ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره كهف   آیه:

سۈرە كەھپ

از اهداف این سوره:
بيان منهج التعامل مع الفتن.
پىتنىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى بايان قىلىش.

ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ عَلَىٰ عَبۡدِهِ ٱلۡكِتَٰبَ وَلَمۡ يَجۡعَل لَّهُۥ عِوَجَاۜ
بارلىق مۇكەممەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى بىلەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېئمەتلەرنىڭ ئىگىسى بولۇش بىلەن مەدھىيەلەر يېگانە ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى نازىل قىلدى، بۇ قۇرئاندا ھېچقانداق قىڭغىرلىق ۋە ھەقتىن مايىل بولۇپ كېتىش يوقتۇر.
تفسیرهای عربی:
قَيِّمٗا لِّيُنذِرَ بَأۡسٗا شَدِيدٗا مِّن لَّدُنۡهُ وَيُبَشِّرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ أَجۡرًا حَسَنٗا
ئەكسىچە قۇرئاننى ھېچقانداق زىتلىق ۋە ئىختىلاپ بولمىغان راۋرۇس (كىتاب) قىلدى. (بۇ قۇرئان) ئاللاھ تەرەپتىن كاپىرلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان قاتتىق ئازابتىن ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە تەڭداشسىز گۈزەل مۇكاپاتلار بىلەن خەۋەر بېرىش ئۈچۈندۇر.
تفسیرهای عربی:
مَّٰكِثِينَ فِيهِ أَبَدٗا
ئۇلار بۇ مۇكاپات ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ مۇكاپات ئۇلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيُنذِرَ ٱلَّذِينَ قَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدٗا
(بۇ قۇرئان) ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە بىر قىسىم مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• أنزل الله القرآن متضمنًا الحق والعدل والشريعة والحكم الأمثل .
ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ھەقىقەتنى، ئادالەتنى، شەرىئەتنى ۋە نەمۇنىلىك ھېكمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلغان.

• جواز البكاء في الصلاة من خوف الله تعالى.
نامازدا ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاش دۇرۇس.

• الدعاء أو القراءة في الصلاة يكون بطريقة متوسطة بين الجهر والإسرار.
نامازدا دۇئا ۋە قىرائەت يۇقىرى - تۆۋەننىڭ ئارىلىقىدا نورمال رەۋىشتە بولۇشى كېرەك.

• القرآن الكريم قد اشتمل على كل عمل صالح موصل لما تستبشر به النفوس وتفرح به الأرواح.
قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ كۆڭۈللەرنى خۇرسەن قىلىدىغان، روھلارنى ياشنىتىدىغان بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان.

مَّا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٖ وَلَا لِأٓبَآئِهِمۡۚ كَبُرَتۡ كَلِمَةٗ تَخۡرُجُ مِنۡ أَفۡوَٰهِهِمۡۚ إِن يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبٗا
ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ بىلجىرلايدىغان بۇ بوھتانچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي پاكىتى يوق، ئۇلار بۇنداق دېيىشتە قارىغۇلارچە ئەگەشكەن ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئويلانماستىن چىقىۋاتقان بۇ سۆز نېمىدېگەن قەبىھ! ئۇلار ھېچقانداق ئاساسسىز، دەلىلسىز، يالغان سۆزنىلا دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَلَعَلَّكَ بَٰخِعٞ نَّفۡسَكَ عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِمۡ إِن لَّمۡ يُؤۡمِنُواْ بِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ أَسَفًا
ئەي پەيغەمبەر! بەلكىم سەن ئۇلارنىڭ بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىگەنلىكىگە قايغۇرۇپ ۋە ئەپسۇسلىنىپ ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۈۋېلىشىڭ مۇمكىن. ھەرگىز ئۇنداق قىلما. چۈنكى سېنىڭ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش مەجبۇرىيىتىڭ يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەتلا ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّا جَعَلۡنَا مَا عَلَى ٱلۡأَرۡضِ زِينَةٗ لَّهَا لِنَبۡلُوَهُمۡ أَيُّهُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗا
بىز ھەر كىمگە ئۆزىگە لايىق جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قايسىسىنىڭ ئەڭ يامان ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سىناش مەقسىتىدە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَإِنَّا لَجَٰعِلُونَ مَا عَلَيۡهَا صَعِيدٗا جُرُزًا
بىز چوقۇم يەر يۈزدىكى بارچە مەخلۇقاتلارنى ئۆسۈملۈكتىن خالىي ھالەتتىكى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمىز. بۇ ئىش يەر يۈزىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېرىدىغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈندۇر.
تفسیرهای عربی:
أَمۡ حَسِبۡتَ أَنَّ أَصۡحَٰبَ ٱلۡكَهۡفِ وَٱلرَّقِيمِ كَانُواْ مِنۡ ءَايَٰتِنَا عَجَبًا
ئەي پەيغەمبەر! ئەسھابۇلكەھف ۋەقەلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تاختاينى بىزنىڭ ئاجايىب مۆجىزىلىرىمىزدىن دەپ ئويلاپ قالما. ئەكسىچە ئۇنىڭدىن باشقا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىغا ئوخشاش مۆجىزىلەر تېخىمۇ ھەيران قالارلىقراقتۇر.
تفسیرهای عربی:
إِذۡ أَوَى ٱلۡفِتۡيَةُ إِلَى ٱلۡكَهۡفِ فَقَالُواْ رَبَّنَآ ءَاتِنَا مِن لَّدُنكَ رَحۡمَةٗ وَهَيِّئۡ لَنَا مِنۡ أَمۡرِنَا رَشَدٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە مۇئمىن ياشنىڭ دىنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن (غارغا) پاناھلانغانلىقىنى ئەسلىگىن. ئۇلار پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: ئەي رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىپ، دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق بىزگە ھۇزۇرۇڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، ئىمانىمىزنى دەپ كاپىرلارنى تاشلاپ چىققان بۇ سەپىرىمىزدە بىزنى ھەق ۋە توغرا يولغا ئېرىشتۈرگىن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَضَرَبۡنَا عَلَىٰٓ ءَاذَانِهِمۡ فِي ٱلۡكَهۡفِ سِنِينَ عَدَدٗا
ئۇلار كېتىپ، غارغا پاناھلانغاندىن كېيىن بىز ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئاۋازلارنى ئاڭلاشتىن توسىدىغان پەردىلەرنى قىلدۇق، ئۇلارنى ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق.
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ بَعَثۡنَٰهُمۡ لِنَعۡلَمَ أَيُّ ٱلۡحِزۡبَيۡنِ أَحۡصَىٰ لِمَا لَبِثُوٓاْ أَمَدٗا
ئۇلار ئۇزۇن يىللار ئۇخلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقى ھەققىدە دەتالاش قىلىشقان ئىككى تەرەپتىن قايسىسىنىڭ ئۇ ۋاقىتنى ئەڭ توغرا مۆلچەرلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق.
تفسیرهای عربی:
نَّحۡنُ نَقُصُّ عَلَيۡكَ نَبَأَهُم بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّهُمۡ فِتۡيَةٌ ءَامَنُواْ بِرَبِّهِمۡ وَزِدۡنَٰهُمۡ هُدٗى
ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن شەكسىز توغرا رەۋىشتە خەۋەردار قىلىمىز. شەكسىزكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان ۋە ئىتائەت قىلىپ ئەمەل قىلغان يېگىتلەردۇركى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىپ، ھەق ئۈستىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَرَبَطۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ إِذۡ قَامُواْ فَقَالُواْ رَبُّنَا رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَن نَّدۡعُوَاْ مِن دُونِهِۦٓ إِلَٰهٗاۖ لَّقَدۡ قُلۡنَآ إِذٗا شَطَطًا
بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئىمان بىلەن ۋە ئىماندا مۇستەھكەم قىلىش بىلەن ھەمدە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا سەۋرچان قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ روھىيىتىنى كۈچلەندۈردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار كاپىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا دەس تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقىنى جاكارلاپ پادىشاھقا: بىز ئىمان ئېيتقان ۋە قۇلچىلىق قىلغان پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنىڭدىن باشقا ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنمايمىز. ئەگەر بىز ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلساق، ھەقتىن يىراقلاشقان يامان سۆزنى قىلغان بولىمىز، دېدى.
تفسیرهای عربی:
هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمُنَا ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗۖ لَّوۡلَا يَأۡتُونَ عَلَيۡهِم بِسُلۡطَٰنِۭ بَيِّنٖۖ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗا
ئاندىن ئۇلار بىر - بىرىگە قاراپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ قەۋم - قېرىنداشلىرىمىز ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى چوقۇنىدىغان ئىلاھ قىلىۋېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئۇ مەبۇدلارغا قۇلچىلىق قىلغانلىقىغا قارىتا روشەن دەلىل - پاكىتى يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دەپ، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الداعي إلى الله عليه التبليغ والسعي بغاية ما يمكنه، مع التوكل على الله في ذلك، فإن اهتدوا فبها ونعمت، وإلا فلا يحزن ولا يأسف.
ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى بۇ يولدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن بىرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە دىننى تەبلىغ قىلىشى ۋە تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ھىدايەت تاپسا خۇشاللىنارلىق ئىش، ناۋادا ئۇنداق بولماي قالسا ئۇنىڭغا قايغۇرۇپ، ئەپسۇسلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك.

• في العلم بمقدار لبث أصحاب الكهف، ضبط للحساب، ومعرفة لكمال قدرة الله تعالى وحكمته ورحمته.
ئەسھابۇلكەھفنىڭ غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئېنىق بىلىشتە ئۇ ۋاقىتنىڭ ھېسابىنى بېكىتىش ھەمدە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى، ھېكمىتىنى ۋە رەھمىتىنى تونۇش بار.

• في الآيات دليل صريح على الفرار بالدين وهجرة الأهل والبنين والقرابات والأصدقاء والأوطان والأموال؛ خوف الفتنة.
بۇ ئايەتلەردە (كاپىرلارنىڭ) زىيانكەشلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغاندا دىنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بالا - چاقىلىرىنى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى، دوست - يارەنلىرىنى، ئانا ۋەتىنىنى ۋە مال - مۈلكىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئېنىق دەلىل بار.

• ضرورة الاهتمام بتربية الشباب؛ لأنهم أزكى قلوبًا، وأنقى أفئدة، وأكثر حماسة، وعليهم تقوم نهضة الأمم.
ياشلارنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش مۇھىمدۇر، چۈنكى ياشلارنىڭ دىلى ئەڭ پاك، قەلبى ئەڭ ساپ، قىزغىنلىقى ھەممىدىن بەك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى شۇلارغا باغلىق.

وَإِذِ ٱعۡتَزَلۡتُمُوهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ فَأۡوُۥٓاْ إِلَى ٱلۡكَهۡفِ يَنشُرۡ لَكُمۡ رَبُّكُم مِّن رَّحۡمَتِهِۦ وَيُهَيِّئۡ لَكُم مِّنۡ أَمۡرِكُم مِّرۡفَقٗا
(ئەي يىگىتلەر!) ئۆز ۋاقتىدا سىلەر قەۋمىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىنى تاشلاپ چىقتىڭلار، ئاندىن يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلدىڭلار. شۇڭا ئەمدى دىنىڭلارنى قوغداش ئۈچۈن غارغا پاناھلىنىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار ئۆز رەھمىتى بىلەن سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن قوغدايدۇ، ھىمايە قىلىدۇ، قەۋمىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشىغان تۇرمۇشنىڭ ئورنىغا سىلەرگە تېخىمۇ مەنپەئەتلىك ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَتَرَى ٱلشَّمۡسَ إِذَا طَلَعَت تَّزَٰوَرُ عَن كَهۡفِهِمۡ ذَاتَ ٱلۡيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَت تَّقۡرِضُهُمۡ ذَاتَ ٱلشِّمَالِ وَهُمۡ فِي فَجۡوَةٖ مِّنۡهُۚ ذَٰلِكَ مِنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِۗ مَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَلَن تَجِدَ لَهُۥ وَلِيّٗا مُّرۡشِدٗا
ئۇلار بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردى، ئاللاھ ئۇلارغا ئۇيقۇ ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدىدى. ئەي ئۇلارنىڭ ھالىنى تاماشا قىلغۇچى! قاراپ باققىن، قۇياش مەشرىقتىن چىققان ۋاقتىدا ئۇلار تۇرغان غارنىڭ ئىچىدىن ئوڭ تەرىپىگە قايرىلىدۇ، پاتقان چاغدا غارنىڭ شىمال تەرىپىگە مايىل بولۇپ، غارغا قۇياش نۇرى چۈشمەيدۇ، ئۇلار داۋاملىق سايىدا بولۇپ، قۇياش نۇرىنىڭ قىزىقى ئۇلارنى بىئارام قىلمايدۇ. ئۇلار غارنىڭ ئوتتۇردىكى يېتەرلىك ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كەڭرى جايدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ غارغا پاناھلىنىشى، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئېغىر ئۇيقۇ ئاتا قىلىشى، قۇياشنىڭ ئۇلاردىن قايرىلىپ ئۆتۈشى، ئۇلار تۇرغان جاينىڭ كەڭرى بولۇشى، ئۇلارنىڭ قەۋمىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ئاجايىپ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان ئالامەتلەردۇر. كىمنى ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ كىمنى ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، ئۇنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈپ، توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايسەن. چۈنكى ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدا، ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
وَتَحۡسَبُهُمۡ أَيۡقَاظٗا وَهُمۡ رُقُودٞۚ وَنُقَلِّبُهُمۡ ذَاتَ ٱلۡيَمِينِ وَذَاتَ ٱلشِّمَالِۖ وَكَلۡبُهُم بَٰسِطٞ ذِرَاعَيۡهِ بِٱلۡوَصِيدِۚ لَوِ ٱطَّلَعۡتَ عَلَيۡهِمۡ لَوَلَّيۡتَ مِنۡهُمۡ فِرَارٗا وَلَمُلِئۡتَ مِنۡهُمۡ رُعۡبٗا
ئەي ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكۈچى! ئۇلارنى كۆزى ئوچۇق بولغاچقا ئويغاق دەپ ئويلايسەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇيقۇدا. ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى زېمىن (نىڭ ھاشارەتلىرى) يەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇخلىغان ھالەتلىرىدە ئوڭ - سول تەرەپلەرگە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ غارنىڭ بوسۇغىسىدا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئېڭىشىپ قاراپ ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئۇلاردىن قورققىنىڭدىن ئۆرۈلۈپلا قاچقان ۋە قورقۇنچتىن ئالاقىزادە بوپكەتكەن بولاتتىڭ.
تفسیرهای عربی:
وَكَذَٰلِكَ بَعَثۡنَٰهُمۡ لِيَتَسَآءَلُواْ بَيۡنَهُمۡۚ قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ كَمۡ لَبِثۡتُمۡۖ قَالُواْ لَبِثۡنَا يَوۡمًا أَوۡ بَعۡضَ يَوۡمٖۚ قَالُواْ رَبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَا لَبِثۡتُمۡ فَٱبۡعَثُوٓاْ أَحَدَكُم بِوَرِقِكُمۡ هَٰذِهِۦٓ إِلَى ٱلۡمَدِينَةِ فَلۡيَنظُرۡ أَيُّهَآ أَزۡكَىٰ طَعَامٗا فَلۡيَأۡتِكُم بِرِزۡقٖ مِّنۡهُ وَلۡيَتَلَطَّفۡ وَلَا يُشۡعِرَنَّ بِكُمۡ أَحَدًا
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىز بويىچە بىز ئۇلاردا قۇدرىتىمىزنىڭ ئاجايىباتلىرىنى نامايان قىلغىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ ئۇخلىغان ھالەتتە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۆز-ئارا سورىشىشى ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن ئۇلارنى ئويغاتتۇق. ئۇلاردىن بىرى جاۋاب بېرىپ: بىز ئۇخلىغان ھالەتتە بىر كۈن ياكى يېرىم كۈن تۇردۇق، دېدى. ئۇخلىغان ھالەتتە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىگەنلەردىن يەنە بىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: قانچىلىك ئۇخلىغىنىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭ ئىلمىنى ئۇنىڭغا قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا پايدىسى بولىدىغان ئىشقا تۇتۇش قىلىڭلار. بىرىڭلارنى ماۋۇ تەڭگە پۇللار بىلەن ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شەھەرگە ئەۋەتەيلى. ئۇ بېرىپ شەھەردىكىلەرنىڭ قايسىسىنىڭ يېمەكلىكى پاكىزە ۋە ھالال ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلسۇن ھەمدە شەھەرگە كىرىپ - چىقىشتا ۋە سودا - سېتىقتا ھوشيار بولسۇن، ھېچكىمگە ئورنۇڭلارنى سەزدۈرۈپ قويمىسۇن. بولمىسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّهُمۡ إِن يَظۡهَرُواْ عَلَيۡكُمۡ يَرۡجُمُوكُمۡ أَوۡ يُعِيدُوكُمۡ فِي مِلَّتِهِمۡ وَلَن تُفۡلِحُوٓاْ إِذًا أَبَدٗا
ئەگەر قەۋمىڭلار سىلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئورنۇڭلارنى بىلىپ قالىدىغان بولسا، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ياكى ئۇلار سىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ توغرا دىنغا ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۆزلىرىنىڭ خاتا دىنىغا قايتۇرىدۇ. مۇبادا ئۇنىڭغا قايتساڭلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قەتئىي نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، ئەكسىچە ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغان ھەق دىننى تاشلاپ، خاتا دىنغا قايتقانلىقىڭلار سەۋەبلىك ئىككىلا دۇنيادا چوڭ زىيان تارتىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من حكمة الله وقدرته أن قَلَّبهم على جنوبهم يمينًا وشمالًا بقدر ما لا تفسد الأرض أجسامهم، وهذا تعليم من الله لعباده.
زېمىن ئۇلارنىڭ بەدىنىنى بۇزۇۋەتمەيدىغان دەرىجىدە ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئوڭ - سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە قۇدرىتىدىندۇركى، بۇ يەنە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن تەلىمىدۇر.

• جواز اتخاذ الكلاب للحاجة والصيد والحراسة.
ئوۋ ئوۋلاش ۋە كۆزەتچىلىككە قويۇش دېگەندەك ئېھتىياجلار ئۈچۈن ئىت بېقىش دۇرۇس.

• انتفاع الإنسان بصحبة الأخيار ومخالطة الصالحين حتى لو كان أقل منهم منزلة، فقد حفظ ذكر الكلب لأنه صاحَبَ أهل الفضل.
ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئورنى تۆۋەنرەك بولغان تەقدىردىمۇ، ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ۋە ئۇلارغا ئارىلىشىش پايدىلىقتۇر. مەسىلەن، ئىت پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ھەمراھ بولغاچقا تارىختا نامى قالدى.

• دلت الآيات على مشروعية الوكالة، وعلى حسن السياسة والتلطف في التعامل مع الناس.
بۇ ئايەتلەر ۋاكالەتنىڭ يوللۇقلۇقىنى ھەمدە باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا تەدبىرلىك، سىلىق - سىپايە بولۇشنىڭ ياخشى ئىشلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ.

وَكَذَٰلِكَ أَعۡثَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ لِيَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَأَنَّ ٱلسَّاعَةَ لَا رَيۡبَ فِيهَآ إِذۡ يَتَنَٰزَعُونَ بَيۡنَهُمۡ أَمۡرَهُمۡۖ فَقَالُواْ ٱبۡنُواْ عَلَيۡهِم بُنۡيَٰنٗاۖ رَّبُّهُمۡ أَعۡلَمُ بِهِمۡۚ قَالَ ٱلَّذِينَ غَلَبُواْ عَلَىٰٓ أَمۡرِهِمۡ لَنَتَّخِذَنَّ عَلَيۡهِم مَّسۡجِدٗا
ئۇلارنى ئۇزۇن يىللار ئۇخلاتقاندىن كېيىن ئويغىتىشتىن ئىبارەت ئۇلاردا قۇدرىتىمىزنىڭ ئاجايىباتلىرىنى نامايان قىلغىنىمىزدەك، شەھەر ئەھلى ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنىڭ ھەمدە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ راستلىقىنى، شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئاشكارىلىنىپ، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغانلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى قانداق بىتەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە دەتالاش قىلىشتى. ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر: غارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بىر تام سېلىڭلار، تام ئۇلارنى توسۇپ، (باشقىلاردىن) ھىمايە قىلسۇن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى پەرۋەردىگارى ئوبدان بىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئورنى بار، دېيىشتى. ئۇلار ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدىغان ھەم ساغلام دەۋەت يېتىپ كەلمىگەن كىشىلەر ئىچىدىن بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى: ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقىلارغا ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ ئورۇننى ئىبادەت قىلىدىغان مەسجىد قىلايلى، دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
سَيَقُولُونَ ثَلَٰثَةٞ رَّابِعُهُمۡ كَلۡبُهُمۡ وَيَقُولُونَ خَمۡسَةٞ سَادِسُهُمۡ كَلۡبُهُمۡ رَجۡمَۢا بِٱلۡغَيۡبِۖ وَيَقُولُونَ سَبۡعَةٞ وَثَامِنُهُمۡ كَلۡبُهُمۡۚ قُل رَّبِّيٓ أَعۡلَمُ بِعِدَّتِهِم مَّا يَعۡلَمُهُمۡ إِلَّا قَلِيلٞۗ فَلَا تُمَارِ فِيهِمۡ إِلَّا مِرَآءٗ ظَٰهِرٗا وَلَا تَسۡتَفۡتِ فِيهِم مِّنۡهُمۡ أَحَدٗا
ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن بىر قىسىم كىشىلەر: ئۇلار ئۈچ كىشى، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر، دېدى. يەنە بىر قىسمى: ئۇلار بەش كىشى، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر، دېدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئېنىق پاكىتسىز ھالەتتە، پەقەت گۇمان بىلەنلا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. يەنە بىر بۆلۈك كىشىلەر: ئۇلار يەتتە كىشى بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، رەببىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئاللاھ بىلدۈرگەن ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا سەنمۇ ئۇلارنىڭ سانى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئەھلى كىتاب بىلەنمۇ، باشقىلار بىلەنمۇ دەتالاش قىلمىغىن، پەقەت چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتمىگەن ئاساستا، يۈزەكىيلا مۇنازىرىلەشكىن. چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ساڭا نازىل بولغان ۋەھىي بىلەنلا كۇپايىلىنىشىڭ كېرەك. ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ھەققىدە ھېچكىمدىن سوراپمۇ ئولتۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ئۇقمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تَقُولَنَّ لِشَاْيۡءٍ إِنِّي فَاعِلٞ ذَٰلِكَ غَدًا
ئەي پەيغەمبەر! ئەتە قىلماقچى بولغان بىر ئىش توغرىسىدا: ئەتە مۇنۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن، دېمىگىن. چۈنكى سەن ئۇ ئىشنى قىلالامسەن ياكى سېنى ئۇ ئىشنى قىلىشىڭ توسالغۇغا ئۇچرامدۇ؟ بۇنى بىلمەيسەن. بۇ ھەر قانداق مۇسۇلمانغا بېرىلگەن يوليورۇقتۇر.
تفسیرهای عربی:
إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ وَٱذۡكُر رَّبَّكَ إِذَا نَسِيتَ وَقُلۡ عَسَىٰٓ أَن يَهۡدِيَنِ رَبِّي لِأَقۡرَبَ مِنۡ هَٰذَا رَشَدٗا
لېكىن ئۇ ئىشنى قىلىشنى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلاپ: -ئاللاھ خالىسا- مۇنۇ ئىشنى ئەتە قىلىمەن، دېسەڭ بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا دېيىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنى ئەسلىگىن، ئەگەر بۇ گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالساڭ: پەرۋەردىگارىم مېنى بۇنىڭدىنمۇ توغرىراق ئىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگىن.
تفسیرهای عربی:
وَلَبِثُواْ فِي كَهۡفِهِمۡ ثَلَٰثَ مِاْئَةٖ سِنِينَ وَٱزۡدَادُواْ تِسۡعٗا
ئەسھابۇلكەھف غاردا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى.
تفسیرهای عربی:
قُلِ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا لَبِثُواْۖ لَهُۥ غَيۡبُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ أَبۡصِرۡ بِهِۦ وَأَسۡمِعۡۚ مَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَلِيّٖ وَلَا يُشۡرِكُ فِي حُكۡمِهِۦٓ أَحَدٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئۇلارنىڭ غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، دەرۋەقە، ئاللاھ بىزگە ئۇلارنىڭ قانچىلىك تۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئاللاھنىڭ سۆزىدىن كېيىن ھېچكىمنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبنى يارىتىش ۋە بىلىش يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولىدىغان ئاللاھتىن باشقا ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ھۆكمىگە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھۆكۈمدە يەككە - يېگانىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱتۡلُ مَآ أُوحِيَ إِلَيۡكَ مِن كِتَابِ رَبِّكَۖ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِهِۦ وَلَن تَجِدَ مِن دُونِهِۦ مُلۡتَحَدٗا
ئەي پەيغەمبەر! قۇرئاندىن ئاللاھ ساڭا ۋەھىي قىلغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتكۈچى يوق. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەممە سۆزى راست ھەم ئادالەتتۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىلتىجا قىلىدىغان ۋە سىغىنىدىغان پاناھگاھ تاپالمايسەن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• اتخاذ المساجد على القبور، والصلاة فيها، والبناء عليها؛ غير جائز في شرعنا.
قەبرىستانلىقنى مەسجىد قىلىۋېلىش، ناماز ئوقۇش ۋە ئۈستىگە قۇرۇلۇش قىلىش بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە توغرا ئەمەس.

• في القصة إقامة الحجة على قدرة الله على الحشر وبعث الأجساد من القبور والحساب.
ئەسھابۇلكەھف ۋەقەلىكى ئاللاھ تائالانىڭ جەسەتلەرنى قەبرىدىن چىقىرىپ، ھېساب ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقا قادىر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىل - پاكىتىدۇر.

• دلَّت الآيات على أن المراء والجدال المحمود هو الجدال بالتي هي أحسن.
بۇ ئايەتلەر ئالقىشلاشقا تېگىشلىك دەتالاشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا قىلىنغان مۇنازىرە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ.

• السُّنَّة والأدب الشرعيان يقتضيان تعليق الأمور المستقبلية بمشيئة الله تعالى.
شەرئىي سۈننەت ۋە ئەدەب - ئەخلاق كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

وَٱصۡبِرۡ نَفۡسَكَ مَعَ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ رَبَّهُم بِٱلۡغَدَوٰةِ وَٱلۡعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجۡهَهُۥۖ وَلَا تَعۡدُ عَيۡنَاكَ عَنۡهُمۡ تُرِيدُ زِينَةَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَا تُطِعۡ مَنۡ أَغۡفَلۡنَا قَلۡبَهُۥ عَن ذِكۡرِنَا وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ وَكَانَ أَمۡرُهُۥ فُرُطٗا
پەرۋەردىگارىغا قۇلچىلىق قىلىش ھەمدە تىلەك تىلەش مەقسىتىدە ئەتىگەن - ئاخشاملىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولغىن، بايۋەچچىلەر ۋە مۆتىۋەرلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش مەقسىتىدە ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز قەلبىنى پېچەتلىۋېتىش ئارقىلىق زىكرىمىزدىن بىخۇتلاشتۇرۇۋەتكەن، ئاندىن سېنى كەمبەغەللەرنى يېقىن يولاتماسلىققا بۇيرۇپ، ئۆز خاھىشىنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن ئەلا بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەمەللىرى تامامەن يوققا چىققان كىشىگە ئىتائەت قىلمىغىن.
تفسیرهای عربی:
وَقُلِ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَن شَآءَ فَلۡيُؤۡمِن وَمَن شَآءَ فَلۡيَكۡفُرۡۚ إِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلظَّٰلِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمۡ سُرَادِقُهَاۚ وَإِن يَسۡتَغِيثُواْ يُغَاثُواْ بِمَآءٖ كَٱلۡمُهۡلِ يَشۡوِي ٱلۡوُجُوهَۚ بِئۡسَ ٱلشَّرَابُ وَسَآءَتۡ مُرۡتَفَقًا
ئەي پەيغەمبەر! دىللىرىنىڭ بىخۇتلۇقىدىن ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غاپىل بولغان بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن قۇرئان ھەقىقەتتۇركى، ئۇ مېنىڭ ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەندۇر. مەن سىلەرنىڭ مۇئمىنلەرنى قوغلىۋېتىشىم ھەققىدىكى تەلىپىڭلارنى ئۇرۇنلىيالمايمەن. شۇڭا ئاراڭلاردىن كىم بۇ ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتىشنى خالىسا ئىمان ئېيتسۇن، چوقۇم ئۇنىڭ مۇكاپىتىدىن خۇرسەن بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭغا خاپىر بولۇشنى خالىسا كاپىر بولسۇن، ئۇمۇ چوقۇم ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئازابتىن بىئارام بولىدۇ. شەكسىزكى بىز ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۇپرىنى تاللىغان زالىملارغا ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدىغان كاتتا ئوتنى تەييارلىدۇق. ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار قاتتىق چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن ناۋادا سۇ دەپ يالۋۇرسا قايناپ تۇرغان ياغدەك تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قايناقسۇ بېرىلىدۇ، ئۇ سۇنىڭ ھارارىتىنىڭ كۈچىدىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرى چارلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارغا سۇنۇلغان بۇ شاراب نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك ھە! بۇ ئىچىملىك ئۇلارنىڭ ئۇسسۇزلىقىغا ئەسقاتمايدۇ، ئەكسىچە ئۇسسۇزلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت يالقۇنىنىمۇ ئۆچۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولغان دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي ھە!
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجۡرَ مَنۡ أَحۡسَنَ عَمَلًا
ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئېھسان بىلەن قىلغان كىشىلەرگە كاتتا ساۋاب بار. شەكسىزكى بىز ئەمەللىرىنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز. ئەكسىچە بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەجىرلىرىنى قىلچە كېمەيتمەي، تولۇق بېرىمىز.
تفسیرهای عربی:
أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُ يُحَلَّوۡنَ فِيهَا مِنۡ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٖ وَيَلۡبَسُونَ ثِيَابًا خُضۡرٗا مِّن سُندُسٖ وَإِسۡتَبۡرَقٖ مُّتَّكِـِٔينَ فِيهَا عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِۚ نِعۡمَ ٱلثَّوَابُ وَحَسُنَتۡ مُرۡتَفَقٗا
ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ مۇئمىنلەرگە مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار بولۇپ، تۇرالغۇلىرى ئاستىدىن جەننەتنىڭ شېرىن سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر سېلىنىدۇ، ئۇلار نېپىز ۋە قېلىن يىپەكلەردىن توقۇلغان يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ، چىرايلىق ياپقۇچلار بىلەن بېزەلگەن كارىۋاتلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن گۈزەل! ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولغان جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل!
تفسیرهای عربی:
۞ وَٱضۡرِبۡ لَهُم مَّثَلٗا رَّجُلَيۡنِ جَعَلۡنَا لِأَحَدِهِمَا جَنَّتَيۡنِ مِنۡ أَعۡنَٰبٖ وَحَفَفۡنَٰهُمَا بِنَخۡلٖ وَجَعَلۡنَا بَيۡنَهُمَا زَرۡعٗا
ئەي پەيغەمبەر! مۇنداق ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ بەرگىن: بىرى كاپىر، بىرى مۇئمىن. بىز ئۇلاردىن كاپىر بولغان كىشىگە ئىككى دانە بوستانلىق ئاتا قىلدۇق، بۇ ئىككى بوستانلىقنىڭئەتراپىغا خورمىلارنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق، ئوتتۇرىسىدىكى بوش يەرگە زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق.
تفسیرهای عربی:
كِلۡتَا ٱلۡجَنَّتَيۡنِ ءَاتَتۡ أُكُلَهَا وَلَمۡ تَظۡلِم مِّنۡهُ شَيۡـٔٗاۚ وَفَجَّرۡنَا خِلَٰلَهُمَا نَهَرٗا
بۇ باغلارنىڭ ھەر بىرى خورما، ئۈزۈم ۋە زىرائەتلەردىن كەم قالماي، تولۇق مېۋە بەردى. ئۇلارنىڭ سۇغۇرۇش ئىشلىرى ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭ بەرپا قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَكَانَ لَهُۥ ثَمَرٞ فَقَالَ لِصَٰحِبِهِۦ وَهُوَ يُحَاوِرُهُۥٓ أَنَا۠ أَكۡثَرُ مِنكَ مَالٗا وَأَعَزُّ نَفَرٗا
بۇ ئىككى باغ ئىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مال - ۋارانلىرى ۋە مېۋىلىك باغلىرى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇئمىن بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: مەن سەندىن باي، مېنىڭ بالا - چاقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم سېنىڭكىدىن كۆپ، دېدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• فضيلة صحبة الأخيار، ومجاهدة النفس على صحبتهم ومخالطتهم وإن كانوا فقراء؛ فإن في صحبتهم من الفوائد ما لا يُحْصَى.
ياخشىلارغا ھەمراھ بولۇش، گەرچە ئۇلار يوقسۇل كىشىلەر بولسىمۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇش ۋە ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە ئۆزىنى زورلاش پەزىلەتتۇر. چۈنكى ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاننىڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز پايدىلىرى بار.

• كثرة الذكر مع حضور القلب سبب للبركة في الأعمار والأوقات.
غاپىل بولمىغان ھالدا ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش ئۆمۈرگە ۋە ۋاقىتلارغا بەرىكەت كەلتۈرىدۇ.

• قاعدتا الثواب وأساس النجاة: الإيمان مع العمل الصالح؛ لأن الله رتب عليهما الثواب في الدنيا والآخرة.
ساۋاب ۋە (ئازابتىن) قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسى ياخشى ئەمەل بىرگە بولغان ئىماندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئىككىسىگە بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ساۋاب بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

وَدَخَلَ جَنَّتَهُۥ وَهُوَ ظَالِمٞ لِّنَفۡسِهِۦ قَالَ مَآ أَظُنُّ أَن تَبِيدَ هَٰذِهِۦٓ أَبَدٗا
كاپىر ئادەم مۇئمىن بۇرادىرىگە بېغىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بېغىغا كىردى، ئۇ كۇپۇرلۇق ھەم تەمەننا قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئىدى. كاپىر ئېيتتى: سەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ باغنى يوقىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. چۈنكى مەن بۇ باغنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارچە ئاماللارنى قىلدىم.
تفسیرهای عربی:
وَمَآ أَظُنُّ ٱلسَّاعَةَ قَآئِمَةٗ وَلَئِن رُّدِدتُّ إِلَىٰ رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيۡرٗا مِّنۡهَا مُنقَلَبٗا
مەن يەنە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. شەكسىزكى بۇ ھايات داۋاملىشىدۇ. قىيامەت بولغان تەقدىردىمۇ، ناۋادا مەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلۇپ قالسام، ئەلۋەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلغىنىمدىن كېيىن بۇ باغچەمدىنمۇ ياخشىراقىغا ئېرىشىمەن. چۈنكى مېنىڭ بۇ دۇنيادا باي بولغانلىقىم قايتا تىرىلگەندىن كېيىنمۇ باي بولىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قَالَ لَهُۥ صَاحِبُهُۥ وَهُوَ يُحَاوِرُهُۥٓ أَكَفَرۡتَ بِٱلَّذِي خَلَقَكَ مِن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ سَوَّىٰكَ رَجُلٗا
مۇئمىن بۇرادىرى ئۇنىڭغا مۇنازىرلەشكەن ھالدا ئېيتتى: ئاتاڭ ئادەمنى توپىدىن ياراتقان، ئاندىن سېنى مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتقان، ئاندىن سېنى ئەر قىلىپ، ئەزالىرىڭنى بىجىرىم، قاۋۇل ئىنسان قىلغان زاتقا كاپىر بولامسەن؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە سېنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر.
تفسیرهای عربی:
لَّٰكِنَّا۠ هُوَ ٱللَّهُ رَبِّي وَلَآ أُشۡرِكُ بِرَبِّيٓ أَحَدٗا
مەن سېنىڭ دېگىنىڭنى دېمەيمەن، پەقەتلا دەيمەنكى: ئۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇ بىزگە نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچىدۇر. مەن ئىبادەتتە ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡلَآ إِذۡ دَخَلۡتَ جَنَّتَكَ قُلۡتَ مَا شَآءَ ٱللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِٱللَّهِۚ إِن تَرَنِ أَنَا۠ أَقَلَّ مِنكَ مَالٗا وَوَلَدٗا
مەن ساڭا قارىغاندا ھەر قانچە كەمبەغەل ۋە بالا - چاقىلىرىم ئاز بولسىمۇ، سەن بېغىڭغا كىرگىنىڭدە: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچكىمنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ، ئۇ ھەممىدىن كۈچلۈكتۇر، دېسەڭچۇ!
تفسیرهای عربی:
فَعَسَىٰ رَبِّيٓ أَن يُؤۡتِيَنِ خَيۡرٗا مِّن جَنَّتِكَ وَيُرۡسِلَ عَلَيۡهَا حُسۡبَانٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فَتُصۡبِحَ صَعِيدٗا زَلَقًا
مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراقىنى ئاتا قىلىشىنى، سېنىڭ بېغىڭغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتىشىنى، بېغىڭنى ھېچبىر گىياھسىز، قەدەملەر تېيىلىپ تۇرىدىغان تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تفسیرهای عربی:
أَوۡ يُصۡبِحَ مَآؤُهَا غَوۡرٗا فَلَن تَسۡتَطِيعَ لَهُۥ طَلَبٗا
ياكى ئۇنىڭ سۈيىنى يەرگە سىڭدۈرۋېتىشىنى تىلەيمەن. ئۇ چاغدا سەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسەن. ناۋادا ئۇنىڭ سۈيى سېڭىپ كەتسە، بېغىڭنىڭ ئىزناسىمۇ قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأُحِيطَ بِثَمَرِهِۦ فَأَصۡبَحَ يُقَلِّبُ كَفَّيۡهِ عَلَىٰ مَآ أَنفَقَ فِيهَا وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَيَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي لَمۡ أُشۡرِكۡ بِرَبِّيٓ أَحَدٗا
مۇئمىننىڭ كۈتكىنى ئىشقا ئېشىپ، كاپىرنىڭ بېغىنىڭ مېۋىلىرى تامامەن يوق بولدى. شۇنىڭ بىلەن كاپىر بۇ باغنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلغان ماللىرىغا قاتتىق ھەسرەت - نادامەت چېكىپ، ئالقىنىنى ئۇۋۇلاشقا باشلىدى. باغ ئۈزۈم تاللىرى يېيىلغان باراڭلارنىڭ كۆتەكلىرى ئۈستىگىلا يىقىلغان ئىدى. ئۇ (ۋەيران بولغان بېغىغا قاراپ): كاشكى مەن يالغۇز رەببىمگە ئىمان ئېيتىپ، ئىبادەتتە ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان بولسامچۇ! - دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَلَمۡ تَكُن لَّهُۥ فِئَةٞ يَنصُرُونَهُۥ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَمَا كَانَ مُنتَصِرًا
بۇ كاپىرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان ھېچبىر جامائە بولمىدى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ جامائەسى بىلەن پەخىرلىنەتتى. ئەمما ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ بېغىنى ھالاك قىلىۋېتىشىگە دال بولالمىدى.
تفسیرهای عربی:
هُنَالِكَ ٱلۡوَلَٰيَةُ لِلَّهِ ٱلۡحَقِّۚ هُوَ خَيۡرٞ ثَوَابٗا وَخَيۡرٌ عُقۡبٗا
بۇنداق ۋاقىتتا ياردەم پەقەت يېگانە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئۇ بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاكتۇركى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇئمىن دوستلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر. ئۇ مۇئمىنلەرگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئەڭ ياخشى نەتىجە شۇلارغا مەنسۇپتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱضۡرِبۡ لَهُم مَّثَلَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَآءٍ أَنزَلۡنَٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخۡتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلۡأَرۡضِ فَأَصۡبَحَ هَشِيمٗا تَذۡرُوهُ ٱلرِّيَٰحُۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ مُّقۡتَدِرًا
ئەي پەيغەمبەر! دۇنياغا مەپتۇن بولغانلارغا مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرگىن: دۇنيا ئۆتكۈنچىلىكى ۋە ئىنتايىن تېز يوقۇلۇشىدا بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇر سۈيىگە ئوخشايدۇكى، بۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئۈنۈپ، باراقسانلىشىدۇ. ئاندىن بۇ ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ پارچىلىرىنى شاماللار تەرەپ - تەرەپكە ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە زېمىن ئەسلىدىكى (قۇرۇق) ھالىتىگە قايتىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، ئۇ خالىغىنىنى ياشنىتىدۇ، خالىغىنىنى يوق قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• على المؤمن ألا يستكين أمام عزة الغني الكافر، وعليه نصحه وإرشاده إلى الإيمان بالله، والإقرار بوحدانيته، وشكر نعمه وأفضاله عليه.
مۇئمىن كىشى باي كاپىرنىڭ چوڭچىلىقى ئالدىدا بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالماي، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشى ھەمدە ئۇنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا، ئاللاھنىڭ نئېمەتلىرىگە ۋە ئىلتىپاتلىرىغا شۈكۈر ئېيتىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

• ينبغي لكل من أعجبه شيء من ماله أو ولده أن يضيف النعمة إلى مُولِيها ومُسْدِيها بأن يقول: ﴿ما شاءَ اللهُ لا قُوَّةَ إلَّا بِاللهِ﴾.
مال - ۋارانلىرى ۋە بالا - چاقىلىرىدىن ئەجەبلىنىپ قالغان كىشىنىڭ: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئۇنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى، دېيىش ئارقىلىق بۇ نېئمەتلەرنى ئەسلى ئىگىسى ۋە ئاتا قىلغۇچىغا نىسبەت بېرىشى كېرەك.

• إذا أراد الله بعبد خيرًا عجل له العقوبة في الدنيا.
ئاللاھ بىرەر بەندىگە ياخشىلىقنى خالىسا ئۇنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىدۇ.

• جواز الدعاء بتلف مال من كان ماله سبب طغيانه وكفره وخسرانه.
مال - مۈلكى ھەددىدىن ئېشىشىغا، تۇزكورلۇق قىلىشىغا ھەمدە زىيانكارلىققا سەۋەب بولغان كىشىنىڭ مېلىنىڭ ھالاكىتىگە دۇئا قىلىش دۇرۇس.

ٱلۡمَالُ وَٱلۡبَنُونَ زِينَةُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَٱلۡبَٰقِيَٰتُ ٱلصَّٰلِحَٰتُ خَيۡرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابٗا وَخَيۡرٌ أَمَلٗا
مال - ۋارانلار ۋە بالا - چاقىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىنمىغان ماللارنىڭ ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ رازى بولىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەر دۇنيانىڭ ھەر قانداق زىننىتىدىن كۆپ ياخشىدۇر، شۇنداقلا ئىنسان ئۈمىد قىلىدىغان بارچە نەرسىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ئۆتكۈنچىدۇر، ئەمما ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەڭگۈ قالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَوۡمَ نُسَيِّرُ ٱلۡجِبَالَ وَتَرَى ٱلۡأَرۡضَ بَارِزَةٗ وَحَشَرۡنَٰهُمۡ فَلَمۡ نُغَادِرۡ مِنۡهُمۡ أَحَدٗا
بىز تاغلارنى ئورۇنلىرىدىن يوق قىلىۋېتىدىغان، زېمىنلارنىڭ ئۈستىدىكى تاغلار، دەل - دەرەخلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنى يوق قىلىپ تۈپتۈز قېلىۋىتىدىغان كۈننى ئەسلىگىن. ئۇ كۈندە بىز بارلىق مەخلۇقاتلارنى توپلايمىز، ئۇلاردىن ھېچ بىرىنى چالا قويمايمىز.
تفسیرهای عربی:
وَعُرِضُواْ عَلَىٰ رَبِّكَ صَفّٗا لَّقَدۡ جِئۡتُمُونَا كَمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةِۭۚ بَلۡ زَعَمۡتُمۡ أَلَّن نَّجۡعَلَ لَكُم مَّوۡعِدٗا
پۈتكۈل خالايىق سەپ - سەپ بولۇپ پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ. ئۇلارغا: ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، يەنى يالغۇز، يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ۋە خەتنە قىلىنمىغان پېتى كەلدىڭلار. بەلكى سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز، بىزنى سىلەرگە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان بىرەر ۋاقىت ۋە ئورۇن ھازىرلىيالمايدۇ، دەپ ئويلايتتىڭلار، دېيىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَوُضِعَ ٱلۡكِتَٰبُ فَتَرَى ٱلۡمُجۡرِمِينَ مُشۡفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَٰوَيۡلَتَنَا مَالِ هَٰذَا ٱلۡكِتَٰبِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةٗ وَلَا كَبِيرَةً إِلَّآ أَحۡصَىٰهَاۚ وَوَجَدُواْ مَا عَمِلُواْ حَاضِرٗاۗ وَلَا يَظۡلِمُ رَبُّكَ أَحَدٗا
نامە - ئەمال دەپتەرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر نامە - ئەمالىنى ئوڭ قولى بىلەن ئالىدۇ، يەنە بىر قىسمى سول قولى بىلەن ئالىدۇ. ئەي ئىنسان! كاپىرلارنىڭ نامە - ئەمالىغا قاراپ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى بىلىدۇ. ئۇلار: ۋاي ئېسىت بىزگە! بىز تۈگەشتۇق. بۇ نامە - ئەمال دەپتىرى بىزنىڭ چوڭ - كىچىك بارلىق ئەمەللىرىمىزنى بىرىنىمۇ قويماي تولۇق خاتىرىلەپتۇغۇ؟ دېيىشىدۇ. ئۇلار دۇنيادا قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنىڭ ئېنىق خاتىرىلەنگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ، ھېچكىمنى سەۋەبسىز جازالىمايدۇ، ئىتائەت قىلغۇچىنىڭ تائىتىنىڭ ئەجرىنى قىلچە كېمەيتىۋەتمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ كَانَ مِنَ ٱلۡجِنِّ فَفَسَقَ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِۦٓۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُۥ وَذُرِّيَّتَهُۥٓ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِي وَهُمۡ لَكُمۡ عَدُوُّۢۚ بِئۡسَ لِلظَّٰلِمِينَ بَدَلٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: ئادەمگە ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار دېدۇق. پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس پەرىشتىلەر تىپىدىن ئەمەس، بەلكى جىنلار تىپىدىن بولغاچقا تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، نەتىجىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتتى. ئەي ئىنسانلار! سىلەر مېنى قويۇپ، ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار تۇرسا، قانداقسىگە دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتىسىلەر؟ زالىملارنىڭ ئاللاھنى دوست تۇتقاننىڭ ئورنىغا شەيتاننى دوست تۇتقان قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
تفسیرهای عربی:
۞ مَّآ أَشۡهَدتُّهُمۡ خَلۡقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَا خَلۡقَ أَنفُسِهِمۡ وَمَا كُنتُ مُتَّخِذَ ٱلۡمُضِلِّينَ عَضُدٗا
سىلەر مېنى قويۇپ دوست تۇتۇۋالغان ئاشۇ شەيتانلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش مېنىڭ قۇللىرىمدۇر. مەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋاقتىمدا ئۇلارنى شاھىت قىلمىغان ئىدىم. ئەكسىچە ئۇلار ئۇ چاغدا يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىنىڭ يارىتىلىشىغىمۇ گۇۋاھچى قىلغىنىم يوق.مەن يارىتىش ۋە پىلانلاشتا يالغۇزمەن. مەن ئىنسان ۋە شەيتانلاردىن بولغان ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق، چۈنكى مەن ياردەمچىلەردىن بىھاجەتمەن.
تفسیرهای عربی:
وَيَوۡمَ يَقُولُ نَادُواْ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُمۡ فَدَعَوۡهُمۡ فَلَمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَهُمۡ وَجَعَلۡنَا بَيۡنَهُم مَّوۡبِقٗا
ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنىنى ئەسلىگىن، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەن بەدبەختلەرگە: سىلەر دۇنيادا مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ بىلجىرلىغان شېرىكلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شېرىكلىرىنى چاقىرىدۇ، لېكىن شېرىكلىرى ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ ھەم ئۇلارغا ياردەممۇ بېرەلمەيدۇ. بىز چوقۇنغۇچىلار بىلەن مەبۇدلار ئارىسىدا ئورتاق بىر ھالاكەتنى قىلدۇقكى، ئۇ بولسىمۇ جەھەننەمدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَرَءَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ ٱلنَّارَ فَظَنُّوٓاْ أَنَّهُم مُّوَاقِعُوهَا وَلَمۡ يَجِدُواْ عَنۡهَا مَصۡرِفٗا
مۇشرىكلار دوزاخنى ئاشكارا كۆرگەندە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ. لېكىن ئۇلار دوزاختىن قېچىپ بارىدىغان باشقا جاي تاپالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• على العبد الإكثار من الباقيات الصالحات، وهي كل عمل صالح من قول أو فعل يبقى للآخرة.
بەندە ساۋابى مەڭگۈ قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك. ئۇ ئەمەللەر بولسا ئاخىرەت ئۈچۈن قېپقالىدىغان گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتتىن ئىبارەت ھەر قانداق ياخشى ئەمەلدۇر.

• على العبد تذكر أهوال القيامة، والعمل لهذا اليوم حتى ينجو من أهواله، وينعم بجنة الله ورضوانه.
بەندە قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى ئەسلىشى، نىھايەت ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھنىڭ نېئمىتى ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاشۇ كۈننىڭ ئەمىلىنى قىلىشى كېرەك.

• كَرَّم الله تعالى أبانا آدم عليه السلام والجنس البشري بأجمعه بأمره الملائكة أن تسجد له في بدء الخليقة سجود تحية وتكريم.
ئاللاھ تائالا خالايىقلارنى دەسلەپ ياراتقاندا پەرىشتىلەرنى ئاتىمىز ئادەمگە ھۆرمەت سەجدىسى قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق ئاتىمىز ئادەمنى ۋە بارچە ئىنسان تىپىنى ھۆرمەتلىك قىلغان.

• في الآيات الحث على اتخاذ الشيطان عدوًّا.
بۇ ئايەتلەردە شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش بار.

وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لِلنَّاسِ مِن كُلِّ مَثَلٖۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ أَكۡثَرَ شَيۡءٖ جَدَلٗا
بىز ئىنسانلارنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئاندا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، لېكىن ئىنسان -بولۇپمۇ كاپىرلار- ئاساسسىز دەتالاشنى كۆپ قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا مَنَعَ ٱلنَّاسَ أَن يُؤۡمِنُوٓاْ إِذۡ جَآءَهُمُ ٱلۡهُدَىٰ وَيَسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّهُمۡ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمۡ سُنَّةُ ٱلۡأَوَّلِينَ أَوۡ يَأۡتِيَهُمُ ٱلۡعَذَابُ قُبُلٗا
بويۇنتاۋ كاپىرلار بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ ئارىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەشنىڭ ئارىسىنى توسۇۋالغان نەرسە ھەرگىزمۇ كونكرېت باياننىڭ كەملىكى ئەمەس. چۈنكى قۇرئاندا ئۇلارغا نۇرغۇن مىساللار بايان قىلىندى، ئۇلارغا روشەن دەلىل - پاكىتلار كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى توسۇپ قالغىنى ئۇلارنىڭ -تار يەردە قىستاش مەقسىتىدە- ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە چۈشكەن ئازابنى ئۆزلىرىگىمۇ چۈشۈرۈشنى ھەمدە ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمَا نُرۡسِلُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَۚ وَيُجَٰدِلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِٱلۡبَٰطِلِ لِيُدۡحِضُواْ بِهِ ٱلۡحَقَّۖ وَٱتَّخَذُوٓاْ ءَايَٰتِي وَمَآ أُنذِرُواْ هُزُوٗا
بىز قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسەك، ئۇنى پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ئىتائەت قىلغانلارغا خۇشخەۋەر بەرگۈچى، كاپىر ۋە ئاسىيلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. پەيغەمبەرلەرنىڭ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى باشقۇرۇپ، ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدىغان ھوقۇقى يوق. ئاللاھقا كاپىر بولغانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ دەلىللىرى شۇنچىۋالا روشەن تۇرسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ سەپسەتىلىرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ھەقنى يوقاتقىلى، قۇرئاننى ھەمدە ئۇلار تەھدىت قىلىنغان ئازابنى كۈلكە - چاقچاققا ئايلاندۇرغىلى بولارمىكىن دەپ ئۇلار بىلەن دەتالاش قىلىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِۦ فَأَعۡرَضَ عَنۡهَا وَنَسِيَ مَا قَدَّمَتۡ يَدَاهُۚ إِنَّا جَعَلۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ أَكِنَّةً أَن يَفۡقَهُوهُ وَفِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٗاۖ وَإِن تَدۡعُهُمۡ إِلَى ٱلۡهُدَىٰ فَلَن يَهۡتَدُوٓاْ إِذًا أَبَدٗا
پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا، ئۇنىڭدىكى ئازاب تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماستىن پەند - نەسىھەت ئېلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن ھەمدە دۇنيا ھاياتىدا قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ، تەۋبە قىلمىغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ شەكسىزكى بىز مۇشۇنداق سۈپەتلىك كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە قۇرئاننى چۈشىنىشتىن چەكلەيدىغان پەردىلەرنى قىلدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتۇق، شۇڭا ئۇلار قۇرئاننى قوبۇل قىلىدىغان تەرزدە ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشقا چاقىرساڭمۇ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پەردىلەر، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىقلا بولىدىكەن، ئۇلار سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ھەرگىز ئاۋاز قوشمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَرَبُّكَ ٱلۡغَفُورُ ذُو ٱلرَّحۡمَةِۖ لَوۡ يُؤَاخِذُهُم بِمَا كَسَبُواْ لَعَجَّلَ لَهُمُ ٱلۡعَذَابَۚ بَل لَّهُم مَّوۡعِدٞ لَّن يَجِدُواْ مِن دُونِهِۦ مَوۡئِلٗا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئىنكار قىلغان يالغانچىلارغا ئازابنىڭ تېزراق كېلىشىگە ئىنتىزار بوپكەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەۋبە قىلغۇچى بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گۇناھكارلارغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىشىمۇ ئۇنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ ئاسىيلارنى جازالايدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىلا جازالايتتى. لېكىن ئاللاھ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان، رەھىمدىل بولغاچقا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئازابنى كېچىكتۈردى. ئۇلار ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت ھەم ئورۇن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلمىسا شۇ چاغدا كۇپرى ۋە يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىتا جازالىنىدۇ. ئۇلار ھەرگىز ئاللاھتىن باشقا سىغىنىدىغان پاناھگاھ تاپالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَتِلۡكَ ٱلۡقُرَىٰٓ أَهۡلَكۡنَٰهُمۡ لَمَّا ظَلَمُواْ وَجَعَلۡنَا لِمَهۡلِكِهِم مَّوۡعِدٗا
سىلەرگە يېقىن بولغان ئاشۇ كاپىر ئاھالىلىرى ھۇد، سالىھ ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىنىڭ ئاھالىلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغدا ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتتۇق.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِفَتَىٰهُ لَآ أَبۡرَحُ حَتَّىٰٓ أَبۡلُغَ مَجۡمَعَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ أَوۡ أَمۡضِيَ حُقُبٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزمەتكارى يۇشەئ ئىبنى نۇنغا: مەن تاكى ئىككى دېڭىز قوشۇلغان جايغا بارغانغا قەدەر مېڭىشنى توختاتمايمەن ياكى سالىھ بەندىگە ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغانغا قەدەر ئۇزاققىچە ماڭىمەن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَلَمَّا بَلَغَا مَجۡمَعَ بَيۡنِهِمَا نَسِيَا حُوتَهُمَا فَٱتَّخَذَ سَبِيلَهُۥ فِي ٱلۡبَحۡرِ سَرَبٗا
شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى يولغا چىقىپ، ئىككى دېڭىز قوشۇلىدىغان جايغا يېتىپ بارغاندا ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىكى بولغان بېلىقنى ئۇنتۇپ قالدى. ئاللاھ بېلىقنى تىرىلدۈردى، بېلىق خۇددى تونېلغا كىرگەندەك دېڭىزغا يول ئالدى، سۇ بىلىققا يېپىشمايتتى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• عظمة القرآن وجلالته وعمومه؛ لأن فيه كل طريق موصل إلى العلوم النافعة، والسعادة الأبدية، وكل طريق يعصم من الشر.
قۇرئان كەرىم ناھايتى كاتتا، ئۇلۇغ ھەم ئومۇمىيدۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە پايدىلىق ئىلىملەرگە ۋە مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە يەتكۈزىدىغان ھەمدە يامانلىقتىن ساقلايدىغان ھەر قانداق چارە بار.

• من حكمة الله ورحمته أن تقييضه المبطلين المجادلين الحق بالباطل من أعظم الأسباب إلى وضوح الحق، وتبيُّن الباطل وفساده.
ئاساسسىز سەپسەتىلىرى بىلەن ھەق توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقۇچىلارغا ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدىغان، باتىلنى ۋە ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ئەڭ بۈيۈك ۋاسىتىلەرنى مۇسەللەت قىلىشى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە رەھمىتىدىندۇر.

• في الآيات من التخويف لمن ترك الحق بعد علمه أن يحال بينه وبين الحق، ولا يتمكن منه بعد ذلك، ما هو أعظم مُرَهِّب وزاجر عن ذلك.
بۇ ئايەتلەردە ھەقىقەتنى بىلىپ بولۇپ ئۇنى تاشلىۋەتكەن ئادەم بىلەن ھەقىقەت ئارىسىدا توساق قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي ھەقىقەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى بىلەن قورقۇتۇش بار. بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق تەھدىت! نېمىدېگەن ئېغىر چەكلىمە!

• فضيلة العلم والرحلة في طلبه، واغتنام لقاء الفضلاء والعلماء وإن بعدت أقطارهم.
ئىلىم ۋە ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىش، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ پەزىلەتلىك كىشىلەر ۋە ئۆلىمالار بىلەن ئۇچرىشىشنى غەنىمەت بىلىش پەزىلەتتۇر.

• الحوت يطلق على السمكة الصغيرة والكبيرة ولم يرد في القرآن لفظ السمك، وإنما ورد الحوت والنون واللحم الطري.
ھۇت دېگەن سۆز چوڭ - كىچىك بېلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە «سەمەك» دېگەن ئىسىم كەلمىگەن، پەقەت ھۇت، نۇن ۋە يېڭى گۆش دېگەن ئىسىملار كەلگەن.

فَلَمَّا جَاوَزَا قَالَ لِفَتَىٰهُ ءَاتِنَا غَدَآءَنَا لَقَدۡ لَقِينَا مِن سَفَرِنَا هَٰذَا نَصَبٗا
ئۇلار ئىككى دەريا قوشۇلىدىغان جايدىن ئۆتكەندە مۇسائەلەيھىسسالام خىزمەتكارىغا: ناشتىلىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن بەك چارچاپ كەتتۇق، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ أَرَءَيۡتَ إِذۡ أَوَيۡنَآ إِلَى ٱلصَّخۡرَةِ فَإِنِّي نَسِيتُ ٱلۡحُوتَ وَمَآ أَنسَىٰنِيهُ إِلَّا ٱلشَّيۡطَٰنُ أَنۡ أَذۡكُرَهُۥۚ وَٱتَّخَذَ سَبِيلَهُۥ فِي ٱلۡبَحۡرِ عَجَبٗا
خىزمەتكار: بىز تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن ئىشتىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ مەن بېلىقنىڭ ئىشىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بېلىقنىڭ ۋەقەسىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىشنى ماڭا پەقەت شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. بېلىق تىرىلىپ، سېۋەتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، دېڭىزغا ئاجايىپ يول ئالغانتى، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ ذَٰلِكَ مَا كُنَّا نَبۡغِۚ فَٱرۡتَدَّا عَلَىٰٓ ءَاثَارِهِمَا قَصَصٗا
مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزمەتكارىغا: بىز بارماقچى بولغان يەر شۇ، بېلىقنىڭ ئىشى سالىھ بەندىنىڭ جايىنىڭ ئالامىتى، دېدى - دە، ئىككەيلەن ھېلىقى تاشنىڭ قېشىغا، تاشتىن بېلىق دېڭىزغا كىرىپ كەتكەن يەرگىچە يېتىپ بارغانغا قەدەر يولدىن ئېزىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كەلگەن يولى بىلەن قايتتى.
تفسیرهای عربی:
فَوَجَدَا عَبۡدٗا مِّنۡ عِبَادِنَآ ءَاتَيۡنَٰهُ رَحۡمَةٗ مِّنۡ عِندِنَا وَعَلَّمۡنَٰهُ مِن لَّدُنَّا عِلۡمٗا
بۇ ئىككەيلەن بېلىقىنى يوقىتىپ قويغان جايغا كەلگەندە بىزنىڭ سالىھ بەندىلىرىمىزدىن بىرىنى تاپتى، بىز ئۇ بەندىمىزگە ھۇزۇرىمىزدىن رەھمەت ئاتا قىلدۇق. ئۇنىڭغا كىشىلەر خەۋەردار بولالمايدىغان ئىلىمنى ئۆگەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئىلىم بولسا مۇشۇ ۋەقەلىك ئۆز ئىچىگە ئالغان ھادىسىدۇر.
تفسیرهای عربی:
قَالَ لَهُۥ مُوسَىٰ هَلۡ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰٓ أَن تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمۡتَ رُشۡدٗا
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كەمتەرلىك ۋە مۇلايىملىق بىلەن: ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن، ھەقكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ إِنَّكَ لَن تَسۡتَطِيعَ مَعِيَ صَبۡرٗا
خىزىر ئېيتتى: سەن مېنىڭ بىلگىنىمدىن كۆرىدىغانلىرىڭغا ھەرگىز چىداپ بولالمايسەن، چۈنكى ئۇ ئىشلار سېنىڭ بىلىدىغانلىرىڭغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَكَيۡفَ تَصۡبِرُ عَلَىٰ مَا لَمۡ تُحِطۡ بِهِۦ خُبۡرٗا
سەن توغرا تەرىپىنى بىلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرسەڭ قانداقمۇ چىداپ تۇرالايسەن؟ چۈنكى سەن ئىشلارغا ئۆزۈڭ بىلگىنىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغان تۇرساڭ؟
تفسیرهای عربی:
قَالَ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ صَابِرٗا وَلَآ أَعۡصِي لَكَ أَمۡرٗا
مۇسا ئېيتتى: ئاللاھ خالىسا سېنىڭ ئىشلىرىڭدىن كۆرگەنلىرىمگە سەۋر قىلىپ، ساڭا بويسۇنىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن، سەن مېنى بۇيرۇغان ھېچبىر ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلمايمەن.
تفسیرهای عربی:
قَالَ فَإِنِ ٱتَّبَعۡتَنِي فَلَا تَسۡـَٔلۡنِي عَن شَيۡءٍ حَتَّىٰٓ أُحۡدِثَ لَكَ مِنۡهُ ذِكۡرٗا
خىزىر مۇساغا: ئەمىسە ماڭا ئەگىشىدىغان بولساڭ، تاكى مەن سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەنگە قەدەر مەندىن كۆرگەن ھېچبىر ئىش ھەققىدە بىر نەرسە سورىمايسەن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَا رَكِبَا فِي ٱلسَّفِينَةِ خَرَقَهَاۖ قَالَ أَخَرَقۡتَهَا لِتُغۡرِقَ أَهۡلَهَا لَقَدۡ جِئۡتَ شَيۡـًٔا إِمۡرٗا
ئىكككىسى شۇنداق كېلىشكەندىن كېيىن دېڭىز ساھىلىغا باردى. ئۇ يەردە بىر كېمىنى ئۇچرىتىپ، خىزىرنىڭ يۈزى بىلەن كېمىگە كىراسىز چىقىۋېلىشتى. ئاندىن خىزىر كېمىنىڭ بىر تاختىيىنى قومۇرۇۋېتىپ، كېمىنى تۆشۈك قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇنىڭغا: كېمىچىلەر بىزنى بىكارغا ئېلىۋالسا، سەن ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق بولسۇن دەپ كېمىنى تېشىۋەتتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدۈڭ، دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ أَلَمۡ أَقُلۡ إِنَّكَ لَن تَسۡتَطِيعَ مَعِيَ صَبۡرٗا
خىزىر مۇساغا: مەن ساڭا مەندىن كۆرگەنلىرىڭگە ھەرگىز چىداپ بولالمايسەن دېمىدىممۇ؟ دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ لَا تُؤَاخِذۡنِي بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرۡهِقۡنِي مِنۡ أَمۡرِي عُسۡرٗا
مۇسا خىزىرغا: ئۇنتۇپ قېلىپ ساڭا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىغىنىم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمىگىن، ساڭا ھەمراھ بولۇشتا مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىغىن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَا لَقِيَا غُلَٰمٗا فَقَتَلَهُۥ قَالَ أَقَتَلۡتَ نَفۡسٗا زَكِيَّةَۢ بِغَيۡرِ نَفۡسٖ لَّقَدۡ جِئۡتَ شَيۡـٔٗا نُّكۡرٗا
ئىككىسى كېمىدىن چۈشكەندىن كېيىن دېڭىز ساھىلىدا كېتىۋېتىپ، تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بىر بالىنى كۆردى، ئۇ بالا باشقا بالىلار بىلەن ئويناۋاتاتتى. خىزىر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا: تېخى بالاغەتكىمۇ يەتمىگەن، پاك بىر جاننى ھېچبىر گۇناھسىزلا ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ؟ سەن ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلدىڭ، دېدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• استحباب كون خادم الإنسان ذكيًّا فطنًا كَيِّسًا ليتم له أمره الذي يريده.
خىزمەتكار خوجىسىنىڭ خىزمىتىنى كۆڭلىدىكىدەك بەجا كەلتۈرەلىشى ئۈچۈن ھوشيار، زېرەك ھەم ئەقىللىق بولغىنى ياخشى.

• أن المعونة تنزل على العبد على حسب قيامه بالمأمور به، وأن الموافق لأمر الله يُعان ما لا يُعان غيره.
شەكسىزكى بەندىگە كېلىدىغان ياردەم بۇيرۇلغاننى ئورۇندىغىنىغا قاراپ بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئۇيغۇن ئىش قىلغۇچى باشقىلار ئېرىشەلمىگەن ياردەمگە ئېرىشىدۇ.

• التأدب مع المعلم، وخطاب المتعلم إياه ألطف خطاب.
ئۆگەتكۈچىنىڭ ئالدىدا ئەدەبلىك بولۇش، ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىغا ئەڭ مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىشى كېرەك.

• النسيان لا يقتضي المؤاخذة، ولا يدخل تحت التكليف، ولا يتعلق به حكم.
ئۇنتۇپ قىلىش جازانى تېگىشلىك قىلمايدۇ، مەجبۇرىيەت دائىرىسىگىمۇ كىرمەيدۇ، ئۇنىڭغا ھۆكۈممۇ بېرىلمەيدۇ.

• تعلم العالم الفاضل للعلم الذي لم يَتَمَهَّر فيه ممن مهر فيه، وإن كان دونه في العلم بدرجات كثيرة.
پەزىلەتلىك ئالىملارنىڭمۇ ئۆزى پىشىپ يېتىلمىگەن ئىلىمنى، گەرچە ئۆزىدىن ئومۇمىي ئىلىمدە كۆپ تۆۋەن كىشى بولغان تەقدىردىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك.

• إضافة العلم وغيره من الفضائل لله تعالى، والإقرار بذلك، وشكر الله عليها.
ئىلىمنى ۋە باشقا پەزىلەتلەرنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىش، ئۇنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىش كېرەك.

۞ قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكَ إِنَّكَ لَن تَسۡتَطِيعَ مَعِيَ صَبۡرٗا
خىزىر مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: مەن ساڭا ئېيتقانتىم ئى مۇسا! ھەقىقەتەن .سەن مېنىڭ قېلىۋاتقان ئىشلىرىمغا سەۋىر قىلىپ تۇرالمايسەن
تفسیرهای عربی:
قَالَ إِن سَأَلۡتُكَ عَن شَيۡءِۭ بَعۡدَهَا فَلَا تُصَٰحِبۡنِيۖ قَدۡ بَلَغۡتَ مِن لَّدُنِّي عُذۡرٗا
مۇسا ئەلەيھىسسالام: مۇشۇ قېتىمدىن كېيىن سەندىن بىر نەرسە سورىسام مەندىن ئايرىلغىن، ھەقىقەتەن مەن سېنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشنى تەرك قىلىشىڭدا ئۈزۈر ئېيتىشنىڭ ئەڭ چېكىگە يەتتىم، مەن ئۈچ قېتىم ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم، دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَآ أَتَيَآ أَهۡلَ قَرۡيَةٍ ٱسۡتَطۡعَمَآ أَهۡلَهَا فَأَبَوۡاْ أَن يُضَيِّفُوهُمَا فَوَجَدَا فِيهَا جِدَارٗا يُرِيدُ أَن يَنقَضَّ فَأَقَامَهُۥۖ قَالَ لَوۡ شِئۡتَ لَتَّخَذۡتَ عَلَيۡهِ أَجۡرٗا
ئىككەيلەن بىرگە مېڭىپ بىر يۇرتقا يېتىپ كەلدى، يۇرت ئەھلىدىن يېمەكلىك سورىدى، ئۇلار بۇ ئىككەيلەنگە يېمەك بېرىشكە ئۇنىمىدى، مېھمان قىلىش ھەققىنى ئادا قىلمىدى. بۇ ئىككەيلەن بۇ يۇرتتا ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپلا قالغان بىر تامنى ئۇچۇراتتى، خىزىر بۇ تامنى راۋرۇس قىلىپ قويدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزىرغا:ئەگەر خالىساڭ تامنى تۈزەپ قويغانغا ئىش ھەققى ئالغان بولساڭ، ئۇلار بىزنى مېھمان قىلمىغاندىكىن ھاجىتىمىزنى قامدايتتۇق دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ هَٰذَا فِرَاقُ بَيۡنِي وَبَيۡنِكَۚ سَأُنَبِّئُكَ بِتَأۡوِيلِ مَا لَمۡ تَسۡتَطِع عَّلَيۡهِ صَبۡرًا
خىزىر مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: تامنى ئوڭشاپ قويغانغا ئىش ھەققى ئالمىغانلىقىمغا ئىتىراز بىلدۈرۈشۈڭنىڭ ئۆزى سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىدىغان ۋاقتىمىزدۇر. مەن ساڭا مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرۈپ سەۋىر قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن دېدى.
تفسیرهای عربی:
أَمَّا ٱلسَّفِينَةُ فَكَانَتۡ لِمَسَٰكِينَ يَعۡمَلُونَ فِي ٱلۡبَحۡرِ فَأَرَدتُّ أَنۡ أَعِيبَهَا وَكَانَ وَرَآءَهُم مَّلِكٞ يَأۡخُذُ كُلَّ سَفِينَةٍ غَصۡبٗا
سەن مېنىڭ تېشىۋەتكەنلىكىمنى ئىنكار قىلغان كېمىگە كەلسەك، بۇ كېمە دېڭىزدا ئىشلەيدىغان كەمبەغەل ئىشلەمچىلەرنىڭ كېمىسى بولۇپ، ئۇلار كېمىسىنى قوغدىيالمايتتى، ئۇلار ماڭىدىغان يولدا بىر زالىم پادىشاھ بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەرقانداق ساق كېمىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالاتتى، ئەيىپلىك كېمە بولسا تارتىۋالمايتتى، پادىشاھنىڭ ئېلىۋالماسلىقى ئۈچۈن مەن ئۇلارنىڭ كېمىسىنى تېشىپ ئەيىپلىك قىلىپ قويدۇم.
تفسیرهای عربی:
وَأَمَّا ٱلۡغُلَٰمُ فَكَانَ أَبَوَاهُ مُؤۡمِنَيۡنِ فَخَشِينَآ أَن يُرۡهِقَهُمَا طُغۡيَٰنٗا وَكُفۡرٗا
سەن مېنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىمنى ئىنكار قىلغان بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مۆئمىن بولۇپ، ئۇ بالا ئاللاھنىڭ ئىلمىدە كاپىر ئېدى، ئۇ بالىنىڭ چوڭ بولۇپ ھەددىدىن ئېشىپ ئاتا-ئانىسىنى كۇپىرغا ئېلىپ بېرىشىدىن ئەنسىرىدۇق. ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ئۇ بالىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ياكى .ئۇ بالىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقىدىن ئەگىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدۇق
تفسیرهای عربی:
فَأَرَدۡنَآ أَن يُبۡدِلَهُمَا رَبُّهُمَا خَيۡرٗا مِّنۡهُ زَكَوٰةٗ وَأَقۡرَبَ رُحۡمٗا
بىز ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا، ئاللاھنىڭ ئۇ بالىدىنمۇ دىندار، سالىھ، گۇناھدىن پاك ۋە ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان بىر بالىنى ئالماشتۇرۇپ .بېرىشىنى خالىدۇق
تفسیرهای عربی:
وَأَمَّا ٱلۡجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَٰمَيۡنِ يَتِيمَيۡنِ فِي ٱلۡمَدِينَةِ وَكَانَ تَحۡتَهُۥ كَنزٞ لَّهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَٰلِحٗا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَن يَبۡلُغَآ أَشُدَّهُمَا وَيَسۡتَخۡرِجَا كَنزَهُمَا رَحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَۚ وَمَا فَعَلۡتُهُۥ عَنۡ أَمۡرِيۚ ذَٰلِكَ تَأۡوِيلُ مَا لَمۡ تَسۡطِع عَّلَيۡهِ صَبۡرٗا
مەن ئوڭشاپ قويغان ۋە سەن مېنىڭ ئوڭشىغىنىمنى ئىنكار قىلغان تامغا كەلسەك، بۇ بىز كەلگەن يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى كىچىك بالىنىڭ ئېدى، بۇ تامنىڭ ئاستىدا كۆمۈلگەن مال-دۇنيا بار ئېدى. بۇ ئىككى كىچىك بالىنىڭ دادىسى ياخشى كىشى ئېدى. ئى مۇسا! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بۇ بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ توغرا ئىش قىلىدىغان يېشىغا يەتكەندە تامنىڭ ئاستىدىن كۆمۈلگەن مالنى چېقىرىپ بېرىشنى خالىدى. ئەگەر تام ھازىر چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئىككى بالىنىڭ مېلى باشقىلار تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرايتتى. بۇ تەدبىر سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىككى بالىغا بولغان رەھمىتىدىن، مەن ئۆز تېرىشچانلىقىم بىلەن ئىش قىلمىدىم، بۇ سەن سەۋىر قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئىشنىڭ ماھىيىتىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَن ذِي ٱلۡقَرۡنَيۡنِۖ قُلۡ سَأَتۡلُواْ عَلَيۡكُم مِّنۡهُ ذِكۡرًا
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مۇشرىكلار ۋە يەھۇدىيلار زۇلقەرنەيننىڭ ساھىبى توغرىسىدىكى خەۋەرنى چوڭ بېلىپ سەندىن سورايدۇ، ئۇلارغا: مەن سىلەرگە سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ۋە ۋەز-نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن زۇلقەرنەيننىڭ خەۋىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى سۆزلەپ بېرىمەن، دېگىن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب التأني والتثبت وعدم المبادرة إلى الحكم على الشيء.
بىر ئىشنى تولۇق بېكىتىپ بولمىغۇچە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشقا ئالدىرماسلىق لازىم.

• أن الأمور تجري أحكامها على ظاهرها، وتُعَلق بها الأحكام الدنيوية في الأموال والدماء وغيرها.
مال-مۈلۈك ۋە جانغا ئالاقىدار بولغان دۇنيالىق ئىشلاردىكى ھۆكۈملەر، ئىشنىڭ سېرتقى كۆرۈنىشىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

• يُدْفَع الشر الكبير بارتكاب الشر الصغير، ويُرَاعَى أكبر المصلحتين بتفويت أدناهما.
چوڭ يامان ئىش كىچىك يامان ئىش سادىر قىلىش بىلەن مۇداپىئە قىلىنىدۇ، ئىككى پايدىلىق ئىشنىڭ كىچىكىنى يوق قېلىۋېتىش بىلەن .چوڭراقىغا رىئايە قېلىنىدۇ

• ينبغي للصاحب ألا يفارق صاحبه ويترك صحبته حتى يُعْتِبَه ويُعْذِر منه.
ھەمرا بولغۇچىنىڭ ئۆز ھەمراسىدىن ئايرىلىشنىڭ سەۋەب-مەقسەتلىرىنى بايان قىلماستىن تۇيۇقسىز ئۇنى تاشلاپ كېتىشى توغرا .بولمايدۇ

• استعمال الأدب مع الله تعالى في الألفاظ بنسبة الخير إليه وعدم نسبة الشر إليه .
ئاللاھقا ياخشىلىقنى نىسبەت بېرىش ۋە يامانلىقنى نىسبەت بەرمەسلىكتە، ئاللاھنى شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق سۆزلەرنى ئېشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

• أن العبد الصالح يحفظه الله في نفسه وفي ذريته.
ھەقىقەتەن ئاللاھ سالىھ كىشىنىڭ ئۆزىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى مۇھاپىزەت .قىلىدۇ

إِنَّا مَكَّنَّا لَهُۥ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَءَاتَيۡنَٰهُ مِن كُلِّ شَيۡءٖ سَبَبٗا
بىز ئۇنىڭغا زېمىندا ئىمكانىيەت بەردۇق، ئۇنىڭ تەلىپىگە ئالاقىدار بولغان .ۋە ئۇنى مەقسىدىگە يەتكۈزىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بەردۇق
تفسیرهای عربی:
فَأَتۡبَعَ سَبَبًا
زۇلقەرنەين، بىز ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇنىڭ مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان بارلىق .ۋاستىلەرنى ئېلىپ غەرپكە يول ئالدى
تفسیرهای عربی:
حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ مَغۡرِبَ ٱلشَّمۡسِ وَجَدَهَا تَغۡرُبُ فِي عَيۡنٍ حَمِئَةٖ وَوَجَدَ عِندَهَا قَوۡمٗاۖ قُلۡنَا يَٰذَا ٱلۡقَرۡنَيۡنِ إِمَّآ أَن تُعَذِّبَ وَإِمَّآ أَن تَتَّخِذَ فِيهِمۡ حُسۡنٗا
زۇلقەرنەين زېمىندا يۈرۈپ كۈن پېتىش تەرەپتىن زېمىننىڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەندە، قۇياشنىڭ قارالايلىق ئىسسىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، كۈن پاتىدىغان جايدا بىر بۆلۈك كاپىر قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز ئۇنىڭغا تاللاش ئىختىيارلىقىنى بېرىپ: ئى زۇلقەرنەين! ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئازابلىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن، .دېدۇق
تفسیرهای عربی:
قَالَ أَمَّا مَن ظَلَمَ فَسَوۡفَ نُعَذِّبُهُۥ ثُمَّ يُرَدُّ إِلَىٰ رَبِّهِۦ فَيُعَذِّبُهُۥ عَذَابٗا نُّكۡرٗا
زۇلقەرنىين مۇنداق دېدى: كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن ۋە بىز ئۇنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغاندىن كېيىن شېرىكلىك قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ئۇنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش بىلەن جازالايمىز، ئاندىن قىيامەت كۈنىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىغا قايتىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئېچىنىشلىق ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَمَّا مَنۡ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَلَهُۥ جَزَآءً ٱلۡحُسۡنَىٰۖ وَسَنَقُولُ لَهُۥ مِنۡ أَمۡرِنَا يُسۡرٗا
كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارى ئۇنى ئىمانى ۋە ياخشى ئەمىلىگە ئاساسەن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇنىڭغا بىزنىڭ بۇيرىقىمىزدىن مۇۋاپىق ۋە قولايلىرىغا .بۇيرۇيمىز
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ أَتۡبَعَ سَبَبًا
ئاندىن زۇلقەرنەين يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ دەسلەپكى يولىنىڭ .قارشىسىدا كۈن چېقىش تەرەپكە ماڭدى
تفسیرهای عربی:
حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ مَطۡلِعَ ٱلشَّمۡسِ وَجَدَهَا تَطۡلُعُ عَلَىٰ قَوۡمٖ لَّمۡ نَجۡعَل لَّهُم مِّن دُونِهَا سِتۡرٗا
زۇلقەرنەين مېڭىپ كۈن چېقىدىغان ئورۇنغا كەلگەندە، قۇياشنىڭ بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بىز ئۇ قەۋم ئۈچۈن كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان ئۆيلەر ۋە دەرەخ سايىلىرىنىمۇ قىلمىدۇق.
تفسیرهای عربی:
كَذَٰلِكَۖ وَقَدۡ أَحَطۡنَا بِمَا لَدَيۡهِ خُبۡرٗا
زۇلقەرنەيننىڭ ئىشى شۇنداق بولدى، ھەقىقەتەن بىز ئىلمىمىز بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھۆكۈمرانلىقتىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ أَتۡبَعَ سَبَبًا
ئاندىن زۇلقەرنەين ئەۋۋەلقى ئىككى قېتىملىق يولىنىڭ غەيرىدە كۈن چېقىش بىلەن كۈن پېتىشنىڭ ئارىسىدىن بۈرۈلۈپ يولىنى .داۋاملاشتۇردى
تفسیرهای عربی:
حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ بَيۡنَ ٱلسَّدَّيۡنِ وَجَدَ مِن دُونِهِمَا قَوۡمٗا لَّا يَكَادُونَ يَفۡقَهُونَ قَوۡلٗا
زۇلقەرنەين يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىككى تاغنىڭ ئىغىزىغا يېتىپ كەلگەندە ئىككى تاغنىڭ يېنىدا ئۆز تىلىدىن باشقا تىلنى چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ يَٰذَا ٱلۡقَرۡنَيۡنِ إِنَّ يَأۡجُوجَ وَمَأۡجُوجَ مُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَهَلۡ نَجۡعَلُ لَكَ خَرۡجًا عَلَىٰٓ أَن تَجۡعَلَ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَهُمۡ سَدّٗا
ئۇلار: ئى زۇلقەرنەين: ھەقىقەتەن يەجۈجە بىلەن مەجۈجە (بۇ ئادەم ئەۋلادىدىن بولغان ئىككى چوڭ ئۈممەت) زېمىندا ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بۇزۇقچىلىقلارنى قېلىۋاتىدۇ، بىز ساڭا بىر قىسىم ماللىرىمىزنى بەرسەك بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توساق قېلىپ بېرەمسەن؟دېدى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ مَا مَكَّنِّي فِيهِ رَبِّي خَيۡرٞ فَأَعِينُونِي بِقُوَّةٍ أَجۡعَلۡ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُمۡ رَدۡمًا
زۇلقەرنەين: سىلەر ماڭا بېرىدىغان مالدىن پەرۋەردىگارىم ماڭا رىزىق قېلىپ بەرگەن پادىشاھلىق ۋە ھۆكۈمرانلىق مەن ئۈچۈن ياخشىدۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ۋە سايمانلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، مەن سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مۇستەھكەم بىر توساق قىلىپ بېرەي دېدى.
تفسیرهای عربی:
ءَاتُونِي زُبَرَ ٱلۡحَدِيدِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا سَاوَىٰ بَيۡنَ ٱلصَّدَفَيۡنِ قَالَ ٱنفُخُواْۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَعَلَهُۥ نَارٗا قَالَ ءَاتُونِيٓ أُفۡرِغۡ عَلَيۡهِ قِطۡرٗا
ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ھازىرلاپ بېرىڭلار دېدى، ئۇلار ھازىر قىلدى. تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا توساق سېلىشقا باشلىدى، ھەتتا ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن باراۋەر بولغاندا، ئىشچىلارغا: بۇ تۆمۈر پارچىلىرىغا ئوت يىقىڭلار دېدى، ھەتتا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئوت يالقۇنىدا قىپ-قىزىل بولغاندا، ماڭا مىس ھازىر قىلىڭلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكەي دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَمَا ٱسۡطَٰعُوٓاْ أَن يَظۡهَرُوهُ وَمَا ٱسۡتَطَٰعُواْ لَهُۥ نَقۡبٗا
ئۇ توساق ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن يەجۈجە بىلەن مەجۈجە ئۇنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چېقىشقا قادىر بولالمىدى ۋە بەك مۇستەھكەم .بولغانلىقى ئۈچۈن ئاستىدىن تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• أن ذا القرنين أحد الملوك المؤمنين الذين ملكوا الدنيا وسيطروا على أهلها، فقد آتاه الله ملكًا واسعًا، ومنحه حكمة وهيبة وعلمًا نافعًا.
ھەقىقەتەن زۇلقەرنەين بولسا پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە پادىشاھ بولغان مۆئمىن پادىشاھلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كەڭرى پادىشالىق ۋە دانىشمەنلىك، ھەيبەت ۋە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلغان ئىدى.

• من واجب الملك أو الحاكم أن يقوم بحماية الخلق في حفظ ديارهم، وإصلاح ثغورهم من أموالهم.
پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ مەجبۇرىيتى: ئۇلار شەھەرنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارقىلىق خەلقنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ماللىرى بىلەن چېگرا ئېغىزلىرىنى پۇختىلاش لازىم.

• أهل الصلاح والإخلاص يحرصون على إنجاز الأعمال ابتغاء وجه الله.
ئىسلاھاتچى ۋە ئىخلاسمەنلەر ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىدا ئاللاھنىڭ .رازىلىقىغا ئېرىشىشكە ھېرىسمەن بولىدۇ

قَالَ هَٰذَا رَحۡمَةٞ مِّن رَّبِّيۖ فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ رَبِّي جَعَلَهُۥ دَكَّآءَۖ وَكَانَ وَعۡدُ رَبِّي حَقّٗا
زۇلقەرنەين ئېيتتىكى: بۇ توساقنىڭ ياسىلىشى پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمىتىدۇر، بۇ يەجۈجە بىلەن مەجۈجەنىڭ ئارىسى بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىندا بۇزۇقچىلىق قېلىشىنىڭ ئارىسىنى توسىدۇ، قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن چېقىش ۋاقتى بولغاندا، ئاللاھ ئۇنى يەر بىلەن باراۋەر تەپ-تۈز قېلىۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ توساقنى يەر بىلەن باراۋەر تەپ-تۈز قېلىۋېتىشى ۋە يەجۈجە بىلەن مەجۈجەنىڭ چېقىشى توغرسىدىكى ھەق ۋەدىسى بولۇپ ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَتَرَكۡنَا بَعۡضَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ يَمُوجُ فِي بَعۡضٖۖ وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَجَمَعۡنَٰهُمۡ جَمۡعٗا
بىز بەزى خەلقلەرنى قىيامەتكىچە قويۇپ قويىمىز، ئۇلار قىستىلىشىپ بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ، سۈر چېلىنغاندا خالايىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھېساب ۋە جازا ئۈچۈن توپلايمىز
تفسیرهای عربی:
وَعَرَضۡنَا جَهَنَّمَ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡكَٰفِرِينَ عَرۡضًا
ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى كۆزى بىلەن ئېنىق كۆرىشى ئۈچۈن .ئاشكارا كۆرسىتىمىز
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ كَانَتۡ أَعۡيُنُهُمۡ فِي غِطَآءٍ عَن ذِكۡرِي وَكَانُواْ لَا يَسۡتَطِيعُونَ سَمۡعًا
بىز جەھەننەمنى دۇنيادا ئاللاھنىڭ زىكرىدىن كۆزلىرى كۆر بولغان كاپىرلارغا ئاشكارا كۆرسىتىمىز، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئاشۇنىڭدىن چەكلەيدىغان پەردە بولغان ئېدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ھەقىقى قوبۇل قىلىش نىيىتى بىلەن ئاڭلاشقا قادىر بولالمايتتى.
تفسیرهای عربی:
أَفَحَسِبَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَن يَتَّخِذُواْ عِبَادِي مِن دُونِيٓ أَوۡلِيَآءَۚ إِنَّآ أَعۡتَدۡنَا جَهَنَّمَ لِلۡكَٰفِرِينَ نُزُلٗا
ئاللاھقا كاپىر بولغان بەدبەختلەر مېنىڭ: پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە شەيتانلاردىن ئىبارەت بەندىلىرىمنى مېنى قويۇپ چوقۇنىدىغان مەبۇد قىلىۋېلىشسا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟. بىز جەھەننەمنى كاپىرلارنىڭ دائىم .تۇرىدىغان ئارامگاھى قېلىپ تەييارلىدۇق
تفسیرهای عربی:
قُلۡ هَلۡ نُنَبِّئُكُم بِٱلۡأَخۡسَرِينَ أَعۡمَٰلًا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرگە ئەمەل جەھەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ زىيان تارتقانلىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرەيلىمۇ؟.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ ضَلَّ سَعۡيُهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُمۡ يَحۡسَبُونَ أَنَّهُمۡ يُحۡسِنُونَ صُنۡعًا
ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ زايە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدا بىز ياخشى ئىش قىلدۇق، قىلغان ئەمەللىرىمىز مەنپەئەت بېرىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئىش ئۇنىڭ .ئەكسىچە بولىدۇ
تفسیرهای عربی:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ وَلِقَآئِهِۦ فَحَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فَلَا نُقِيمُ لَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَزۡنٗا
ئاشۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قېلىدىغان ئايەتلەرنى ۋە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىنكار قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ .قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھېچ ئېتىبارى بولمايدۇ
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ جَزَآؤُهُمۡ جَهَنَّمُ بِمَا كَفَرُواْ وَٱتَّخَذُوٓاْ ءَايَٰتِي وَرُسُلِي هُزُوًا
ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا تەييارلانغان .جازا جەھەننەمدۇر
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ كَانَتۡ لَهُمۡ جَنَّٰتُ ٱلۡفِرۡدَوۡسِ نُزُلًا
ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنى ئىكرام قىلغانلىقتىن جەننەتنىڭ ئەڭ ئالىسى ئۇلارنىڭ ئارامگاھى .بولىدۇ
تفسیرهای عربی:
خَٰلِدِينَ فِيهَا لَا يَبۡغُونَ عَنۡهَا حِوَلٗا
ئۇلار جەننەتە ئەبەدى قالىدۇ، ئۇلارنىڭ جەننەتتىن يۆتكىلىشى تەلەپ .قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا باراۋەر كېلىدىغان مۇكاپات بولمايدۇ
تفسیرهای عربی:
قُل لَّوۡ كَانَ ٱلۡبَحۡرُ مِدَادٗا لِّكَلِمَٰتِ رَبِّي لَنَفِدَ ٱلۡبَحۡرُ قَبۡلَ أَن تَنفَدَ كَلِمَٰتُ رَبِّي وَلَوۡ جِئۡنَا بِمِثۡلِهِۦ مَدَدٗا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى بەك كوپتۇر. ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دېڭىز سۈيى سىيا بولسا، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگەشتىن ئىلگىرى دېڭىزنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كەتكەن بولاتتى. ئەگەر يەنە باشقا دېڭىزلارنىڭ سۈيىنى ئېلىپ كەلسەكمۇ بۇ سۇلار يەنە تۈگەپ كېتەتتى.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَمَن كَانَ يَرۡجُواْ لِقَآءَ رَبِّهِۦ فَلۡيَعۡمَلۡ عَمَلٗا صَٰلِحٗا وَلَا يُشۡرِكۡ بِعِبَادَةِ رَبِّهِۦٓ أَحَدَۢا
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتىقىنكى: ھەقىقەتەن مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان، ماڭار سىلەرنىڭ مەبۇدىڭلار بولغان يالغۇز ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان ھەقىقى مەبۇد ۋەھيى قېلىدۇ، ئۇ ئارللاھدۇر. كىمكى ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن قورقىدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە مۇۋاپىق پەرۋەردىگارىغا ئىخلاس بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلسۇن. پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىگە باشقا بېرىنى شېرىك .قىلمىسۇن
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• إثبات البعث والحشر بجمع الجن والإنس في ساحات القيامة بالنفخة الثانية في الصور.
ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنىڭ چېلىنىشى، قىيامەت مەيدانىغا ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ توپلىنىشى بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە ھېساب ئۈچۈن توپلىنىشنىڭ ئىسپاتىدۇر.

• أن أشد الناس خسارة يوم القيامة هم الذين ضل سعيهم في الدنيا، وهم يظنون أنهم يحسنون صنعًا في عبادة من سوى الله.
ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدە ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغان كىشىلەر ئۇلار دۇنيادا ئېزىپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلغان ئىبادىتىنى ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدىغان .كىشىلەردۇر

• لا يمكن حصر كلمات الله تعالى وعلمه وحكمته وأسراره، ولو كانت البحار والمحيطات وأمثالها دون تحديد حبرًا يكتب به.
ئاللاھنىڭ سۆزلىرى، ئىلمى ھېكمەت ۋە سىرلىرىنى گەرچە پۈتۈن دېڭىز-ئوكيانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرى سىيا بولغان تەقدىردىمۇ توپلاپ .يىزىش مۇمكىن بولمايدۇ

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره كهف
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن