ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره لقمان   آیه:

سۈرە لوقمان

از اهداف این سوره:
الأمر باتباع الحكمة التي تضمّنها القرآن، والتحذير من الإعراض عنها.
قۇرئان كەرىم ئۆز ئېچىگە ئالغان ھېكمەتكە ئەگىشىشكە بۇيرۇش، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

الٓمٓ
بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تفسیرهای عربی:
تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡحَكِيمِ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ ئايەتلەر ھېكمەت بىلەن سۆزلەيدىغان كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
تفسیرهای عربی:
هُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّلۡمُحۡسِنِينَ
قۇرئان پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقلىرىنى ۋە بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ
ئۇلار نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىش، ھېساب، مۇكاپات ۋە جازالارنىڭ بارلىقىغا چىن پۈتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أُوْلَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدٗى مِّن رَّبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
بۇ سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ھەمدە ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن يىراق بولۇش ئارقىلىق نىجات تاپقۇچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡتَرِي لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ
نەزر ئىبنى ھارىسقا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن باشقىلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئاخىرەتتە خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا وَلَّىٰ مُسۡتَكۡبِرٗا كَأَن لَّمۡ يَسۡمَعۡهَا كَأَنَّ فِيٓ أُذُنَيۡهِ وَقۡرٗاۖ فَبَشِّرۡهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
ناۋادا ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە گوياكى قۇلىقى پاڭ بوپقېلىپ ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاشتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇنى كۈتۈۋاتقان دەرتلىك ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ جَنَّٰتُ ٱلنَّعِيمِ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نېئمەتلىك جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئاللاھ تەييارلىغان نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
تفسیرهای عربی:
خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٗاۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇركى، ئۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. ئاللاھ غالىبتۇر، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە ئەھكاملارنى يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ بِغَيۡرِ عَمَدٖ تَرَوۡنَهَاۖ وَأَلۡقَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِكُمۡ وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٖۚ وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوۡجٖ كَرِيمٍ
ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتى، زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتى، يەر يۈزىدە تۈرلۈك جانلىقلارنى ياراتتى. بىز ئاسماندىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، زېمىندا ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارغا پايدىلىق، ھەر تۈرلۈك كۆركەم ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.
تفسیرهای عربی:
هَٰذَا خَلۡقُ ٱللَّهِ فَأَرُونِي مَاذَا خَلَقَ ٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦۚ بَلِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
مانا بۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدۇر. ئى مۇشرىكلار! ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار نېمىنى ياراتتى؟ بەلكى زالىملار ھەقىقەتتىن روشەن ئازغۇنلۇقتىدۇر. چۈنكى ئۇلار ھېچنەرسىنى يارىتالمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىمۇ يارالغۇچى بولغان نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارىغا شېرىك قىلىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• طاعة الله تقود إلى الفلاح في الدنيا والآخرة.
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.

• تحريم كل ما يصد عن الصراط المستقيم من قول أو فعل.
توغرا يولدىن توسىدىغان ھەر قانداق ئىش - ھەرىكەت ھارامدۇر.

• التكبر مانع من اتباع الحق.
تەكەببۇرلۇق ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن توسۇپ قالىدۇ.

• انفراد الله بالخلق، وتحدي الكفار أن تخلق آلهتهم شيئًا.
ئاللاھ يارىتىشتا يەككە - يېگانە بولۇپ، كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭمۇ بىرەر نەرسىنى يارىتىپ بېقىشى بىلەن رىقابەت ئېلان قىلىدۇ.

وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا لُقۡمَٰنَ ٱلۡحِكۡمَةَ أَنِ ٱشۡكُرۡ لِلَّهِۚ وَمَن يَشۡكُرۡ فَإِنَّمَا يَشۡكُرُ لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٞ
بىز لوقماننى دىندا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان قابىلىيەت ئاتا قىلدۇق ھەمدە دېدۇقكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ئىتائىتىگە مۇۋەپپقەق قىلغانلىقىغا شۈكرى قىلغىن. كىمكى پەرۋەردىگارىغا شۈكرى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ شۈكرىسى ئۆزىگە ئەسقاتىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ شۈكرىسىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمىتىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، كۇپۇرلۇق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ كۇپرىسىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە، ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەگە لايىقتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ قَالَ لُقۡمَٰنُ لِٱبۡنِهِۦ وَهُوَ يَعِظُهُۥ يَٰبُنَيَّ لَا تُشۡرِكۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّ ٱلشِّرۡكَ لَظُلۡمٌ عَظِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۆز ۋقتىدا لوقمان ئوغلىنى ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شەكسىزكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دوزاختا مەڭگۈ قېلىشقا سەۋەب بولىدىغان چوڭ گۇناھنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىگە ئېغىر زۇلۇم قىلىشتۇر، دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ حَمَلَتۡهُ أُمُّهُۥ وَهۡنًا عَلَىٰ وَهۡنٖ وَفِصَٰلُهُۥ فِي عَامَيۡنِ أَنِ ٱشۡكُرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيۡكَ إِلَيَّ ٱلۡمَصِيرُ
بىز ئىنساننى ئاللاھقا ئاسىي بولمايدىغان ئىشلاردا ئاتا - ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ۋاپادار بولۇشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى ئۈستى - ئۈستىلەپ جاپا - مۇشەققەتتە قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئەمچەكتىن ئايرىلىشى ئۈچۈن ئىككى يىل كېتىدۇ. بىز ئۇنىڭغا دېدۇقكى: ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغىن، ئاندىن ئاتا - ئاناڭنىڭ سېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنى ئۈچۈن مىننەتدار بولغىن. ئاخىرى قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، ئاندىن مەن ھەر كىمگە لايىقىدا جازا - مۇكاپات بېرىمەن.
تفسیرهای عربی:
وَإِن جَٰهَدَاكَ عَلَىٰٓ أَن تُشۡرِكَ بِي مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٞ فَلَا تُطِعۡهُمَاۖ وَصَاحِبۡهُمَا فِي ٱلدُّنۡيَا مَعۡرُوفٗاۖ وَٱتَّبِعۡ سَبِيلَ مَنۡ أَنَابَ إِلَيَّۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرۡجِعُكُمۡ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئەگەر ئاتا - ئاناڭ يولسىزلىق قىلىپ سېنى ئاللاھقا باشقا نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، بۇ ئىشتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. چۈنكى ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارغا دۇنيادا ۋاپادارلىق، سىلە - رەھىم ۋە ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ھەمراھ بولغىن. تەۋھىد ۋە ئىتائەت بىلەن ماڭا قايتقانلارنىڭ يولىدىن ماڭغىن. ئاندىن قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار يالغۇز مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر. مەن سىلەرگە دۇنيادا قىلغانلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىپ، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىمەن.
تفسیرهای عربی:
يَٰبُنَيَّ إِنَّهَآ إِن تَكُ مِثۡقَالَ حَبَّةٖ مِّنۡ خَرۡدَلٖ فَتَكُن فِي صَخۡرَةٍ أَوۡ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ أَوۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَأۡتِ بِهَا ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٞ
ئى ئوغۇلچىقىم! ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىچا چاغلىق كىچىك، ھېچكىم بىلەلمەيدىغان قورام تاشنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ، يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى چوقۇم كەلتۈرىدۇ، ئاندىن بەندىلەرگە ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۆزەتكۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھەر قانچە ئىنچىكە نەرسىلەرمۇ مەخپىي قالمايدۇ. ئۇ بارلىق نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئورنىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰبُنَيَّ أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ وَأۡمُرۡ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَٱنۡهَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَآ أَصَابَكَۖ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنۡ عَزۡمِ ٱلۡأُمُورِ
ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىگىن، بېشىڭغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن. سەن يۇقىرىدا بۇيرۇلغان ئىشلار ھەقىقەتەن ئاللاھ قىلىشىڭنى تەكىتلىگەن ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر، شۇڭا بۇنىڭدا سېنىڭ ئىختىيارلىقىڭ بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تُصَعِّرۡ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمۡشِ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَرَحًاۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخۡتَالٖ فَخُورٖ
كىشلەردىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا ئۆزۈڭگە تەمەننا قىلىپ، كۆرەڭلەپ ماڭمىغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن غادىيىپ ماڭغان، ئېرىشكەن نېئمەتلەر بىلەن كىشىلەرگە مەنمەنچىلىك قىلغان ۋە ئاللاھقا شۈكرى قىلمايدىغانلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱقۡصِدۡ فِي مَشۡيِكَ وَٱغۡضُضۡ مِن صَوۡتِكَۚ إِنَّ أَنكَرَ ٱلۡأَصۡوَٰتِ لَصَوۡتُ ٱلۡحَمِيرِ
تەمكىنلىك بىلەن ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەس قىلغىن، باشقىلارنى بىئارام قىلىدىغان دەرىجىدە ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلمىغىن. شەكسىزكى ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى بولغاچقا ئەڭ زېرىكەرلىك ئاۋازدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• لما فصَّل سبحانه ما يصيب الأم من جهد الحمل والوضع دلّ على مزيد برّها.
ئاللاھ تائالا ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈش ھەم تۇغۇش جەريانىدا تارتىدىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى كونكرېت ھالدا بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تېخىمۇ ۋاپادار بولۇش كېرەكلىكىگە كۆرسەتتى.

• نفع الطاعة وضرر المعصية عائد على العبد.
بەندىنىڭ ئىتائىتىنىڭ پايدىسىمۇ، ئاسىيلىقىنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگە بولىدۇ.

• وجوب تعاهد الأبناء بالتربية والتعليم.
پەرزەنتلەرنىڭ تەلىم - تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋاجىبتۇر.

• شمول الآداب في الإسلام للسلوك الفردي والجماعي.
ئىسلامدىكى ئەدەب - ئەخلاق يەككە ھەم كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

أَلَمۡ تَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَأَسۡبَغَ عَلَيۡكُمۡ نِعَمَهُۥ ظَٰهِرَةٗ وَبَاطِنَةٗۗ وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَلَا هُدٗى وَلَا كِتَٰبٖ مُّنِيرٖ
ئەي ئىنسانلار! بىلمەمسىلەر ۋە كۆرمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى قۇياشنى، ئاينى ۋە باشقا پىلانېتالارنى پايدىلىنىش قولاي ھالەتتە يارىتىپ بەردى، ئۇ يەر يۈزىدىكى جانىۋارلار، دەل - دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلارغا) سۇندى، تەقى - تۇرقى ۋە قىياپەتنىڭ گۈزەل بولۇشىغا ئوخشاش كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان نېئمەتلەرنى، ئەقىل ۋە ئىلىمگە ئوخشاش مەخپىي، كۆرۈنمەيدىغان نېئمەتلەرنى مۇكەممەل قىلدى. مۇشۇنداق نېئمەتلەرگە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگە ياكى ئۆتكۈر ئەقىلگە تايانغان ئىلمىي ئاساسسىز، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان روشەن كىتابسىز ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ھەققىدە دەتالاش قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّبِعُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُواْ بَلۡ نَتَّبِعُ مَا وَجَدۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَآۚ أَوَلَوۡ كَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ يَدۡعُوهُمۡ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ
ناۋادا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىدە دەتالاش قىلىدىغان بۇ كىشىلەرگە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىيگە ئەگىشىڭلار، دېيىلسە، ئۇلار: بىز ئۇنىڭغا ئەگەشمەيمىز، ئەكسىچە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىلاھلارغا چوقۇنۇشتىكى يولىغا ئەگىشىمىز، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى شەيتان بۇتلارغا چوقۇندۇرۇش ئارقىلىق ئازدۇرۇپ، قىيامەت كۈنىدىكى دوزاخ ئوتىغا چاقىرغان بولسىمۇ يەنىلا شۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟
تفسیرهای عربی:
۞ وَمَن يُسۡلِمۡ وَجۡهَهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِ وَهُوَ مُحۡسِنٞ فَقَدِ ٱسۡتَمۡسَكَ بِٱلۡعُرۡوَةِ ٱلۡوُثۡقَىٰۗ وَإِلَى ٱللَّهِ عَٰقِبَةُ ٱلۡأُمُورِ
ئىبادىتىنى ئاللاھقا خالىس، ئەمىلىنى ئېھسان بىلەن قىلغان ھالدا ئاللاھقا يۈزلەنگەن كىشى نىجات تېپىشنى ئۈمىد قىلغانلار ئېسىلىدىغان ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئېسىلغان تۇتقىنىڭ ئاجراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى يالغۇز ئاللاھ تەرەپكە بولىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ھەر كىمگە لايىق رەۋىشتە جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَن كَفَرَ فَلَا يَحۡزُنكَ كُفۡرُهُۥٓۚ إِلَيۡنَا مَرۡجِعُهُمۡ فَنُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
ئەي پەيغەمبەر! كاپىر بولغانلارنىڭ كۇپرىسى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن. ئۇلار قىيامەت كۈنى يالغۇز بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن بىز ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان يامانلىقلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ھەمدە يامانلىقلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
نُمَتِّعُهُمۡ قَلِيلٗا ثُمَّ نَضۡطَرُّهُمۡ إِلَىٰ عَذَابٍ غَلِيظٖ
ئۇلارنى دۇنيادا ئاتا قىلغان ھۇزۇر - ھالاۋەتلەردىن ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئېغىر ئازابقا، يەنى دوزاخ ئازابىغا دۇچار قىلىمىز.
تفسیرهای عربی:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن بۇ مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارغا: جىمى ھەمدۇسانا سىلەرگە قارشى دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرگەن ئاللاھقا خاستۇر، دېگىن. ئۇلارنىڭ تولىسى نادان بولغاچقا ھەمدۇسانانىڭ كىمگە لايىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتۈن نەرسىلەر يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. شۈبھىسىزكى ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەدھىيەگە سازاۋەردۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡ أَنَّمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن شَجَرَةٍ أَقۡلَٰمٞ وَٱلۡبَحۡرُ يَمُدُّهُۥ مِنۢ بَعۡدِهِۦ سَبۡعَةُ أَبۡحُرٖ مَّا نَفِدَتۡ كَلِمَٰتُ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى كېسىلىپ، قەلەم قىلىنغان بولسا، دېڭىز سىياھ بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى چەكسىز بولغانلىقتىن تۈگەپ قالمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئاللاھنى يېڭەلمەيدۇ. يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
مَّا خَلۡقُكُمۡ وَلَا بَعۡثُكُمۡ إِلَّا كَنَفۡسٖ وَٰحِدَةٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٌ
ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ (دەسلەپكى) يارىتىلىشىڭلار ھەمدە قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشۈڭلار بەئەينى بىر جاننىڭ يارىتىلىشى ھەم قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىگىلا ئوخشايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭ بىر ئاۋازنى ئاڭلىشى يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىشىغا پۇتلاشمايدۇ. ئاللاھ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭ بىر نەرسىنى كۆرۈشى يەنە بىر نەرسىنى كۆرۈشىگە پۇتلاشمايدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بىر جاننى يارىتىشى ياكى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشى يەنە بىرىنى يارىتىشىغا ۋە قايتا تىرىلدۈرۈشىگە پۇتلاشمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• نعم الله وسيلة لشكره والإيمان به، لا وسيلة للكفر به.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ئۇنىڭغا كۇپۇرلۇق قىلىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىش ۋە ئىمان ئېيتىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• خطر التقليد الأعمى، وخاصة في أمور الاعتقاد.
قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش خەتەرلىكتۇر، بولۇپمۇ ئېتىقادىي ئىشلاردا (تېخىمۇ شۇنداق).

• أهمية الاستسلام لله والانقياد له وإحسان العمل من أجل مرضاته.
ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا بويسۇنۇش، باش ئېگىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

• عدم تناهي كلمات الله.
ئاللاھنىڭ سۆزلىرى چەكسىزدۇر.

أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِيٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى وَأَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
ئاللاھنىڭ كۈندۈزنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كېچىنى قىسقارتقانلىقىنى، كېچىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كۈندۈزنى قىسقارتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ قۇياش بىلەن ئاينىڭ مېڭىش دائىرىسىنى بېكىتتى. شۇڭا ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا قەدەر ئۆز ئوربىتىلىرىدا مېڭىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدۡعُونَ مِن دُونِهِ ٱلۡبَٰطِلُ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡكَبِيرُ
ئاشۇ پىلانلاش ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئاللاھنىڭ بىردىنبىر ھەق ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاللاھ زاتىدا، سۈپىتىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە ھەق زاتتۇر. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەر قىلچە ئاساسى يوق ئويدۇرما ئىلاھلاردۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن زاتىدا، ئىدارە قىلىشى ۋە بەلگىلىشىدە پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن ئالىيدۇركى، ھېچكىم ئاللاھتىن ئۈستۈن ئەمەس، ئاللاھ ھەر قانداق نەرسىدىن بۈيۈكتۇر.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱلۡفُلۡكَ تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِنِعۡمَتِ ٱللَّهِ لِيُرِيَكُم مِّنۡ ءَايَٰتِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٖ
كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە بويسۇندۇرۇشى بىلەن دېڭىزدا ئۈزىدۇ. -ئى ئىنسانلار!- (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) سىلەرگە ئۆز قۇدرىتى ۋە مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى بۇنىڭدا ئۇچرىغان مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغۇچى ھەم ئېرىشكەن نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلغۇچى ھەر قانداق بەندە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر بار.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا غَشِيَهُم مَّوۡجٞ كَٱلظُّلَلِ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ فَلَمَّا نَجَّىٰهُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ فَمِنۡهُم مُّقۡتَصِدٞۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا كُلُّ خَتَّارٖ كَفُورٖ
ئۇلارنى تاغدەك ۋە بۇلۇتلاردەك دۇلقۇنلار ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان چاغدا ئۇلار ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىپ، غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نورمالراقلىرى (نېئمەتكە) شۈكۈر قىلىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە ئىنكار قىلىدىغانلىرىمۇ بار. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت -مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر ئاللاھ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرسا ئۇنىڭغا شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ئەھدە قىلىپ- ئاندىن پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نېئمەتكە شۈكۈر قىلماي، تۇزكورلۇق قىلىدىغان خىيانەتكارلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمۡ وَٱخۡشَوۡاْ يَوۡمٗا لَّا يَجۡزِي وَالِدٌ عَن وَلَدِهِۦ وَلَا مَوۡلُودٌ هُوَ جَازٍ عَن وَالِدِهِۦ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِٱللَّهِ ٱلۡغَرُورُ
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار، ئاتا بالىغا، بالا ئاتىغا قىلچە ئەسقاتمايدىغان كۈننىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى جازا - مۇكاپات بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا سىلەرنى ھاياتىي دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرى ھەرگىز ئالداپ قويمىسۇن ھەمدە شەيتان ئاللاھنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى ۋە سىلەردىن ئازابنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالدىمىسۇن.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ ٱلۡغَيۡثَ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلۡأَرۡحَامِۖ وَمَا تَدۡرِي نَفۡسٞ مَّاذَا تَكۡسِبُ غَدٗاۖ وَمَا تَدۡرِي نَفۡسُۢ بِأَيِّ أَرۡضٖ تَمُوتُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرُۢ
شەكسىز قىيامەتنىڭ ئىلمى يالغۇز ئاللاھنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئۆزى بىلىدۇ، يامغۇرنى ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ياغدۇرىدۇ، بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ قىز - ئوغۇللىقىنى، بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىنىمۇ بىلىدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىدىغانلىقىنى، قەيەردە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەكسىچە ئاللاھ ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى بىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئاشۇلارنىڭ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• نقص الليل والنهار وزيادتهما وتسخير الشمس والقمر: آيات دالة على قدرة الله سبحانه، ونعمٌ تستحق الشكر.
كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى، قۇياش بىلەن ئاينىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەردۇر ھەمدە شۈكۈر قىلىشقا تېگىشلىك نېئمەتلەردۇر.

• الصبر والشكر وسيلتان للاعتبار بآيات الله.
سەۋر قىلىش بىلەن شۈكۈر قىلىش ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• الخوف من القيامة يقي من الاغترار بالدنيا، ومن الخضوع لوساوس الشياطين.
قىيامەتتىن قورقۇش دۇنياغا ئالدىنىپ قېلىشتىن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە بويسۇنۇشتىن ساقلايدۇ.

• إحاطة علم الله بالغيب كله.
ئاللاھ پۈتۈن غەيبىي ئىشلارنى تولۇق بىلىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره لقمان
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن