ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره طلاق   آیه:

سۈرە تەلاق

از اهداف این سوره:
بيان أحكام الطلاق وتعظيم حدوده وثمرات التقوى.
تالاقنىڭ ھۆكۈملىرى، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۇلۇغلىقى ۋە تەقۋادارلىقنىڭ نەتىجىسىنىڭ بايانى .

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِذَا طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحۡصُواْ ٱلۡعِدَّةَۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ رَبَّكُمۡۖ لَا تُخۡرِجُوهُنَّ مِنۢ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخۡرُجۡنَ إِلَّآ أَن يَأۡتِينَ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖۚ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَقَدۡ ظَلَمَ نَفۡسَهُۥۚ لَا تَدۡرِي لَعَلَّ ٱللَّهَ يُحۡدِثُ بَعۡدَ ذَٰلِكَ أَمۡرٗا
ئەي پەيغەمبەر! سەن ياكى ئۈممىتىڭدىن بىرەر كىشى ئايالىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئىددەت تۇتۇشقا لايىق پەيتتە تالاق قىلىڭلار. يەنى تالاق ئۇلار ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن ئۆزئارا جىنسىي ئالاقىدە بولمىغان پاكلىق مەزگىلىدە بولسۇن. مۇبادا ئاياللىرىڭلار بىلەن قايتا يارىشىۋالماقچى بولساڭلار، يارىشىۋېلىشىڭلار قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئىددەت كۈنلىرىنى ساناڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. تالاق قىلىنغان ئاياللىرىڭلار (ئىددەت مەزگىلىدە) زىنا قىلىشقا ئوخشاش ئوپئوچۇق ناشايان ئىشلارنى قىلمىسىلا ئۇلارنى تاكى ئىددىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆيلەردىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ چىقىپ كەتمىسۇن. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن بېكىتىپ بەرگەن بەلگىلىمىلەردۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغانلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئەي ئايالىنى تالاق قىلغۇچى ئەر! سەن بىلمەيسەنكى، بەلكىم ئاللاھ ئاشۇنىڭدىن كېيىن ئەرنىڭ كۆڭلىدە تالاق قىلىنغان ئايالىغا رىغبەت پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىشى مۇمكىن.
تفسیرهای عربی:
فَإِذَا بَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمۡسِكُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ فَارِقُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٖ وَأَشۡهِدُواْ ذَوَيۡ عَدۡلٖ مِّنكُمۡ وَأَقِيمُواْ ٱلشَّهَٰدَةَ لِلَّهِۚ ذَٰلِكُمۡ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّهُۥ مَخۡرَجٗا
ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشۇشقا يېقىنلاشقاندا ئۇلارغا قىزىقىپ، چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇپ قېلىش مەقسىتىدە ئۇلار بىلەن يارىشىۋالساڭلارمۇ ياكى ئۇلار بىلەن يارىشىۋالماي ئىددىتى توشقانغا قەدەر ئۇلارغا تېگىشلىك ئىددەت ھەققىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويساڭلارمۇ بولىدۇ. مەيلى ئۇلار بىلەن يارىشىۋېلىڭلار ياكى ئايرىلىپ كېتىڭلار، كېيىن ئاراڭلاردا دەتالاش چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاراڭلاردىن ئىككى نەپەر ئادىل كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ قويۇڭلار. ئەي گۇۋاھچىلار! سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ گۇۋاھچى بولۇڭلار. مەزكۇر ھۆكۈملەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئەسلىتىش ۋە پەند - نەسىھەتتىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۇ چۈشۈپ قالغان ھەر قانداق قىيىن ئەھۋالدىن چىقىش يولى بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَرۡزُقۡهُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَحۡتَسِبُۚ وَمَن يَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِ فَهُوَ حَسۡبُهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَٰلِغُ أَمۡرِهِۦۚ قَدۡ جَعَلَ ٱللَّهُ لِكُلِّ شَيۡءٖ قَدۡرٗا
ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلاپ باقمىغان، خىيالىغا كېچىپمۇ باقمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا يېتەرلىكتۇر. شەكسىزكى ئاللاھ ئۆز ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇركى، ئۇ ھېچ ئىشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ ھەم ئۇ ھېچ ئىشنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بەلگىلىك چەك بېكىتكەن بولۇپ، ئۇ ھامىنى شۇ چەككە يېتىپ بارىدۇ. يەنى ھەر قانداق مۈشكۈلچىلىكنىڭمۇ، باي - باياشاتلىقنىڭمۇ بەلگىلىك چېكى بولىدۇكى، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىنسانغا مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّٰٓـِٔي يَئِسۡنَ مِنَ ٱلۡمَحِيضِ مِن نِّسَآئِكُمۡ إِنِ ٱرۡتَبۡتُمۡ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلَٰثَةُ أَشۡهُرٖ وَٱلَّٰٓـِٔي لَمۡ يَحِضۡنَۚ وَأُوْلَٰتُ ٱلۡأَحۡمَالِ أَجَلُهُنَّ أَن يَضَعۡنَ حَمۡلَهُنَّۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّهُۥ مِنۡ أَمۡرِهِۦ يُسۡرٗا
يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغان تالاق قىلىنغان ئاياللارغا كەلسەك، ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. كىچىك بولغانلىقتىن ھەيزدارلىق يېشىغا يەتمىگەن ئاياللارنىڭ ئىددىتىمۇ ئۈچ ئايدۇر. تالاق قىلىنغان ياكى ئېرى ۋاپات تاپقان ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى ھامىلىسىنى تۇغقاندا ئاخىرلىشىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ھەمدە ھەر قانداق قىيىنچىلىقىنى قولايلاشتۇرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ أَمۡرُ ٱللَّهِ أَنزَلَهُۥٓ إِلَيۡكُمۡۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يُكَفِّرۡ عَنۡهُ سَيِّـَٔاتِهِۦ وَيُعۡظِمۡ لَهُۥٓ أَجۡرًا
ئەي مۇئمىنلەر! يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تالاق، يېنىشىۋېلىش ۋە ئىددەت ھەققىدىكى مەزكۇر ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈن نازىل قىلدى. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلغان يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە كاتتا ئەجىر بېرىدۇ. ئۇ كاتتا ئەجىر جەننەتكە كىرىش ھەمدە تۈگەپ كەتمەيدىغان نازۇ-نېئمەتلەرگە ئېرىشىشتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• خطاب النبي صلى الله عليه وسلم خطاب لأمته ما لم تثبت له الخصوصية.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان خىتابنىڭ شۇنىڭغا خاس ئىكەنلىكىگە دەلىل بولمىسىلا، پۈتكۈل ئۈممەتكە قىلىنغان خىتابتۇر.

• وجوب السكنى والنفقة للمطلقة الرجعية.
رەجئىي تالاق (يېنىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق) قىلىنغان ئايالغا تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى بېرىش ۋاجىبتۇر.

• النَّدْب إلى الإشهاد حسمًا لمادة الخلاف.
تالاش - تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى گۇۋاھچى قىلىش سۈننەتتۇر.

• كثرة فوائد التقوى وعظمها.
تەقۋادارلىقنىڭ پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپ، دەرىجىسىمۇ كاتتىدۇر.

أَسۡكِنُوهُنَّ مِنۡ حَيۡثُ سَكَنتُم مِّن وُجۡدِكُمۡ وَلَا تُضَآرُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُواْ عَلَيۡهِنَّۚ وَإِن كُنَّ أُوْلَٰتِ حَمۡلٖ فَأَنفِقُواْ عَلَيۡهِنَّ حَتَّىٰ يَضَعۡنَ حَمۡلَهُنَّۚ فَإِنۡ أَرۡضَعۡنَ لَكُمۡ فَـَٔاتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَأۡتَمِرُواْ بَيۡنَكُم بِمَعۡرُوفٖۖ وَإِن تَعَاسَرۡتُمۡ فَسَتُرۡضِعُ لَهُۥٓ أُخۡرَىٰ
ئەي ئەرلەر! تالاق قىلغان ئاياللىرىڭلارنى شارائىتىڭلارغا قاراپ ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جاينىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئاللاھ سىلەرنى قۇربىڭلار يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇمايدۇ. تۇرمۇش خىراجىتى بېرىش، تۇرالغۇ بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇش مەقسىتىدە زىيانغا ئۇچراتماڭلار. ئەگەر تالاق قىلىنغان ئاياللار ھامىلدار بولسا، ئۇلار تاكى ھامىلىنى تۇغقانغا قەدەر تۇرمۇش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەڭلار. ئەگەر ئۇلار پەرزەنتىڭلارنى ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارغا ئېمىتىپ بەرگەننىڭ ھەققىنى بېرىڭلار. ئېمىتىش ھەققى مەسىلىسىدە ئۆرپ - ئادىتىڭلارغا مۇراجىئەت قىلىڭلار. ئەگەر ئەر كىشى ئايال تەلەپ قىلغان ئىش ھەققىنى بېرىشكە بېخىللىق قىلىپ، كەم بەرسە، ئايال ئۇنىڭغا رازى بولمىسا، دادا بالىسىنى ئېمىتىدىغانغا باشقا ئىنىكئانا تاپسىمۇ بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لِيُنفِقۡ ذُو سَعَةٖ مِّن سَعَتِهِۦۖ وَمَن قُدِرَ عَلَيۡهِ رِزۡقُهُۥ فَلۡيُنفِقۡ مِمَّآ ءَاتَىٰهُ ٱللَّهُۚ لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِلَّا مَآ ءَاتَىٰهَاۚ سَيَجۡعَلُ ٱللَّهُ بَعۡدَ عُسۡرٖ يُسۡرٗا
قول ئىلكىدە بار ئادەم ئۆز شارائىتىغا قاراپ تالاق قىلىنغان ئايالىنىڭ ۋە بالىسىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى بېرىشى كېرەك. قولى قىسقا كىشىلەرمۇ ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن مالدىن تۇرمۇش خىراجىتى بەرسۇن. ئاللاھ ھېچكىمنى ئۆزى بەرگەندىن ئارتۇق بېرىشكە، يەنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ. ئاللاھ پات يېقىندا ئۇنى قىيىنچىلىق ۋە جاپالىق تۇرمۇشتىن كېيىن قول ئىلكىدە بار، باي قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَكَأَيِّن مِّن قَرۡيَةٍ عَتَتۡ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهِۦ فَحَاسَبۡنَٰهَا حِسَابٗا شَدِيدٗا وَعَذَّبۡنَٰهَا عَذَابٗا نُّكۡرٗا
نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان چاغدا بىز ئۇلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرىغا قارىتا قاتتىق ھېساب ئالدۇق ھەمدە ئۇلارنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېچىنىشلىق تۈردە ئازابلىدۇق.
تفسیرهای عربی:
فَذَاقَتۡ وَبَالَ أَمۡرِهَا وَكَانَ عَٰقِبَةُ أَمۡرِهَا خُسۡرًا
نەتىجىدە ئۇلار يامان ئەمەللىرىنىڭ ئازابىنى تېتىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىش بولدى.
تفسیرهای عربی:
أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمۡ عَذَابٗا شَدِيدٗاۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ قَدۡ أَنزَلَ ٱللَّهُ إِلَيۡكُمۡ ذِكۡرٗا
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كۈچلۈك ئازابنى تەييارلىدى. ئەي ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئۇلارغا كەلگەن ئازاب سىلەرگىمۇ كەپقالماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە شۇنداق بىر زىكرىنى نازىل قىلدىكى، ئۇ سىلەرگە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى ئەسلىتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
رَّسُولٗا يَتۡلُواْ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ مُبَيِّنَٰتٖ لِّيُخۡرِجَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِۚ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَيَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ قَدۡ أَحۡسَنَ ٱللَّهُ لَهُۥ رِزۡقًا
بۇ ئەسلەتكۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، پەيغەمبىرىگە چىنپۈتۈپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارنى گۇمراھلىقنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ھىدايەت نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن، چۈشىنىكسىزلىك بولمىغان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇنى نېئمەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا مۇكەممەل رىزىق ئاتا قىلدى.
تفسیرهای عربی:
ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ وَمِنَ ٱلۡأَرۡضِ مِثۡلَهُنَّۖ يَتَنَزَّلُ ٱلۡأَمۡرُ بَيۡنَهُنَّ لِتَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ وَأَنَّ ٱللَّهَ قَدۡ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عِلۡمَۢا
ئاللاھ يەتتە قات ئاسماننى ياراتتى، شۇنىڭغا ئوخشاش زېمىننىمۇ يەتتە قات ياراتتى. ئاللاھنىڭ تەبىئىي ۋە شەرئىي ئەمىر - پەرمانلىرى شۇ ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىغا چۈشىدۇ. ئۈمىدكى سىلەر ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى، ھېچ نەرسە ئۇنى ئاجىز قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل بىلىدىغانلىقىنى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسىنىڭ ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلگەيسىلەر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• عدم وجوب الإرضاع على الحامل إذا طلقت.
ھامىلدار ئايال تالاق قىلىنسا، بالىنى ئېمىتىپ بېرىشى ۋاجىب ئەمەس.

• التكليف لا يكون إلا بالمستطاع.
شەرىئەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەر قۇربى يەتكەن مىقداردا بولىدۇ.

• الإيمان بقدرة الله وإحاطة علمه بكل شيء سبب للرضا وسكينة القلب.
ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ۋە ئۇنىڭ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل بىلىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش قازاغا رازى بولۇشقا ۋە كۆڭۈلنىڭ تەسكىن تېپىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره طلاق
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن