ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره منافقون   آیه:

سۈرە مۇناپىقۇن

از اهداف این سوره:
بيان حقيقة المنافقين والتحذير منهم.
مۇناپىقلارنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش.

إِذَا جَآءَكَ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ قَالُواْ نَشۡهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُۥ وَٱللَّهُ يَشۡهَدُ إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ لَكَٰذِبُونَ
ئەي پەيغەمبەر! مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، كۇپۇرنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلار سېنىڭ سورۇنۇڭغا كەلگەندە: بىز سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ راست پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، دېيىشىدۇ. ئاللاھ سېنىڭ ئۆزىنىڭ راست پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە چىن دىلىمىزدىن گۇۋاھلىق بېرىمىز، دېگەن دەۋاسىدا ئەلۋەتتە يالغانچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱتَّخَذُوٓاْ أَيۡمَٰنَهُمۡ جُنَّةٗ فَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِنَّهُمۡ سَآءَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمان دەۋاسىدىكى يالغان قەسەملىرىنى ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈشتىن ساقلىنىدىغان قالقان قىلىۋالدى. ئۇلار ئوتتۇرىدا ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ، شەك پەيدا قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىماندىن توستى. ئۇلارنىڭ نىپاق ۋە يالغان قەسەم قىلىشتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى ھەقىقەتەن قەبىھتۇر.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ ءَامَنُواْ ثُمَّ كَفَرُواْ فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَهُمۡ لَا يَفۡقَهُونَ
بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ساختا ئىمان ئېيتىپ، ئىماننىڭ قەلبلىرىگە يېتىپ بارمىغانلىقى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يوشۇرۇن كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقى سەۋەبىدىن قەلبلىرى مۆھۈرلەندى. شۇڭا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ئىمان كىرمەيدۇ. ئاشۇ مۆھۈر سەۋەبىدىن ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان ۋە توغرا يول تاپىدىغان ئىشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَإِذَا رَأَيۡتَهُمۡ تُعۡجِبُكَ أَجۡسَامُهُمۡۖ وَإِن يَقُولُواْ تَسۡمَعۡ لِقَوۡلِهِمۡۖ كَأَنَّهُمۡ خُشُبٞ مُّسَنَّدَةٞۖ يَحۡسَبُونَ كُلَّ صَيۡحَةٍ عَلَيۡهِمۡۚ هُمُ ٱلۡعَدُوُّ فَٱحۡذَرۡهُمۡۚ قَٰتَلَهُمُ ٱللَّهُۖ أَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
ئەي قارىغۇچى! ئۇلارنىڭ قىياپىتى ۋە بەدەن شەكلىگە قارايدىغان بولساڭ، ئۇلاردىكى گۈزەللىك ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتنى كۆرۈپ ھەيران قالىسەن. ئۇلار سۆزلەيدىغان بولسا، سۆزلىرىنىڭ پاساھەتلىكلىكىدىن دېگەنلىرىگە قۇلاق سالىسەن. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار سېنىڭ مەجلىسىڭدە خۇددى يۆلەپ قويغان ياغاچلاردەك ھېچنېمىنى چۈشەنمەي ۋە ئاڭقىرالماي ئولتۇرۇشىدۇ. ئۇلار ھەر قانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ ئويلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇدۈكى بار. ئۇلار ھەقىقىي دۈشمەندۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ سېنىڭ سىرىڭنى پاش قىلىپ، ساڭا سۇيىقەست قىلىشىدىن پەخەس بولغىن. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن. ئىماننىڭ دەلىللىرى شۇنچىۋالا روشەن، دەلىل - پاكىتلار شۇنچىۋالا ئېنىق تۇرۇپ يەنە ئۇلار قانداقسىگە ئىماندىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب السعي إلى الجمعة بعد النداء وحرمة ما سواه من الدنيا إلا لعذر.
جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن جۈمەگە مېڭىش ۋاجىبتۇر. ھېچقانداق ئۆزرىسىز ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش ھارامدۇر.

• تخصيص سورة للمنافقين فيه تنبيه على خطورتهم وخفاء أمرهم.
مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر سۈرىنىڭ خاسلاشتۈرۈلىشى، ئۇلارنىڭ خەتەرلىكلىكىگە ۋە ئىشلىرىنىڭ تولىمۇ مەخپىي ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

• العبرة بصلاح الباطن لا بجمال الظاهر ولا حسن المنطق.
تاشقى قىياپەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە سۆزنىڭ پاساھەتلىكلىكى ئەمەس، بەلكى نىيەتنىڭ دۇرۇسلۇقى ئىتىبارغا ئېلىنىدۇ.

وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ يَسۡتَغۡفِرۡ لَكُمۡ رَسُولُ ٱللَّهِ لَوَّوۡاْ رُءُوسَهُمۡ وَرَأَيۡتَهُمۡ يَصُدُّونَ وَهُم مُّسۡتَكۡبِرُونَ
بۇ مۇناپىقلارغا: سادىر قىلغان خاتالىقىڭلارنى تونۇپ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يېنىغا بېرىڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسۇن، دېيىلسە، ئۇلار كەمسىتىش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنى بۇيرۇلغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتقۇچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
سَوَآءٌ عَلَيۡهِمۡ أَسۡتَغۡفَرۡتَ لَهُمۡ أَمۡ لَمۡ تَسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ لَن يَغۡفِرَ ٱللَّهُ لَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسەڭمۇ، مەغپىرەت تىلىمىسەڭمۇ بەرىبىر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ - مەئسىيەتتە چىڭ تۇرغۇچىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
هُمُ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنفِقُواْ عَلَىٰ مَنۡ عِندَ رَسُولِ ٱللَّهِ حَتَّىٰ يَنفَضُّواْۗ وَلِلَّهِ خَزَآئِنُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَٰكِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ لَا يَفۡقَهُونَ
ئۇلار: رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدىكى يوقسۇللارغا ۋە مەدىنە ئەتراپىدىكى ئەئرابىلارغا ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلماڭلار. ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن تارقىلىپ كەتسۇن. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رىزىق بېرىدۇ. لېكىن مۇناپىقلار رىزىق خەزىنىلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَقُولُونَ لَئِن رَّجَعۡنَآ إِلَى ٱلۡمَدِينَةِ لَيُخۡرِجَنَّ ٱلۡأَعَزُّ مِنۡهَا ٱلۡأَذَلَّۚ وَلِلَّهِ ٱلۡعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِۦ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَلَٰكِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ لَا يَعۡلَمُونَ
مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي: مەدىنىگە قايتقىنىمىزدا ئەزىزلەر، يەنى مەن ۋە قەۋمىم خارلارنى، يەنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىمىز دېيىشىدۇ. ئىززەت ۋە شەرەپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپتۇر. لېكىن مۇناپىقلار ئىززەت ۋە شەرەپنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُلۡهِكُمۡ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُمۡ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! مال - مۈلكۈڭلار ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار سىلەرنى نامازدىن ۋە باشقا ئىسلامدا پەرز بولغان ئەمەللەردىن كاشىلا قىلىپ قويمىسۇن. كىمنىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى ئاللاھ ۋاجىب قىلغان ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردىن كاشىلا قىلىپ قويىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلاردۇركى، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرى ۋە بالا - چاقىلىرىنى زىيان تارتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَنفِقُواْ مِن مَّا رَزَقۡنَٰكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوۡلَآ أَخَّرۡتَنِيٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ قَرِيبٖ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ، پەرۋەردىگارىغا: ئەي رەببىم! مېنى بىر ئاز كېچىكتۈرسەڭ، مەن مېلىمنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمەللىرى ياخشى بولغان سالىھ بەندىلىرى قاتارىدىن بولۇۋالسام، دەپ يالۋۇرۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ماللاردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَلَن يُؤَخِّرَ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِذَا جَآءَ أَجَلُهَاۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
ئاللاھ تائالا ئەجىلى توشۇپ، ئۆمرى تۈگىگەن ھەر قانداق بىر جاننى قەتئىي كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر ئەمەللىرىڭلار ياخشى بولسا، مۇكاپاتىمۇ ياخشى بولىدۇ. ناۋادا ئەمەللىرىڭلار يامان بوپقالسا، جازاسىمۇ يامان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الإعراض عن النصح والتكبر من صفات المنافقين.
نەسىھەتتىن يۈز ئۆرۈش ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

• من وسائل أعداء الدين الحصار الاقتصادي للمسلمين.
مۇسۇلمانلارغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشمۇ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدۇر.

• خطر الأموال والأولاد إذا شغلت عن ذكر الله.
مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلارنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن كاشىلا قىلىپ قويۇشى خەتەرلىكتۇر.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره منافقون
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن