ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره نور   آیه:

سۈرە نۇر

از اهداف این سوره:
الدعوة إلى العفاف وحماية الأعراض.
ئىپپەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىش، يۈز-ئابرۇيىنى ھېمايە قىلىش.

سُورَةٌ أَنزَلۡنَٰهَا وَفَرَضۡنَٰهَا وَأَنزَلۡنَا فِيهَآ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖ لَّعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
بۇ سۈرىنى بىز نازىل قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشنى ۋاجىب قىلدۇق، شۇنداقلا سىلەرنىڭ بۇ سۈرىدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سۈرىدە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
ٱلزَّانِيَةُ وَٱلزَّانِي فَٱجۡلِدُواْ كُلَّ وَٰحِدٖ مِّنۡهُمَا مِاْئَةَ جَلۡدَةٖۖ وَلَا تَأۡخُذۡكُم بِهِمَا رَأۡفَةٞ فِي دِينِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۖ وَلۡيَشۡهَدۡ عَذَابَهُمَا طَآئِفَةٞ مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
زىنا قىلغۇچى ئايال بىلەن زىنا قىلغۇچى ئەردىن ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، سىلەردە ئۇلارغا جازا بەرمەيدىغان ياكى جازانى يەڭگىللىتىدىغان دەرىجىدە شەپقەت ۋە ئىچ ئاغرىتىش بولمىسۇن. ئۇلارغا جازا بېرىلگەندە ئۇلارنى سازايى قىلىپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن مۇئمىنلەردىن بىر توپ كىشى ھازىر بولسۇن.
تفسیرهای عربی:
ٱلزَّانِي لَا يَنكِحُ إِلَّا زَانِيَةً أَوۡ مُشۡرِكَةٗ وَٱلزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَآ إِلَّا زَانٍ أَوۡ مُشۡرِكٞۚ وَحُرِّمَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
زىنا ئىنتايىن قەبىھ قىلمىش بولغاچقا، ئاللاھ تائالا زىناغا ئادەتلىنىپ قالغان كىشىنىڭ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش پاھىشە خوتۇن بىلەن ياكى نىكاھىغا ئېلىش دۇرۇس بولمىسىمۇ زىنادىن قاچمايدىغان مۇشرىك ئايال بىلەن توي قىلىشقىلا رايى بارىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك زىناغا ئادەتلىنىپ قالغان ئايالنىڭمۇ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش زىناخور ئەر بىلەن ياكى نىكاھلىنىشى ھارام بولسىمۇ يەنىلا زىنادىن قاچمايدىغان مۇشرىك ئەر بىلەن توي قىلىشقىلا قىزىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پاھىشە ئايالنى ئېلىش ۋە زىناخور ئەرگە تېگىش مۇئمىنلەرگە ھارام قىلىندى.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ يَرۡمُونَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ثُمَّ لَمۡ يَأۡتُواْ بِأَرۡبَعَةِ شُهَدَآءَ فَٱجۡلِدُوهُمۡ ثَمَٰنِينَ جَلۡدَةٗ وَلَا تَقۡبَلُواْ لَهُمۡ شَهَٰدَةً أَبَدٗاۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
ئەي ھوقۇقدارلار! ئىپپەتلىك ئاياللارنى (ۋە شۇ ئاياللارغا ئوخشاش ئىپپەتلىك ئەرلەرنى) زىنايى - پاھىشە بىلەن قارىلايدىغان، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ بوھتانلىرىغا تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمەيدىغانلارنى سەكسەن دەررە ئۇرۇڭلار، (ئۇنىڭدىن كېيىن) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلماڭلار. ئىپپەتلىك ئەر ۋە ئاياللارغا تۆھمەت قىلىدىغان بۇنداق ئادەملەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ وَأَصۡلَحُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
لېكىن مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغاندىن كېيىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئەمەللىرىنى تۈزەتكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى ۋە گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ يَرۡمُونَ أَزۡوَٰجَهُمۡ وَلَمۡ يَكُن لَّهُمۡ شُهَدَآءُ إِلَّآ أَنفُسُهُمۡ فَشَهَٰدَةُ أَحَدِهِمۡ أَرۡبَعُ شَهَٰدَٰتِۭ بِٱللَّهِ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
خوتۇنلىرىنى زىنا قىلدى دەپ قارىلايدىغان ۋە بۇنىڭغا ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىلىرى بولمىغان كىشىلەر دېگەن سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرسۇن. ئۇلاردىن ھەر بىرى خوتۇنى ھەققىدە زىنا قىلدى دېگەن گېپىنىڭ راستلىقىغا تۆت قېتىم ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن.
تفسیرهای عربی:
وَٱلۡخَٰمِسَةُ أَنَّ لَعۡنَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ إِن كَانَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
ئاندىن بەشىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىقىدا، ئەگەر ئۇ ئايالىنى قارىلىغان سۆزىدە يالغانچى بوپقالسا ئۆزىگە ئاللاھنىڭ لەنىتى بولىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ دۇئا قىلسۇن.
تفسیرهای عربی:
وَيَدۡرَؤُاْ عَنۡهَا ٱلۡعَذَابَ أَن تَشۡهَدَ أَرۡبَعَ شَهَٰدَٰتِۭ بِٱللَّهِ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالغا زىنانىڭ جازاسى تېگىشلىك بولىدۇ. بۇ ئايالمۇ ئېرىنىڭ ئۆزىنى قارىلىغانلىقىدا يالغانچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلىسا بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱلۡخَٰمِسَةَ أَنَّ غَضَبَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَآ إِن كَانَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
ئاندىن بەشىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىقىدا ئەگەر ئېرىنىڭ ئۆزى ھەققىدە دېگەنلىرى راست بولسا ئۆزىگە ئاللاھنىڭ لەنىتىنى قېتىپ دۇئا قىلسۇن.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ وَأَنَّ ٱللَّهَ تَوَّابٌ حَكِيمٌ
ئەي ئىنسانلار! ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا، ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەمدە پىلانلىشى ۋە ھۆكۈم يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى بولمىسا ئىدى، گۇناھىڭلارغا قارىتا سىلەرنى دەرھال جازالايتتى ۋە سىلەرنى بۇ تۈپەيلى رەسۋا قىلاتتى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• التمهيد للحديث عن الأمور العظام بما يؤذن بعظمها.
كاتتا ئىشلار ھەققىدە توختىلىش ئۈچۈن ئۇ ئىشلارنىڭ كاتتىلىقىنى ئۇقتۇرىدىغان سۆزلەردىن باشلىنىدۇ.

• الزاني يفقد الاحترام والرحمة في المجتمع المسلم.
زىنا قىلغۇچى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ ھەم شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.

• الحصار الاجتماعي على الزناة وسيلة لتحصين المجتمع منهم، ووسيلة لردعهم عن الزنى.
زىناخورلارغا ئىجتىمائىي بېسىم پەيدا قىلىش جەمئىيەتنى ئۇلاردىن قوغداشنىڭ ھەمدە ئۇلارنىمۇ زىنادىن چەكلەشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.

• تنويع عقوبة القاذف إلى عقوبة مادية (الحد)، ومعنوية (رد شهادته، والحكم عليه بالفسق) دليل على خطورة هذا الفعل.
بوھتانچىغا ماددىي جەھەتتىن دەررە ئۇرۇش، مەنىۋى جەھەتتىن گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە پاسىق دەپ ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت تۈرلۈك جازالارنى بېرىش بۇ قىلمىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

• لا يثبت الزنى إلا ببينة، وادعاؤه دونها قذف.
دەلىل - ئىسپاتسىز زىنا بېكىتىلمەيدۇ، باشقىلارنى پاكىتسىز زىنا قىلدى دېيىش بوھتان بولىدۇ.

إِنَّ ٱلَّذِينَ جَآءُو بِٱلۡإِفۡكِ عُصۡبَةٞ مِّنكُمۡۚ لَا تَحۡسَبُوهُ شَرّٗا لَّكُمۖ بَلۡ هُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۚ لِكُلِّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُم مَّا ٱكۡتَسَبَ مِنَ ٱلۡإِثۡمِۚ وَٱلَّذِي تَوَلَّىٰ كِبۡرَهُۥ مِنۡهُمۡ لَهُۥ عَذَابٌ عَظِيمٞ
ئەي مۇئمىنلەر! شەكسىزكى سىلەرگە تەۋە بولغان بىر بۆلۈك كىشىلەر بوھتان قىلدى (يەنى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا پاھىشە قىلدى، دەپ تۆھمەت قىلدى). بۇلارنىڭ بوھتانلىرىنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يامانلىق دەپ ئويلىماڭلار، ئەكسىچە ئۇ سىلەر ساۋابقا ئېرىشىدىغان، ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى ئىلغاپ چىقىدىغان، شۇنداقلا مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسىنى پاكلايدىغان ئىش بولغاچقا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئائىشەگە پاھىشە بىلەن بوھتان چاپلاشقا قاتناشقان ھەر كىمگە بوھتان سۆزىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىشلىگەن گۇناھىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. بوھتاننى دەسلەپتە باشلاش ئارقىلىق بۇ گۇناھنىڭ كۆپ قىسمىنى يۈدۈۋالغان ئادەمگە كاتتا ئازاب بار. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى مۇناپىقلارنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلدۇر.
تفسیرهای عربی:
لَّوۡلَآ إِذۡ سَمِعۡتُمُوهُ ظَنَّ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ بِأَنفُسِهِمۡ خَيۡرٗا وَقَالُواْ هَٰذَآ إِفۡكٞ مُّبِينٞ
ئەر - ئايال مۇئمىنلەر بۇ بۈيۈك بوھتاننى ئاڭلىغاندا نېمىشقا مۇئمىن قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ئاشۇنداق بوھتان قىلىنغان كىشىنى پاك دەپ قاراپ: بۇ ئوپئوچۇق يالغاندۇر، دېمىدى؟
تفسیرهای عربی:
لَّوۡلَا جَآءُو عَلَيۡهِ بِأَرۡبَعَةِ شُهَدَآءَۚ فَإِذۡ لَمۡ يَأۡتُواْ بِٱلشُّهَدَآءِ فَأُوْلَٰٓئِكَ عِندَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلۡكَٰذِبُونَ
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بوھتان قىلغۇچىلار نېمىشقا ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك بوھتانىغا ئۇنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدىغان تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىسە -ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ-، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ لَمَسَّكُمۡ فِي مَآ أَفَضۡتُمۡ فِيهِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئەي مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنى ئالدىراپ جازالىماسلىق ھەمدە سىلەردىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت پەزلى - مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەرگە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسىغا قىلغان بوھتان ۋە يالغانلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە كاتتا ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.
تفسیرهای عربی:
إِذۡ تَلَقَّوۡنَهُۥ بِأَلۡسِنَتِكُمۡ وَتَقُولُونَ بِأَفۡوَاهِكُم مَّا لَيۡسَ لَكُم بِهِۦ عِلۡمٞ وَتَحۡسَبُونَهُۥ هَيِّنٗا وَهُوَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمٞ
ئەينى چاغدا سىلەر ئۇ بوھتاننى بىر - بىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئاساسسىز تۇرسىمۇ يەنە ئېغىزدىن - ئېغىزغا يۆتكىدىڭلار. ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ ئۇ ھەقتە مەلۇماتىڭلار يوق ئىدى. سىلەر بۇ ئىشنى سەل چاغلاپ قالدىڭلار، ھالبۇكى ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە چوڭ گۇناھتۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا يالغان ۋە پاك كىشىگە تۆھمەت قىلىش بار.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡلَآ إِذۡ سَمِعۡتُمُوهُ قُلۡتُم مَّا يَكُونُ لَنَآ أَن نَّتَكَلَّمَ بِهَٰذَا سُبۡحَٰنَكَ هَٰذَا بُهۡتَٰنٌ عَظِيمٞ
سىلەر بۇ بوھتاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا نېمىشقا بۇنداق ناچار سۆزلەرنى قىلىش بىزگە ياراشمايدۇ. ئەي رەببىمىز! سەن پاكتۇرسەن. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسىغا قىلىنغان بۇ بوھتان چوڭ يالغاندۇر، دېمىدىڭلار؟
تفسیرهای عربی:
يَعِظُكُمُ ٱللَّهُ أَن تَعُودُواْ لِمِثۡلِهِۦٓ أَبَدًا إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
ئاللاھ سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ئىشىنىدىغان بولساڭلار، پاك كىشىلەرگە زىنا قىلدى، دەپ بوھتان قىلىدىغان بۇنداق ناچار قىلىقنى ئىككىنچى قىلماڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَيُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىنى ھەم ۋەز - نەسىھەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئۇ پىلانلىشى ۋە يوليورۇقلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحِبُّونَ أَن تَشِيعَ ٱلۡفَٰحِشَةُ فِي ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
مۇئمىنلەر ھەققىدە ئۇلارنى زىنا قىلدى دەيدىغان تۆھمەتلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغانلارغا بۇ دۇنيادا بوھتان قىلغانلىقنىڭ جازاسى بېرىلىش ئارقىلىق دەرتلىك ئازاب بار، ئاخىرەتتىمۇ ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىنى، بەندىلىرىنىڭ ئىشىنىڭ ئاقىۋەتتە نەگە بارىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ وَأَنَّ ٱللَّهَ رَءُوفٞ رَّحِيمٞ
ئەي بوھتانغا ئارىلىشىپ قالغانلار! ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، ئاللاھ سىلەرگە تولىمۇ مېھرىبان ۋە رەھىمدىل بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەرنى تېزدىن جازالايتتى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تركيز المنافقين على هدم مراكز الثقة في المجتمع المسلم بإشاعة الاتهامات الباطلة.
مۇناپىقلار ئاساسسىز تۆھمەتلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئىشەنچنى يوقىتىشقا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ.

• المنافقون قد يستدرجون بعض المؤمنين لمشاركتهم في أعمالهم.
مۇناپىقلار بەزىدە بىر قىسىم مۇئمىنلەرنى تۇيدۇرماي ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا شېرىك قىلىۋالىدۇ.

• تكريم أم المؤمنين عائشة رضي الله عنها بتبرئتها من فوق سبع سماوات.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىن پاكلىقى جاكارلىنىش ئارقىلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.

• ضرورة التثبت تجاه الشائعات.
پىتنە - پاسات يۈز بەرگەندە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش زۆرۈر.

۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ وَمَن يَتَّبِعۡ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِ فَإِنَّهُۥ يَأۡمُرُ بِٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِۚ وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ مَا زَكَىٰ مِنكُم مِّنۡ أَحَدٍ أَبَدٗا وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يُزَكِّي مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! شەيتان ئاساسسىز سەپسەتىنى پەردازلاپ كۆرسەتسە ئۇنىڭ يوللىرىغا ماڭماڭلار. كىمكى ئۇنىڭ يولىغا ماڭىدىكەن، شەكسىزكى ئۇ قەبىھ قىلمىش ۋە سۆزلەرگە، شەرىئەت چەكلەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ناۋادا سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، تەۋبە قىلسىمۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق سىلەردىن ھېچكىمنى قەتئىي پاكلىمايتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق پاكلايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا يَأۡتَلِ أُوْلُواْ ٱلۡفَضۡلِ مِنكُمۡ وَٱلسَّعَةِ أَن يُؤۡتُوٓاْ أُوْلِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينَ وَٱلۡمُهَٰجِرِينَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ وَلۡيَعۡفُواْ وَلۡيَصۡفَحُوٓاْۗ أَلَا تُحِبُّونَ أَن يَغۡفِرَ ٱللَّهُ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
دىندا پەزىلەتلىك ھەم مال مۈلكىمۇ كەڭرى بولغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ موھتاج تۇغقانلىرىنىڭ قىلىپ سالغان بىرەر گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۇلارغا بىر نەرسە بەرمەيدىغانغا قەسەم قىلمىسۇن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ، بولدى قىلىۋەتسۇن. سىلەر ئۇلارنى كەچۈرۈپ، بولدى قىلىۋەتكىنىڭلاردا ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنىڭمۇ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈۋېتىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. شۇڭا بەندىلىرىمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلسۇن. بۇ ئايەت ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بوھتانغا ئورتاقلىشىپ قالغان مىستەھكە سەدىقە قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلغان ۋاقىتتا نازىل بولغان.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَرۡمُونَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ٱلۡغَٰفِلَٰتِ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ لُعِنُواْ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
شەكسىزكى مۇئمىن ئاياللار پەرۋا قىلمايدىغان پاھىشىدىن بىخەۋەر، ئىپپەتلىك ئاياللارغا بوھتان قىلغانلار بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلار كاتتا ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَ تَشۡهَدُ عَلَيۡهِمۡ أَلۡسِنَتُهُمۡ وَأَيۡدِيهِمۡ وَأَرۡجُلُهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
بۇ ئازاب ئۇلارغا قىيامەت كۈنى بولىدۇ، ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ تىللىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئاساسسىز يالغاننى سۆزلىگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، قول - پۇتلىرىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَئِذٖ يُوَفِّيهِمُ ٱللَّهُ دِينَهُمُ ٱلۡحَقَّ وَيَعۡلَمُونَ أَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡحَقُّ ٱلۡمُبِينُ
ئۇ كۈندە ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ئۇلارنىڭ جازاسىنى تولۇق بېرىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان بارلىق خەۋەر، ۋەدە ۋە تەھدىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوپئوچۇق، شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلۡخَبِيثَٰتُ لِلۡخَبِيثِينَ وَٱلۡخَبِيثُونَ لِلۡخَبِيثَٰتِۖ وَٱلطَّيِّبَٰتُ لِلطَّيِّبِينَ وَٱلطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَٰتِۚ أُوْلَٰٓئِكَ مُبَرَّءُونَ مِمَّا يَقُولُونَۖ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ
ئەر ۋە ئاياللاردىن، گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەردىن ھەر قانداق ناچىرى ئۆزىگە ئوخشاش ناچارغا مۇناسىپتۇر، بۇلاردىن ھەر قانداق ياخشىسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ياخشىغا مۇناسىپتۇر. ئاشۇ پاك ئەر ۋە ئاياللار ناچار ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدە دېگەنلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى باركى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتىن ئىبارەت ئېسىل رىزىقمۇ بار.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَدۡخُلُواْ بُيُوتًا غَيۡرَ بُيُوتِكُمۡ حَتَّىٰ تَسۡتَأۡنِسُواْ وَتُسَلِّمُواْ عَلَىٰٓ أَهۡلِهَاۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئۆي ئىگىلىرىدىن رۇخسەت سوراپ، ئۇلارغا سالام بەرمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار. ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراش: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، كىرسەم بولامدۇ؟ دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. سىلەر بۇيرۇلغان بۇ رۇخسەت سوراش ئۇشتۇمتۇت كىرگىنىڭلاردىن ياخشىراقتۇر. بۇيرۇلغاننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلغايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• إغراءات الشيطان ووساوسه داعية إلى ارتكاب المعاصي، فليحذرها المؤمن.
شەيتاننىڭ قۇترىتىشى ھەم ۋەسۋەسىلىرى گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇڭا مۇئمىن بەندە ئۇنىڭدىن پەخەس بولۇشى كېرەك.

• التوفيق للتوبة والعمل الصالح من الله لا من العبد.
تەۋبىگە ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىنىش بەندە تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ.

• العفو والصفح عن المسيء سبب لغفران الذنوب.
يامانلىق قىلغۇچىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۆتۈۋېتىش گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• قذف العفائف من كبائر الذنوب.
ئىپپەتلىك ئەر - ئاياللارغا بوھتان قىلىش چوڭ گۇناھلاردىندۇر.

• مشروعية الاستئذان لحماية النظر، والحفاظ على حرمة البيوت.
ئۆيگە كىرىشتە رۇخسەت سوراشنىڭ يولغا قويۇلۇشى كۆزنى ساقلاپ، ئۆيلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداپ قېلىشتۇر.

فَإِن لَّمۡ تَجِدُواْ فِيهَآ أَحَدٗا فَلَا تَدۡخُلُوهَا حَتَّىٰ يُؤۡذَنَ لَكُمۡۖ وَإِن قِيلَ لَكُمُ ٱرۡجِعُواْ فَٱرۡجِعُواْۖ هُوَ أَزۡكَىٰ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ عَلِيمٞ
ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئادەم بولمىسا، ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىش سالاھىيتى بار كىشىلەردىن بىرەرسى كىرىشىڭلارغا رۇخسەت قىلمىغۇچە ئۆيگە كىرمەڭلار. ناۋادا سىلەرگە ئۆينىڭ ئىگىلىرى: قايتىپ كېتىڭلار، دېسە، كىرمەي قايتىپ كېتىڭلار. بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَّيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَدۡخُلُواْ بُيُوتًا غَيۡرَ مَسۡكُونَةٖ فِيهَا مَتَٰعٞ لَّكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا تَكۡتُمُونَ
بىرەرسىنىڭ خۇسۇسىي تۇرالغۇسى بولمىغان، ئومۇمىي مەنپەئەت ئۈچۈن تەييارلانغان ئىشخانا ۋە بازارلاردىكى دۇكانلارغا ئوخشاش ئاممىۋىي ئورۇنلارغا رۇخسەتسىز كىرسەڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ۋە ئەھۋالىڭلاردىن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممىنى بىلىدۇ، ئۇلاردىن ھېچبىرى ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُل لِّلۡمُؤۡمِنِينَ يَغُضُّواْ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِمۡ وَيَحۡفَظُواْ فُرُوجَهُمۡۚ ذَٰلِكَ أَزۡكَىٰ لَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا يَصۡنَعُونَ
ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، ئۇلار قاراشقا بولمايدىغان ئاياللارغا ۋە ئەۋرەتلەرگە قاراشتىن ساقلانسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ۋە ھارامنى ئىزدەشتىن ساقلىسۇن. ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرگە قاراشتىن توختاش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ پاكلىقتۇر. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقُل لِّلۡمُؤۡمِنَٰتِ يَغۡضُضۡنَ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِنَّ وَيَحۡفَظۡنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنۡهَاۖ وَلۡيَضۡرِبۡنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّۖ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوۡ ءَابَآئِهِنَّ أَوۡ ءَابَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآئِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ أَخَوَٰتِهِنَّ أَوۡ نِسَآئِهِنَّ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُنَّ أَوِ ٱلتَّٰبِعِينَ غَيۡرِ أُوْلِي ٱلۡإِرۡبَةِ مِنَ ٱلرِّجَالِ أَوِ ٱلطِّفۡلِ ٱلَّذِينَ لَمۡ يَظۡهَرُواْ عَلَىٰ عَوۡرَٰتِ ٱلنِّسَآءِۖ وَلَا يَضۡرِبۡنَ بِأَرۡجُلِهِنَّ لِيُعۡلَمَ مَا يُخۡفِينَ مِن زِينَتِهِنَّۚ وَتُوبُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، قاراش ھالال بولمايدىغان ئەۋرەتلەرگە قارىمىسۇن، زىنايى - پاھىشىدىن يىراق تۇرۇش ۋە يۆگىنىش ئارقىلىق ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن، سىرتقى كىيىملەرگە ئوخشاش يوشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوق زىننەتلىرىدىن باشقا جايلىرىنى يات ئەرلەرگە ئاشكارىلىمىسۇن، چاچلىرىنى، يۈزلىرىنى ۋە بويۇنلىرىنى يېپىش ئۈچۈن روماللىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلىسۇن. ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېينئاتىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن ئىشەنچلىك ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى قۇل-دېدەكلەردىن، (قېرىپ كەتكەنلىكتىن) ئاياللارغا قىزىقمايدىغان خىزمەتكارلاردىن، كىچىكلىكىدىن ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان بالىلاردىن باشقىلارغا ئىچكى زىننەتلىرىنى كۆرسەتمىسۇن، ئاياللار پۇتىغا سالىدىغان زەنجىر ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان زىننەتلىرىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن. ئەي مۇئمىنلەر! (ھارام قىلىنغان جايلارغا) قاراپ سالغان ۋە باشقا گۇناھلارنى قىلىپ سالغان بولساڭلار، ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلاركى، كۆزلىگەن مەقسىتىڭلارغا يېتىپ، ئەنسىرىگە ئاقىۋەتتىن قۇتۇلغايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• جواز دخول المباني العامة دون استئذان.
(دۇكان ۋە باشقا) ئاممىۋىي ئورۇنلارغا روخسەتسىز كىرسە بولىدۇ.

• وجوب غض البصر على الرجال والنساء عما لا يحلّ لهم.
ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ھالال بولمايدىغان جايلارغا قارىماسلىقى ۋاجىب.

• وجوب الحجاب على المرأة.
ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى ۋاجىب.

• منع استخدام وسائل الإثارة.
(پىتنە - پاسات ۋە شەھۋەتلەرنى) قوزغايدىغان ۋاسىتىلەر چەكلىنىدۇ.

وَأَنكِحُواْ ٱلۡأَيَٰمَىٰ مِنكُمۡ وَٱلصَّٰلِحِينَ مِنۡ عِبَادِكُمۡ وَإِمَآئِكُمۡۚ إِن يَكُونُواْ فُقَرَآءَ يُغۡنِهِمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىكى ئايالى يوق ئەرلەرنى ۋە ئېرى يوق ئاياللارنى ئۆيلەپ قويۇڭلار، قۇل - چۆرىلىڭلاردىنمۇ مۇئمىن بولغانلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بوپقالسا، ئاللاھ تائالا چەكسىز مەرھەمىتى ئارقىلىق ئۇلارنى باي قىلىدۇ. ئاللاھ كەڭرى رىزىق بەرگۈچىدۇركى، ئۇنىڭ رىزقى ھېچكىنىڭ بايلىقىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلۡيَسۡتَعۡفِفِ ٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغۡنِيَهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦۗ وَٱلَّذِينَ يَبۡتَغُونَ ٱلۡكِتَٰبَ مِمَّا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ فَكَاتِبُوهُمۡ إِنۡ عَلِمۡتُمۡ فِيهِمۡ خَيۡرٗاۖ وَءَاتُوهُم مِّن مَّالِ ٱللَّهِ ٱلَّذِيٓ ءَاتَىٰكُمۡۚ وَلَا تُكۡرِهُواْ فَتَيَٰتِكُمۡ عَلَى ٱلۡبِغَآءِ إِنۡ أَرَدۡنَ تَحَصُّنٗا لِّتَبۡتَغُواْ عَرَضَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَمَن يُكۡرِههُّنَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ مِنۢ بَعۡدِ إِكۡرَٰهِهِنَّ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
يوقسۇللۇقتىن توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار تاكى ئاللاھ چەكسىز مەرھەمىتى ئارقىلىق باي قىلغانغا قەدەر زىنادىن ساقلانسۇن. قۇللار ئىچىدىن ئازات قىلىنىش بەدىلىگە خوجايىنلىرىغا مال بېرىش تەكلىپىنى بەرگەنلەرگە كەلسەك، خوجايىنلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا پۈتۈشكەن مالنى ئادا قىلالايدىغانلىقىنى ھەم دىندارلىقىنى بىلسە ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسۇن، شۇنداقلا قۇللىرى بىلەن پۈتۈشكەن مالنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆتۈۋېتىش ئارقىلىق ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن مال - دۇنيادىن ئۇلارغىمۇ ئاز - تولا بەرسۇن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، دېدەكلىرىڭلارنىڭ ئىپپىتىنى سېتىش بەدىلىگە پۇل - مال تېپىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىنايى - پاھىشىگە زورلىماڭلار. ئۆز ۋاقىتدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىپپىتىنى ساقلاپ، زىنايى - پاھىشىدىن يىراق تۇرماقچى بولغان ئىككى دېدىكىگە شۇنداق قىلغان ئىدى. ئاراڭلاردىن كىمكى ئۇلارنى شۇنداق ئىشقا زورلايدىكەن، ئۇلار مەجبۇرلانغان بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇلار مەجبۇرلانغانلار بولۇپ، گۇناھ پەقەت مەجبۇرلىغۇچىلارغا بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ ءَايَٰتٖ مُّبَيِّنَٰتٖ وَمَثَلٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلِكُمۡ وَمَوۡعِظَةٗ لِّلۡمُتَّقِينَ
ئەي ئىنسانلار! بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ھېچ قانداق شەك بولمىغان روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، يەنە سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇئمىنلەر ۋە كاپىرلارنىڭ مىساللىرىنى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق پەرۋەردىگاىغا تەقۋادار بولغانلار ئىبرەت ئالىدىغان ۋەز - نەسىھەتلەرنى نازىل قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
۞ ٱللَّهُ نُورُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ مَثَلُ نُورِهِۦ كَمِشۡكَوٰةٖ فِيهَا مِصۡبَاحٌۖ ٱلۡمِصۡبَاحُ فِي زُجَاجَةٍۖ ٱلزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوۡكَبٞ دُرِّيّٞ يُوقَدُ مِن شَجَرَةٖ مُّبَٰرَكَةٖ زَيۡتُونَةٖ لَّا شَرۡقِيَّةٖ وَلَا غَرۡبِيَّةٖ يَكَادُ زَيۡتُهَا يُضِيٓءُ وَلَوۡ لَمۡ تَمۡسَسۡهُ نَارٞۚ نُّورٌ عَلَىٰ نُورٖۚ يَهۡدِي ٱللَّهُ لِنُورِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَيَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَ لِلنَّاسِۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتقا ئۆز يولىنى كۆرسەتكۈچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىننىڭ قەلبىدىكى نۇرىنىڭ مىسالى چىراق قويىدىغان تەكچىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق گوياكى نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش پارلاپ تۇرغان شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر. چىراققا مۇبارەك دەرەخ زەيتۇننىڭ مېيى يېقىلغۇ قىلىنىدۇ، ئۇ دەرەخنى ئەتىگەندىمۇ، كەچتىمۇ قۇياش نۇرىدىن ھېچنەرسە توسۇۋالمايدۇ، ئۇنىڭ مېيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن ئوت تەگمىسىمۇ يېنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ - يۇ، ناۋادا ئوت تەگسە قانداق بوپ كېتەر؟ ھىدايەت نۇرى چاقنىغان چاغدىكى مۇئمىننىڭ قەلبىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى قۇرئانغا ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ھەمجىنسلىرىغا ئوخشىتىپ مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
فِي بُيُوتٍ أَذِنَ ٱللَّهُ أَن تُرۡفَعَ وَيُذۡكَرَ فِيهَا ٱسۡمُهُۥ يُسَبِّحُ لَهُۥ فِيهَا بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ
بۇ چىراق ئاللاھ تائالا قەدىرلىنىشكە ۋە قۇرۇلمىلىرى يۈكسەك قىلىنىشقا بۇيرۇغان مەسجىدلەردە يېقىلىدۇكى، ئۇ مەسجىدلەردە ئەزان - تەكبىر، زىكىر - تەسبىھ ۋە نامازلار بىلەن ئاللاھنىڭ نامى ياد ئېتىلىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ ئەتىگەن - كەچلەردە ناماز ئوقۇلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الله عز وجل ضيق أسباب الرق (بالحرب) ووسع أسباب العتق وحض عليه .
ئاللاھ تائالا ئۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قۇللۇقنىڭ يوللىرىنى تارايتىپ، قۇل ئازاد قىلىش يوللىرىنى كەڭرى قىلدى ھەمدە قۇل ئازات قىلىشقا قىزىقتۇردى.

• التخلص من الرِّق عن طريق المكاتبة وإعانة الرقيق بالمال ليعتق حتى لا يشكل الرقيق طبقة مُسْتَرْذَلة تمتهن الفاحشة.
قۇللارنىڭ جەمئىيەتتە زىنايى - پاھىشىلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۆۋەن بىر تەبىقىنى شەكىللەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا توختاملىشىش ئارقىلىق ۋە قۇللارغا پۇل - مال ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشىغا (تەرغىب قىلىدۇ).

• قلب المؤمن نَيِّر بنور الفطرة، ونور الهداية الربانية.
مۇئمىننىڭ قەلبى پىترەت نۇرى ۋە رەببانىي ھىدايەت نۇرى بىلەن يورۇيدۇ.

• المساجد بيوت الله في الأرض أنشأها ليعبد فيها، فيجب إبعادها عن الأقذار الحسية والمعنوية.
مەسجىدلەر ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ئۆيلىرى بولۇپ، بۇ ئۆيلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان. شۇڭا مەسجىدلەرنى ماددىي ۋە مەنىۋى نىجاسەتلەردىن يىراق تۇتۇش ۋاجىبتۇر.

• من أسماء الله الحسنى (النور) وهو يتضمن صفة النور له سبحانه.
نۇر ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بولۇپ، بۇ ئىسىم ئاللاھنىڭ نۇر سۈپىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

رِجَالٞ لَّا تُلۡهِيهِمۡ تِجَٰرَةٞ وَلَا بَيۡعٌ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَإِقَامِ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءِ ٱلزَّكَوٰةِ يَخَافُونَ يَوۡمٗا تَتَقَلَّبُ فِيهِ ٱلۡقُلُوبُ وَٱلۡأَبۡصَٰرُ
ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا - سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن، نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىشتىن زاكاتنى ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىشتىن بىخۇت قىلمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنىدىن قورقىدۇ، بۇ كۈندە دىللار بىر تەرەپتىن ئازابتىن قۇتۇلۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئازابتىن قورقۇش ئارىسىدا داۋالغۇپ تۇرىدۇ، كۆزلەرمۇ قەيەرگە تىكىلسە ئالا چەكمەن بوپكېتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لِيَجۡزِيَهُمُ ٱللَّهُ أَحۡسَنَ مَا عَمِلُواْ وَيَزِيدَهُم مِّن فَضۡلِهِۦۗ وَٱللَّهُ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٖ
ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ساۋاب بېرىشىنى، ئۆز پەزلىدىن مۇكاپاتنى ئاشۇرۇپ بېرىشىنى كۆزلەپ ئەمەل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىگە قانچىلىك ئەمەل قىلغىنىنى ھېسابلاپ ئولتۇرماي، ئۇلارنىڭ قىلغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ كۆپ رىزىق بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَعۡمَٰلُهُمۡ كَسَرَابِۭ بِقِيعَةٖ يَحۡسَبُهُ ٱلظَّمۡـَٔانُ مَآءً حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَهُۥ لَمۡ يَجِدۡهُ شَيۡـٔٗا وَوَجَدَ ٱللَّهَ عِندَهُۥ فَوَفَّىٰهُ حِسَابَهُۥۗ وَٱللَّهُ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ھېچقانداق ساۋاب بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشاش بولۇپ، قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن ئادەم ئۇنى كۆرسە سۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ - دە، شۇ تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، لېكىن يېنىغا بارغىنىدا ئۇ يەردە سۇنى تاپالمايدۇ. كاپىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ئۆزىگە ئەسقاتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئۆلۈپ، قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپالمايدۇ، ئەمما ئالدىدا پەرۋەردىگارىنى تاپىدۇكى، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ئەمىلىدىن تولۇق ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
أَوۡ كَظُلُمَٰتٖ فِي بَحۡرٖ لُّجِّيّٖ يَغۡشَىٰهُ مَوۡجٞ مِّن فَوۡقِهِۦ مَوۡجٞ مِّن فَوۡقِهِۦ سَحَابٞۚ ظُلُمَٰتُۢ بَعۡضُهَا فَوۡقَ بَعۡضٍ إِذَآ أَخۡرَجَ يَدَهُۥ لَمۡ يَكَدۡ يَرَىٰهَاۗ وَمَن لَّمۡ يَجۡعَلِ ٱللَّهُ لَهُۥ نُورٗا فَمَا لَهُۥ مِن نُّورٍ
ياكى كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرى دولقۇن قاپلىۋالغان چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاتمۇقات قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇكى، ئۇ دولقۇننىڭ ئۈستىدە يەنە دولقۇن بار، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدە يۇلتۇزلارنى توسىۋالغان بۇلۇت بار بولۇپ، بۇ قاراڭغۇلۇقلار ئۈستى - ئۈستىلەپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن. بۇ قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قالغان ئادەم قولىنى چىقارسا، قاراڭغۇلۇقنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن قولىنى كۆرەلمىگىلى تاس قالىدۇ. كاپىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى نادانلىق، ئارىسالدىلىق، تېڭىرقاش ۋە قەلبى مۆھۈرلىنىشتىن ئىبارەت قاتمۇقات زۇلمەتلەر ئورىۋالغاندۇر. ئاللاھ كىمنى ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە چىقىرىپ، كىتابىنى بىلدۈرمىسە، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ھىدايەت ۋە يولىنى يورۇتىدىغان كىتاب بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُسَبِّحُ لَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱلطَّيۡرُ صَٰٓفَّٰتٖۖ كُلّٞ قَدۡ عَلِمَ صَلَاتَهُۥ وَتَسۡبِيحَهُۥۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِمَا يَفۡعَلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ، ھاۋا بوشلۇقىدا قاناتلىرىنىڭ كېرىپ ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئاللاھ تائالا ئاشۇ مەخلۇقاتلار ئىچىدىن ئىنسانغا ناماز ئوقۇشنى، قۇشلارغا تەسبىھ ئېيتىشنى ئۆگەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلۡمَصِيرُ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، پۈتۈن خالايىقلارنىڭ قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىدىغان جايى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُزۡجِي سَحَابٗا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيۡنَهُۥ ثُمَّ يَجۡعَلُهُۥ رُكَامٗا فَتَرَى ٱلۡوَدۡقَ يَخۡرُجُ مِنۡ خِلَٰلِهِۦ وَيُنَزِّلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن جِبَالٖ فِيهَا مِنۢ بَرَدٖ فَيُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ وَيَصۡرِفُهُۥ عَن مَّن يَشَآءُۖ يَكَادُ سَنَا بَرۡقِهِۦ يَذۡهَبُ بِٱلۡأَبۡصَٰرِ
ئەي پەيغەمبەر! كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن پارچە - پارچە بۇلۇتلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇنى بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈپ جۇغلايدۇ. نەتىجىدە شۇ بۇلۇتلارنىڭ ئىچىدىن يامغۇر چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ تائالا چوڭلۇقتا تاغقا ئوخشاش، قويۇق بۇلۇتلاردىن ئۇششاق شىغىلغا ئوخشاش مۆلدۈرلەرنى ياغدۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ مۆلدۈرنى بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىگە ئاپەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىدىن ئاپەتنى قايتۇرىدۇ. بۇلۇتتىن چىققان چاقماقنىڭ نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن كۆزلەرنى كور قىلىۋەتكىلى تاسلا قالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• موازنة المؤمن بين المشاغل الدنيوية والأعمال الأخروية أمر لازم.
مۇئمىن دۇنيالىق مەشغۇلاتلار بىلەن ئاخىرەتلىك ئەمەللىرىنىڭ ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

• بطلان عمل الكافر لفقد شرط الإيمان.
كاپىر ئىمان شەرتىدىن مەھرۇم بولغاچقا ئەمىلى بىكار بولىدۇ.

• أن الكافر نشاز من مخلوقات الله المسبِّحة المطيعة.
كاپىر ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، تەسبىھ ئېيتىدىغان مەخلۇقاتلارنىڭ تېشىدىدۇر.

• جميع مراحل المطر من خلق الله وتقديره.
يامغۇر يېغىش باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ.

يُقَلِّبُ ٱللَّهُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبۡرَةٗ لِّأُوْلِي ٱلۡأَبۡصَٰرِ
ئاللاھ تائالا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئۇزۇن - قىسقا بولۇشتا ۋە كېلىپ - كېتىشتە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى بۇ ئايەتلەردە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن پەند - نەسىھەت، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئالامەتلەر بار.
تفسیرهای عربی:
وَٱللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَآبَّةٖ مِّن مَّآءٖۖ فَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰ بَطۡنِهِۦ وَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰ رِجۡلَيۡنِ وَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰٓ أَرۡبَعٖۚ يَخۡلُقُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارلىق جاندارلارنى مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يىلانغا ئوخشاش قورسىقىدا ئۆمىلەپ ماڭىدىغانلىرىمۇ بار، ئىنسان ۋە قۇشلارغا ئوخشاش ئىككى پۇتلاپ ماڭىدىغانلىرىمۇ بار، چارىپايلارغا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغانلىرىمۇ بار. ئاللاھ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە تىلغا ئېلىنمىغان جانىۋارلاردىن خالىغىنىنى يارىتىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَّقَدۡ أَنزَلۡنَآ ءَايَٰتٖ مُّبَيِّنَٰتٖۚ وَٱللَّهُ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ھەقىقەتەن بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلچە شەك بولمىغان، روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھېچقانداق ئەگرىلىك بولمىغان ھەق يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاندىن شۇ يول ئۇ كىشىنى جەننەتكە يەتكۈزىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَقُولُونَ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلرَّسُولِ وَأَطَعۡنَا ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٞ مِّنۡهُم مِّنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَۚ وَمَآ أُوْلَٰٓئِكَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ
مۇناپىقلار: بىز ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھقا ھەم ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىر ئوچۇمى يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە باشقا ئەمەللەر ھەققىدىكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئىتائىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ ئادەملەر ھەر قانچە ئۆزلىرىنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ مۇئمىن ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا دُعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ إِذَا فَرِيقٞ مِّنۡهُم مُّعۡرِضُونَ
بۇ مۇناپىقلار ئۆزئارا دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان ئىشلىرىدا پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۈم قىلىپ قويۇشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا بۇ ھەقتە دەتالاش قىلىشىدۇ. ئۇلار مۇناپىقلىقى تۈپەيلىدىن پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِن يَكُن لَّهُمُ ٱلۡحَقُّ يَأۡتُوٓاْ إِلَيۡهِ مُذۡعِنِينَ
ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى توغرا چىقىدىغانلىقىنى ھەم پەيغەمبەرنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا بويسۇنغان، باش ئەگكەن ھالدا كەلگەن بولاتتى.
تفسیرهای عربی:
أَفِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَمِ ٱرۡتَابُوٓاْ أَمۡ يَخَافُونَ أَن يَحِيفَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَرَسُولُهُۥۚ بَلۡ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئۇلارنىڭ دىللىرىغا چاپلاشقان مۇناپىقلىق كېسىلى بارمۇ ياكى ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكۈمدە ئۇلارغا ئادىللىق قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەنلەردىن ھېچبىرى بولغان ئىش يوق. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈپ، بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن دىللىرىدىكى كېسەللىك سەۋەبلىك شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَا كَانَ قَوۡلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ إِذَا دُعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ أَن يَقُولُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە چاقىرىلسا مۇئمىنلەر پەقەت: ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىدۇق، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشى كېرەك. مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان ئاشۇ كىشىلەر بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَخۡشَ ٱللَّهَ وَيَتَّقۡهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ
كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇپ، گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقىدىكەن، ئەنە شۇ كىشىلەرلا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
۞ وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِنۡ أَمَرۡتَهُمۡ لَيَخۡرُجُنَّۖ قُل لَّا تُقۡسِمُواْۖ طَاعَةٞ مَّعۡرُوفَةٌۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
مۇبادا سەن مۇناپىقلارنى جىھادقا چىقىشقا بۇيرۇساڭ، ئۇلار چوقۇم چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنتايىن كۈچلۈك قەسەملەر بىلەن ئېغىزىغا پېتىشىچە قەسەم قىلىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلار ھەممىگە مەلۇم، ساختا ئىتائىتىڭلارمۇ مەلۇم. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ھەر قانچە يوشۇرساڭلارمۇ ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، دېگىن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تنوّع المخلوقات دليل على قدرة الله.
مەخلۇقاتلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىلىدۇر.

• من صفات المنافقين الإعراض عن حكم الله إلا إن كان الحكم في صالحهم، ومن صفاتهم مرض القلب والشك، وسوء الظن بالله.
ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن باشقا چاغدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈش مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. يەنە قەلبنىڭ كېسەللىكى، ئارىسالدىلىق ۋە ئاللاھنى يامان گۇمان قىلىشلارمۇ شۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

• طاعة الله ورسوله والخوف من الله من أسباب الفوز في الدارين.
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش ھەم ئاللاھتىن قورقۇش ئىككىلا دۇنيادا نىجات تېپىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

• الحلف على الكذب سلوك معروف عند المنافقين.
يالغان قەسەم قىلىش مۇناپىقلارنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق قىلىقىدۇر.

قُلۡ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَۖ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا عَلَيۡهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيۡكُم مَّا حُمِّلۡتُمۡۖ وَإِن تُطِيعُوهُ تَهۡتَدُواْۚ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇناپىقلارغا ئېيتقىنكى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ناۋادا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقتىن باش تارتساڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت يەتكۈزۈش، سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار بولسا بۇيرۇلغانغا ئىتائەت قىلىش ھەمدە پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەنگە ئەمەل قىلىشتۇر. ئەگەر سىلەر پەيغەمبەر قىلىشقا بۇيرۇغاننى قىلىپ، چەكلىگەننى قىلماسلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار توغرا يولنى تاپالايسىلەر. پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئوچۇق يەتكۈزۈشتۇر. ئۇنىڭ سىلەرنى ھىدايەتكە ئېلىپ مېڭىش ۋە مەجبۇرلاش ۋەزىپىسى يوق.
تفسیرهای عربی:
وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَيَسۡتَخۡلِفَنَّهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ كَمَا ٱسۡتَخۡلَفَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمۡ دِينَهُمُ ٱلَّذِي ٱرۡتَضَىٰ لَهُمۡ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّنۢ بَعۡدِ خَوۡفِهِمۡ أَمۡنٗاۚ يَعۡبُدُونَنِي لَا يُشۡرِكُونَ بِي شَيۡـٔٗاۚ وَمَن كَفَرَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن ياردەم بېرىدىغانلىقى، ئىلگىرىكى مۇئمىنلەرنى يەر يۈزىدە ئورۇنباسار قىلغاندەك ئۇلارنىمۇ ئورۇنباسار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلدى، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىن بولغان ئىسلام دىنىغا قۇدرەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، مۇئمىنلەرنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. مۇئمىنلەر پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلسۇن، ماڭا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن. كىمكى مۇشۇنچىۋالا نېئمەتلەرگە ئېرىشىپ تۇرۇپ كۇپۇرلۇق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، پەيغەمبەر سىلەرنى قىلىشقا بۇيرۇغاننى قىلىڭلار، چەكلىگەننى قىلماڭلاركى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
لَا تَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ وَلَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئاللاھ ئازاب چۈشۈرمەكچى بولسا ئۇلارنى ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ، دەپ قالمىغىن. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، بارار جايى جەھەننەم بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق ھە!
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِيَسۡتَـٔۡذِنكُمُ ٱلَّذِينَ مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ وَٱلَّذِينَ لَمۡ يَبۡلُغُواْ ٱلۡحُلُمَ مِنكُمۡ ثَلَٰثَ مَرَّٰتٖۚ مِّن قَبۡلِ صَلَوٰةِ ٱلۡفَجۡرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُم مِّنَ ٱلظَّهِيرَةِ وَمِنۢ بَعۡدِ صَلَوٰةِ ٱلۡعِشَآءِۚ ثَلَٰثُ عَوۡرَٰتٖ لَّكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ وَلَا عَلَيۡهِمۡ جُنَاحُۢ بَعۡدَهُنَّۚ طَوَّٰفُونَ عَلَيۡكُم بَعۡضُكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇل - چۆرىلىرىڭلار ۋە بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن، ھۆر بالىلىرىڭلار مۇنداق ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن رۇخسەت سورىسۇن: (بىرىنچىسى) بامدات نامىزىدىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولۇپ، بۇ سىلەرنىڭ ئويغاق ھالىتىڭلاردا كىيىدىغان كىيىمىڭلارنىڭ ئورنىغا ئۇخلاش كىيىمىڭلارنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتۇر. (ئىككىنچىسى) چىڭقى چۈش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سىلەر چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سېلىۋېتىسىلەر. (ئۈچىنچىسى) خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنكى ۋاقىت بولۇپ، چۈنكى بۇ ۋاقىت سىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ ئۇخلايدىغان ۋاقتىڭلاردۇر. بۇ ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان) ۋاقىتلاردۇركى، بۇ ۋاقىتلاردا سىلەردىن رۇخسەت سورىماي تۇرۇپ يېنىڭلارغا ھېچكىم كىرمىسۇن. مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشقا چاغدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار يېنىڭلارغا رۇخسەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ - چىقىپ تۇرىدىغانلاردۇر. شۇڭا ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا رۇخسەتسىز كىرىشتىن چەكلەنسە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرگە رۇخسەت سوراشنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، يولغا قويغان ئەھكاملارغا دەلىل بولىدىغان ئايەتلەرنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكاملىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• اتباع الرسول صلى الله عليه وسلم علامة الاهتداء.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىك ھىدايەت تاپقانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.

• على الداعية بذل الجهد في الدعوة، والنتائج بيد الله.
دەۋەتچىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەۋەت يولىدا پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سېلىشتۇر. ئەمما نەتىجە ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.

• الإيمان والعمل الصالح سبب التمكين في الأرض والأمن.
ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر يەر يۈزىدە قۇدرەت تېپىش ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

• تأديب العبيد والأطفال على الاستئذان في أوقات ظهور عورات الناس.
قۇللارنى ۋە كىچىك بالىلارنى كىشىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتلاردا رۇخسەت سوراپ كىرىشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.

وَإِذَا بَلَغَ ٱلۡأَطۡفَٰلُ مِنكُمُ ٱلۡحُلُمَ فَلۡيَسۡتَـٔۡذِنُواْ كَمَا ٱسۡتَـٔۡذَنَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەت يېشىغا يەتكەندە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆيلەرگە كىرمەكچى بولسا چوڭلارغا ئوخشاش رۇخسەت سورىسۇن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە رۇخسەت سوراشنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، ئايەتلىرىنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكاملىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر
تفسیرهای عربی:
وَٱلۡقَوَٰعِدُ مِنَ ٱلنِّسَآءِ ٱلَّٰتِي لَا يَرۡجُونَ نِكَاحٗا فَلَيۡسَ عَلَيۡهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعۡنَ ثِيَابَهُنَّ غَيۡرَ مُتَبَرِّجَٰتِۭ بِزِينَةٖۖ وَأَن يَسۡتَعۡفِفۡنَ خَيۡرٞ لَّهُنَّۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيزدىن ۋە تۇغۇتتىن قېپقالغان ھەمدە نىكاھلىنىش خىيالى يوق ياشانغان ئاياللار يېپىشقا بۇيرۇلغان ئىچكى زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ئاساستا پىلاش، چۈمبەل دېگەندەك بىر قىسىم تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ يۆگىنىش ۋە ئىپپىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى ئاشۇ كىيىملىرىنى سېلىۋەتكىنىدىن كۆپ ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَّيۡسَ عَلَى ٱلۡأَعۡمَىٰ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡأَعۡرَجِ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡمَرِيضِ حَرَجٞ وَلَا عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ أَن تَأۡكُلُواْ مِنۢ بُيُوتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ ءَابَآئِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أُمَّهَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ إِخۡوَٰنِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخَوَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَعۡمَٰمِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ عَمَّٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخۡوَٰلِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ خَٰلَٰتِكُمۡ أَوۡ مَا مَلَكۡتُم مَّفَاتِحَهُۥٓ أَوۡ صَدِيقِكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَأۡكُلُواْ جَمِيعًا أَوۡ أَشۡتَاتٗاۚ فَإِذَا دَخَلۡتُم بُيُوتٗا فَسَلِّمُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ تَحِيَّةٗ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ مُبَٰرَكَةٗ طَيِّبَةٗۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
كۆرمەس بوپقالغان ئەما، توكۇر ۋە كېسەللەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ئوخشاش ئىبادەتلەرنى ئورۇندىيالمىسا گۇناھ بولمايدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن، ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، دادىلىرىڭلارنىڭ، ئانىلىرىڭلارنىڭ، قىز - ئوغۇل قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ، تاغا ۋە ھاممىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، قاراپ قويۇشۇڭلار ھاۋالە قىلىنغان ئۆيلەردىن، ئادەتتە سىلەر بىر نەرسىسىنى يېسەڭلار رازى بولىدىغان دوستۇڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن يەپ - ئىچكىنىڭلارغا قارىتا گۇناھكار بولمايسىلەر. مەيلى سىلەر توپلىشىپ يەڭلار ياكى يالغۇز يەڭلار، سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆيلەرگە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆيلەرگە كىرمەكچى بولغىنىڭلاردا ئۆيدىكىلەرگە: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، دەپ سالام بېرىڭلار. ئەگەر ئۆيدە ھېچكىم بولمىسا: بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە سالام بولسۇن، دەپ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىڭلار. بۇ ئاللاھ تەرەپتىن يولغا قويۇلغان بەرىكەتلىك سالامدۇركى، ئاراڭلاردا دوستلۇق ۋە مېھىر - مۇھەببەت تارقىتىدۇ، ئۇنى ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدۇ. بۇ سۈرىدە ئىلگىرى ئۆتكەن بۇ كونكرېت بايانلارغا ئوخشاش، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ چۈشىنىپ، ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايەتلىرىنى كونكرېت بايان قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• جواز وضع العجائز بعض ثيابهنّ لانتفاء الريبة من ذلك.
ياشانغان مومايلار ھەققىدە يامان گۇمان بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر قىسىم سىرتقى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىشى دۇرۇستۇر.

• الاحتياط في الدين شأن المتقين.
دىنىي مەسىلىلەردە ئېھتىيات قىلىش تەقۋادارلارنىڭ ئىشىدۇر.

• الأعذار سبب في تخفيف التكليف.
يوللۇق سەۋەبلەر بىر قىسىم ھۆكۈملەرنى يەڭگىللىتىدۇ.

• المجتمع المسلم مجتمع التكافل والتآزر والتآخي.
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان، ياردەملىشىدىغان ۋە قېرىنداشلارچە ياشايدىغان جەمئىيەتتۇر.

إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَإِذَا كَانُواْ مَعَهُۥ عَلَىٰٓ أَمۡرٖ جَامِعٖ لَّمۡ يَذۡهَبُواْ حَتَّىٰ يَسۡتَـٔۡذِنُوهُۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسۡتَـٔۡذِنُونَكَ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۚ فَإِذَا ٱسۡتَـٔۡذَنُوكَ لِبَعۡضِ شَأۡنِهِمۡ فَأۡذَن لِّمَن شِئۡتَ مِنۡهُمۡ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُمُ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
شەكسىزكى ئىمانىدا سەمىمىي بولغان مۇئمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇركى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىش ئۈستىدە جەم بولغان چاغلىرىدا قايتىپ كەتمەكچى بولسا، (پەيغەمبەردىن) رۇخسەت سورىمىغۇچە قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى قايتماقچى بولغاندا سەندىن رۇخسەت سورايدىغان كىشىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بولۇپ، ناۋادا ئۇلارنىڭ بىرەر مۇھىم ئىشى چىقىپ قېلىپ سەندىن رۇخسەت سورىسا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە رۇخسەت بېرىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسەڭ بولىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
تفسیرهای عربی:
لَّا تَجۡعَلُواْ دُعَآءَ ٱلرَّسُولِ بَيۡنَكُمۡ كَدُعَآءِ بَعۡضِكُم بَعۡضٗاۚ قَدۡ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنكُمۡ لِوَاذٗاۚ فَلۡيَحۡذَرِ ٱلَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنۡ أَمۡرِهِۦٓ أَن تُصِيبَهُمۡ فِتۡنَةٌ أَوۡ يُصِيبَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ھۆرمەتلەڭلار. ناۋادا ئۇنى چاقىرماقچى بولساڭلار، بىر - بىرىڭلارنى چاقىرغىنىڭلارغا ئوخشاش: ئەي مۇھەممەد! دەپ ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ياكى: ئەي ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى! دەپ دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئۇدۇللا چاقىرماي، ئەي رەسۇلۇللاھ ياكى ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەپ چاقىرىڭلار. ناۋادا ئۇ سىلەرنى بىرەر ئىش ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك چاقىرسا، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئۆز ئاراڭلاردىكى بىر قىسىم ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىققا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماڭلار، ئەكسىچە ئۇنىڭغا دەرھال ئاۋاز قوشۇڭلار. ئاللاھ ئاراڭلاردىن رۇخسەتسىز غىپپىدە تىكىۋېتىدىغانلارنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بىرەر خاپىلىق ۋە مۇسىبەت كەلتۈرۈشىدىن ياكى چىدىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق بىئارام قىلىدىغان ئازاب كەلتۈرۈشىدىن پەخەس بولسۇن.
تفسیرهای عربی:
أَلَآ إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ قَدۡ يَعۡلَمُ مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ وَيَوۡمَ يُرۡجَعُونَ إِلَيۡهِ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُواْۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ
بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە پىلانلاش جەھەتلەردە يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ بارچە ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇكى، سىلەرنىڭ ھېچبىر ئەھۋالىڭلار ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ. قىيامەت كۈنى -ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ ئۇنىڭ دەرگاھىدا قايتىپ بارغانلىرىدا- ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغانلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• دين الإسلام دين النظام والآداب، وفي الالتزام بالآداب بركة وخير.
ئىسلام دىنى قانۇن - تۈزۈم ۋە ئەدەب - ئەخلاق دىنىدۇر، ئۇنىڭ ئەدەب - ئەخلاقلىرىغا ئەمەل قىلىشتا بەرىكەت ۋە ياخشىلىق بار.

• منزلة رسول الله صلى الله عليه وسلم تقتضي توقيره واحترامه أكثر من غيره.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسى ئۇنى باشقىلاردىنمۇ بەكرەك چوڭ بىلىشنى ھەم ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• شؤم مخالفة سُنَّة النبي صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلىش بەختسىزلىكتۇر.

• إحاطة ملك الله وعلمه بكل شيء.
ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئىلمى ھەر نەرسىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره نور
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن