ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره تحريم   آیه:

سۈرە تەھرىم

از اهداف این سوره:
الدعوة إلى إقامة البيوت على تعظيم حدود الله وتقديم مرضاته وحده.
يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ھەممىدىن ئىلگىرى قىلىش، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئائىلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىش.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكَۖ تَبۡتَغِي مَرۡضَاتَ أَزۡوَٰجِكَۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەي پەيغەمبەر! خاتونلىرىڭ سېنى كۈنلەپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى مەمنۇن قىلىش ئۈچۈن نېمىشقا چۆرەڭ مارىيەدىن مەنپەئەتلىنىشتىن ئىبارەت ئاللاھ ساڭا ھالال قىلىپ بەرگەن ئىشنى ئۆزۈڭگە ھارام قىلىسەن. ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ساڭا رەھىمدىلدۇر.
تفسیرهای عربی:
قَدۡ فَرَضَ ٱللَّهُ لَكُمۡ تَحِلَّةَ أَيۡمَٰنِكُمۡۚ وَٱللَّهُ مَوۡلَىٰكُمۡۖ وَهُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ
ئەگەر سىلەر (ئىلگىرى بىرەر ئىشنى قىلماسلىق ھەققىدە قەسەم قىلغان بولساڭلار) ئۇنى قىلماسلىقتىن (قىلىشنىڭ) ياخشىراق ئىكەنلىكىنى بايقىساڭلار ياكى ئۇ قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە كەپپارەت ئارقىلىق قەسىمىڭلاردىن خالاس بولۇشنى يولغا قويدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلاردۇر. ئۇ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى ۋە نېمىنىڭ سىلەرگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ھۆكۈملىرىدە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ أَسَرَّ ٱلنَّبِيُّ إِلَىٰ بَعۡضِ أَزۡوَٰجِهِۦ حَدِيثٗا فَلَمَّا نَبَّأَتۡ بِهِۦ وَأَظۡهَرَهُ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ عَرَّفَ بَعۡضَهُۥ وَأَعۡرَضَ عَنۢ بَعۡضٖۖ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِۦ قَالَتۡ مَنۡ أَنۢبَأَكَ هَٰذَاۖ قَالَ نَبَّأَنِيَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡخَبِيرُ
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى ھەپسەگە مۇنداق بىر ئىشنى، يەنى چۆرىسى مارىيەگە قەتئىي يېقىنچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئايرىم ئېيتقان ئىدى. ھەپسە بۇ ئىشنى ئائىشەگە دەپ قويۇپ، ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىگە سىرىنىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەفسەگە كايىدى ھەمدە ئۇ دەپ سالغان بەزى گەپلەرنى ئۇنىڭ يۈزىگە سېلىپ، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەفسە ئۇنىڭدىن: ساڭا بۇنى كىم ئۇقتۇردى؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەر قانداق مەخپىيەتچىلىكتىن خەۋەردار زات ئۇقتۇردى، دېدى.
تفسیرهای عربی:
إِن تَتُوبَآ إِلَى ٱللَّهِ فَقَدۡ صَغَتۡ قُلُوبُكُمَاۖ وَإِن تَظَٰهَرَا عَلَيۡهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ مَوۡلَىٰهُ وَجِبۡرِيلُ وَصَٰلِحُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ بَعۡدَ ذَٰلِكَ ظَهِيرٌ
ئىككىڭلار تەۋبە قىلىشىڭلار كېرەك. چۈنكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى چۆرىسىدىن يىراق تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆزىگە ھارام قىلىشتىن ئىبارەت ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى ياقتۇرۇشقا مايىل بولدى. ئەگەر سىلەر ئىككىڭلار يەنە پەيغەمبەرگە قارشى بىرەر ئىش قىلىدىغان بولساڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇنىڭ ئىگىسى ۋە ياردەمچىسىدۇر. يەنە شۇنىڭدەك جىبرىئىل ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە ياردەمچىلىرىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولغان ئىكەن، پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئازار بېرىدىغانلارغا قارشى ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
عَسَىٰ رَبُّهُۥٓ إِن طَلَّقَكُنَّ أَن يُبۡدِلَهُۥٓ أَزۡوَٰجًا خَيۡرٗا مِّنكُنَّ مُسۡلِمَٰتٖ مُّؤۡمِنَٰتٖ قَٰنِتَٰتٖ تَٰٓئِبَٰتٍ عَٰبِدَٰتٖ سَٰٓئِحَٰتٖ ثَيِّبَٰتٖ وَأَبۡكَارٗا
ئەگەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تالاق قىلىۋەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا سىلەردىنمۇ ياخشىراق ئاياللارنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىدىغان، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىدىغان، پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغان، روزا تۇتىدىغان چوكانلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرى يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان قىزلاردۇر. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى تالاق قىلمىدى.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَأَهۡلِيكُمۡ نَارٗا وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلۡحِجَارَةُ عَلَيۡهَا مَلَٰٓئِكَةٌ غِلَاظٞ شِدَادٞ لَّا يَعۡصُونَ ٱللَّهَ مَآ أَمَرَهُمۡ وَيَفۡعَلُونَ مَا يُؤۡمَرُونَ
ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ قىلىنىدىغان كاتتا ئوتتىن ساقلاپ قېلىڭلار. بۇ ئوتقا، ئۇنىڭغا كىرگەنلەرگە ناھايىتى قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، بۇيرۇلغان ئىشلارنى كېچىكتۈرمەستىن، سەل قارىماستىن ئىجرا قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَا تَعۡتَذِرُواْ ٱلۡيَوۡمَۖ إِنَّمَا تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
قىيامەت كۈنى كاپىرلارغا دېيىلىدۇكى، ئەي ئاللاھقا كاپىر بولغان بەدبەختلەر! دۇنيادا قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن باھانە كۆرسەتمەڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ باھانەڭلار قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. سىلەر بۈگۈن چوقۇم ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت دۇنيادا قىلغان قىلمىشلىرىڭلارغا قارىتا جازاغا تارتىلىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• مشروعية الكَفَّارة عن اليمين.
قەسەمگە كەپپارەت بېرىش شەرىئەتتە يوللۇق ئىشتۇر.

• بيان منزلة النبي صلى الله عليه وسلم عند ربه ودفاعه عنه.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى قوغدايدۇ.

• من كرم المصطفى صلى الله عليه وسلم مع زوجاته أنه كان لا يستقصي في العتاب فكان يعرض عن بعض الأخطاء إبقاءً للمودة.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەتمەسلىكى ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ مېھىر - مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاياللىرىنىڭ بىر قىسىم خاتالىقلىرىنى كۆرمەسكە سالاتتى.

• مسؤولية المؤمن عن نفسه وعن أهله.
مۇئمىن كىشىنىڭ ئۆزى ۋە بالا - چاقىلىرى ئالدىدا جاۋابكارلىقى بولىدۇ.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ تُوبُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ تَوۡبَةٗ نَّصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمۡ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمۡ سَيِّـَٔاتِكُمۡ وَيُدۡخِلَكُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ يَوۡمَ لَا يُخۡزِي ٱللَّهُ ٱلنَّبِيَّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥۖ نُورُهُمۡ يَسۡعَىٰ بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَبِأَيۡمَٰنِهِمۡ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَتۡمِمۡ لَنَا نُورَنَا وَٱغۡفِرۡ لَنَآۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! گۇناھىڭلاردىن ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلارنى يوققا چىقىرىپ، قىيامەت كۈنى سىلەرنى سارايلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزگەي. ئۇ كۈندە ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرغان مۇئمىنلەر دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق خار قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى سىرات كۆۋرۈكى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئالدى ۋە ئوڭ تەرىپىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار دەيدۇكى، ئەي رەببىمىز! بىز تاكى جەننەتكە كىرىپ بولغانغا قەدەر نۇرىمىزنى مۇكەممەل قىلغىنكى، سىرات كۆۋرۈكى ئۈستىدە نۇرى ئۆچۈپ قالىدىغان مۇناپىقلارغا ئوخشاش بولۇپ قالمايلى. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن. بىزنىڭ نۇرىمىزنى مۇكەممەل قىلىشتىن ۋە گۇناھلىرىمىزدىن ئۆتۈۋېتىشتىن ئاجىز كەلمەيسەن.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ جَٰهِدِ ٱلۡكُفَّارَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱغۡلُظۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
ئەي پەيغەمبەر! كاپىرلارغا قارشى قىلىچ بىلەن، مۇناپىقلارغا قارشى تىل بىلەن ۋە ئىسلامدا بەلگىلەنگەن جازالارنى بېرىش بىلەن جىھاد قىلغىن. ئۇلار سەندىن ئەيمىنىدىغان بولغانغا قەدەر ئۇلارغا قاتتىق قول بولغىن. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلار قايتىپ بارىدىغان ئاقىۋەت نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق ھە!
تفسیرهای عربی:
ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱمۡرَأَتَ نُوحٖ وَٱمۡرَأَتَ لُوطٖۖ كَانَتَا تَحۡتَ عَبۡدَيۡنِ مِنۡ عِبَادِنَا صَٰلِحَيۡنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمۡ يُغۡنِيَا عَنۡهُمَا مِنَ ٱللَّهِ شَيۡـٔٗا وَقِيلَ ٱدۡخُلَا ٱلنَّارَ مَعَ ٱلدَّٰخِلِينَ
ئاللاھ تائالا، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلار ئۈچۈن -ئۇلارنىڭ مۇئمىنلەر بىلەن بولغان (ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ياكى قۇدا - باجىلىق) مۇناسىۋىتىنىڭمۇ قىلچە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە- مۇنداق بىر مىسال بايان قىلدى: ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت ئىككى پەيغەمبەرنىڭ خاتونلىرى ئىككى سالىھ بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى. ئەمما ئۇلار باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ھەمدە ئۆز قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىغا ھەمدەمدە بولۇش ئارقىلىق ئەرلىرىگە خىيانەت قىلىشتى. دېمەك، ئۇ ئىككىسىنىڭ سالىھ ئىككى بەندىنىڭ خاتونلىرى بولغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمىدى. ئۇلارغا: كاپىر ۋە پاسىقلاردىن ئىبارەت دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىرگە دوزاخقا كىرىڭلار، دېيىلدى.
تفسیرهای عربی:
وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱمۡرَأَتَ فِرۡعَوۡنَ إِذۡ قَالَتۡ رَبِّ ٱبۡنِ لِي عِندَكَ بَيۡتٗا فِي ٱلۡجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِن فِرۡعَوۡنَ وَعَمَلِهِۦ وَنَجِّنِي مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئاللاھ تائالا ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كاپىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى ھەمدە ئۇلار ھەق ئۈستىدىلا بولىدىكەن، مەزكۇر مۇناسىۋەتنىڭ ئۇلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە پىرئەۋننىڭ ئايالىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلدى. ئۆز ۋاقتىدا پىرئەۋننىڭ ئايالى: ئەي رەببىم! ماڭا جەننەتتە سېنىڭ دەرگاھىڭدا بىر ئۆي بىنا قىلغىن. مېنى پىرئەۋننىڭ زۇلۇم - سىتەملىرىدىن ۋە ناچار قىلمىشلىرىدىن سالامەت قىلغىن. ھەددىدىن ئېشىش ۋە زۇلۇمدا ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمدىنمۇ خاتىرجەم قىلغىن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَمَرۡيَمَ ٱبۡنَتَ عِمۡرَٰنَ ٱلَّتِيٓ أَحۡصَنَتۡ فَرۡجَهَا فَنَفَخۡنَا فِيهِ مِن رُّوحِنَا وَصَدَّقَتۡ بِكَلِمَٰتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِۦ وَكَانَتۡ مِنَ ٱلۡقَٰنِتِينَ
ئاللاھ تائالا ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە ئۆز ئىپپىتىنى زىنادىن ساقلىغان ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئاللاھ جىبرىئىلنى ئۇنىڭغا پۈۋلەشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئىيسا ئىبنى مەريەمگە دادىسىز ھامىلدار بولدى. مەريەم ئاللاھنىڭ شەرىئەتلىرىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلىرىغا چىنپۈتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن ئىدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• التوبة النصوح سبب لكل خير.
سەمىمىي تەۋبە ھەر قانداق ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر.

• في اقتران جهاد العلم والحجة وجهاد السيف دلالة على أهميتهما وأنه لا غنى عن أحدهما.
ئىلىم ۋە دەلىل - پاكىت بىلەن جىھاد قىلىشنى قىلىچ بىلەن جىھاد قىلىش بىلەن بىرگە كەلتۈرۈشتە بۇ ئىككى تۈرلۈك جىھادنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇلاردىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغانلىقىغا ئىشارەت بار.

• القرابة بسبب أو نسب لا تنفع صاحبها يوم القيامة إذا فرّق بينهما الدين.
سەۋەب (قۇدا - باجىلىق) ياكى نەسەب تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغانلارنىڭ ناۋادا دىنى باشقا بولسا، قىيامەت كۈنى بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ قىلچە پايدىسى بولمايدۇ.

• العفاف والبعد عن الريبة من صفات المؤمنات الصالحات.
ئىپپەتلىك بولۇش ۋە گۇماندىن يىراق بولۇش سالىھ مۇئمىن ئاياللارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره تحريم
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن