ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (10) سوره: سوره ممتحنه
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا جَآءَكُمُ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ مُهَٰجِرَٰتٖ فَٱمۡتَحِنُوهُنَّۖ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِإِيمَٰنِهِنَّۖ فَإِنۡ عَلِمۡتُمُوهُنَّ مُؤۡمِنَٰتٖ فَلَا تَرۡجِعُوهُنَّ إِلَى ٱلۡكُفَّارِۖ لَا هُنَّ حِلّٞ لَّهُمۡ وَلَا هُمۡ يَحِلُّونَ لَهُنَّۖ وَءَاتُوهُم مَّآ أَنفَقُواْۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ أَن تَنكِحُوهُنَّ إِذَآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّۚ وَلَا تُمۡسِكُواْ بِعِصَمِ ٱلۡكَوَافِرِ وَسۡـَٔلُواْ مَآ أَنفَقۡتُمۡ وَلۡيَسۡـَٔلُواْ مَآ أَنفَقُواْۚ ذَٰلِكُمۡ حُكۡمُ ٱللَّهِ يَحۡكُمُ بَيۡنَكُمۡۖ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! مۇئمىن ئاياللار كۇپرى زېمىنىدىن ھىجرەت قىلىپ ئىسلام دىيارىغا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ راستلىقىنى سىناپ كۆرۈڭلار. ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا يوشۇرغان ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئۇلارنى سىنىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سەمىمىيتى ئاشكارا بولۇپ، ھەقىقىي مۇئمىنلىكىنى بىلسەڭلار، ئۇلارنى كاپىر ئەرلىرىگە قايتۇرۇپ بەرمەڭلار. مۇئمىن ئاياللارنىڭ كاپىرلارغا تېگىشى ھالال بولمايدۇ، كاپىرلارنىڭمۇ مۇئمىنە ئاياللارنى ئېلىشى ھالال بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ئۇلارغا بەرگەن تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئى مۇئمىنلەر! ئۇ ئاياللار ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئۇلارغا تويلۇق مېھرىنى بېرىپ، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار، سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. كىمكى ئايالى كاپىر بولسا ياكى دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولسا، ئۇنى ئەمرىدە ساقلىمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئايال كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككەيلەننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ. سىلەرمۇ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن ئاياللىرىڭلارنىڭ تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى كاپىرلاردىن سوراڭلار، ئۇلارمۇ مۇسۇلمان بولۇپ كەلگەن ئاياللىرىغا بەرگەن تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سىلەردىن سورىسۇن. سىلەرنىڭمۇ، ئۇلارنىڭمۇ تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇشى ھەققىدىكى مەزكۇر ھۆكۈم ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ۋە ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە يولغان قويغان ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• في تصريف الله القلب من العداوة إلى المودة، ومن الكفر إلى الإيمان إشارة إلى أن قلوب العباد بين إصبعين من أصابعه سبحانه، فليطلب العبد منه الثبات على الإيمان.
ئاللاھنىڭ دىللارنى ئۆچمەنلىكتىن دوستلۇققا، كۇپرىدىن ئىمانغا يۆتكىشى بەندىلەرنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بارماقلىرىدىن ئىككى بارماق ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەندە ئاللاھتىن ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشنى تىلىسۇن.

• التفريق في الحكم بين الكفار المحاربين والمسالمين.
مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىۋاتقان كاپىرلار بىلەن تىنچلىق بېتىمى تۈزۈشكەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىنى ھۆكۈمدە پەرقلەندۈرۈش.

• حرمة الزواج بالكافرة غير الكتابية ابتداءً ودوامًا، وحرمة زواج المسلمة من كافر ابتداءً ودوامًا.
ئەھلى كىتابتىن سىرت كاپىر ئاياللارنى ئېلىشمۇ، بار نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ ھارامدۇر. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئايالنىڭمۇ كاپىرغا تېگىشى ياكى نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇشىمۇ ھارامدۇر.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (10) سوره: سوره ممتحنه
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن