ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره شورى   آیه:

سۈرە شۇرا

از اهداف این سوره:
بيان كمال تشريع الله، ووجوب متابعته، والتحذير من مخالفته.
ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكى، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى چېقىشتىن ھەزەر قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

حمٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنداق ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولدى.
تفسیرهای عربی:
عٓسٓقٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنداق ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولدى.
تفسیرهای عربی:
كَذَٰلِكَ يُوحِيٓ إِلَيۡكَ وَإِلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكَ ٱللَّهُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھىي قىلغاندۇر، ئاللاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشتا غالىبتۇر، ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يارىتىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡعَظِيمُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسىلەرنى يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ زاتىدا، قۇدرىتىدە ۋە باشقۇرۇشىدا ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، زاتىدا چەكسىز ئۇلۇغدۇر.
تفسیرهای عربی:
تَكَادُ ٱلسَّمَٰوَٰتُ يَتَفَطَّرۡنَ مِن فَوۡقِهِنَّۚ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يُسَبِّحُونَ بِحَمۡدِ رَبِّهِمۡ وَيَسۡتَغۡفِرُونَ لِمَن فِي ٱلۡأَرۡضِۗ أَلَآ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
ئاسمانلار شۇنچىۋالا چوڭ ۋە ئېگىز تۇرۇپمۇ ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقىدىن يېرىلىپ يەر يۈزىگە چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. پەرشىتىلەر پەرۋەردىگارىنى پاكلاپ، ئۇلۇغلاپ، باش ئېگىش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ، ئاللاھتىن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَ ٱللَّهُ حَفِيظٌ عَلَيۡهِمۡ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِوَكِيلٖ
ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى ئۆزلىرىگە ئىگە قىلىۋالغانلار ۋە ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنغانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇپ، شۇنىڭغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! سەن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا سەن ھەرگىز جاۋابكارلىققىمۇ تارتىلمايسەن. سەن پەقەت يەتكۈزگۈچىسەن.
تفسیرهای عربی:
وَكَذَٰلِكَ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ قُرۡءَانًا عَرَبِيّٗا لِّتُنذِرَ أُمَّ ٱلۡقُرَىٰ وَمَنۡ حَوۡلَهَا وَتُنذِرَ يَوۡمَ ٱلۡجَمۡعِ لَا رَيۡبَ فِيهِۚ فَرِيقٞ فِي ٱلۡجَنَّةِ وَفَرِيقٞ فِي ٱلسَّعِيرِ
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغىنىمىزدەك، مەككە ۋە مەككە ئەتراپىدىكى ئەرەب ئاھالىسىنى، ئاندىن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن ئىلگىرىكىلەرنى ۋە كېيىنكىلەرنى بىر تۈزلەڭلىككە يىغىدىغان كۈن، يەنى قىيامەت كۈنىدىن ئىنسانلارنى قورقۇتۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا ئەرەبچە قۇرئاننى ۋەھىي قىلدۇق. ئۇ كۈننىڭ بولۇشىدا قىلچە شەك يوق. كىشىلەر ئۇ كۈندە ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ، بىر بۆلۈكى جەننەتتە بولىدۇ، ئۇلار مۇئمىنلەردۇر. يەنە بىر بۆلۈكى دوزاختا بولىدۇ، ئۇلار بولسا كاپىرلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَعَلَهُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَلَٰكِن يُدۡخِلُ مَن يَشَآءُ فِي رَحۡمَتِهِۦۚ وَٱلظَّٰلِمُونَ مَا لَهُم مِّن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٍ
ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى ئىسلام دىنى ئۈستىدىكى بىر ئۈممەت قىلىشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىنى جەننەتكە كىرگۈزگەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ ئىسلامغا كىرىپ، جەننەتكە كىرىشىنى تەلەپ قىلدى. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا نە باشپاناھ بولىدىغان ئىگە، نە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغان ياردەمچى بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَمِ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَۖ فَٱللَّهُ هُوَ ٱلۡوَلِيُّ وَهُوَ يُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
بەلكى بۇ مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ باشقىلارنى ئىگە قىلىۋالدى. ھالبۇكى ئاللاھ ھەقىقىي ئىگە بولغۇچى ئىدى. چۈنكى ئاللاھتىن باشقىسى نە پايدا، نە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا ٱخۡتَلَفۡتُمۡ فِيهِ مِن شَيۡءٖ فَحُكۡمُهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبِّي عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُ وَإِلَيۡهِ أُنِيبُ
ئەي ئىنسانلار! سىلەر مەيلى دىننىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرى، مەيلى شاخچە مەسىلىلىرىدىن بىرەر ئىشتا ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، يەنى ئۇ ئىشتا ئاللاھنىڭ كىتابىغا ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ. مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان زات مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇركى، مەن بارچە ئىشلىرىمدا ئۇنىڭغا تاياندىم، تەۋبە بىلەن يەنە شۇنىڭغا قايتىمەن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• عظمة الله ظاهرة في كل شيء.
ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى ھەر نەرسىدە نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

• دعاء الملائكة لأهل الإيمان بالخير.
پەرىشتىلەر ئىمان ئەھلىگە ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ.

• القرآن والسُنَّة مرجعان للمؤمنين في شؤونهم كلها، وبخاصة عند الاختلاف.
قۇرئان بىلەن سۈننەت مۇئمىنلەرنىڭ بارچە ئىشلىرىدا، بولۇپمۇ تالاش - تارتىشقا چۈشۈپ قالغاندا مۇراجىئەت قىلىدىغان مەنبەسىدۇر.

• الاقتصار على إنذار أهل مكة ومن حولها؛ لأنهم مقصودون بالرد عليهم لإنكارهم رسالته صلى الله عليه وسلم وهو رسول للناس كافة كما قال تعالى: ﴿وَمَآ أَرسَلنُّكَ إلَّا كافةً لِّلنَّاس...﴾، (سبأ: 28).
مەككە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈستىدىلا توختىلىشتىكى مەقسەت؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنى رەددىيە ئوبيېكتى قىلىش ئۈچۈندۇركى، ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: «بىز سېنى پەقەت پۈتكۈل ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق» دەيدۇ.

فَاطِرُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ جَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَمِنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ أَزۡوَٰجٗا يَذۡرَؤُكُمۡ فِيهِۚ لَيۡسَ كَمِثۡلِهِۦ شَيۡءٞۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتتى، سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپتلەرنى ياراتتى، تۆگە، كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلارنىمۇ سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن كۆپەيسۇن دەپ جۈپ قىلىپ ياراتتى. ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئۆزئارا توي قىلىش ئارقىلىق جۈپلىشىشىڭلاردىن يارىتىدۇ ھەمدە سىلەرنى چارىپايلىرىڭلارنىڭ گۆشلىرىنى يەپ، سۈتلىرىنى ئىچىشىڭلار ئارقىلىق ياشىتىدۇ. ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلاردىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئىلمىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ، يەنى ئەگەر ئەمەللىرى ياخشى بولسا مۇكاپاتىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئەمەللىرى يامان بولسا جازاسىمۇ يامان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَهُۥ مَقَالِيدُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ. يەنە سەۋر قىلامدۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازى بولامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ شَرَعَ لَكُم مِّنَ ٱلدِّينِ مَا وَصَّىٰ بِهِۦ نُوحٗا وَٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ وَمَا وَصَّيۡنَا بِهِۦٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَىٰٓۖ أَنۡ أَقِيمُواْ ٱلدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُواْ فِيهِۚ كَبُرَ عَلَى ٱلۡمُشۡرِكِينَ مَا تَدۡعُوهُمۡ إِلَيۡهِۚ ٱللَّهُ يَجۡتَبِيٓ إِلَيۡهِ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِيٓ إِلَيۡهِ مَن يُنِيبُ
ئاللاھ تائالا دىندا يەتكۈزۈش ۋە ئەمەل قىلىش ئىشىدا نۇھنى نېمىگە بۇيرۇغان بولسا سىلەرگىمۇ شۇنى يولغا قويدى. ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان ھەمدە سىلەر ئۈچۈن يولغا قويغىنىمىز، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسالارنى يەتكۈزۈشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىنىڭ ئۆزىدۇر. يىغىپ ئېيتقاندا ئۇ: دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنۈشنى تاشلاڭلار، دېگەندىن ئىبارەتتۇر. سېنىڭ ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ھەم ئۇنىڭ باشقىسىغا چوقۇنۇشنى تاشلاشقا دەۋەت قىلغانلىقىنىڭ مۇشرىكلارغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى. ئاللاھ بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىنى تاللاپ، ئۆزىگە قۇلچىلىق ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە قايتقانلارنى ھىدايەتكە باشلايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا تَفَرَّقُوٓاْ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى لَّقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُورِثُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ
كاپىرلار ۋە مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دەلىل - پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈشى پەقەت ھەددىدىن ئاشقانلىق ۋە زۇلۇق قىلغانلىق سەۋەبىدىندۇر. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابنى مەلۇم مۇددەتكىچە، يەنى قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرۈش پۈتۈلمىسە ئىدى، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابلىغان بولاتتى. شەكسىزكى يەھۇدىيلار ئىچىدىن تەۋراتنى، ناسارالار ئىچىدىن ئىنجىلنى ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىدىن ۋە ئاشۇ مۇشرىكلاردىن مىراس ئالغانلار ئەلۋەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن بۇ قۇرئاندىن شەكتە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى يالغانغا چىقىرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَلِذَٰلِكَ فَٱدۡعُۖ وَٱسۡتَقِمۡ كَمَآ أُمِرۡتَۖ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَهُمۡۖ وَقُلۡ ءَامَنتُ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِن كِتَٰبٖۖ وَأُمِرۡتُ لِأَعۡدِلَ بَيۡنَكُمُۖ ٱللَّهُ رَبُّنَا وَرَبُّكُمۡۖ لَنَآ أَعۡمَٰلُنَا وَلَكُمۡ أَعۡمَٰلُكُمۡۖ لَا حُجَّةَ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمُۖ ٱللَّهُ يَجۡمَعُ بَيۡنَنَاۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ
سەن مۇشۇ توغرا دىنغا دەۋەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ دىن ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىن، ئۇلارنىڭ ساختا خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار بىلەن دەتالاش قىلىپ قالغىنىڭدا ئېيتقىنكى، مەن ئاللاھقا، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان بارلىق كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم. ئاللاھ مېنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇدى. مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر. دەلىل - پاكىت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن ئارىمىزدا تالاشقۇدەك ئىش يوق. توغرا يول ئېنىق بولدى. ئاللاھ ھەممىمىزنى بىر يەرگە يىغىدۇ. قىيامەت كۈنى قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ تەرىپىگە بولىدۇ. ئۇ ھەر بىرىمىزگە تېگىشلىك جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئاشۇ چاغدا راستچىل يالغانچىدىن، توغرا خاتادىن ئايرىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• دين الأنبياء في أصوله دين واحد.
بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىنىڭ ئاساسى بىردۇر.

• أهمية وحدة الكلمة، وخطر الاختلاف فيها.
سۆزدە بىرلىك ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىختىلاپ خەتەرلىكتۇر.

• من مقومات نجاح الدعوة إلى الله: صحة المبدأ، والاستقامة عليه، والبعد عن اتباع الأهواء، والعدل، والتركيز على المشترك، وترك الجدال العقيم، والتذكير بالمصير المشترك.
توغرا پىرىنسىپ بولۇش ۋە پىرىنسىپتا تەۋرەنمەي تۇرۇش، ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىشتىن يىراق تۇرۇش، ئادىل بولۇش، ئورتاق تەرەپلەرگە مەركەزلىشىش، پايدىسىز دەتالاش قىلماسلىق ۋە ئورتاق ئاقىۋەتنى ئەسلىتىش ئاللاھقا بولغان دەۋەتنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىدىندۇر.

وَٱلَّذِينَ يُحَآجُّونَ فِي ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا ٱسۡتُجِيبَ لَهُۥ حُجَّتُهُمۡ دَاحِضَةٌ عِندَ رَبِّهِمۡ وَعَلَيۡهِمۡ غَضَبٞ وَلَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٌ
كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان بۇ دىندا ئاساسسىز باھانىلەر بىلەن دەتالاش قىلىدىغانلارنىڭ باھانىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە مۇئمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قىلچە ئېتىبارى ھەم ئەھمىيىتى يوقتۇر. كاپىر بولغانلىقى ۋە ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپى ھەمدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان قاتتىق ئازاب بار.
تفسیرهای عربی:
ٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ وَٱلۡمِيزَانَۗ وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّ ٱلسَّاعَةَ قَرِيبٞ
ئاللاھ تائالا ھېچقانداق شەك بولمىغان قۇرئاننى ھەق بىلەن نازىل قىلدى، كىشىلەر ئارىسىدا ئىنساپ بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئادالەتنى نازىل قىلدى. ئۇلار ئىنكار قىلىۋاتقان قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە، كۆرۈنگەن تاغنىڭ يىراق ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم.
تفسیرهای عربی:
يَسۡتَعۡجِلُ بِهَا ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِهَاۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مُشۡفِقُونَ مِنۡهَا وَيَعۡلَمُونَ أَنَّهَا ٱلۡحَقُّۗ أَلَآ إِنَّ ٱلَّذِينَ يُمَارُونَ فِي ٱلسَّاعَةِ لَفِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٍ
قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھېساب، ساۋاب ۋە جازالارغا ئىشەنمەيدۇ، ئاللاھقا ئىشىنىدىغان مۇئمىنلەر بولسا قىيامەتتىكى ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتنىڭ شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرىسىدا دەتالاش قىلىپ، جىدەللىشىدىغانلار ۋە ئۇنىڭ بولۇشىدا شەك قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱللَّهُ لَطِيفُۢ بِعِبَادِهِۦ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُۖ وَهُوَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡعَزِيزُ
ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى كۆيۈنگۈچىدۇركى، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭكىنى تار قىلىدۇ. قارىماققا باشقىچە كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ (بۇ، ئاللاھنىڭ) شۇ كىشىگە قىلغان رەھمىتىدۇر. ئاللاھ كۈچلۈكتۇركى، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
مَن كَانَ يُرِيدُ حَرۡثَ ٱلۡأٓخِرَةِ نَزِدۡ لَهُۥ فِي حَرۡثِهِۦۖ وَمَن كَانَ يُرِيدُ حَرۡثَ ٱلدُّنۡيَا نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَا وَمَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِن نَّصِيبٍ
كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىمىز. مەسىلەن، بىر ياخشىلىقنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۆپەيتىپ بېرىمىز. كىمكى مۇشۇ دۇنيانىلا كۆزلەيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا ئۆزىگە تېگىشلىك بولغاننىلا بېرىمىز، ئەمما ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن كۆردى.
تفسیرهای عربی:
أَمۡ لَهُمۡ شُرَكَٰٓؤُاْ شَرَعُواْ لَهُم مِّنَ ٱلدِّينِ مَا لَمۡ يَأۡذَنۢ بِهِ ٱللَّهُۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةُ ٱلۡفَصۡلِ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۗ وَإِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ياكى بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ مۇشرىكلارغا شېرىك، ھالالنى ھارام قىلىش، ھارامنى ھالال قىلىش قاتارلىق دىندىن ئاللاھ ئۇلارغا رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى يولغا قويۇپ بەردىمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ئىختىلاپلاشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغانغا مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرمىگەن بولسىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغان بولاتتى. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا قىيامەتتە كۈتۈۋاتقان دەرتلىك ئازاب بار.
تفسیرهای عربی:
تَرَى ٱلظَّٰلِمِينَ مُشۡفِقِينَ مِمَّا كَسَبُواْ وَهُوَ وَاقِعُۢ بِهِمۡۗ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فِي رَوۡضَاتِ ٱلۡجَنَّاتِۖ لَهُم مَّا يَشَآءُونَ عِندَ رَبِّهِمۡۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَضۡلُ ٱلۡكَبِيرُ
ئەي پەيغەمبەر! شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورققان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى بۇ جازا شەكسىز يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارغا پەقەت قورقۇشلا تەۋبىنىڭ ئورنىدا ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۇلارنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، يەنى جەننەتنىڭ باغلىرىدا ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان، تۈرلۈك نېئمەتلەر بار بولۇپ، مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئەنە شۇ ھېچقانداق ئىلتىپات تەڭ كەلمەيدىغان بۈيۈك ئىلتىپاتتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• خوف المؤمن من أهوال يوم القيامة يعين على الاستعداد لها.
مۇئمىننىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشەتلىك ئەھۋاللىرىدىن قورقۇشى ئۇنىڭ قىيامەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

• لطف الله بعباده حيث يوسع الرزق على من يكون خيرًا له، ويضيّق على من يكون التضييق خيرًا له.
ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇركى، رىزقىنىڭ كەڭرى بولۇشى ياخشى بولىدىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، رىزقىنىڭ تار قىلىنىشى ياخشى بولىدىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ.

• خطر إيثار الدنيا على الآخرة.
دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن بىلىش خەتەرلىكتۇر.

ذَٰلِكَ ٱلَّذِي يُبَشِّرُ ٱللَّهُ عِبَادَهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِۗ قُل لَّآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ أَجۡرًا إِلَّا ٱلۡمَوَدَّةَ فِي ٱلۡقُرۡبَىٰۗ وَمَن يَقۡتَرِفۡ حَسَنَةٗ نَّزِدۡ لَهُۥ فِيهَا حُسۡنًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ شَكُورٌ
ئەنە شۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە بېرىدىغان كاتتا خۇشبېشارەتتۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن سىلەردىن ھەقنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مۇكاپات تەلەپ قىلمايمەن. پەقەت پايدىسى ئۆزۈڭلارغا بولىدىغان بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن. ئۇ بولسا سىلەر بىلەن بولغان تۇغقانچىلىق يۈزىسىدىن بولسىمۇ مېنى ياخشى كۆرۈشۈڭلاردۇر. كىمكى بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىمىز. بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن كۆپ مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗاۖ فَإِن يَشَإِ ٱللَّهُ يَخۡتِمۡ عَلَىٰ قَلۡبِكَۗ وَيَمۡحُ ٱللَّهُ ٱلۡبَٰطِلَ وَيُحِقُّ ٱلۡحَقَّ بِكَلِمَٰتِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ قۇرئاننى ئۆزى توقۇپ، پەرۋەردىگارىغا نىسبەت بەردى، دەۋا قىلىشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر سەن يالغاننى توقۇشنى خىيالىڭغا كەلتۈرۈپ سالغان بولساڭ، مەن ئەلۋەتتە قەلبىڭنى مۆھۈرلەپ، ئويدۇرۇلغان ساختىلىقنى يوق قىلىپ، ھەقىقەتنى قالدۇاتتىم. لېكىن بۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەن ئىكەن، قۇرئان كەرىمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بەردى. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَهُوَ ٱلَّذِي يَقۡبَلُ ٱلتَّوۡبَةَ عَنۡ عِبَادِهِۦ وَيَعۡفُواْ عَنِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ وَيَعۡلَمُ مَا تَفۡعَلُونَ
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى ئۆتۈۋېتىدۇ، ئۇ سىلەر قىلغان ھەر قانداق ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇنىڭغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَسۡتَجِيبُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَيَزِيدُهُم مِّن فَضۡلِهِۦۚ وَٱلۡكَٰفِرُونَ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞ
ئاللاھ تائالا ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن گەرچە ئۇلار سورىمىسىمۇ ئارتۇق بېرىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارنى قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازاب كۈتۈپ تۇرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَلَوۡ بَسَطَ ٱللَّهُ ٱلرِّزۡقَ لِعِبَادِهِۦ لَبَغَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَٰكِن يُنَزِّلُ بِقَدَرٖ مَّا يَشَآءُۚ إِنَّهُۥ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرُۢ بَصِيرٞ
ئەگەر ئاللاھ پۈتۈن بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىۋەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار يەر يۈزىدە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق ھەددىدىن ئاشاتتى. لېكىن ئاللاھ رىزىقلارنى ئۆزى خالىغان مىقداردا كەڭ ۋە تار قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. مەلۇم ھېكمەت تۈپەيلىدىن بېرىدۇ، يەنە مەلۇم ھېكمەت تۈپەيلىدىن بەرمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَهُوَ ٱلَّذِي يُنَزِّلُ ٱلۡغَيۡثَ مِنۢ بَعۡدِ مَا قَنَطُواْ وَيَنشُرُ رَحۡمَتَهُۥۚ وَهُوَ ٱلۡوَلِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
ئاللاھ تائالا بەندىلىرى يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگىنىدىن كېيىن ئۇلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ يامغۇر ھەر تەرەپكە يېيىلىپ، زېمىننى مۇنبەتلەشتۈرىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچىدۇر، ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەگە لايىقتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ خَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَثَّ فِيهِمَا مِن دَآبَّةٖۚ وَهُوَ عَلَىٰ جَمۡعِهِمۡ إِذَا يَشَآءُ قَدِيرٞ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ھەمدە ئۇ ئىككىسىدە ئاجايىب مەخلۇقاتلارنىڭ تارىلىپ يۈرۈشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە يەككە - يېگانىلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىندۇر. ئاللاھ تائالا قاچان خالىسا ئۇلارنى جازا - مۇكاپات ئۈچۈن توپلاشقا قادىردۇر. ئۇلارنى تۇنجى يارىتىش ئۇنى ئاجىز قىلالمىغىنىدەك، قايتا يارىتىشمۇ ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَآ أَصَٰبَكُم مِّن مُّصِيبَةٖ فَبِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَيَعۡفُواْ عَن كَثِيرٖ
ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ جانلىرىڭلارغا ياكى ماللىرىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەت ئۆزۈڭلار قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلەر تۈپەيلىدىندۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا سىلەرنى جازالىمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِۖ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
ناۋادا پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنى جازالىماقچى بولسا، سىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلىرىڭلارغا ئىگە بولالايدىغان باشپاناھ يوق، ئۇ سىلەرنى ئازابلىماقچى بولغىنىدا سىلەردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتەلەيدىغان ياردەمچىمۇ يوق.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الداعي إلى الله لا يبتغي الأجر عند الناس.
ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغۇچى، كىشىلەردىن مۇكاپات تەلەپ قىلمايدۇ.

• التوسيع في الرزق والتضييق فيه خاضع لحكمة إلهية قد تخفى على كثير من الناس.
رىزىقنىڭ كەڭ - تار بولۇشى ئىلاھىي ھېكمەت بويىچە بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنى ئۇقالمايدۇ.

• الذنوب والمعاصي من أسباب المصائب.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر بالا - مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

وَمِنۡ ءَايَٰتِهِ ٱلۡجَوَارِ فِي ٱلۡبَحۡرِ كَٱلۡأَعۡلَٰمِ
دېڭىزدا قاتناۋاتقان، ئېگىزلىكى ۋە يوغانلىقىدا تاغدەك چوڭ كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە يەككە - يېگانىلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىندۇر.
تفسیرهای عربی:
إِن يَشَأۡ يُسۡكِنِ ٱلرِّيحَ فَيَظۡلَلۡنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهۡرِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٍ
ئەگەر ئاللاھ شۇ كېمىلەرنى ھەيدەپ مېڭىۋاتقان شامالنى توختىتىپ قويۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتى، ئاندىن كېمىلەر دېڭىزدا قىمىر قىلماي توختاپ قالاتتى. شەكسىزكى كېمىلەرنىڭ يارىتىلىشى ۋە شاماللارنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلاردا بالا - مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغۇچى، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ھەر قانداق كىشىگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ روشەن دەلىللىرى بار.
تفسیرهای عربی:
أَوۡ يُوبِقۡهُنَّ بِمَا كَسَبُواْ وَيَعۡفُ عَن كَثِيرٖ
ياكى ئەگەر ئاللاھ تائالا ئاشۇ كېمىلەرنى قاتتىق بوران چىقىرىش ئارقىلىق ھالاك قىلىۋېتىشنى خالىسا ئىدى، ئىنسانلارنىڭ گۇناھ - مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىۋېتەتتى. ئەمما ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن كۆپىنچىسىنى ئۆتۈۋېتىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭغا قارىتا جازالىمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَعۡلَمَ ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مَا لَهُم مِّن مَّحِيصٖ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاساسسىزغا چىقىرىش ئۈچۈن دەتالاش قىلغانلار ئاللاھ قاتتىق بوران ئەۋەتىپ ئاشۇ كېمىلەرنى ھالاك قىلغان چاغدا ئۆزلىرى ئۈچۈن ھالاكەتتىن قاچىدىغان جاي يوقلۇقىنى بىلىدۇ - دە، پەقەت ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا (بۇتلىرىنى) تاشلايدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَمَآ أُوتِيتُم مِّن شَيۡءٖ فَمَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
ئەي ئىنسانلار! سىلەرگە بېرىلگەن مال - مۈلۈك، يۈز - ئابرۇي ۋە بالا - چاقىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئۇ ھامىنى يوقىلىدۇ. مەڭگۈلۈك نېئمەت بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، يالغۇز پەرۋەردىگارىغىلا تەۋەككۈل قىلىپ، بارلىق ئىشلىرىدا ئۇنىڭغىلا تايانغان كىشىلەرگە تەييارلىغان جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ يَجۡتَنِبُونَ كَبَٰٓئِرَ ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡفَوَٰحِشَ وَإِذَا مَا غَضِبُواْ هُمۡ يَغۡفِرُونَ
ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە ناچار قىلمىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ، بىرەرسى يامان گەپ - سۆز ياكى ئىش - ھەرىكەت ئارقىلىق ئاچچىقىنى كەلتۈرسە ئۇنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ، ئۇنىڭغا قارىتا ئۇنى جازالىمايدۇ. بۇنداق ئەپۇچانلىقتا ياخشىلىق ۋە مەنپەئەتلا بولىدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ داۋاملىق ھەمراھ قىلىدىغان پەزىلىتىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ ٱسۡتَجَابُواْ لِرَبِّهِمۡ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَمۡرُهُمۡ شُورَىٰ بَيۡنَهُمۡ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، چەكلىگەنلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغان، نامازلىرىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدىغان، مۇھىم ئىشلاردا ئۆزئارا كېڭىشىپ ئىش قىلىدىغان، بىز بەرگەن رىزىقلاردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سەرپ قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ إِذَآ أَصَابَهُمُ ٱلۡبَغۡيُ هُمۡ يَنتَصِرُونَ
زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ناۋادا زالىم كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدىغان بىرى بوپقالسا ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى تۇرىدۇ. بولۇپمۇ كەچۈرۈم قىلغاننىڭ پايدىسى بولمىغان ۋاقىتتا بۇنداق قارشىلىق كۆرسىتىش توغرىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَجَزَٰٓؤُاْ سَيِّئَةٖ سَيِّئَةٞ مِّثۡلُهَاۖ فَمَنۡ عَفَا وَأَصۡلَحَ فَأَجۡرُهُۥ عَلَى ٱللَّهِۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئۆز ھەققىنى ئالماقچى بولغان ئادەم شۇنداق قىلسا بولىدۇ، لېكىن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن، ئوخشاش دەرىجىدە بولۇشى كېرەك. كىمكى ئۆزىگە يامانلىق قىلغان كىشىنى كەچۈرۈپ، قىلغان يامانلىقىغا قارىتا ئۇنى جازالىماي، ئۆزى بىلەن قېرىندىشى ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ بېرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ كىشىلەرنىڭ جانلىرى ياكى ماللىرى ياكى يۈز - ئابرۇيلىرىغا (چېقىلىش ئارقىلىق) زۇلۇم قىلغان زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۆچ كۆرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَمَنِ ٱنتَصَرَ بَعۡدَ ظُلۡمِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَا عَلَيۡهِم مِّن سَبِيلٍ
كىمكى ئۆزى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغان بولسا، بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىغا قارىتا ئەيىبلەنمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَا ٱلسَّبِيلُ عَلَى ٱلَّذِينَ يَظۡلِمُونَ ٱلنَّاسَ وَيَبۡغُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
پەقەت ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىپ، يەر يۈزىدە گۇناھ - مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارلا ئەيىبلىنىپ، جازالىنىدۇ. ئۇلارغا ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازاب بار.
تفسیرهای عربی:
وَلَمَن صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمِنۡ عَزۡمِ ٱلۡأُمُورِ
باشقىلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ، ئۇنى ئۆتۈۋەتكەن كىشىگە كەلسەك، بۇنداق سەۋرچانلىقنىڭ پايدىسى ئۆزىگە ھەم كۆپچىلىككە بولىدۇ. بۇ مەدھىيىلەشكە لايىق ئىشتۇر. بۇنداق خىسلەتكە پەقەت كاتتا نېسىۋە ئىگىلىرىلا مۇۋەپپەق بولالايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن وَلِيّٖ مِّنۢ بَعۡدِهِۦۗ وَتَرَى ٱلظَّٰلِمِينَ لَمَّا رَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَ يَقُولُونَ هَلۡ إِلَىٰ مَرَدّٖ مِّن سَبِيلٖ
ئاللاھ كىمنى ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلىپ، توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، ئۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىشىغا ئىگە بولىدىغان ھېچبىر ھامىي بولمايدۇ. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار قىيامەت كۈنى ئازابنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەندە: دۇنياغا قايتىشنىڭ بىرەر ئامالى بارمىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بوپقالسا ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋالار ئىدۇق، دەپ ئارزۇ قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الصبر والشكر سببان للتوفيق للاعتبار بآيات الله.
سەۋرچانلىق ھەم شۈكۈر قىلىش ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• مكانة الشورى في الإسلام عظيمة.
ئىسلامدا شۇرا (كېڭەش) ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

• جواز مؤاخذة الظالم بمثل ظلمه، والعفو خير من ذلك.
زالىمنى زۇلمىغا تۇشلۇق جازالاش دۇرۇس، ئەمما كەچۈرۈم قىلىش جازالاشتىن ياخشىراقتۇر.

وَتَرَىٰهُمۡ يُعۡرَضُونَ عَلَيۡهَا خَٰشِعِينَ مِنَ ٱلذُّلِّ يَنظُرُونَ مِن طَرۡفٍ خَفِيّٖۗ وَقَالَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ ٱلۡخَٰسِرِينَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَأَهۡلِيهِمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ أَلَآ إِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ فِي عَذَابٖ مُّقِيمٖ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ زالىملار خارۇزار ھالەتتە دوزاخقا توغرىلانغاندا ئۇلارنىڭ قاتتىق قورققانلىقتىن باشقىلارغا ئوغرىلىقچە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر ئېيتىدۇكى: ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ھەم بالا - چاقىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلاردۇر. بىلىپ قېلىڭلاركى، كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، مۇقىم ئازاب ئىچىدە بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا كَانَ لَهُم مِّنۡ أَوۡلِيَآءَ يَنصُرُونَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِۗ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن سَبِيلٍ
قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ياردەم قىلالايدىغان ھامىيلار بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا كىمنى ھەقىقەتتىن مەھرۇم قىلىپ، ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، مەڭگۈ ئۇنى ھىدايەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىرەر يول بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱسۡتَجِيبُواْ لِرَبِّكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا مَرَدَّ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِۚ مَا لَكُم مِّن مَّلۡجَإٖ يَوۡمَئِذٖ وَمَا لَكُم مِّن نَّكِيرٖ
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىملىرىدىن يىراق تۇرۇش ۋە سەل قاراشنى تاشلاشقا ئالدىراش ئارقىلىق قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىڭلار. ئۇ كۈن كەلگەندە ئۇنى توسۇپ قالغۇچى بولمايدۇ، سىلەرنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىڭلارمۇ بولمايدۇ، دۇنيادا قىلغان گۇناھلىرىڭلارنى ئىنكارمۇ قىلالمايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
فَإِنۡ أَعۡرَضُواْ فَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ حَفِيظًاۖ إِنۡ عَلَيۡكَ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُۗ وَإِنَّآ إِذَآ أَذَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِنَّا رَحۡمَةٗ فَرِحَ بِهَاۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ فَإِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ كَفُورٞ
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سەن بۇيرۇغان ئىشتىن يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىدىغان نازارەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى يەتكۈزۈشتۇر. ئۇلارنىڭ ھېسابىنى ئاللاھ ئالىدۇ. ناۋادا بىز ئىنسانغا بايلىق، ساقلىق ۋە باشقا نېئمەتلەرنى تېتىتىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىن خۇشال بوپكېتىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر خاپىلىق يېتىپ قالسا، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە كاپىر بولۇش، شۈكرى قىلماسلىق ۋە ئاللاھنىڭ ھېكمەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازى بولۇشتۇر.
تفسیرهای عربی:
لِّلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ يَهَبُ لِمَن يَشَآءُ إِنَٰثٗا وَيَهَبُ لِمَن يَشَآءُ ٱلذُّكُورَ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئەركەك ياكى چىشى، ياكى باشقا تىپتىن ئۆزى خالىغاننى يارىتىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىپ، ئوغۇللاردىن مەھرۇم قىلىدۇ. خالىغىنىغا ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىپ، قىزلاردىن مەھرۇم قىلىدۇ. خالىغىنىغا ئوغۇل - قىزلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. خالىغان كىشىنى پەقەت بالىسى بولمايدىغان تۇغماس قىلىپ قويىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئۆتمۈشتە بولۇپ بولغاننىمۇ، كەلگۈسىدە بولىدىغاننىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ ھەم ھېكمىتىنىڭ مۇكەممەللىكىدىندۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەم ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَوۡ يُزَوِّجُهُمۡ ذُكۡرَانٗا وَإِنَٰثٗاۖ وَيَجۡعَلُ مَن يَشَآءُ عَقِيمًاۚ إِنَّهُۥ عَلِيمٞ قَدِيرٞ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئەركەك ياكى چىشى، ياكى باشقا تىپتىن ئۆزى خالىغاننى يارىتىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىپ، ئوغۇللاردىن مەھرۇم قىلىدۇ. خالىغىنىغا ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىپ، قىزلاردىن مەھرۇم قىلىدۇ. خالىغىنىغا ئوغۇل - قىزلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. خالىغان كىشىنى پەقەت بالىسى بولمايدىغان تۇغماس قىلىپ قويىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئۆتمۈشتە بولۇپ بولغاننىمۇ، كەلگۈسىدە بولىدىغاننىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ ھەم ھېكمىتىنىڭ مۇكەممەللىكىدىندۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەم ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُكَلِّمَهُ ٱللَّهُ إِلَّا وَحۡيًا أَوۡ مِن وَرَآيِٕ حِجَابٍ أَوۡ يُرۡسِلَ رَسُولٗا فَيُوحِيَ بِإِذۡنِهِۦ مَا يَشَآءُۚ إِنَّهُۥ عَلِيٌّ حَكِيمٞ
ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ئىلھام ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ۋەھىي قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلىدۇ ياكى ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئەمما كۆرەلمەيدىغان رەۋىشتە سۆز قىلىدۇ، ياكى ئۇنىڭغا جىبرىئىلغا ئوخشاش بىرەر پەرىشتە ئەلچىنى ئەۋەتىدۇ - دە، ئۇ پەرىشتە ئىنسان ئەلچىگە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھ ۋەھىي قىلىشىنى خالىغان نەرسىنى ۋەھىي قىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ زاتىدا ۋە سۈپەتلىرىدە ئۈستۈندۇر، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە شەرئىي ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب المسارعة إلى امتثال أوامر الله واجتناب نواهيه.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا ئالدىراش ۋاجىبتۇر.

• مهمة الرسول البلاغ، والنتائج بيد الله.
پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى يەتكۈزۈش بولۇپ، نەتىجىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.

• هبة الذكور أو الإناث أو جمعهما معًا هو على مقتضى علم الله بما يصلح لعباده، ليس فيها مزية للذكور دون الإناث.
ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇش، ياكى ئوغۇل - قىز ئارىلاش پەرزەنتلىك بولۇش ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ھەققىدىكى ئىلمىگە ئاساسەن بولىدۇ. بۇ ئىشتا ئوغۇللارنىڭ قىزلاردىن ئارتۇقچىلىقى يوق.

• يوحي الله تعالى إلى أنبيائه بطرق شتى؛ لِحِكَمٍ يعلمها سبحانه.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىگە خىلمۇخىل ئۇسۇللار بىلەن ۋەھىي قىلىدۇ، بۇنىڭ ھېكمىتىنى پەقەت ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.

وَكَذَٰلِكَ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ رُوحٗا مِّنۡ أَمۡرِنَاۚ مَا كُنتَ تَدۡرِي مَا ٱلۡكِتَٰبُ وَلَا ٱلۡإِيمَٰنُ وَلَٰكِن جَعَلۡنَٰهُ نُورٗا نَّهۡدِي بِهِۦ مَن نَّشَآءُ مِنۡ عِبَادِنَاۚ وَإِنَّكَ لَتَهۡدِيٓ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغىنىمىزدەك، ساڭىمۇ دەرگاھىمىزدىن قۇرئاننى ۋەھىي قىلدۇق. سەن قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىڭ، ئىماننىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتىڭ. لېكىن بىز بۇ قۇرئاننى بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان نۇر قىلدۇق. شەكسىزكى سەن ئىنسانلارنى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت داغدام يولغا باشلايسەن.
تفسیرهای عربی:
صِرَٰطِ ٱللَّهِ ٱلَّذِي لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ أَلَآ إِلَى ٱللَّهِ تَصِيرُ ٱلۡأُمُورُ
(بۇ بولسا) ئاللاھ تائالانىڭ يولىدۇركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەۋجۇدات يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە پىلانلاشتا يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇر. دەرھەقىقەت، بۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پىلانلاش ئىشى يالغۇز ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• سمي الوحي روحًا لأهمية الوحي في هداية الناس، فهو بمنزلة الروح للجسد.
ۋەھىي ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا روھ دەپ ئاتالدى. چۈنكى ئۇ تەندىكى روھنىڭ ئورنىدىدۇر.

• الهداية المسندة إلى الرسول صلى الله عليه وسلم هي هداية الإرشاد لا هداية التوفيق.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەئەللۇق قىلىنغان ھىدايەت ئېرىشتۈرۈش ھىدايىتى ئەمەس، بەلكى توغرىنى كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتىدۇر.

• ما عند المشركين من توحيد الربوبية لا ينفعهم يوم القيامة.
مۇشرىكلارنىڭ پەرۋەردىگارنى بىر دەپ بىلىش ئېتىقادى قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ئەسقاتمايدۇ.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره شورى
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن