Check out the new design

ترجمهٔ معانی قرآن کریم - ترجمه‌ى اویغوری كتاب مختصر در تفسير قرآن كريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: حجر   آیه:
إِذۡ دَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَقَالُواْ سَلَٰمٗا قَالَ إِنَّا مِنكُمۡ وَجِلُونَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭغا سالام بەردى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا چىرايلىقچە ھۆرمەت بىلەن جاۋاپ قايتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن كاۋاپ قىلىنغان موزاينىڭ گۆشىنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ گۆشنى يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: بىز سىلەردىن قورقىۋاتىمىز، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ لَا تَوۡجَلۡ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَٰمٍ عَلِيمٖ
پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر: قورقمىغىن، بىز سېنى خۇرسەن قىلىدىغان كەلگۈسىدە بىلملىك بولىدىغان بىر ئوغۇل بوۋاق بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ أَبَشَّرۡتُمُونِي عَلَىٰٓ أَن مَّسَّنِيَ ٱلۡكِبَرُ فَبِمَ تُبَشِّرُونَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ ئۆزىگە پەرزەنت بولۇش بىلەن بەرگەن بىشارىتىدىن ئەجەپلىنىپ: مەن قېرىپ، ئايالىم ياشىنىپ قالغاندا ماڭا پەرزەنت بىلەن خۇشخەۋەر بىرەمسىلەر!؟، ماڭا نېمە يۈزىدىن بۇ بىشارەتنى بىرىسىلەر؟، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ بَشَّرۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ فَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡقَٰنِطِينَ
پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: شەك-شۈبھىسىز بىز ساڭا خۇشخەۋەر بەردۇق، بىز بىشارەت بەرگەن ئىشتا نائۈمىد بولمىغىن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ وَمَن يَقۡنَطُ مِن رَّحۡمَةِ رَبِّهِۦٓ إِلَّا ٱلضَّآلُّونَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەن ئازغۇنلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولىدۇ؟، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ فَمَا خَطۡبُكُمۡ أَيُّهَا ٱلۡمُرۡسَلُونَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى ئەلچىلەر! ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالُوٓاْ إِنَّآ أُرۡسِلۡنَآ إِلَىٰ قَوۡمٖ مُّجۡرِمِينَ
پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر: ئاللاھ بىزنى ھەقىقەتەن بۇزۇقچىلىقتا ھەددىدىن، يامانلىقتا چېكىدىن ئاشقان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىشقا ئەۋەتىلدۇق، دېدى.
تفسیرهای عربی:
إِلَّآ ءَالَ لُوطٍ إِنَّا لَمُنَجُّوهُمۡ أَجۡمَعِينَ
پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە مۆئمىنلەردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھالاكەت ئۇلارنى ئۆز .ئىچىگە ئالمايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىمىز
تفسیرهای عربی:
إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ قَدَّرۡنَآ إِنَّهَا لَمِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ
پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنى ئازاب ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلار بىلەن بىرگە قېلىشىنى ھۆكۈم قىلدۇق
تفسیرهای عربی:
فَلَمَّا جَآءَ ءَالَ لُوطٍ ٱلۡمُرۡسَلُونَ
لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن پەرىشتىلەر ئەرلەرنىڭ شەكلىدە كەلگەن ئىدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ إِنَّكُمۡ قَوۡمٞ مُّنكَرُونَ
لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەر مەن تونۇمايدىغان كىشىلەرغۇ؟، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ بَلۡ جِئۡنَٰكَ بِمَا كَانُواْ فِيهِ يَمۡتَرُونَ
پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا: قورقمىغىن، ئى لۇت!بىز سېنىڭ يېنىڭغا قەۋمىڭ شەك قىلغان ھالاك قىلغۇچى ئازابنى ئىلىپ كەلدۇق، دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَأَتَيۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ
بىز چاقچاق ئەمەس ھەقىقەتەنى ئىلىپ كەلدۇق، بىز ساڭا بەرگەن .خەۋىرىمىزدە ئەلۋەتتە راستچىلمىز
تفسیرهای عربی:
فَأَسۡرِ بِأَهۡلِكَ بِقِطۡعٖ مِّنَ ٱلَّيۡلِ وَٱتَّبِعۡ أَدۡبَٰرَهُمۡ وَلَا يَلۡتَفِتۡ مِنكُمۡ أَحَدٞ وَٱمۡضُواْ حَيۡثُ تُؤۡمَرُونَ
كېچىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئائىلەڭنى ئېلىپ يولغا چىققىن، سەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىن، سىلەردىن ھېچ بىر كىشى قەۋمىگە چۈشكەن ئازابقا قاراش ئۈچۈن كەينىگە قارىمىسۇن.ئاللاھ سىلەرنى بۇيرىغان جايغا بارغىچە ئالدىڭلارغا قاراپ داۋام قىلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَقَضَيۡنَآ إِلَيۡهِ ذَٰلِكَ ٱلۡأَمۡرَ أَنَّ دَابِرَ هَٰٓؤُلَآءِ مَقۡطُوعٞ مُّصۡبِحِينَ
ۋەھيى ئارقىلىق لۇت ئەلەيھىسسالامغا سۈبھى ۋاقتى بولغاندا ئاشۇ قەۋمنىڭ ئاخىرىنى ھالاك قىلىش بىلەن يىلتىزىنىڭ قۇرىتىلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانلىقىمىزنى بىلدۇردۇق.
تفسیرهای عربی:
وَجَآءَ أَهۡلُ ٱلۡمَدِينَةِ يَسۡتَبۡشِرُونَ
سەدۇم ئەھلى يەنى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ناچار ئىش قىلىش ئۈچۈن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگىنىدىن خۇرسەن بولۇپ كەتتى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ ضَيۡفِي فَلَا تَفۡضَحُونِ
لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ھەقىقەتەن بۇلار مېنىڭ مېھمانلىرىم، ئۇلارغا ناچارلىق قىلىپ مېنى رەسۋا قىلماڭلار دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُخۡزُونِ
ناچار ئىشنى تەرك قىلىش بىلەن ئاللاھدىن قورقۇڭلار، پاسكىنا .قىلىقلىرىڭلار بىلەن مېنى خارلىماڭلار
تفسیرهای عربی:
قَالُوٓاْ أَوَلَمۡ نَنۡهَكَ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ
لۇت ئەلەيھىسسالامغا قەۋمى: بىز سېنى كەلگەن كىشىلەردىن بىرىنى .مېھمان قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟دېدى
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تعليم أدب الضيف بالتحية والسلام حين القدوم على الآخرين.
مېھماندارچىلىق ئەدەپلىرىنى تەلىم بېرىش، باشقىلارنىڭ يېنىغا مېھمان بولۇپ كەلگەندە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سالام بېرىش

• من أنعم الله عليه بالهداية والعلم العظيم لا سبيل له إلى القنوط من رحمة الله.
ئاللاھ تائالا ھىدايەت ۋە ئىلمى بەسىيرەت ئاتا قىلغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلىنىشىگە ھېچ يول يوقتۇر.

• نهى الله تعالى لوطًا وأتباعه عن الالتفات أثناء نزول العذاب بقوم لوط حتى لا تأخذهم الشفقة عليهم.
ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئازاب چۈشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇلارغا ئازاب يېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى كەينىگە قاراشتىن چەكلىدى.

• تصميم قوم لوط على ارتكاب الفاحشة مع هؤلاء الضيوف دليل على طمس فطرتهم، وشدة فحشهم.
لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئاشۇ مېھمانلار بىلەن ناچار ئىش قىلىشقا چىڭ تۇرىۋېلىشى ئۇلاردا ئىنسانلىق تەبىئىتىنىڭ يوقالغانلىقى ۋە ناچار-پاسكىنا ئىشلارنى قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی سوره: حجر
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - ترجمه‌ى اویغوری كتاب مختصر در تفسير قرآن كريم - لیست ترجمه ها

مركز تفسير و پژوهش‌های قرآنى آن را منتشر كرده است.

بستن