ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره جاثيه   آیه:

سۈرە جاسىيە

از اهداف این سوره:
بيان أحوال الخلق من الآيات الشرعية والكونية، ونقض حجج منكري البعث المتكبرين وترهيبهم.
شەرئى دەلىللەر ۋە كائىناتتىكى ئالامەتلەردىن خالايىقنىڭ يارىتىلىش ئەھۋالىنى بايان قىلىش، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دەلىلىنى بىت-چېت قىلىش ۋە ئۇلارنى قورقۇتۇشتىن ئىبارەت.

حمٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.
تفسیرهای عربی:
تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ
قۇرئان كەرىم ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ
ھەقىقەتەن ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يېگانىلىكىگە ھەم قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار، چۈنكى مۇئمىنلەر بۇ ئالامەتلەردىن ئىبرەت ئالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَفِي خَلۡقِكُمۡ وَمَا يَبُثُّ مِن دَآبَّةٍ ءَايَٰتٞ لِّقَوۡمٖ يُوقِنُونَ
ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ مەنىي ئىسپېرمىدىن، ئاندىن بىر پارچە گۆشتىن، ئاندىن لەختە قاندىن، يارىتىلىشىڭلاردا، ئاللاھ تائالا (ئەتراپقا) تارقىتىۋەتكەن زېمىندا ئۆمىلەيدىغان جانلىقلارنىڭ يارىتىلىشىدا ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئۇنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان دەلىللەر بار.
تفسیرهای عربی:
وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن رِّزۡقٖ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَا وَتَصۡرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ ءَايَٰتٞ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
كېچە-كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق گىياھسىز، قاقاس زېمىننى گۈللەندۈرۈشىدە ھەمدە سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن شاماللارنى بەزىدە بىر تەرەپتىن، بەزىدە يەنە بىر تەرەپتىن چىقىرىشىدا ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، مەزكۇر ھادىسىلەرنى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىگە، (ئىنسانلارنى) ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلار بار.
تفسیرهای عربی:
تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ نَتۡلُوهَا عَلَيۡكَ بِٱلۡحَقِّۖ فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَ ٱللَّهِ وَءَايَٰتِهِۦ يُؤۡمِنُونَ
ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا بۇ ئايەتلەرنى ۋە دەلىل - پاكىتلارنى ھەق بىلەن ئوقۇپ بېرىمىز. ئۇلار ئاللاھنىڭ بەندىسىگە نازىل قىلىنغان سۆزىگە ۋە دەلىل - پاكىتلىرىغا ئىشەنمىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق ساڭا ئىشىنىدۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق دەلىل - پاكىتلارنى تەستىقلايدۇ؟
تفسیرهای عربی:
وَيۡلٞ لِّكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٖ
ھەر قانداق يالغانچىغا ۋە گۇناھقا پاتقۇچىغا ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە ھالاكىتى بولسۇن.
تفسیرهای عربی:
يَسۡمَعُ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسۡتَكۡبِرٗا كَأَن لَّمۡ يَسۡمَعۡهَاۖ فَبَشِّرۡهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٖ
بۇ كاپىر ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان قۇرئاندىكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇ گوياكى ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ئاشۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك قىياپەتتە كۆڭلىدە ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ بۇرۇندىن قىلىپ كەلگەن كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئاخىرەتتە ئۇنى قايغۇغا سالىدىغان نەرسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگىنكى، ئۇ نەرسە بولسا ئاخىرەتتە ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان قاتتىق بىئارام قىلغۇچى ئازابتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا عَلِمَ مِنۡ ءَايَٰتِنَا شَيۡـًٔا ٱتَّخَذَهَا هُزُوًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ
ئۇنىڭغا قۇرئاندىن بىرەر نەرسە يەتسە ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالىدۇ. قۇرئان كەرىمنى مەسخىرە قىلىدىغان قىلىقى بار ئاشۇ ئادەملەرگە قىيامەت كۈنى خار قىلغۇچى ئازاب باردۇر.
تفسیرهای عربی:
مِّن وَرَآئِهِمۡ جَهَنَّمُۖ وَلَا يُغۡنِي عَنۡهُم مَّا كَسَبُواْ شَيۡـٔٗا وَلَا مَا ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡلِيَآءَۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئاخىرەتتە ئۇلارنى دوزاخنىڭ ئوتى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىمۇ ئۇلاردىن ھېچ نەرسىگە ئارا تۇرالمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا كاتتا ئازاب بار.
تفسیرهای عربی:
هَٰذَا هُدٗىۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ لَهُمۡ عَذَابٞ مِّن رِّجۡزٍ أَلِيمٌ
بىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە نازىل قىلغان بۇ كىتاب توغرا يولغا باشلايدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلار قاتتىق بىئارام قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ ٱللَّهُ ٱلَّذِي سَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡبَحۡرَ لِتَجۡرِيَ ٱلۡفُلۡكُ فِيهِ بِأَمۡرِهِۦ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ئەي ئىنسانلار! يەككە - يېگانە ئاللاھ كېمىلەرنىڭ ئۆز ئەمرى بىلەن مېڭىشى ئۈچۈن ۋە سىلەر تۈرلۈك ھالال كەسىپلەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەزلىنى ئىزدىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىزلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَسَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا مِّنۡهُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ
ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاسمانلاردىكى قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى، زېمىندىكى دەريالارنى، دەل - دەرەخلەرنى، تاغلارنى ۋە باشقا ساناقسىز نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بېرىشىدە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈزگۈزىدىغان ۋە ئۇلاردىن پەند - نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىگە ۋە قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر باردۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الكذب والإصرار على الذنب والكبر والاستهزاء بآيات الله: صفات أهل الضلال، وقد توعد الله المتصف بها.
يالغانچىلىق ھەمدە گۇناھ - مەئسىيەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئازغۇنلارنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاللاھ (قاتتىق ئازاب بىلەن) تەھدىت قىلغان.

• نعم الله على عباده كثيرة، ومنها تسخير ما في الكون لهم.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى كۆپتۇر، كائىناتتىكى نەرسىلەرنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىشىمۇ شۇ نېئمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• النعم تقتضي من العباد شكر المعبود الذي منحهم إياها.
نېمەتلەر بەندىلەردىن ئۆزلىرىگە شۇ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ھەقىقىي مەبۇدقا شۈكۈر ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

قُل لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ يَغۡفِرُواْ لِلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ أَيَّامَ ٱللَّهِ لِيَجۡزِيَ قَوۡمَۢا بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە پەيغەمبىرىگە ئىشەنگەن مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە ياكى جازاسىغا پەرۋا قىلمايدىغان كاپىرلاردىن سىلەرگە يامانلىق قىلغانلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. چۈنكى ئاللاھ سەۋرچان مۇئمىنلەرنىڭ ھەر بىرىنى چوقۇم مۇكاپاتلاپ، چەكتىن ئاشقان كاپىرلارنى بۇ دۇنيادا قىلغان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن چوقۇم جازالايدۇ.
تفسیرهای عربی:
مَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَسَآءَ فَعَلَيۡهَاۖ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمۡ تُرۡجَعُونَ
كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، قىلغان ياخشىلىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئەمىلىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، قىلغان يامانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى ۋە جازاسىمۇ ئۆزىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسكىلىكىنىڭ ئاللاھقا ھېچ زىيىنى بولمايدۇ. ئاندىن بىز ھەر بىرىگە تېگىشلىك جازا - مۇكاپاتنى بېرىشىمىز ئۈچۈن يالغۇز بىزنىڭ تەرىپىمىزگە قايتۇرۇلىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحُكۡمَ وَٱلنُّبُوَّةَ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَفَضَّلۡنَٰهُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
ھەقىقەتەن بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋرات ۋە شۇنىڭ ھۆكمى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا (ھەق - ناھەقنى) ئايرىيدىغان ئىستىداد ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئىچىدىن چىققان پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلارغا تۈرلۈك پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى ئۆز زامانىدىكى پۈتكۈل جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَءَاتَيۡنَٰهُم بَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡرِۖ فَمَا ٱخۡتَلَفُوٓاْ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقۡضِي بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
ئۇلارغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىيدىغان دەلىللەرنى بەردۇق. ئۇلار پەقەت پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دەلىل - پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئىختىلاپلاشتى. ئۇلارنىڭ ئەمەل - مەنسەپ ۋە يۈز - ئابرۇينى دەپ بىر - بىرىگە زۇلۇم قىلىشلىرى مۇشۇنداق ئىختىلاپقا ئېلىپ باردى. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار بۇ دۇنيادا ئىختىلاپلاشقان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاندىن كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقى ئايان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ جَعَلۡنَٰكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡرِ فَٱتَّبِعۡهَا وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ
ئاندىن بىز سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىمىزنى بۇيرۇغان ئىشتا سېنى مۇئەييەن ئۇسۇل، يول ۋە مېتودقا ئىگە قىلدۇقكى، سەن (شۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىنسانلارنى) ئىمانغا ۋە ياخشى ئەمەلگە چاقىرىسەن. شۇڭا مۇشۇ يول بويىچە ئىش قىلغىن، توغرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرى ھەقتىن ئازدۇرغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّهُمۡ لَن يُغۡنُواْ عَنكَ مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـٔٗاۚ وَإِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۖ وَٱللَّهُ وَلِيُّ ٱلۡمُتَّقِينَ
شەكسىزكى سەن ھەقىقەتنى بىلمەيدىغانلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشسەڭ، ھەرگىزمۇ ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدىن چىققان زالىملار مۇئمىنلەرگە قارشى بىر - بىرىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر.
تفسیرهای عربی:
هَٰذَا بَصَٰٓئِرُ لِلنَّاسِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّقَوۡمٖ يُوقِنُونَ
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتنى باتىلدىن پەرقلەندۈرۈشىگە ۋاسىتە بولىدىغان دەلىل - پاكىتلاردۇر، ھەقىقەتكە باشلىغۇچىدۇر، چىن پۈتىدىغان قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يولغا يىتەكلەنگەن كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، دوزاختىن يىراق قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَمۡ حَسِبَ ٱلَّذِينَ ٱجۡتَرَحُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن نَّجۡعَلَهُمۡ كَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَوَآءٗ مَّحۡيَاهُمۡ وَمَمَاتُهُمۡۚ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ
ئۆز ئەزالىرى بىلەن كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلغانلار ئۆزلىرىنى جازا - مۇكاپاتتا ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ۋە بۇ ئارقىلىق ھەممەيلەننىڭ بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ باراۋەر بولۇشىنى ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان؟!
تفسیرهای عربی:
وَخَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّ وَلِتُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى بىكارغا ياراتقىنى يوق، ئەكسىچە چوڭقۇر ھېكمەت بىلەن، ياخشىلىق ھەم يامانلىق قىلغان ھەر كىمگە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىنى كېمەيتىۋېتىش ۋە يامانلىقلىرىنى كۆپەيتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• العفو والتجاوز عن الظالم إذا لم يُظهر الفساد في الأرض، ويَعْتَدِ على حدود الله؛ خلق فاضل أمر الله به المؤمنين إن غلب على ظنهم العاقبة الحسنة.
زالىم يەر يۈزىدە ئوچۇق - ئاشكارا بۇزۇقچىلىق قىلمىغان ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەنلا بولسا، شۇنداقلا ياخشىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولسا ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، ئۆتۈۋېتىش ئاللاھ مۇئمىنلەرنى بۇيرۇغان ئېسىل پەزىلەتتۇر.

• وجوب اتباع الشرع والبعد عن اتباع أهواء البشر.
شەرىئەت بويىچە ئىش قىلىش، ئىنسانلارنىڭ خاھىشلىرىدىن يىراق تۇرۇش ۋاجىبتۇر.

• كما لا يستوي المؤمنون والكافرون في الصفات، فلا يستوون في الجزاء.
مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلار خىسلەتلەردە باراۋەر بولمىغىنىدەك جازا - مۇكاپاتتىمۇ باراۋەر بولمايدۇ.

• خلق الله السماوات والأرض وفق حكمة بالغة يجهلها الماديون الملحدون.
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى چوڭقۇر ھېكمەتكە ئاساسەن ياراتقان بولۇپ، خۇداسىز ماتېرىيالىستلار بۇنى ئۇقالمايدۇ.

أَفَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ وَأَضَلَّهُ ٱللَّهُ عَلَىٰ عِلۡمٖ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمۡعِهِۦ وَقَلۡبِهِۦ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِۦ غِشَٰوَةٗ فَمَن يَهۡدِيهِ مِنۢ بَعۡدِ ٱللَّهِۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە نەپسى - خاھىشىنى بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان مەبۇدنىڭ ئورنىدا قىلىۋالغان، ئاندىن ئۇ ئازغۇنلۇققا لايىق بولغاچقا ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئازدۇرۇۋەتكەن ھەمدە قەلبىنى مۆھۈرلىۋەتكەنلىكتىن پايدىلىنالايدىغان تەرزدە ئاڭلىيالمايدىغان، ئاللاھ كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ۋە بۇ پەردە ئۇنى ھەقنى كۆرۈشتىن توسۇپ قالغان ئادەمنىڭ ھالىغا قاراپ باققىن. ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇنى كىم ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلالىسۇن؟! نەپسى خاھىشقا ئەگىشىشنىڭ زىيىنى ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئىش قىلىشنىڭ پايدىسى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟
تفسیرهای عربی:
وَقَالُواْ مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا نَمُوتُ وَنَحۡيَا وَمَا يُهۡلِكُنَآ إِلَّا ٱلدَّهۡرُۚ وَمَا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِنۡ هُمۡ إِلَّا يَظُنُّونَ
ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلار: ھايات دېگەن پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتلىق بولمايدۇ. بىر ئەۋلاد ئۆلىدۇ، ئەمما دۇنياغا قايتمايدۇ. يەنە بىر ئەۋلاد تۇغۇلىدۇ. بىز پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىدا ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا تايىنىدۇ. گۇمان ھەقىقەت ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ مَّا كَانَ حُجَّتَهُمۡ إِلَّآ أَن قَالُواْ ٱئۡتُواْ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگىنىدە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە: ئەگەر سىلەر بىز ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىمىز دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېقىڭلار، دېيىشتىن باشقا كۆرسەتكۈدەك بىرەر باھانىسى يوق.
تفسیرهای عربی:
قُلِ ٱللَّهُ يُحۡيِيكُمۡ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يَجۡمَعُكُمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا رَيۡبَ فِيهِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ سىلەرنى يارىتىش ئارقىلىق تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەر ئۆلۈپ كەتكىنىڭلاردىن كېيىن قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن سىلەرنى توپلايدۇ. ئاشۇ كۈننىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىدا قىلچە شەك يوق. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوۡمَئِذٖ يَخۡسَرُ ٱلۡمُبۡطِلُونَ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. نە ئاسماندا، نە زېمىندا ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق. ئاللاھ تائالا ھېساب ئېلىش ۋە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنغان ھەمدە توغرىنى خاتاغا چىقىرىش ۋە خاتانى توغرا قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان باتىلنى ياقىلىغۇچىلار زىيان تارتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٖ جَاثِيَةٗۚ كُلُّ أُمَّةٖ تُدۡعَىٰٓ إِلَىٰ كِتَٰبِهَا ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ تىزلانغىنىچە ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن. ھەر ئۈممەت ئەمەللىرىنى خاتىرىلىگۈچى پەرىشتىلەر پۈتۈپ قويغان نامە - ئەمەللىرى تەرەپكە چاقىرىلىدۇ. ئەي ئىنسانلار! بۈگۈن سىلەر دۇنيادا قىلغان ياخشى - يامان ئىشلىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
هَٰذَا كِتَٰبُنَا يَنطِقُ عَلَيۡكُم بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّا كُنَّا نَسۡتَنسِخُ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
بۇ بىزنىڭ كىتابىمىزدۇركى - پەرىشتىلىرىمىز سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى مۇشۇ كىتابقا يېزىپ تۇراتتى- ئۇ سىلەرگە ھەققانىي گۇۋاھلىق بېرىدۇ. قېنى ئوقۇڭلار. بىز ھەقىقەتەن ئەمەللەرنى خاتىرىلىگۈچى پەرىشتىلەرنى سىلەرنىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىدۇق.
تفسیرهای عربی:
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَيُدۡخِلُهُمۡ رَبُّهُمۡ فِي رَحۡمَتِهِۦۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡمُبِينُ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرنى پەرۋەردىگارى ئۆز رەھمىتى بىلەن جەننىتىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئاشۇ مۇكاپات روشەن غەلىبىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق غەلىبە تەڭ كەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَفَلَمۡ تَكُنۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡ وَكُنتُمۡ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا مالامەت قىلىش يۈزىسىدىن: سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلسە سىلەر ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا چوڭچىلىق قىلمىغانمىدىڭلار؟ سىلەر كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھلارنى قىلىدىغان جىنايەتچى قەۋم ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَٱلسَّاعَةُ لَا رَيۡبَ فِيهَا قُلۡتُم مَّا نَدۡرِي مَا ٱلسَّاعَةُ إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنّٗا وَمَا نَحۡنُ بِمُسۡتَيۡقِنِينَ
سىلەرگە: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ - بەندىلىرىنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرگۈزۈپ، جازا - مۇكاپات بېرىش ھەققىدە قىلغان - ۋەدىسى شەكسىز ھەقىقەتتۇر، قىيامەتمۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار، دېيىلگەن چاغدا سىلەر: بىز بۇ قىيامەت دېگەن نەرسىنى بىلمەيمىز. بىز ئۇنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىنتايىن تۆۋەن دەپ قارايمىز ھەم ئۇنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەيمىز، دېگەن ئىدىڭلار.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• اتباع الهوى يهلك صاحبه، ويحجب عنه أسباب التوفيق.
نەپسى - خاھىشىغا ئەگىشىش ئۆز ساھىبىنى ھالاك قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۇنىڭدىن توسۇپ قويىدۇ.

• هول يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى ئىنتايىن قورقۇنچلۇقتۇر.

• الظن لا يغني من الحق شيئًا، خاصةً في مجال الاعتقاد.
گۇمان ھەقىقەت ئالدىدا، بولۇپمۇ ئېتىقاد ساھەسىدە ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ.

وَبَدَا لَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُواْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ئاشكارا بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا مەسخىرە قىلغان ئازاب چۈشتى.
تفسیرهای عربی:
وَقِيلَ ٱلۡيَوۡمَ نَنسَىٰكُمۡ كَمَا نَسِيتُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَا وَمَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ
ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: خۇددى سىلەر مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلمىغىنىڭلاردەك، بۈگۈن بىزمۇ سىلەرنى دوزاخقا تاشلىۋېتىپ (ئۇنتۇيمىز). سىلەرنىڭ بارىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر. سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى قايتۇرالايدىغان ياردەمچىڭلار بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكُم بِأَنَّكُمُ ٱتَّخَذۡتُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ هُزُوٗا وَغَرَّتۡكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَاۚ فَٱلۡيَوۡمَ لَا يُخۡرَجُونَ مِنۡهَا وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ
سىلەرنىڭ بۇنداق ئازابقا قېلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋېلىپ، دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەت ھەم ئەيش - ئىشرەتلىرىگە ئالدىنىپ قالغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىندۇر. ئەمدى بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغان بۇ كاپىرلار دوزاختىن چىقالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار دوزاختا مەڭگۈدىن - مەڭگۈگە قېپقالىدۇ، ياخشى ئەمەل قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھاياتىي دۇنياغىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ، پەرۋەردىگارىمۇ ئۇلاردىن رازى بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَلِلَّهِ ٱلۡحَمۡدُ رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَرَبِّ ٱلۡأَرۡضِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان يېگانە ئاللاھقا خاستۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَهُ ٱلۡكِبۡرِيَآءُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ھەم بۈيۈكلۈك پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئۈستۈنلۈك قازىنالمايدۇ. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، پىلانلىشىدا ۋە شەرىئەت يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الاستهزاء بآيات الله كفر.
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىش كۇپۇرلۇقتۇر.

• خطر الاغترار بلذات الدنيا وشهواتها.
دۇنيانىڭ لەززەت ۋە شەھۋەتلىرىگە ئالدىنىش خەتەرلىكتۇر.

• ثبوت صفة الكبرياء لله تعالى.
ئاللاھ تائالانىڭ ئەلكىبرىيا سۈپىتى سابىتتۇر.

• إجابة الدعاء من أظهر أدلة وجود الله سبحانه وتعالى واستحقاقه العبادة.
دۇئا - تىلەكلەرنىڭ ئىجابەت قىلىنىشى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق زات ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره جاثيه
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن