ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره فصلت   آیه:

سۈرە پۇسسىلەت

از اهداف این سوره:
بيان حال المعرضين عن الله، وذكر عاقبتهم.
ئاللاھدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتىنى زىكىر قىلىش.

حمٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.
تفسیرهای عربی:
تَنزِيلٞ مِّنَ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
بۇ قۇرئان ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
تفسیرهای عربی:
كِتَٰبٞ فُصِّلَتۡ ءَايَٰتُهُۥ قُرۡءَانًا عَرَبِيّٗا لِّقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئۇ ئايەتلىرى ناھايىتى ئوچۇق ھەم مۇكەممەل بايان قىلىنغان كىتابتۇر. بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەرەبچە نازىل قىلىنغان قۇرئاندۇر، چۈنكى مۇشۇنداق كىشىلەرلا قۇرئاننىڭ مەنىلىرىدىن ۋە ھەقىقەتكە يېتەكلەشلىرىدىن پايدىلىنالايدۇ.
تفسیرهای عربی:
بَشِيرٗا وَنَذِيرٗا فَأَعۡرَضَ أَكۡثَرُهُمۡ فَهُمۡ لَا يَسۡمَعُونَ
مۇئمىنلەرگە ئاللاھ تەييارلىغان كاتتا مۇكاپات بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچىدۇر، كاپىرلارنى ئاللاھنىڭ دەرتلىك ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. كاپىرلارنىڭ تولىسى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇلار قۇرئاندىكى ھىدايەتكە قوبۇل قىلىدىغان تەرزدە قۇلاق سالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالُواْ قُلُوبُنَا فِيٓ أَكِنَّةٖ مِّمَّا تَدۡعُونَآ إِلَيۡهِ وَفِيٓ ءَاذَانِنَا وَقۡرٞ وَمِنۢ بَيۡنِنَا وَبَيۡنِكَ حِجَابٞ فَٱعۡمَلۡ إِنَّنَا عَٰمِلُونَ
ئۇلار: بىزنىڭ دىللىرىمىز پەردىلەر بىلەن توسۇلغان، شۇڭا سەن بىزنى دەۋەت قىلىۋاتقان نەرسىنى چۈشەنمەيدۇ. قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سېنىڭ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىمايدۇ. سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە بار، سېنىڭ دېگەنلىرىڭدىن ھېچ نەرسە بىزگە يەتمەيدۇ. شۇڭا سەنمۇ ئۆز يولۇڭغا ماڭ، بىزمۇ ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى. بىز ھەرگىز ساڭا ئەگەشمەيمەيمىز، دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَٱسۡتَقِيمُوٓاْ إِلَيۡهِ وَٱسۡتَغۡفِرُوهُۗ وَوَيۡلٞ لِّلۡمُشۡرِكِينَ
ئى پەيغەمبەر! بۇ سەركەشلەرگە ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ئاللاھ ماڭا: سىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىلاھىڭلار شەكسىزكى بىر ئىلاھتۇر، يەنى ئاللاھتۇر، دەپ ۋەھىي قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا ئېلىپ بارىدىغان يولغا مېڭىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنغان ياكى ئۇنىڭغا بىراۋنى شېرىك قىلغان مۇشرىكلار ھالاكەتكە ۋە ئازابقا مەھكۇمدۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ
ئۇلار ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدۇ، ئاخىرەتنى ۋە ئاخىرەتتىكى ئۈزۈلمەس نېئمەت ۋە دەرتلىك ئازابنى ئىنكار قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونٖ
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ھەقىقەتەن ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، مەڭگۈلۈك مۇكاپات بولغان جەننەت بېرىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ قُلۡ أَئِنَّكُمۡ لَتَكۡفُرُونَ بِٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَرۡضَ فِي يَوۡمَيۡنِ وَتَجۡعَلُونَ لَهُۥٓ أَندَادٗاۚ ذَٰلِكَ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا كايىش يۈزىسىدىن ئېيتقىنكى، سىلەر نېمىشقا زېمىننى ئىككى كۈندە، يەنى يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنىدە ياراتقان ئاللاھقا كاپىر بولىسىلەر؟ نېمىشقا ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىدىغان شېرىكلەرنى قىلىۋالىسىلەر؟ ئۇ ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِيَ مِن فَوۡقِهَا وَبَٰرَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَآ أَقۡوَٰتَهَا فِيٓ أَرۡبَعَةِ أَيَّامٖ سَوَآءٗ لِّلسَّآئِلِينَ
ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرىدىغان مۇستەھكەم تاغلارنى بەرپا قىلدى، زېمىندا ئىنسانلارنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۇزۇق - تۈلۈكلىرىنى ئىلگىرىكى ئىككى كۈننىڭ تولۇقلىمىسى بولغان تۆت كۈندە بېكىتتى. ئۇ ئىككى كۈن بولسا: سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنىدۇركى، بۇ سورىماقچى بولغانلارغا يېتەرلىك جاۋابتۇر.
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ وَهِيَ دُخَانٞ فَقَالَ لَهَا وَلِلۡأَرۡضِ ٱئۡتِيَا طَوۡعًا أَوۡ كَرۡهٗا قَالَتَآ أَتَيۡنَا طَآئِعِينَ
ئاندىن ئاللاھ ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى. ھالبۇكى ئاسمان ئۇ كۈندە تۇمان ھالىتىدە ئىدى. ئاللاھ ئاسمانغا ۋە زىمىنغا: ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇڭلار، سىلەرنىڭ بويسۇنماي ئامالىڭلار يوق، دېدى. ئاسمان - زېمىن: ئەي پەرۋەدىگارىمىز! بىز ئىختىيارىي كەلدۇق، بىزنىڭ سېنىڭ ئىرادەڭسىز ھېچ ئىرادىمىز يوق، دېدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تعطيل الكافرين لوسائل الهداية عندهم يعني بقاءهم على الكفر.
كاپىرلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى ھىدايەت ۋاسىتىلىرىنى كېرەكسىز قىلىشى ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇق ئۈستىدە قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

• بيان منزلة الزكاة، وأنها ركن من أركان الإسلام.
زاكات ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىدىن بىرىدۇر.

• استسلام الكون لله وانقياده لأمره سبحانه بكل ما فيه.
پۈتكۈل كائىنات ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدۇ.

فَقَضَىٰهُنَّ سَبۡعَ سَمَٰوَاتٖ فِي يَوۡمَيۡنِ وَأَوۡحَىٰ فِي كُلِّ سَمَآءٍ أَمۡرَهَاۚ وَزَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِمَصَٰبِيحَ وَحِفۡظٗاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ
ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ يارىتىلىشىنى ئىككى كۈندە، يەنى پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنىدە تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئالتە كۈندە تامام بولدى. ئاللاھ ھەر ئاسمانغا ئۇنىڭدا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى ۋە بۇيرۇيدىغان تائەت - ئىبادەتلەرنى بىلدۈردى. بىز دۇنيا ئاسمىنىنى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ھەمدە يۇلتۇزلار ئارقىلىق ئاسمان (خەۋەرلىرىنى) شەيتانلارنىڭ ئوغرىلىقچە تىڭشىشىدىن قوغدىدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.
تفسیرهای عربی:
فَإِنۡ أَعۡرَضُواْ فَقُلۡ أَنذَرۡتُكُمۡ صَٰعِقَةٗ مِّثۡلَ صَٰعِقَةِ عَادٖ وَثَمُودَ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر بۇلار سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈسە ئۇلارغا: مەن سىلەرنى ھۇد قەۋمى ئاد بىلەن سالىھ قەۋمى سەمۇدنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كەلگەن ئازابنىڭ سىلەرگىمۇ كېلىپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن، دېگىن.
تفسیرهای عربی:
إِذۡ جَآءَتۡهُمُ ٱلرُّسُلُ مِنۢ بَيۡنِ أَيۡدِيهِمۡ وَمِنۡ خَلۡفِهِمۡ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَۖ قَالُواْ لَوۡ شَآءَ رَبُّنَا لَأَنزَلَ مَلَٰٓئِكَةٗ فَإِنَّا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ
ئۆ ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن بىرلا چاقىرىقنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرۈشنى خالىغان بولسا، ئەلۋەتتە چۈشۈرەتتى. شۇڭا بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز، چۈنكى سىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان سىلەر، دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَأَمَّا عَادٞ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَقَالُواْ مَنۡ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةًۖ أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِي خَلَقَهُمۡ هُوَ أَشَدُّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗۖ وَكَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَجۡحَدُونَ
ھۇد قەۋمى ئاد بولسا ئاللاھقا كاپىر بولۇش بىلەن بىرگە يەر يۈزىدە ناھەت رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلىپ، ئەتراپىدىكىلەرگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچىدىن مەغرۇرلىنىپ: بىزدىنمۇ كۈچلۈك بىرى بارمۇ؟ دېيىشتى. ئۇلارنىڭ گۇمانىچە ئۇلاردىن كۈچلۈكرەك ھېچكىم يوق ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ: ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ھەمدە ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرغان ئاشۇ كۈچ - قۇۋۋەتنى ئاتا قىلغان زاتنىڭ ئۆزلىرىدىنمۇ كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ ۋە كۆرمەمدۇ؟ ئۇلار ھۇد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتى، دېدى.
تفسیرهای عربی:
فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا صَرۡصَرٗا فِيٓ أَيَّامٖ نَّحِسَاتٖ لِّنُذِيقَهُمۡ عَذَابَ ٱلۡخِزۡيِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَخۡزَىٰۖ وَهُمۡ لَا يُنصَرُونَ
بىز ئۇلارغا شۇم كۈنلەردە ئىچىدە ئازاب بولغانلىقتىن ئىنساننى قاتتىق بىئارام قىلىغۇچى ئاۋازلىق شامالنى ئەۋەتتۇق. بۇ بىزنىڭ ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈندۇر. ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىدىغان بىرىنى تاپالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيۡنَٰهُمۡ فَٱسۡتَحَبُّواْ ٱلۡعَمَىٰ عَلَى ٱلۡهُدَىٰ فَأَخَذَتۡهُمۡ صَٰعِقَةُ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡهُونِ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
سالىھ قەۋمى سەمۇدقا كەلسەك، بىز ئۇلارغا ھەق يولنى ئېنىق كۆرسەتتۇق. ئەمما ئۇلار ھىدايەتتىن ئازغۇنلۇقنى ئۈستۈن كۆردى. ئۇلار كۇپۇرلۇقى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَنَجَّيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
بىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارنى ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق. بىز ئۇلارنى قەۋمىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابتىن قۇتقۇزدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَيَوۡمَ يُحۡشَرُ أَعۡدَآءُ ٱللَّهِ إِلَى ٱلنَّارِ فَهُمۡ يُوزَعُونَ
ئاللاھ دۈشمەنلىرىنى دوزاخقا توپلايدىغان كۈندە دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئالدى - كەينى يىغىلىپ بولغۇچە توسۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار دوزاختىن قاچالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
حَتَّىٰٓ إِذَا مَا جَآءُوهَا شَهِدَ عَلَيۡهِمۡ سَمۡعُهُمۡ وَأَبۡصَٰرُهُمۡ وَجُلُودُهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلار دوزاخقا يالاپ ئېلىپ كېلىنىپ، دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان كۇپۇرلۇقى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الإعراض عن الحق سبب المهالك في الدنيا والآخرة.
ھەقتىن يۈز ئۆرۈش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھالاكەتكە دۇچار بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ

• التكبر والاغترار بالقوة مانعان من الإذعان للحق.
تەكەببۇرلۇق ۋە ئىمكانىيىتىدىن مەغرۇرلىنىش ھەقىقەتكە بويسۇنۇشتىن توسۇپ قويىدۇ.

• الكفار يُجْمَع لهم بين عذاب الدنيا وعذاب الآخرة.
كاپىرلارغا دۇنيانىڭ ئازابى بىلەن ئاخىرەتنىڭ ئازابى جەملىنىدۇ.

• شهادة الجوارح يوم القيامة على أصحابها.
قىيامەت كۈنى ئىنساننىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

وَقَالُواْ لِجُلُودِهِمۡ لِمَ شَهِدتُّمۡ عَلَيۡنَاۖ قَالُوٓاْ أَنطَقَنَا ٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَنطَقَ كُلَّ شَيۡءٖۚ وَهُوَ خَلَقَكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
كاپىرلا ئۆزلىرىنىڭ تىرىلىرىگە: سىلەر نېمىشقا بىزنىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىمىزغا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر؟ دەيدۇ. تىرىلەر ئۆز ئىگىلىرىگە جاۋابەن: ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنىمۇ سۆزلەتتى. ئۇ سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا تۇنجى قېتىم سىلەرنى ياراتقان. سىلەر ئاخىرەتتە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا كُنتُمۡ تَسۡتَتِرُونَ أَن يَشۡهَدَ عَلَيۡكُمۡ سَمۡعُكُمۡ وَلَآ أَبۡصَٰرُكُمۡ وَلَا جُلُودُكُمۡ وَلَٰكِن ظَنَنتُمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَا يَعۡلَمُ كَثِيرٗا مِّمَّا تَعۡمَلُونَ
سىلەر گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلغان چېغىڭلاردا قۇلاقلىرىڭلار، كۆزلىرىڭلار ۋە تىرىلىرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قارشى گۇۋاھلىق بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرمايتتىڭلار. چۈنكى سىلەر ئۆلگەندىن كېيىنكى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپاتقا ئىشەنمەيتتىڭلار. سىلەر ئاللاھنى قىلمىشىڭلاردىن كۆپىنچىسىنى بىلمەيدۇ، ئەكسىچە ئاللاھقا مەخپىي قالىدۇ دەپ ئويلاپ، ئالدىنىپ قالدىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَذَٰلِكُمۡ ظَنُّكُمُ ٱلَّذِي ظَنَنتُم بِرَبِّكُمۡ أَرۡدَىٰكُمۡ فَأَصۡبَحۡتُم مِّنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
پەرۋەردىگارىڭلار ھەققىدىكى ئاشۇ يامان گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى، سىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار.
تفسیرهای عربی:
فَإِن يَصۡبِرُواْ فَٱلنَّارُ مَثۡوٗى لَّهُمۡۖ وَإِن يَسۡتَعۡتِبُواْ فَمَا هُم مِّنَ ٱلۡمُعۡتَبِينَ
گەرچە قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەر ھەر قانچە بەرداشلىق بەرگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ بارار جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلار ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلىگەن تەقدرىدىمۇ بەرىبىر ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ، مەڭگۈ جەننەتكىمۇ كىرەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَقَيَّضۡنَا لَهُمۡ قُرَنَآءَ فَزَيَّنُواْ لَهُم مَّا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَحَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ فِيٓ أُمَمٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِم مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ خَٰسِرِينَ
بىز بۇ كاپىرلار ئۈچۈن ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرىدىغان شەيتانلاردىن دوستلارنى قىلدۇق.ئاندىن شەيتانلار ئۇلارغا بۇ دۇنيادا يامان ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتىنىمۇ ياخشى خىيال قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئاخىرەتنى ئەسلەشنى ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشنى ئۇنتۇلدۇردى. ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ قاتارىدا ئازاب تېگىشلىك بولدى. شەكسىزكى ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرگەنلىك سەۋەبتىن ئۆزلىرى ۋە بالا - چاقىلىرىدىن مەھرۇم قېلىش ئارقىلىق زىيانكارلار بولدى.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَا تَسۡمَعُواْ لِهَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ وَٱلۡغَوۡاْ فِيهِ لَعَلَّكُمۡ تَغۡلِبُونَ
كاپىرلار دەلىلگە دەلىل بىلەن قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن چاغدا بىر - بىرىگە: مۇھەممەد سىلەرگە ئوقۇپ بېرىۋاتقان بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارغا بويسۇنماڭلار، مۇھەممەد ئۇنى ئوقۇۋاتقىنىدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىڭلار. بەلكىم مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىلەر غەلىبە قىلىپ، ئۇ قۇرئان ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىشنى تاشلاپ، بىراقلا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن، دەپ تاپىلاشتى.
تفسیرهای عربی:
فَلَنُذِيقَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَذَابٗا شَدِيدٗا وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَسۡوَأَ ٱلَّذِي كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
چوقۇم بىز ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن ئىبارەت ناچار قىلمىشلىرىغا شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىمىز.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ جَزَآءُ أَعۡدَآءِ ٱللَّهِ ٱلنَّارُۖ لَهُمۡ فِيهَا دَارُ ٱلۡخُلۡدِ جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا يَجۡحَدُونَ
بۇ مەزكۇر جازا، يەنى ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ جازاسى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى شۇنچىۋالا روشەن ۋە دەلىلى كۈچلۈك تۇرسىمۇ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا قارىتا بېرىلىدىغان جازادۇر.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ رَبَّنَآ أَرِنَا ٱلَّذَيۡنِ أَضَلَّانَا مِنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ نَجۡعَلۡهُمَا تَحۡتَ أَقۡدَامِنَا لِيَكُونَا مِنَ ٱلۡأَسۡفَلِينَ
ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار دەيدۇكى، پەرۋەردىگارىمىز! جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن. كۇپۇرلۇقنى ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىشنى پەيدا قىلغىنى ئىبلىس، تۇنجى بولۇپ قان تۆكۈشكە يول ئاچقىنى ئادەم ئوغلى (قابىل) بولۇپ، بىز ئۇلارنى دوزاختا ئاياغلىرىمىز ئاستىدا چەيلەيمىز. (بۇ ئارقىلىق) ئۇلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولغانلىرىدىن بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• سوء الظن بالله صفة من صفات الكفار.
ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇماندا بولۇش كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• الكفر والمعاصي سبب تسليط الشياطين على الإنسان.
كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارغا ھۆكۈمران بولۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

• تمنّي الأتباع أن ينال متبوعوهم أشدّ العذاب يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىنمۇ قاتتىقراق ئازابقا دۇچار بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسۡتَقَٰمُواْ تَتَنَزَّلُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَلَّا تَخَافُواْ وَلَا تَحۡزَنُواْ وَأَبۡشِرُواْ بِٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ
شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگارىمىز يوق، دېگەن ھەمدە پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق توغرا يولدا ماڭغانلار سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا ئۇلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆلۈمدىن ۋە ئۆلگەندىن كىيىنكى ئىشلاردىن قورقماڭلار، دۇنيادا قالدۇرۇپ كەتكەنلىرىڭلارغا قايغۇرماڭلار، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەل قىلغىنىڭلارغا قارىتا دۇنيادا ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشبېشارەت ئېلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
نَحۡنُ أَوۡلِيَآؤُكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَكُمۡ فِيهَا مَا تَشۡتَهِيٓ أَنفُسُكُمۡ وَلَكُمۡ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ
بىز سىلەرنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى دوستلىرىڭلار بولۇپ، سىلەرنى توغرىغا يۈزلەندۈرۈپ، ھىمايە قىلىپ تۇراتتۇق. بىز ئاخىرەتتىمۇ سىلەرنىڭ دوستۇڭلارمىز. بىزنىڭ سىلەرگە بولغان دوستلۇقىمىز ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نازۇنېئمەت ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتلەر بار، جەننەتتە سىلەر نېمىنى كۆڭلۈڭلار تارتىپ سورىساڭلار شۇ بار.
تفسیرهای عربی:
نُزُلٗا مِّنۡ غَفُورٖ رَّحِيمٖ
(بۇ نېئمەتلەر) تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى كۆيۈمچان پەرۋەردىگار تەرىپىدىن سىلەرگە رىزىق قىلىپ بېرىلگەن زىياپەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمَنۡ أَحۡسَنُ قَوۡلٗا مِّمَّن دَعَآ إِلَى ٱللَّهِ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان، پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھەمدە: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھقا بويسۇنغان مۇسۇلمانلاردىنمەن، دېگەن كىشىدىنمۇ گۈزەل سۆزلۈك بىرى بارمۇ؟ كىمكى مۇشۇلارنىڭ ھەممىنى قىلىدىكەن، ئۇ ئەڭ گۈزەل سۆزلۈك ئادەمدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تَسۡتَوِي ٱلۡحَسَنَةُ وَلَا ٱلسَّيِّئَةُۚ ٱدۡفَعۡ بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ فَإِذَا ٱلَّذِي بَيۡنَكَ وَبَيۡنَهُۥ عَدَٰوَةٞ كَأَنَّهُۥ وَلِيٌّ حَمِيمٞ
ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ياخشى ئەمەل ۋە ئىبادەتلەر بىلەن ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان يامان ئىش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر باراۋەر بولمايدۇ. ئىنسانلار ئىچىدىن ساڭا يامانلىق قىلغانلارنىڭ يامانلىقىغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، سەن بىلەن ئارىسىدا بۇرۇن ئاداۋەت بار ئادەممۇ گوياكى سېنىڭ سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَمَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٖ
ماختاشقا سازاۋەر بۇنداق خىسلەتكە پەقەت ئەزىيەتلەرگە ۋە باشقىلارنىڭ يامانلىقلىرىغا سەۋر قىلالىغان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇنداق خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىلىرىلا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ياخشىلىق ۋە مول مەنپەئەتلەر بار.
تفسیرهای عربی:
وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ نَزۡغٞ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ئەگەر شەيتان سېنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋەسۋەسە قىلسا، ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمِنۡ ءَايَٰتِهِ ٱلَّيۡلُ وَٱلنَّهَارُ وَٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُۚ لَا تَسۡجُدُواْ لِلشَّمۡسِ وَلَا لِلۡقَمَرِ وَٱسۡجُدُواْۤ لِلَّهِۤ ٱلَّذِي خَلَقَهُنَّ إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى، قۇياش بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ئۇلۇغلۇقىغا دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەي ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر راستىنلا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان يېگانە ئاللاھقىلا سەجدە قىلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
فَإِنِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فَٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُۥ بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَهُمۡ لَا يَسۡـَٔمُونَ۩
ئەگەر كۇپپارلار چوڭچىلىق قىلىپ، (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ، ياراتقۇچى ئاللاھقا سەجدە قىلمىسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى پەرىشتىلەر كېچە - كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ۋە ھەمدۇسانا ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن زېرىكىپ قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• منزلة الاستقامة عند الله عظيمة.
توغرا يولدا بولۇشنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئورنى بۈيۈكتۇر.

• كرامة الله لعباده المؤمنين وتولِّيه شؤونهم وشؤون مَن خلفهم.
ئاللاھ مۇئمىن بەندىلىرىنى ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولىدۇ.

• مكانة الدعوة إلى الله، وأنها أفضل الأعمال.
ئاللاھقا دەۋەت قىلىش ئەڭ ئەۋزەل ئەمەلدۇر.

• الصبر على الإيذاء والدفع بالتي هي أحسن خُلُقان لا غنى للداعي إلى الله عنهما.
ئەزىيەتكە سەۋر قىلىش ۋە يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىدا بولمىسا بولمايدىغان ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلاردۇر.

وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنَّكَ تَرَى ٱلۡأَرۡضَ خَٰشِعَةٗ فَإِذَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهَا ٱلۡمَآءَ ٱهۡتَزَّتۡ وَرَبَتۡۚ إِنَّ ٱلَّذِيٓ أَحۡيَاهَا لَمُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰٓۚ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا، بىرلىكىگە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىن بىرى سەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان گىياھسىز زېمىندۇر. ناۋادا بىز زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ ئۆزىگە كۆمۈلگەن ئۇرۇقلار تۈپەيلىدىن بىردىنلا ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆپۈشۈشكە باشلايدۇ. مۇشۇ قاقاس زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق تىرىلدۈرگەن زات ئەلۋەتتە ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. شەكسىزكى ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ئۇنى نە قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكەن زېمىننى ياشارتىش، نە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ، قەبرىلىرىدىن چىقىرىش ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُلۡحِدُونَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا لَا يَخۡفَوۡنَ عَلَيۡنَآۗ أَفَمَن يُلۡقَىٰ فِي ٱلنَّارِ خَيۡرٌ أَم مَّن يَأۡتِيٓ ءَامِنٗا يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ ٱعۡمَلُواْ مَا شِئۡتُمۡ إِنَّهُۥ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش، يالغانغا چىقىرىش ۋە بۇرمىلاش ئارقىلىق توغرىدىن چەتنەپ كەتكەنلەرنىڭ ھالى بىزگە مەخپىي ئەمەس، بىز ئۇلارنى بىلىپ تۇرىمىز. قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلانغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى ئازابتىن ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ئى ئىنسانلار! ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. چۈنكى بىز سىلەرگە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئېنىق يورۇتۇپ بەردۇق. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِٱلذِّكۡرِ لَمَّا جَآءَهُمۡۖ وَإِنَّهُۥ لَكِتَٰبٌ عَزِيزٞ
شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار قىيامەت كۈنى ئازاابقا دۇچار بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب، پاكىتى كۈچلۈك كىتابتۇر. قۇرئاننى ھېچكىم بۇرمىلىيالمايدۇ ھەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَّا يَأۡتِيهِ ٱلۡبَٰطِلُ مِنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَلَا مِنۡ خَلۡفِهِۦۖ تَنزِيلٞ مِّنۡ حَكِيمٍ حَمِيدٖ
ئۇنىڭ ئالدىدىنمۇ ، كەينىدىنمۇ كېمەيتىش، ياكى قوشۇپ قويۇش، ياكى ئۆزگەرتىش، ياكى بۇرمىلاش دېگەندەك يالغانلار كىرەلمەيدۇ. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە ھۆكۈم يولغا قويۇشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەگە لايىق زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
تفسیرهای عربی:
مَّا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدۡ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِن قَبۡلِكَۚ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغۡفِرَةٖ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٖ
ئى پەيغەمبەر! ساڭا دېيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ دېيىلگەن ئىدى. شۇڭا سەۋرچان بولغىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبە قىلماي گۇناھلىرىدا چىڭ تۇرغانلارنى ئېغىر ئازابلىغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡ جَعَلۡنَٰهُ قُرۡءَانًا أَعۡجَمِيّٗا لَّقَالُواْ لَوۡلَا فُصِّلَتۡ ءَايَٰتُهُۥٓۖ ءَا۬عۡجَمِيّٞ وَعَرَبِيّٞۗ قُلۡ هُوَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ هُدٗى وَشِفَآءٞۚ وَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ فِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٞ وَهُوَ عَلَيۡهِمۡ عَمًىۚ أُوْلَٰٓئِكَ يُنَادَوۡنَ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ
ناۋادا بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەب تىلىدىن باشقا بىر تىلدا نازىل قىلساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: ئۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشەنگۈدەك ئوچۇق بايان قىلىنمىدى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەرەب، ئەمما قۇرئان ئەجەمچە بولامدىكەن؟ دېيىشكەن بولاتتى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، قۇرئان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنگەنلەرگە ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتتۇر، دىللاردىكى نادانلىق ۋە باشقا ئىللەتلەرگە شىپالىقتۇر. ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېغىردۇر، قۇرئان ئۇلارغا كورلۇقتۇركى، ئۇلار ئۇنى چۈشەنمەيدۇ. ئاشۇ ئىللەت بولغان كىشىلەر يىراق جايدىن چاقىرىلىۋاتقانلارغا ئوخشايدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ نىداسىنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟!
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ فَٱخۡتُلِفَ فِيهِۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّهُمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ
بىز ھەقىقەتەن مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلدۇق. ئاندىن ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەۋراتقا ئىمان ئېيتقانلارمۇ، كاپىر بولغانلارمۇ بار. ئەگەر ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئىختىلاپلىشىپ قالغان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ھەققىدە ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە تەۋرات ھەققىدە ئىختىلاپلاشقۇچىلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولدىكى ئادەم بىلەن خاتا يولدىكى ئادەم ئاشكارا بولۇپ، ئاللاھ ھەق تەرەپدارىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىپ، خاتا يولدىكىلەرنى خار قىلاتتى. كاپىرلار ھەقىقەتەن قۇرئاننىڭ ئىشىدىن زىيادە شەك ئىچىدىدۇر.
تفسیرهای عربی:
مَّنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَسَآءَ فَعَلَيۡهَاۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ
كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، ئۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ھېچكىمنىڭ ياخشى ئەمەلىنىڭ ئاللاھقا قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگە. ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچكىمنىڭ گۇناھ - مەئسىيىتى ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەر كىمگە لايىق رەۋىشتە جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس. شۇڭا ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بىرەر ياخشىلىقىنى كېمەيتىپ، بىرەر يامانلىقىنى كۆپەيتىپ قويمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• حَفِظ الله القرآن من التبديل والتحريف، وتَكَفَّل سبحانه بهذا الحفظ، بخلاف الكتب السابقة له.
ئاللاھ قۇرئاننى بۇرمىلىنىشتىن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى كىتابلاردىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا ئۇنى قوغداشقا ئۆزى كېپىل بولغان.

• قطع الحجة على مشركي العرب بنزول القرآن بلغتهم.
قۇرئان كەرىم ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ تىلىدا نازىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە يوچۇق يوق.

• نفي الظلم عن الله، وإثبات العدل له.
ئاللاھ زۇلۇم قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئادىل زاتتۇر.

۞ إِلَيۡهِ يُرَدُّ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِۚ وَمَا تَخۡرُجُ مِن ثَمَرَٰتٖ مِّنۡ أَكۡمَامِهَا وَمَا تَحۡمِلُ مِنۡ أُنثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلۡمِهِۦۚ وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ أَيۡنَ شُرَكَآءِي قَالُوٓاْ ءَاذَنَّٰكَ مَا مِنَّا مِن شَهِيدٖ
قىيامەتنىڭ ئىلمى پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى يالغۇز ئاللاھلا بىلىدۇ. ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئوراپ تۇرغان پوستلاردىن چىقىشى ۋە ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ھەم تۇغۇشىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. بۇلاردىن ھېچنەرسە ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن چەتتە قالمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۆزىگە بۇتلارنى شېرىك قىلغان مۇشرىكلارغا نىدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىغا كايىغان ھالدا: سىلەر شېرىك قىلىۋالغان مەبۇدلىرىڭلار قېنى؟ دەيدۇ. مۇشرىكلار: بىز سېنىڭ ئالدىڭدا (گۇناھلىرىمىزنى) ئېتىراپ قىلدۇق. بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ھازىر سېنىڭ شېرىكىڭ بارلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان ھېچكىم يوق، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَدۡعُونَ مِن قَبۡلُۖ وَظَنُّواْ مَا لَهُم مِّن مَّحِيصٖ
ئۇلارنىڭ دۇنيادا چوقۇنغان بۇتلىرى ئۇلاردىن غايىب بولغاندا ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ، ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان ھېچقانداق جاي يوقلۇقىغا چىن پۈتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَّا يَسۡـَٔمُ ٱلۡإِنسَٰنُ مِن دُعَآءِ ٱلۡخَيۡرِ وَإِن مَّسَّهُ ٱلشَّرُّ فَيَـُٔوسٞ قَنُوطٞ
ئىنسان ئۆزىگە ساقلىق، مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقا قاتارلىق نېئمەتلەرنى تىلەشتىن زېرىكىپ قالمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا كەمبەغەللىك ياكى كېسەللىككە ئوخشاش بىرەر خاپىلىق يەتسە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَئِنۡ أَذَقۡنَٰهُ رَحۡمَةٗ مِّنَّا مِنۢ بَعۡدِ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَآ أَظُنُّ ٱلسَّاعَةَ قَآئِمَةٗ وَلَئِن رُّجِعۡتُ إِلَىٰ رَبِّيٓ إِنَّ لِي عِندَهُۥ لَلۡحُسۡنَىٰۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِمَا عَمِلُواْ وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنۡ عَذَابٍ غَلِيظٖ
ئەگەر بىز ئۇنىڭغا بېشىغا كەلگەن خاپىلىق ۋە كېسەللىكتىن كېيىن ساقلىق، بايلىق ۋە تەن ساغلاملىقىدىن ئىبارەت نېئمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: بۇ ئەسلىدىنلا ماڭا تېگىشلىك ئىدى. چۈنكى مەن ھەقىقەتەن مۇشۇنىڭغا لايىق ھەم شۇنىڭ ئىگىسىمەن. قىيامەتنىمۇ بولىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، مېنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بايلىقىم ۋە مال - مۈلكۈم بولىدۇ، چۈنكى مەن شۇنىڭغا لايىق بولغاچقا، ئاللاھ ماڭا مۇشۇ دۇنيادىمۇ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغىنىدەك ئاخىرەتتىمۇ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ، دەيدۇ. بىز ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن ئىبارەت قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ھەمدە ئۇلارغا ئەڭ قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَآ أَنۡعَمۡنَا عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ أَعۡرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ فَذُو دُعَآءٍ عَرِيضٖ
بىز ئىنسانغا ساقلىق ۋە خاتىرجەملىك دېگەندەك نېئمەتلەرنى ئاتا قىلساق، ئۇ ئاللاھنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنىڭغا تائەت - ئىبادەت قىلىشنى ئۇنتۇدى، چوڭچىلىق قىلىپ ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈدى. ناۋادا ئۇنىڭغا كېسەللىك ۋە يوقسۇللۇققا ئوخشاش خاپىلىقلار كەلسە، ئۇ توساتتىن ئاللاھقا كۆپ ئىلتىجا قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ بېشىغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن داتلىنىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. دېمەك، ئىنسان ئاللاھ نېئمەت ئاتا قىلغىنىدا شۈكرى قىلماي، بالاغا مۇپتىلا قىلغىنىدا ئۇنىڭ سىنىقىغا سەۋر قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كَانَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ ثُمَّ كَفَرۡتُم بِهِۦ مَنۡ أَضَلُّ مِمَّنۡ هُوَ فِي شِقَاقِۭ بَعِيدٖ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ يالغانچى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلار؟! ئەگەر بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاندىن سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلىپ، يالغانغا چىقارغان بوپقالساڭلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار قانداق بوپكېتەر؟ ھەقىقەت شۇنچىۋالا ئايدىڭ، دەلىل - پاكىتلىرى روشەن ھەم كۈچلۈك تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغانلاردىنمۇ ئازغۇنراق بىرى بارمۇ؟
تفسیرهای عربی:
سَنُرِيهِمۡ ءَايَٰتِنَا فِي ٱلۡأٓفَاقِ وَفِيٓ أَنفُسِهِمۡ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمۡ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّۗ أَوَلَمۡ يَكۡفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ
بىز قۇرەيش كاپىرلىرىغا (يىراق - يېقىندىكى مەملىكەتلەرنى) مۇسۇلمانلارغا پەتھى قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەتراپتىكى، مەككىنى پەتھى قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز. نەتىجىدە ئۇلارغا بۇ قۇرئاننىڭ شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ. بۇ مۇشرىكلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ ئۆز دەرگاھىدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى يەتمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەقىقەتنى تېپىش بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە پەرۋەدىگارىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى كۇپايە قىلاتتى.
تفسیرهای عربی:
أَلَآ إِنَّهُمۡ فِي مِرۡيَةٖ مِّن لِّقَآءِ رَبِّهِمۡۗ أَلَآ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءٖ مُّحِيطُۢ
بىلىڭلاركى، مۇشرىكلار ھەقىقەتەن ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغاچقا قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلىنىدۇ، يەنى ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلمايدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەرنەرسىنى بىلىشتە ۋە قۇدرەتتە مۇكەممەلدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• علم الساعة عند الله وحده.
قىيامەتنىڭ ئىلمىنى يالغۇز ئاللاھ بىلىدۇ.

• تعامل الكافر مع نعم الله ونقمه فيه تخبط واضطراب.
كاپىرلارنىڭ ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ۋە ئازابىغا تۇتقان مۇئامىلىسى قارىغۇلارچە ئىش قىلىش ھەم تۇراقسىزدۇر.

• إحاطة الله بكل شيء علمًا وقدرة.
ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلىش ھەم قۇدرەتتە مۇكەممەلدۇر.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره فصلت
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن