ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره تغابن   آیه:

سۈرە تەغابۇن

از اهداف این سوره:
التحذير مما تحصل به الندامة والغبن يوم القيامة.
قىيامەت كۈنىدە ھاسىل بولىدىغان پۇشايمان، ھەسرەت-نادامەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ لَهُ ٱلۡمُلۡكُ وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئاللاھ تائالانى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كەلمەيدىغان ناقىس سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ھەم ئۇلۇغلايدۇ. پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي پادىشاھ يوقتۇر. بارچە گۈزەل مەدھىيەلەر ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ فَمِنكُمۡ كَافِرٞ وَمِنكُم مُّؤۡمِنٞۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، ئاراڭلاردىن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ دوزاخقا كىرىدىغانلارمۇ، ئاللاھقا ئىشىنىپ جەننەتكە كىرىدىغانلارمۇ بار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّ وَصَوَّرَكُمۡ فَأَحۡسَنَ صُوَرَكُمۡۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتقان بولۇپ، بىكارغا ياراتقىنى يوق. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ۋە پەزل - مەرھەمەت يۈزىسىدىن قىياپىتىڭلارنى گۈزەل قىلدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە قىياپىتىڭلارنى كۆرۈمسىز قىلىپ قويغان بولاتتى. قىيامەت كۈنى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر ئەمەللىرىڭلار ياخشى بولسا، مۇكاپاتىڭلارمۇ ياخشى بولىدۇ. ناۋادا ئەمەللىرىڭلار يامان بوپقالسا، جازاسىمۇ يامان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَيَعۡلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعۡلِنُونَۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئەمەللىرىڭلاردىن ئاشكارا قىلغاننىمۇ، يوشۇرۇن قىلغاننىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكى ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىمۇ بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاشۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَبَؤُاْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَبۡلُ فَذَاقُواْ وَبَالَ أَمۡرِهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەرگە نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋمى ۋە باشقا قەۋملەرگە ئوخشاش سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار كۇپۇرلۇقنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا تېتىغان بولۇپ، ئاخىرەتتىمۇ دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇنداق ئەمەس، سىلەرگە ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرى چوقۇم كەلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىپ، سىلەرگىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋېلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُۥ كَانَت تَّأۡتِيهِمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالُوٓاْ أَبَشَرٞ يَهۡدُونَنَا فَكَفَرُواْ وَتَوَلَّواْۖ وَّٱسۡتَغۡنَى ٱللَّهُۚ وَٱللَّهُ غَنِيٌّ حَمِيدٞ
ئۇلارغا شۇنداق ئازاب كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسان تىپىدىن بولۇشىنى قوبۇل قىلماي: بىزنى بىر ئىنسان ھەقىقەتكە باشلامدۇ؟ دېيىشتى ھەمدە كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈشتى. نەتىجىدە ئۇلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەت ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرى ئاللاھ (نىڭ مۈلكى) گە ھېچ نەرسىنى قوشۇپ قويالمايتتى. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇركى، بەندىلىرىگە موھتاج بوپقالمايدۇ. سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدا مەدھىيەلەنگۈچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
زَعَمَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَن لَّن يُبۡعَثُواْۚ قُلۡ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبۡعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلۡتُمۡۚ وَذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۆزلىرىنى ھەرگىز قايتا تىرىلدۈرەلمەيدۇ، دەپ بىلجىرلاشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ئۇنداق ئەمەس، رەببىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر قىيامەت كۈنى چوقۇم قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر. ئاندىن بۇ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىڭلار چوقۇم سىلەرگە ئېيتىپ بېرىلىدۇ. ئاشۇ قايتا تىرىلدۈرۈش ئاللاھقا تولىمۇ ئاساندۇر. چۈنكى ئۇ دەسلەپتىمۇ سىلەرنى ياراتقان. ئۇنداق بولغانىكەن، سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن ئۇ سىلەرنى ھېساب ئېلىش ۋە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.
تفسیرهای عربی:
فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَٱلنُّورِ ٱلَّذِيٓ أَنزَلۡنَاۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەمدە بىز پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَ يَجۡمَعُكُمۡ لِيَوۡمِ ٱلۡجَمۡعِۖ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلتَّغَابُنِۗ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَيَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا يُكَفِّرۡ عَنۡهُ سَيِّـَٔاتِهِۦ وَيُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە) سۆزلەپ بەرگىنكى، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن توپلايدىغان قىيامەت كۈنى شۇنداق بىر كۈندۇركى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ زىيانكارلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى ئاشكارا بولىدۇ. مۇئمىنلەر دوزاخ ئەھلىنىڭ جەننەتتىكى ئورۇنلىرىغا ئىگە بولىدۇ، دوزاخ ئەھلى بولسا جەننەت ئەھلىنىڭ دوزاختىكى ئورۇنلىرىغا ئىگە بولىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەتتىن چىقىپ كەتمەيدۇ، جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىمۇ ئۇلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئۇلار ئېرىشكەن ئاشۇ نېئمەتلەر ھېچقانداق ئۇتۇق تەڭ كەلمەيدىغان ئىنتايىن زور غەلىبىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من قضاء الله انقسام الناس إلى أشقياء وسعداء.
ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ئىنسانلار بەختلىك ۋە بەختسىز دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

• من الوسائل المعينة على العمل الصالح تذكر خسارة الناس يوم القيامة.
قىيامەت كۈنىدىكى ئىنسانلارنىڭ زىيانكارلىقىنى ئەسلەش سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ۋاسىتىلاردىن بىرىدۇر.

وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ۋە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ يَهۡدِ قَلۡبَهُۥۚ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
بىراۋنىڭ ئۆزىگە، ياكى مال - مۈلكىگە، ياكى بالا - چاقىسىغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، پەقەت ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەنلا يېتىدۇ. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرىگە ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش ۋە ھۆكمىگە رازى بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَۚ فَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَإِنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، بۇ يۈز ئۆرۈشۈڭلارنىڭ ۋابالى ئۆزۈڭلار بولىدۇ. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت بىز يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزۈشتۇر. ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزدى.
تفسیرهای عربی:
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
ئاللاھ ھەقىقىي مەبۇدتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. شۇڭا مۇئمىنلەر بارلىق ئىشلىرىدا يالغۇز ئاللاھقىلا تايانسۇن.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ مِنۡ أَزۡوَٰجِكُمۡ وَأَوۡلَٰدِكُمۡ عَدُوّٗا لَّكُمۡ فَٱحۡذَرُوهُمۡۚ وَإِن تَعۡفُواْ وَتَصۡفَحُواْ وَتَغۡفِرُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئاياللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئىچىدىن سىلەرنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن غەپلەتتە قالدۇرۇپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن سۇسلاشتۇرۇپ قويغانلىقتىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرى بار. شۇڭا ئۇلارنىڭ سىلەرگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن پەخەس بولۇڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى ئۆتۈۋېتىپ، كۆرمەسكە سالساڭلار ۋە ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالمىساڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ. چۈنكى جازا ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَأَوۡلَٰدُكُمۡ فِتۡنَةٞۚ وَٱللَّهُ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ
ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ مال - ۋارانلىرىڭلار ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن سىناق ھەم ئىمتىھاندۇر. ئۇلار بەزىدە سىلەرنى ھارام كەسىپكە ۋە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى بالا - چاقىلىرىغا بويسۇنۇشتىن ۋە مال - مۈلۈكلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ئەلا بىلگەنلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىنتايىن كاتتا ساۋاب بار. بۇ كاتتا ساۋاب جەننەتتىن ئىبارەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ مَا ٱسۡتَطَعۡتُمۡ وَٱسۡمَعُواْ وَأَطِيعُواْ وَأَنفِقُواْ خَيۡرٗا لِّأَنفُسِكُمۡۗ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفۡسِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يولىنى تۇتۇڭلار. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ماللىرىڭلارنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىڭلار. كىمكى نەپسىنىڭ بېخىلىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىپ، ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
إِن تُقۡرِضُواْ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا يُضَٰعِفۡهُ لَكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ
ئاللاھ يولىدا ماللىرىڭلاردىن سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار، ئاللاھ ھەر بىر ياخشىلىقنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە قاتلاپ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىق قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا شەكۇردۇركى، ئاز ئەمەلگە كۆپ ئەجىر بېرىدۇ. ھەلىمدۇركى، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاللاھ تائالا ئاشكارا - يوشۇرۇن ھەممە ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر. يارىتىشى، يولغا قويغان ھۆكۈملىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• مهمة الرسل التبليغ عن الله، وأما الهداية فهي بيد الله.
پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزۈش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.

• الإيمان بالقدر سبب للطمأنينة والهداية.
تەقدىرگە ئىشىنىش كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ھىدايەتكە سەۋەب بولىدۇ.

• التكليف في حدود المقدور للمكلَّف.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى بەندىنىڭ ئىمكانىيەت دائىرىسىدە بولىدۇ.

• مضاعفة الثواب للمنفق في سبيل الله.
ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ ساۋابى ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره تغابن
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن