ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره احقاف   آیه:

سۈرە ئەھقاپ

از اهداف این سوره:
بيان حاجة البشريّة للرسالة وإنذار المعرضين عنها.
ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەر-ئەلچىلەرگە بولغان ھاجىتىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش.

حمٓ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.
تفسیرهای عربی:
تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ
قۇرئان كەرىم ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
تفسیرهای عربی:
مَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَأَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَمَّآ أُنذِرُواْ مُعۡرِضُونَ
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكارغا ياراتمىدۇق، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭقۇر ھېكمەت يۈزىسىدىن ھەق بىلەن ياراتتۇق. مەسىلەن، ئۇ ھېكمەتلەرنىڭ بىرى، بەندىلەر مۇشۇ ئارقىلىق رەببىنى تونۇپ، يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكىدۇر. شۇنداقلا بەندىلەرنىڭ پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغان مۇئەييەن ۋاقىتقىچە يەر يۈزىدىكى خەلىپىلىكىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ أَرَءَيۡتُم مَّا تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُواْ مِنَ ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ لَهُمۡ شِرۡكٞ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِۖ ٱئۡتُونِي بِكِتَٰبٖ مِّن قَبۡلِ هَٰذَآ أَوۡ أَثَٰرَةٖ مِّنۡ عِلۡمٍ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارنىڭ زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ قېنى؟ ئۇلار بىرەر تاغنى يارىتىپتۇمۇ؟ بىرەر دېڭىزنى يارىتىپتۇمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى بولۇپ، ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئاللاھقا ھەمدەمدە بوپتىكەنمۇ؟ ئەگەر شۇ بۇتلىرىڭلارنى چوقۇنۇشقا لايىق دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا قۇرئاندىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قېپقالغان بىرەر كىتابنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَمَنۡ أَضَلُّ مِمَّن يَدۡعُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَن لَّا يَسۡتَجِيبُ لَهُۥٓ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَهُمۡ عَن دُعَآئِهِمۡ غَٰفِلُونَ
ئاللاھنى قويۇپ، تا قىيامەتكە قەدەر تىلەكلەرنى ئىجابەت قىلالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان كىشىدىنمۇ ئازغۇنراق بىرى بولمىسا كېرەك. ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار چوقۇنغۇچىلىرىغا پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇلارنىڭ دۇئا - تىلەكلىرىدىنمۇ خەۋەرسىزدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الاستهزاء بآيات الله كفر.
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىش كۇپۇرلۇقتۇر.

• خطر الاغترار بلذات الدنيا وشهواتها.
دۇنيانىڭ لەززەت ۋە شەھۋەتلىرىگە ئالدىنىش خەتەرلىكتۇر.

• ثبوت صفة الكبرياء لله تعالى.
ئاللاھ تائالانىڭ ئەلكىبرىيا سۈپىتى سابىتتۇر.

• إجابة الدعاء من أظهر أدلة وجود الله سبحانه وتعالى واستحقاقه العبادة.
دۇئا - تىلەكلەرنىڭ ئىجابەت قىلىنىشى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق زات ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.

وَإِذَا حُشِرَ ٱلنَّاسُ كَانُواْ لَهُمۡ أَعۡدَآءٗ وَكَانُواْ بِعِبَادَتِهِمۡ كَٰفِرِينَ
ئۇ بۇتلار بۇ دۇنيادا چوقۇنغۇچىلىرىغا پايدا يەتكۈزەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، قىيامەت كۈنى مەھشەر مەيدانىغا توپلانغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلارغا دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلاردىن تامامەن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلىقىنى بىلمەس بولۇۋالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ هَٰذَا سِحۡرٞ مُّبِينٌ
ئۇلارغا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، قۇرئانغا كاپىر بولغانلار ئۇ قۇرئان ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قولى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولغاچقا ئۇلار: بۇ ئوچۇق - ئاشكارا سېھىردۇر، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىي ئەمەس، دېيىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ إِنِ ٱفۡتَرَيۡتُهُۥ فَلَا تَمۡلِكُونَ لِي مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔاۖ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِۚ كَفَىٰ بِهِۦ شَهِيدَۢا بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۖ وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
بۇ مۇشرىكلار: شەكسىزكى مۇھەممەد بۇ قۇرئاننى توقۇپ چىقىپ، ئاللاھقا نىسبەت بەردى، دېيىشەمدۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ناۋادا ئۇنى مەن ئۆز ئىچىمدىن توقۇغان بولسام، ئۇ چاغدا ئاللاھ مېنى ئازابلىماقچى بولسا سىلەر مېنى قوغداپ قالالمايسىلەر. ئۇنداق بولغانىكەن، مەن قانداقسىگە بۇ قۇرئاننى توقۇپ چىقىپ ئۆزۈمنى ئازابقا دۇچار قىلاي؟. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قۇرئانغا تەنە قىلىش ۋە مېنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قىلىشقان پاراڭلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھچى بولۇشقا يېتەرلىك بولۇپ، ئۇ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا شەپقەتلىكتۇر.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ مَا كُنتُ بِدۡعٗا مِّنَ ٱلرُّسُلِ وَمَآ أَدۡرِي مَا يُفۡعَلُ بِي وَلَا بِكُمۡۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ وَمَآ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٞ
ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مېنىڭ سىلەرنى ئاللاھقا چاقىرغانلىقىمدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغۇدەك تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەس. مەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن. ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادا ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان بويىچە ئىش قىلىمەن. شۇڭا پەقەت ئاللاھ ۋەھىي قىلغانغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سۆزنى دەيمەن ۋە ئىشنى قىلىمەن. مەن پەقەت سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچى بىر پەيغەمبەرمەن.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كَانَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ وَكَفَرۡتُم بِهِۦ وَشَهِدَ شَاهِدٞ مِّنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَلَىٰ مِثۡلِهِۦ فَـَٔامَنَ وَٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلارغا ئېيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلار؟ ناۋادا بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭغا كاپىر بولساڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن بىرى چىقىپ تەۋراتتىكى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرسە، ئاندىن ئۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، سىلەر ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتساڭلار، بۇ چاغدا سىلەر زالىم بوپقالمامسىلەر؟ شەكسىزكى ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَوۡ كَانَ خَيۡرٗا مَّا سَبَقُونَآ إِلَيۡهِۚ وَإِذۡ لَمۡ يَهۡتَدُواْ بِهِۦ فَسَيَقُولُونَ هَٰذَآ إِفۡكٞ قَدِيمٞ
قۇرئانغا ۋە پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن دىنغا كاپىر بولغانلار ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە دەيدۇكى، ئەگەر مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەرسە ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەت بولسا ئىدى، بۇ يالاڭتۆشلەر، قۇللار ۋە بىچارىلەر بىزدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئېرىشىۋالمىغان بولاتتى. ئۇلار پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن دىن ئارقىلىق ھىدايەت تاپالمىغان بولغاچقا: مۇھەممەد بىزگە ئېلىپ كەلگەن بۇ نەرسە ئەزەلدىن بار بولغان يالغاندۇر، بىز بۇ يالغانغا ئەگەشمەيمىز، دېيىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمِن قَبۡلِهِۦ كِتَٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامٗا وَرَحۡمَةٗۚ وَهَٰذَا كِتَٰبٞ مُّصَدِّقٞ لِّسَانًا عَرَبِيّٗا لِّيُنذِرَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُحۡسِنِينَ
بۇ قۇرئاندىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب تەۋرات ھەق يولدا يېتەكچى قىلىنىدىغان پرىنسىپ، بەنىي ئىسرائىل ئىچىدىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان ۋە ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان كەرىممۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى بولۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغاندۇر. ئۇ، ياراتقۇچىسى ۋە ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن خۇشبېشارەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسۡتَقَٰمُواْ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
شەكسىزكى: «رەببىمىز ئاللاھ، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا رەببىمىز يوق» دېگەن، ئاندىن كېيىن شۇ ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەرگە ئاخىرەتتە يۈز بەرگۈسى ئەھۋاللاردىن قورقۇش، قولدىن كەتكەن دۇنيا نېئمەتلىرىگە ھەمدە دۇنيادا قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەرگە قايغۇرۇش بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ خَٰلِدِينَ فِيهَا جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئاشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر جەننەت ئەھلى بولۇپ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• كل من عُبِد من دون الله ينكر على من عبده من الكافرين.
ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان بارلىق بۇتلار (قىيامەت كۈنى) ئۆزىنىڭ كاپىر چوقۇنغۇچىلىرىنى تونۇمايدۇ.

• عدم معرفة النبي صلى الله عليه وسلم بالغيب إلا ما أطلعه الله عليه منه.
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئاللاھ خەۋەردار قىلغاندىن سىرت غەيبنى بىلمەيدىغانلىقىنى،

• وجود ما يثبت نبوّة نبينا صلى الله عليه وسلم في الكتب السابقة.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىللىرىنىڭ ئىلگىرىكى كىتابلاردىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى،

• بيان فضل الاستقامة وجزاء أصحابها.
ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇنداق ئىستىقامەت ساھىبلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ.

وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ إِحۡسَٰنًاۖ حَمَلَتۡهُ أُمُّهُۥ كُرۡهٗا وَوَضَعَتۡهُ كُرۡهٗاۖ وَحَمۡلُهُۥ وَفِصَٰلُهُۥ ثَلَٰثُونَ شَهۡرًاۚ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَبَلَغَ أَرۡبَعِينَ سَنَةٗ قَالَ رَبِّ أَوۡزِعۡنِيٓ أَنۡ أَشۡكُرَ نِعۡمَتَكَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَيَّ وَأَنۡ أَعۡمَلَ صَٰلِحٗا تَرۡضَىٰهُ وَأَصۡلِحۡ لِي فِي ذُرِّيَّتِيٓۖ إِنِّي تُبۡتُ إِلَيۡكَ وَإِنِّي مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ شەرىئەتكە خىلاپ كەلمەيدىغان شەكىلدە ياخشىلىق قىلىشقا كەسكىن بۇيرۇدۇق. بولۇپمۇ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇقكى، ئانىسى ئۇنى ئۈستى - ئۈستىلەپ مۇشەققەت بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى، يەنە مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئانىنىڭ ئۇنى قورسىقىدا كۆتۈرگەندىن تارتىپ ئەمچەكتىن ئايرىغانغا قەدەر ۋاقىت ئوتتۇز ئايدۇر. نىھايەت ئىنسان ئەقلىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتى كامالەتكە يېتىپ، قىرىق ياشقا بارغاندا: ئەي رەببىم! ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا ئىنئام قىلغان نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ئىلھام قىلغىن، ماڭا ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنى ئىلھام قىلغىن ۋە ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغىن، ئەۋلادلىرىمنى ئىسلاھ قىلغىن. شەكسىزكى مەن گۇناھلىرىمدىن تەۋبە قىلدىم، شەكسىزكى مەن سېنىڭ تائىتىڭگە ۋە بۇيرۇقلىرىڭغا بويسۇنغۇچىلاردىنمەن، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنۡهُمۡ أَحۡسَنَ مَا عَمِلُواْ وَنَتَجَاوَزُ عَن سَيِّـَٔاتِهِمۡ فِيٓ أَصۡحَٰبِ ٱلۡجَنَّةِۖ وَعۡدَ ٱلصِّدۡقِ ٱلَّذِي كَانُواْ يُوعَدُونَ
بىز ئەنە ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى قوبۇل قىلىمىز، يامانلىقلىرىنى ئۆتۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا قارىتا جازالىمايمىز. ئۇلار جەننەت ئەھلىنىڭ قاتارىدا بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇركى، شەكسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِي قَالَ لِوَٰلِدَيۡهِ أُفّٖ لَّكُمَآ أَتَعِدَانِنِيٓ أَنۡ أُخۡرَجَ وَقَدۡ خَلَتِ ٱلۡقُرُونُ مِن قَبۡلِي وَهُمَا يَسۡتَغِيثَانِ ٱللَّهَ وَيۡلَكَ ءَامِنۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ فَيَقُولُ مَا هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
بىرى ئاتا - ئانىسىغا: ئېسىت سىلەرگە! سىلەر ماڭا مەن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ قەبرەمدىن چىقىدىغانلىقىمنى ۋەدە قىلىۋاتامسىلەر؟ ئىلگىرىكى كۆپ ئەسىرلەر مابەينىدە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلاردىن ھېچكىم قايتا تىرىلگىنى يوققۇ؟! - دېدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاللاھتىن ئوغلىنى ئىمانغا يېتەكلىشىنى تىلەيتتى ھەمدە ئوغلىغا: ئەگەر سەن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمىسەڭ تۈگىشىسەن. شۇڭا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقىن. ئاللاھنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق، دەيتتى. ئاندىن ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى قايتىدىن ئىنكار قىلىپ: قايتا تىرىلىش ھەققىدە دېيىلىۋاتقان گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكىلەر يېزىپ قالدۇرغان كىتابلاردىن ئېلىنغان گەپلەر بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ فِيٓ أُمَمٖ قَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِم مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ خَٰسِرِينَ
ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنىسانلار ۋە جىنلارنىڭ قاتارىدا ئازاب تېگىشلىك بولغان ئاشۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بوپكەتتى. چۈنكى ئۇلار دوزاخقا كىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىدىنمۇ، بالا - چاقىلىرىدىنمۇ قۇرۇق قالدى.
تفسیرهای عربی:
وَلِكُلّٖ دَرَجَٰتٞ مِّمَّا عَمِلُواْۖ وَلِيُوَفِّيَهُمۡ أَعۡمَٰلَهُمۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
ئەھلى جەننىتى ۋە ئەھلى دوزىخى بولغان ئىككى گۇرۇھتىن ھەر بىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. يەنى جەننەت ئەھلىنىڭ دەرىجىلىرى ئالىي مەرتىۋىلەر بولسا، دوزاخ ئەھلىنىڭ دەرىجىسى چوڭقۇر ئورەكلەردۇر. بۇنداق بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە كۆرە جازا - مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىشى ئۈچۈندۇركى، بەندىلەر قىيامەت كۈنى ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ۋە يامانلىقلىرىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى ئارقىلىق زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَوۡمَ يُعۡرَضُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَلَى ٱلنَّارِ أَذۡهَبۡتُمۡ طَيِّبَٰتِكُمۡ فِي حَيَاتِكُمُ ٱلدُّنۡيَا وَٱسۡتَمۡتَعۡتُم بِهَا فَٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ عَذَابَ ٱلۡهُونِ بِمَا كُنتُمۡ تَسۡتَكۡبِرُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَبِمَا كُنتُمۡ تَفۡسُقُونَ
ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئازابلىنىش ئۈچۈن دوزاخقا توغرىلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا كايىش ۋە ئەيىبلەش ئۇسلۇبىدا: سىلەر دۇنيا ھاياتىڭلاردا ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرۈپ، تۈرلۈك لەززەتلەردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار. ئەمدى بۈگۈن سىلەر يەر يۈزىدە يولسىز ھالدا چوڭچىلىق قىلغىنىڭلار ھەمدە كۇپرىلىق بىلەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققىنىڭلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىسىلەر، دېيىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• بيان مكانة بِرِّ الوالدين في الإسلام، بخاصة في حق الأم، والتحذير من العقوق.
بۇ ئايەتلەر ئىسلامدا ئاتا - ئانىغا، بولۇپمۇ ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى ھەمدە ئاتا - ئانىنى قاقشىتىشتىن چەكلەشنى ئىپادىلەيدۇ.

• بيان خطر التوسع في ملاذّ الدنيا؛ لأنها تشغل عن الآخرة.
دۇنيانىڭ راھەت - پاراغىتىگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشتىن چەكلەيدۇ، چۈنكى دۇنيانىڭ راھەت - پاراغىتى ئاخىرەت ئىشلىرىدىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ.

• بيان الوعيد الشديد لأصحاب الكبر والفسوق.
تەكەببۇرلار ۋە پاسىقلارغا قاتتىق تەھدىت قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ.

۞ وَٱذۡكُرۡ أَخَا عَادٍ إِذۡ أَنذَرَ قَوۡمَهُۥ بِٱلۡأَحۡقَافِ وَقَدۡ خَلَتِ ٱلنُّذُرُ مِنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَمِنۡ خَلۡفِهِۦٓ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئادنىڭ نەسەب قېرىندىشى ھۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىنى ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئەھقاف دېگەن جايدا بولۇپ، ھۇدتىن بۇرۇنمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان نۇرغۇن پەيغەمبەر كەلگەن ئىدى. ئۇلار قەۋملىرىگە: پەقەت يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا ھېچنەرسىگە چوقۇنماڭلار. ئەي قەۋمىم! مەن سىلەرگە قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى كىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دەيتتى.
تفسیرهای عربی:
قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا لِتَأۡفِكَنَا عَنۡ ءَالِهَتِنَا فَأۡتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
ھۇدقا قەۋمى مۇنداق دېدى: سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ سېنىڭ بۇنىڭغا ھەرگىز كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. ئەگەر سەن دەۋايىڭدا راستچىل بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىن.
تفسیرهای عربی:
قَالَ إِنَّمَا ٱلۡعِلۡمُ عِندَ ٱللَّهِ وَأُبَلِّغُكُم مَّآ أُرۡسِلۡتُ بِهِۦ وَلَٰكِنِّيٓ أَرَىٰكُمۡ قَوۡمٗا تَجۡهَلُونَ
ھۇد ئېيتتى: ئازابنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، مېنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتىم يوق. مەن پەقەت بىر پەيغەمبەرمەن، سىلەرگە ئۆز مەجبۇرىيتىمنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. لېكىن مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا پايدىلىق ئىشنى تاشلاپ، زىيانلىق ئىشنى قىلىدىغان نادان كىشىلەر دەپ قارايمەن.
تفسیرهای عربی:
فَلَمَّا رَأَوۡهُ عَارِضٗا مُّسۡتَقۡبِلَ أَوۡدِيَتِهِمۡ قَالُواْ هَٰذَا عَارِضٞ مُّمۡطِرُنَاۚ بَلۡ هُوَ مَا ٱسۡتَعۡجَلۡتُم بِهِۦۖ رِيحٞ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئۇلارغا ئۆزلىرى ئالدىراتقان ئازاب كېلىپ، ئاسمان تەرەپتىن بىر بۇلۇتنىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چاغدا: بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇتتۇر، دېيىشتى. ھۇد ئۇلارغا: ئەھۋال سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، يەنى بۇ بۇلۇت سىلەرگە يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، بەلكى ئۇ سىلەر ئالدىراتقان ئازاب بولۇپ، ئۇ ئىچىدە دەرتلىك ئازاب بولغان شامالدۇر، دېدى.
تفسیرهای عربی:
تُدَمِّرُ كُلَّ شَيۡءِۭ بِأَمۡرِ رَبِّهَا فَأَصۡبَحُواْ لَا يُرَىٰٓ إِلَّا مَسَٰكِنُهُمۡۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
ئۇ ئاللاھ ھالاك قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسىلا ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئاندىن ئۇلار ھالاك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار بۇرۇندىن ئولتۇرۇپ كەلگەن ئۆيلەردىن، بۇندىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەردە مەۋجۇت بولغانلىقىغا ھېچبىر ئەسەرمۇ قالمايدۇ. بىز ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسىى ۋە ئاسىيلىقلىرىدا چىڭ تۇرغان گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق دەرتلىك جازا بېرىمىز.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ مَكَّنَّٰهُمۡ فِيمَآ إِن مَّكَّنَّٰكُمۡ فِيهِ وَجَعَلۡنَا لَهُمۡ سَمۡعٗا وَأَبۡصَٰرٗا وَأَفۡـِٔدَةٗ فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُمۡ سَمۡعُهُمۡ وَلَآ أَبۡصَٰرُهُمۡ وَلَآ أَفۡـِٔدَتُهُم مِّن شَيۡءٍ إِذۡ كَانُواْ يَجۡحَدُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ
بىز ھۇد قەۋمىگە سىلەرگە بەرمىگەن ئىمكانىيەتلەرنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇلارغا ئاڭلايدىغان قۇلاق، كۆرىدىغان كۆز، چۈشىنىدىغان قەلبلەرنى بەردۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە ئەقىللىرى ھېچنەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەن چاغدا ئۇلاردىن ئۇ ئازابنىمۇ قايتۇرالمىدى، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغاچقا، پەيغەمبىرى ھۇد ئاگاھلاندۇرغان چاغدا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب كەلگەن ئىدى.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ أَهۡلَكۡنَا مَا حَوۡلَكُم مِّنَ ٱلۡقُرَىٰ وَصَرَّفۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
ئەي مەككىلىكلەر! بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى ئاھالىلەرنى ھالاك قىلدۇق. يەنى ئادنى، سەمۇدنى، لۇت قەۋمىنى ۋە مەديەن ئاھالىسىنى ھالاك قىلىدۇق. ئۇلارنىڭ كۇپرىسىدىن قايتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ تۈرلۈك - تۈرلۈك دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرگەن ئىدۇق.
تفسیرهای عربی:
فَلَوۡلَا نَصَرَهُمُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ قُرۡبَانًا ءَالِهَةَۢۖ بَلۡ ضَلُّواْ عَنۡهُمۡۚ وَذَٰلِكَ إِفۡكُهُمۡ وَمَا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ قىلىۋالغان بۇتلار ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم بەرمىدى؟ ئۇلار شۇ بۇتلىرىغا چوقۇنۇش ۋە قۇربانلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق يېقىنچىلىق قىلاتتىغۇ؟ بۇتلار ئۇلارغا قىلچە ياردەم قىلمىغانلىقى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇلار ئەڭ ئېھتىياجلىق چاغدا بۇتلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى ۋە ئويدۇرمىلىرىدۇركى، ئۇلار ئاشۇ بۇتلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرىگە ئەسقاتىدىغانلىقىنى ۋە شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى پەش قىلىشاتتى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• لا علم للرسل بالغيب إلا ما أطلعهم ربهم عليه منه.
پەيغەمبەرلەرمۇ پەرۋەردىگارى بىلدۈرگەندىن باشقا غەيىبلەرنى بىلمەيدۇ.

• اغترار قوم هود حين ظنوا العذاب النازل بهم مطرًا، فلم يتوبوا قبل مباغتته لهم.
ھۇد قەۋمى ئۆزلىرىگە كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئازابنى يامغۇر دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئازاب ئۇشتۇمتۇت كېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىۋالماي ئالدىنىپ قالغان.

• قوة قوم عاد فوق قوة قريش، ومع ذلك أهلكهم الله.
ئاد قەۋمىنىڭ كۈچى قۇرەيشنىڭ كۈچىدىن يۇقىرى بولۇپ، شۇنداقتىمۇ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن.

• العاقل من يتعظ بغيره، والجاهل من يتعظ بنفسه.
ئەقىللىق ئادەم باشقىلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ، نادان ئۆزىنى ئىبرەت قىلىدۇ.

وَإِذۡ صَرَفۡنَآ إِلَيۡكَ نَفَرٗا مِّنَ ٱلۡجِنِّ يَسۡتَمِعُونَ ٱلۡقُرۡءَانَ فَلَمَّا حَضَرُوهُ قَالُوٓاْ أَنصِتُواْۖ فَلَمَّا قُضِيَ وَلَّوۡاْ إِلَىٰ قَوۡمِهِم مُّنذِرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمنى ئاڭلىسۇن دەپ بىر بۆلۈك جىنلارنى يېنىڭغا ئەۋەتتۇق. ئۇلار قۇرئاننى تىڭشاشقا ھازىر بولغاندا بىر - بىرىگە: قۇرئاننى تولۇق ئاڭلىيالىشىمىز ئۈچۈن جىم تۇرۇڭلار، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرائىتىنى تۈگەتكەندە ئۇلار قەۋمىنى ئەگەر مۇشۇ قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا ئاللاھنىڭ ئازابىغا قالىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن قايتىشتى.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ يَٰقَوۡمَنَآ إِنَّا سَمِعۡنَا كِتَٰبًا أُنزِلَ مِنۢ بَعۡدِ مُوسَىٰ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلۡحَقِّ وَإِلَىٰ طَرِيقٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئۇلار قەۋمىگە: ئەي قەۋمىمىز! شەكسىزكى بىز مۇساغا نازىل قىلغان ۋەھيىدىن كىيىنكى ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان كىتابىنى ئاڭلىدۇق، ئۇ كىتاب ئىلگىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلايدىكەن. بىز ئاڭلىغان بۇ كىتاب ھەقىقەتكە باشلايدىكەن، توغرا يولغا يېتەكلەيدىكەن. ئۇ يول ئىسلام يولىدۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰقَوۡمَنَآ أَجِيبُواْ دَاعِيَ ٱللَّهِ وَءَامِنُواْ بِهِۦ يَغۡفِرۡ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُجِرۡكُم مِّنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ
ئەي قەۋمىمىز! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چاقىرغان ھەقىقەتكە ئاۋاز قوشۇڭلار، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دەرتلىك ئازابتىن ئامان قىلىدۇ. ناۋادا سىلەر ئۇ چاقىرغان ھەقىقەتكە ئاۋاز قوشماي، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسەڭلار سىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئازابتىن ئامان قالالمايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
وَمَن لَّا يُجِبۡ دَاعِيَ ٱللَّهِ فَلَيۡسَ بِمُعۡجِزٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَيۡسَ لَهُۥ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءُۚ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ
كىمكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چاقىرغان ھەقىقەتكە ئاۋاز قوشمىسا ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا دوستلار ئۇنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئەنە شۇلار ھەقتىن روشەن ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.
تفسیرهای عربی:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَلَمۡ يَعۡيَ بِخَلۡقِهِنَّ بِقَٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحۡـِۧيَ ٱلۡمَوۡتَىٰۚ بَلَىٰٓۚ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ مۇشرىكلار ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانلىقىنى، شۇنچىۋالا چوڭ ھەم كەڭرى ئاسمان - زېمىننى يارىتىشتىن ئاجىز كەلمىگەن زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆلۈكلەرنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈشكە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَوۡمَ يُعۡرَضُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ عَلَى ٱلنَّارِ أَلَيۡسَ هَٰذَا بِٱلۡحَقِّۖ قَالُواْ بَلَىٰ وَرَبِّنَاۚ قَالَ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلار ئازابلىنىش ئۈچۈن دوزاخقا توغرا قىلىنغاندا ئۇلارغا كايىلىپ: سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب راست ئەمەسمۇ؟ ياكى بۇ سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا دېگىنىڭلاردەك يالغانمۇ؟ دېيىلىدۇ. ئۇلار: ئۇنداق ئەمەس، رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە بۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا: ئاللاھقا كاپىر بولغىنىڭلار ئۈچۈن بۇ ئازابنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَٱصۡبِرۡ كَمَا صَبَرَ أُوْلُواْ ٱلۡعَزۡمِ مِنَ ٱلرُّسُلِ وَلَا تَسۡتَعۡجِل لَّهُمۡۚ كَأَنَّهُمۡ يَوۡمَ يَرَوۡنَ مَا يُوعَدُونَ لَمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا سَاعَةٗ مِّن نَّهَارِۭۚ بَلَٰغٞۚ فَهَلۡ يُهۡلَكُ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ سېنى يالغانغا چىقىرىشلىرىغا نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋرچان بولغىن، ئۇلارغا ئازاب كېلىشىگە ئالدىراپ كەتمىگىن. قەۋمىڭنىڭ ئىنكارچىلىرى ئاخىرەتتە ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئۇلار بېشىغا كەلگەن ئازابنىڭ چەكسىزلىكىدىن گوياكى بۇ دۇنيادا پەقەت كۈندۈزدىن ئازراق ۋاقىت تۇرغاندەكلا ھېس قىلىشىدۇ. مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا يېتەرلىك تەبلىغدۇر. بۇ ئازاب ئارقىلىق پەقەت كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارلا ھالاك قىلىنىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من حسن الأدب الاستماع إلى المتكلم والإنصات له.
سۆزلىگۈچىگە قۇلاق سېلىش ۋە شۈك تۇرۇش گۈزەل ئەخلاقتىندۇر.

• سرعة استجابة المهتدين من الجنّ إلى الحق رسالة ترغيب إلى الإنس.
جىنلاردىن ھىدايەت تاپقانلارنىڭ ھەقكە ئاۋاز قوشۇشقا ئالدىرىشى ئىنسانلارنى قىزىقتۇرۇش سىگنالىدۇر.

• الاستجابة إلى الحق تقتضي المسارعة في الدعوة إليه.
ھەقكە ئاۋاز قوشۇش باشقىلارنىمۇ ئۇنىڭغا چاقىرىشقا ئالدىراشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• الصبر خلق الأنبياء عليهم السلام.
سەۋرچانلىق بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقىدۇر.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره احقاف
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن