِ ٱلۡأَرۡضِ مَا لَهَا مِن قَرَارٖ
ناچار، شېرىك سۆزنىڭ مىسالى ناچار دەرخكە ئوخشايدۇ، ئۇ ئاچچىق تاۋۇز بولۇپ، ئۇنىڭ پېلىكى يۇلۇپ تاشلانغان، نە يىلتىزى زېمىندا مۇستەھكەم ئەمەس، نە شاخلىرى كۆككە كۆتۈرۈلگەنمۇ ئەمەس. ئۇ قۇرۇپ، شامال ئۇنى ئۇچۇرۇۋېتىدۇ. كۇپرى كەلىمىسىنىڭ ئاقىۋىتى يوقۇلۇشقا مەھكۇملۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ساھىبىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمۇ ئاللاھ تەرەپكە ئۆرلىمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
يُثَبِّتُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱلۡقَوۡلِ ٱلثَّابِتِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَيُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلظَّٰلِمِينَۚ وَيَفۡعَلُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن ساباتلىق قىلىپ، ھاياتىي دۇنيادا مۇكەممەل ئىمان ئاتا قىلىدۇ، نىھايەت ئۇلار ئىمانى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قەبرىلىرىدىكى بەرزەخ ھاياتىدا سوئال - سوراق قىلغاندىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈش ۋە كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى توغرىدىن ۋە ھىدايەتتىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز ئادالىتى بىلەن ئازغۇن قىلىشنى خالىغان كىشىنى ئازدۇرۇۋېتىش، ئۆز پەزلى بىلەن ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىبارەت خالىغان ئىشنى قىلىدۇ، ئۇنى ھېچبىر مەجبۇرلىغۇچى بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ بَدَّلُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ كُفۡرٗا وَأَحَلُّواْ قَوۡمَهُمۡ دَارَ ٱلۡبَوَارِ
قۇرەيشلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كاپىر بولغانلارنىڭ ھالىنى كۆردۈڭ، ئۇلار ھەرەمدە ئامانلىققا ئېرىشىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە چۆمگەن ۋاقىتتا بۇ نېئمەتنى كۇپرىغا تېگىشتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىپ، قەۋمى ئىچىدىن ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەرنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئېلىپ بېرىشتى.
تفسیرهای عربی:
جَهَنَّمَ يَصۡلَوۡنَهَاۖ وَبِئۡسَ ٱلۡقَرَارُ
ئۇلارنىڭ ھالاكەت گىرداۋى جەھەننەم بولۇپ، ئۇلار شۇ جەھەننەمگە كىرىدۇ ھەمدە جەھەننەمنىڭ قىزىق ھارارىتىنى تېتىيدۇ. ئۇلارنىڭ بارار جايى نېمىدېگەن يامان؟
تفسیرهای عربی:
وَجَعَلُواْ لِلَّهِ أَندَادٗا لِّيُضِلُّواْ عَن سَبِيلِهِۦۗ قُلۡ تَمَتَّعُواْ فَإِنَّ مَصِيرَكُمۡ إِلَى ٱلنَّارِ
مۇشرىكلار ئۆزلىرى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەرنىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەر ۋە ئوخشاشلارنى قىلدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئىچىگە چۆمگەن شەھۋەتلىرىڭلار ۋە ھاياتىي دۇنيادا شەك - شۈبھە تارقىتىش ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىڭلار. شەكسىزكى قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا بارىدىغان يېرىڭلار يوق.
تفسیرهای عربی:
قُل لِّعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُنفِقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا بَيۡعٞ فِيهِ وَلَا خِلَٰلٌ
ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگەن رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكلەردىن ۋاجىب بولغان ۋە مۇستەھەب بولغان سەدىقىلەرنى رىيا بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار مەخپىي ھالەتتە، باشقىلارنىڭ سىلەرنى ئۈلگە قىلىشىنى خالىساڭلار ئاشكارا ھالەتتە بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەر قانداق سودا ۋە بېرىلىدىغان ھەر قانداق بەدەل قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچكىمنىڭ ئۆز دوستىغا قىلغان شاپائىتىمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن سەدىقىگە ئالدىراڭلار.
تفسیرهای عربی:
ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ لِتَجۡرِيَ فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡهَٰرَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز پەيدا قىلدى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، ئاندىن ئاشۇ سۇ ئارقىلىق سىلەرگە رىزىق قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈرلۈك - تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقاردى، سىلەرگە سۇ يۈزىدە ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماس ھالەتتە ماڭىدىغان كېمىلەرنى خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى، ئۆزۈڭلارمۇ ئىچىپ، چارىپايلىرىڭلارنى ۋە زىرائەتلىرىڭلارنى سۇغۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆستەڭلەرنى ئاققۇزۇپ بەردى.
تفسیرهای عربی:
وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ دَآئِبَيۡنِۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ
قۇياش بىلەن ئاينى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن توختاپ قالماي ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلدى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىمۇ سىلەر ئۈچۈن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، كېچىنى ئۇخلاپ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنى بولسا تۈرلۈك پائالىيەتلىرىڭلارنى قىلىپ، جان بېقىشىڭلار ئۈچۈن بەرپا قىلدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تشبيه كلمة الكفر بشجرة الحَنْظل الزاحفة، فهي لا ترتفع، ولا تنتج طيبًا، ولا تدوم.
بۇ ئايەتلەر كۇپرى سۆزىنى يەرگە يېيىلىپ تۇرغانلىقتىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلمەيدىغان، نە ياخشى بىر ھوسۇل بەرمەيدىغان، نە داۋاملاشمايدىغان ئاچچىق تاۋۇزنىڭ پېلىكىگە ئوخشىتىدۇ.

• الرابط بين الأمر بالصلاة والزكاة مع ذكر الآخرة هو الإشعار بأنهما مما تكون به النجاة يومئذ.
ناماز ۋە زاكاتقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە ئاخىرەتنى زىكىر قىلىشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ ئىككى ئەمەلنىڭ ئاشۇ كۈندىكى نىجاتلىقنىڭ سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

• تعداد بعض النعم العظيمة إشارة لعظم كفر بعض بني آدم وجحدهم نعمه سبحانه وتعالى .
بىر قىسىم كاتتا نېمەتلەرنى ساناش، بىر بۆلۈك ئادەم بالىلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىشىنىڭ كاتتا كۇپۇرلۇق ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر.

وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلۡتُمُوهُۚ وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَظَلُومٞ كَفَّارٞ
ئاللاھ سىلەرگە تەلەپ قىلغان ۋە تەلەپ قىلمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەردى، ئەگەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى سانايمىز دېسەڭلەرمۇ، ئۇنىڭ تۈرلىرى ۋە مىقدارىنىڭ كۆپلۈكىدىن ساناپ بولالمايسىلەر. ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە دەپ بەرگەنلىرى ئۇلاردىن بىر قانچە مىسالدۇر. شەكسىزكى ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە كۆپ تۇزكورلۇق قىلغانلىقتىن ئۆزىگە ھەقىقەتەنمۇ زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ رَبِّ ٱجۡعَلۡ هَٰذَا ٱلۡبَلَدَ ءَامِنٗا وَٱجۡنُبۡنِي وَبَنِيَّ أَن نَّعۡبُدَ ٱلۡأَصۡنَامَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئوغلى ئىسمائىل بىلەن ئانىسى ھاجەرنى مەككە جىلغىسىدا قويۇپ قويغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئائىلەمنى قالدۇرۇپ قويغان بۇ جاينى خاتىرجەم شەھەر قىلىپ بەرگىنكى، ئۇنىڭدا قان تۆكۈلمىسۇن، ھېچكىم زۇلۇمغا ئۇچرىمىسۇن. مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن.
تفسیرهای عربی:
رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضۡلَلۡنَ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِۖ فَمَن تَبِعَنِي فَإِنَّهُۥ مِنِّيۖ وَمَنۡ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەي پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن بۇتلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرۇۋەتتى، چۈنكى ئۇلار بۇتلارنى ئۆزلىرىگە شاپائەت قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ، شۇنىڭغا ئالدىنىپ قالدى ۋە ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇشتى. ئىنسانلاردىن كىمكى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتا ماڭا ئەگىشىدىكەن، شەكسىزكى ئۇ مېنىڭ تەۋەيىم ۋە ئەگەشكۈچىلىرىمدىندۇر. كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە ئىتائەت قىلىشتا ماڭا ئەگەشمەيدىكەن، ئەي پەرۋەردىگارىم! سەن ھەقىقەتەن كەچۈرۈم قىلىشنى خالىغان بەندەڭنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شەپقەتلىكسەن.
تفسیرهای عربی:
رَّبَّنَآ إِنِّيٓ أَسۡكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيۡرِ ذِي زَرۡعٍ عِندَ بَيۡتِكَ ٱلۡمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱجۡعَلۡ أَفۡـِٔدَةٗ مِّنَ ٱلنَّاسِ تَهۡوِيٓ إِلَيۡهِمۡ وَٱرۡزُقۡهُم مِّنَ ٱلثَّمَرَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَشۡكُرُونَ
ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئەۋلادلىرىمىنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى ئوغلۇم ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى گىياھسىز، سۇسىز بىر چۆلدە قويۇپ قويدۇم. ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇلارنى ناماز ئوقۇسۇن دەپ شۇ ئۆينىڭ يېنىدا قالدۇردۇم. ئەي رەببىم! ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىنى مۇشۇ شەھەرگە مايىل قىلىپ بەرگىن، ئۇلارنىڭ نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك مېۋىلەردىن رىزىق بەرگىن.
تفسیرهای عربی:
رَبَّنَآ إِنَّكَ تَعۡلَمُ مَا نُخۡفِي وَمَا نُعۡلِنُۗ وَمَا يَخۡفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِ
ئەي پەرۋەردىگارىمىز! شەكسىزكى سەن بىز يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرىسەن. نە زېمىندا، نە ئاسماندا ئاللاھ تائالاغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بەلكى ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئېھتىياجلىرىمىز ۋە موھتاجلىقىمىزمۇ مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى ٱلۡكِبَرِ إِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَۚ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ
جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇركى، ئۇ مېنىڭ سالىھلارنىڭ قاتارىدىن قىلغىن، دېگەن دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، ئۇ ماڭا ياشىنىپ قالغان بولساممۇ ھاجەردىن ئىسمائىلنى، سارەدىن ئىسھاقنى ئاتا قىلدى. شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم ئۆزىگە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
رَبِّ ٱجۡعَلۡنِي مُقِيمَ ٱلصَّلَوٰةِ وَمِن ذُرِّيَّتِيۚ رَبَّنَا وَتَقَبَّلۡ دُعَآءِ
ئەي پەرۋەردىگارىم! مېنىمۇ نامازنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغۇچى قىلغىن، ئەۋلادلىرىم ئىچىدىنمۇ نامازنى شۇنداق ئادا قىلىدىغانلارنى چىقىرىپ بەرگىن. ئەي پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى ئىجابەت ۋە ھۇزۇرۇڭدا مەقبۇل قىلغىن!
تفسیرهای عربی:
رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيَّ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ يَوۡمَ يَقُومُ ٱلۡحِسَابُ
ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مېنىڭ ۋە ئاتا - ئانامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن. (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئانى دادىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن قىلغان. لېكىن كېيىن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولغان). پۈتۈن ئىنسانلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىش ئۈچۈن تۇرىدىغان كۈندە بارلىق مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ مەغپىرەت قىلغىن.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱللَّهَ غَٰفِلًا عَمَّا يَعۡمَلُ ٱلظَّٰلِمُونَۚ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمۡ لِيَوۡمٖ تَشۡخَصُ فِيهِ ٱلۡأَبۡصَٰرُ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالانىڭ زالىملارنىڭ ئازابىنى كېچىكتۈرگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ۋە باشقا قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز دەپ ئويلىمىغىن، بەلكى ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئازابىنى پەقەت قىيامەت كۈنىگىچىلا كېچىكتۈرىدۇ. قىيامەت شۇنداق بىر كۈنكى، كۆزلەر ئۇ كۈندە كۆرگەن قورقۇنچلۇق ئەھۋالدىن قورقۇپ چەكچىيىپ كېتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• بيان فضيلة مكة التي دعا لها نبي الله إبراهيم عليه الصلاة والسلام.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغان مەككىنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ.

• أن الإنسان مهما ارتفع شأنه في مراتب الطاعة والعبودية ينبغي له أن يخاف على نفسه وذريته من جليل الشرك ودقيقه.
ئىنساننىڭ تائەت - ئىبادەت ۋە قۇلچىلىق قىلىش مەرتىۋىلىرى ھەر قانچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئۆزى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئاشكارا ۋە مەخپىي شېرىككە چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشى لازىم.

• دعاء إبراهيم عليه الصلاة والسلام يدل على أن العبد مهما ارتفع شأنه يظل مفتقرًا إلى الله تعالى ومحتاجًا إليه.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئا قىلغانلىقى بەندە ھەر قانچە يۇقىرى مەرتىۋىلىك بولسىمۇ يەنىلا داۋاملىق ئاللاھقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

• من أساليب التربية: الدعاء للأبناء بالصلاح وحسن المعتقد والتوفيق في إقامة شعائر الدين.
پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى، ئېتىقادى تۈزۈك بولۇشى ۋە دىننىڭ شۇئارلىرىنى بەرپا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىنىشى ھەققىدە دۇئا قىلىش پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر.

مُهۡطِعِينَ مُقۡنِعِي رُءُوسِهِمۡ لَا يَرۡتَدُّ إِلَيۡهِمۡ طَرۡفُهُمۡۖ وَأَفۡـِٔدَتُهُمۡ هَوَآءٞ
ئىنسانلار چاقىرغۇچى تەرەپكە ئالدىراپ قەبرىلىرىدىن تۇرغان چاغدا باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاسماننىڭ بىر تەرىپىگە قارايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي، كۆرگەنلىرىنىڭ قورقۇنچلۇقلۇقىدىن كۆزلىرى چەكچەيگەن پېتى قالىدۇ، قەلبلىرىمۇ قۇپقۇرۇق، ئەقىللىرى لال بولۇپ، كۆرۈنۈشنىڭ دەھشىتىدىن ھېچ نېمىنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَنذِرِ ٱلنَّاسَ يَوۡمَ يَأۡتِيهِمُ ٱلۡعَذَابُ فَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ رَبَّنَآ أَخِّرۡنَآ إِلَىٰٓ أَجَلٖ قَرِيبٖ نُّجِبۡ دَعۡوَتَكَ وَنَتَّبِعِ ٱلرُّسُلَۗ أَوَلَمۡ تَكُونُوٓاْ أَقۡسَمۡتُم مِّن قَبۡلُ مَا لَكُم مِّن زَوَالٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭنى قىيامەت كۈنىدىكى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتقىنكى، ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇق قىلغانلار ئۇ چاغدا: ئەي رەببىمىز! بىزگە مۆھلەت بەرگىن، بىزدىن ئازابنى كېچىكتۈرگىن، بىزنى دۇنياغا ئازراق ۋاقىت قايتۇرغىن، ساڭا ئىمان ئېيتىۋالايلى، بىزگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىڭگە ئەگىشەيلى، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا كايىغان تەرزدە: سىلەر ھاياتىي دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ دۇنيادىن ئاخىرەتكە بارمايدىغانلىقىڭلار ھەققىدە قەسەم قىلمىغانمىدىڭلار؟ دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَسَكَنتُمۡ فِي مَسَٰكِنِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَتَبَيَّنَ لَكُمۡ كَيۡفَ فَعَلۡنَا بِهِمۡ وَضَرَبۡنَا لَكُمُ ٱلۡأَمۡثَالَ
سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئاللاھقا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ھۇد قەۋمى ۋە سالىھ قەۋمىگە ئوخشاش ئۈممەتلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىغا يەرلەشتىڭلار. سىلەرگە ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئايان ئىدى. بىز يەنە سىلەرنى پەند - نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھنىڭ كىتابىدا نۇرغۇنلىغان مىساللارنى بايان قىلدۇقكى، سىلەر پەند - نەسىھەت ئالمىدىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَقَدۡ مَكَرُواْ مَكۡرَهُمۡ وَعِندَ ٱللَّهِ مَكۡرُهُمۡ وَإِن كَانَ مَكۡرُهُمۡ لِتَزُولَ مِنۡهُ ٱلۡجِبَالُ
ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئۈممەتلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىغا يەرلەشكەن بۇ كىشىلەر پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ دەۋىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن سۇيىقەست پىلانلاشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. بۇلارنىڭ پىلانى ئاجىزدۇركى، ئاجىزلىقىدىن نە تاغلارنى، نە باشقىسىنى يوقىتىۋېتەلمەيدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ پىلانى ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
فَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱللَّهَ مُخۡلِفَ وَعۡدِهِۦ رُسُلَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٞ ذُو ٱنتِقَامٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالانى پەيغەمبەرلىرىگە نۇسرەت ئاتا قىلىش ۋە دىننى ئۈستۈن قىلىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ قالمىغىن. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ھەممىدىن غالىبتۇركى، ئۇنى ھېچ نەرسە يېڭەلمەيدۇ. ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ دوستلىرىنى غالىب قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن قاتتىق ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَ تُبَدَّلُ ٱلۡأَرۡضُ غَيۡرَ ٱلۡأَرۡضِ وَٱلسَّمَٰوَٰتُۖ وَبَرَزُواْ لِلَّهِ ٱلۡوَٰحِدِ ٱلۡقَهَّارِ
كاپىرلاردىن ئېلىنىدىغان بۇ ئىنتىقام قىيامەت مەيدانغا كەلگەن كۈندە بولىدۇ، ئۇ كۈندە بۇ زېمىن ئاپئاق، ھېچ نەرسە يوق، باشقا بىر زېمىنغا ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئاسمانلارمۇ باشقا ئاسمانلارغا ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئىنسانلار بەدەنلىرى ۋە ئەمەللىرى بىلەن پادىشاھلىقىدا ۋە ئۇلۇغلۇقىدا يالغۇز، باشقۇرىدىغان، باشقۇرۇلمايدىغان كۈچ - قۇۋۋەتلىك، ھەممىدىن غالىب كېلىدىغان، مەغلۇب بولمايدىغان زات ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ئۈچۈن قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَتَرَى ٱلۡمُجۡرِمِينَ يَوۡمَئِذٖ مُّقَرَّنِينَ فِي ٱلۡأَصۡفَادِ
ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ كۈندە زېمىننىڭ باشقا بىر زېمىنغا ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئاسمانلارنىڭمۇ ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى، كاپىرلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ بىر - بىرلىرىگە باغلىنىپ كىشەنلەنگەنلىكىنى، پۇت - قوللىرىنى بويۇنلىرىغا قوشۇپ تاقاق سېلىنغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرى تېز ئوت ئالىدىغان مايدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت يالقۇنى ئورىۋالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
سَرَابِيلُهُم مِّن قَطِرَانٖ وَتَغۡشَىٰ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ
ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ كۈندە زېمىننىڭ باشقا بىر زېمىنغا ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئاسمانلارنىڭمۇ ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى، كاپىرلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ بىر - بىرلىرىگە باغلىنىپ كىشەنلەنگەنلىكىنى، پۇت - قوللىرىنى بويۇنلىرىغا قوشۇپ تاقاق سېلىنغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرى تېز ئوت ئالىدىغان مايدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت يالقۇنى ئورىۋالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لِيَجۡزِيَ ٱللَّهُ كُلَّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
ئاللاھ تائالا ھەر كىشىنىڭ قىلغان ياخشى - يامان قىلمىشىغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئەمەللەرنىڭ ھېسابىنى تېز ئالغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
هَٰذَا بَلَٰغٞ لِّلنَّاسِ وَلِيُنذَرُواْ بِهِۦ وَلِيَعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ وَلِيَذَّكَّرَ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا قىلىنغان جاكار بولۇپ، بۇ قۇرئان ئۇلارنى ئۇنىڭدىكى تەھدىد ۋە قاتتىق ئازابلاردىن قورقۇشلىرى ئۈچۈن، قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لايىق زاتنىڭ يالغۇز ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشلىرى ھەمدە ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلماسلىقلىرى ئۈچۈن، ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن نازىل قىلىنغاندۇر. چۈنكى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى پەند - نەسىھەتلەردىن مەنپەئەت ئالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تصوير مشاهد يوم القيامة وجزع الخلق وخوفهم وضعفهم ورهبتهم، وتبديل الأرض والسماوات.
بۇ ئايەتلەر قىيامەت كۈنىدىكى پۈتۈن خالايىقنىڭ بىئارامچىلىقى، چارىسىزلىكى، ئالاقىزادىلىكى، زېمىننىڭ ۋە ئاسمانلارنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەيدۇ.

• وصف شدة العذاب والذل الذي يلحق بأهل المعصية والكفر يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى كاپىرلار ۋە ئاسىي-گۇناھكارلارغا بولىدىغان خارلىق ۋە ئازابنىڭ قاتتىقلىقىنى سۈپەتلەيدۇ.

• أن العبد في سعة من أمره في حياته في الدنيا، فعليه أن يجتهد في الطاعة، فإن الله تعالى لا يتيح له فرصة أخرى إذا بعثه يوم القيامة.
شەكسىزكى بەندىنىڭ دۇنيادىكى ھايات چېغىدا قولىدا پۇرسەت بار. شۇڭا مۇشۇ دۇنيادىكى چېغىدا ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنى قايتا تىرگۈزگەن چاغدا ئۇنىڭغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەيدۇ.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره ابراهيم
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن