ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره ملك   آیه:

سۈرە مۈلك

از اهداف این سوره:
إظهار كمال ملك الله وقدرته؛ بعثًا على خشيته، وتحذيرًا من عقابه.
ئاللاھتىن قورقۇشقا تۈرتكە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقى ۋە قۇدرىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى نامايان قىلىش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

تَبَٰرَكَ ٱلَّذِي بِيَدِهِ ٱلۡمُلۡكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىقلىرى ئىنتايىن كاتتا ھەم كۆپتۇركى، پۈتۈن پادىشاھلىق يالغۇز ئۇنىڭ قولىدىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡمَوۡتَ وَٱلۡحَيَوٰةَ لِيَبۡلُوَكُمۡ أَيُّكُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗاۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفُورُ
ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ تائالا ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنى سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ غالىبتۇركى، ئۇنى ھېچكىم مەغلۇب قىلالمايدۇ. ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِي خَلَقَ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ طِبَاقٗاۖ مَّا تَرَىٰ فِي خَلۡقِ ٱلرَّحۡمَٰنِ مِن تَفَٰوُتٖۖ فَٱرۡجِعِ ٱلۡبَصَرَ هَلۡ تَرَىٰ مِن فُطُورٖ
ئاللاھ يەتتە قات ئاسماننى ياراتتى، ھەر بىر قات ئاسمان يەنە بىرىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئاسمان بىلەن ئاسمان بىر - بىرىگە تېگىپ قالمايدۇ. ئەي ئاسمانغا قارىغۇچى ئىنسان! ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچقانداق زىتلىق ۋە ماسلاشماسلىق بارلىقىنى كۆرمەيسەن. قايتىلاپ قاراپ باققىنكى، ئاسماندا بىرەر يوچۇق بارلىقىنى ياكى دەز كەتكەنلىكىنى كۆرەلەمدىكەنسەن؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەھۋال بارلىقىنى كۆرمەيسەن. پەقەت مۇكەممەل، پۇختا بىر يارىتىشنىلا كۆرىسەن.
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ ٱرۡجِعِ ٱلۡبَصَرَ كَرَّتَيۡنِ يَنقَلِبۡ إِلَيۡكَ ٱلۡبَصَرُ خَاسِئٗا وَهُوَ حَسِيرٞ
ئاندىن يەنە قايتا - قايتا قارىغىن. كۆزۈڭ ئاسماننىڭ يارىتىلىشىدا بىرەر ئەيىب ياكى نۇقسان تاپالماي، تىكىلىپ قاراۋېرىشتىن تالغان ھالدا قايتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنۡيَا بِمَصَٰبِيحَ وَجَعَلۡنَٰهَا رُجُومٗا لِّلشَّيَٰطِينِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابَ ٱلسَّعِيرِ
ھەقىقەتەن بىز يەر يۈزىگە ئەڭ يېقىن بولغان ئاسماننى نۇرلۇق يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە ئۇ يۇلتۇزلارنى (ئاسمان خەۋەرلىرىنى) ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالىدىغان شەيتانلارنى ئاتىدىغان ئوق قىلدۇق. ئۇ يۇلتۇزلار ئوغرى شەيتانلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. بىز ئۇلارغا ئاخىرەتتە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تەييارلىدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَلِلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡ عَذَابُ جَهَنَّمَۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغانلارغا قىيامەت كۈنى يالقۇنجاپ تۇرغان دوزاخ ئازابى بار. ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان جاي!
تفسیرهای عربی:
إِذَآ أُلۡقُواْ فِيهَا سَمِعُواْ لَهَا شَهِيقٗا وَهِيَ تَفُورُ
ئۇلار دوزاخقا تاشلانغاندا ناھايىتى قاتتىق، يىرگىنچلىك ئاۋاز ئاڭلايدۇ. ئەمەلىيەتتە دوزاخ قازان قاينىغاندەك قايناۋاتقان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ ٱلۡغَيۡظِۖ كُلَّمَآ أُلۡقِيَ فِيهَا فَوۡجٞ سَأَلَهُمۡ خَزَنَتُهَآ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَذِيرٞ
دوزاخ ئۆزىگە تاشلانغانلارغا قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكتىن يېرىلىپ، پارە - پارە بولۇپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قېتىم دوزاخ ئەھلى بولغان كاپىرلار تاشلانغاندا ئۇنىڭغا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان بىرەر پەيغەمبەر كەلمىگەنمىدى؟ دەپ سورايدۇ.
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ بَلَىٰ قَدۡ جَآءَنَا نَذِيرٞ فَكَذَّبۡنَا وَقُلۡنَا مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٍ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ كَبِيرٖ
كاپىرلار: ئەلۋەتتە بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەر كەلگەن، ئەمما بىز ئۇنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭغا: ئەي پەيغەمبەرلەر! ئاللاھ ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرگىنى يوق. سىلەر پەقەت ھەقتىن يىراق گۇمراھلىقتا سىلەر، دېگەن ئىدۇق، دېيىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالُواْ لَوۡ كُنَّا نَسۡمَعُ أَوۡ نَعۡقِلُ مَا كُنَّا فِيٓ أَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ
كاپىرلار يەنە: كاشكى بىز (پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى) مەنپەئەتلىنىش مەقسىتىدە ئاڭلىغان بولساق ياكى ھەقنى باتىلدىن ئايرىيالايدىغان ئادەمدەك ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، دوزاخ ئەھلىنىڭ قاتارىدا بولماس ئىدۇق. كاشكى بىزمۇ پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دىنغا چىنپۈتۈپ، جەننەت ئەھلىدىن بولساقچۇ! - دېيىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَٱعۡتَرَفُواْ بِذَنۢبِهِمۡ فَسُحۡقٗا لِّأَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ
دېمەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىر بولغانلىقى ۋە ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار دوزاخقا لايىق بولىدۇ. دوزاخ ئەھلى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٞ
ھەقىقەتەن ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەردە تۇرۇپمۇ ئاللاھتىن قورققان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئۇلارغا جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا ساۋاب بار.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• في معرفة الحكمة من خلق الموت والحياة وجوب المبادرة للعمل الصالح قبل الموت.
ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەتنى تونۇغاندىن كېيىن ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن سالىھ ئەمەلگە ئالدىراش ۋاجىبتۇر.

• حَنَقُ جهنم على الكفار وغيظها غيرةً لله سبحانه.
جەھەننەمنىڭ كاپىرلارغا غەزەپلىنىشى ئاللاھ ئۈچۈن ئۆرتەنگەنلىكىدۇر.

• سبق الجن الإنس في ارتياد الفضاء وكل من تعدى حده منهم، فإنه سيناله الرصد بعقاب.
جىنلار بوشلۇقتا كېزىشتە ئىنسانلارنى بېسىپ چۈشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چەكتىن ئاشقان ھەر كىمگە چوقۇم مارىلاپ تۇرغان ئازاب يېتىدۇ.

• طاعة الله وخشيته في الخلوات من أسباب المغفرة ودخول الجنة.
خىلۋەتلەردە ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تائەت - ئىبادەت قىلىش بولسا، ئۇنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ۋە جەننىتىگە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىندۇر.

وَأَسِرُّواْ قَوۡلَكُمۡ أَوِ ٱجۡهَرُواْ بِهِۦٓۖ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
ئەي ئىنسانلار! سىلەر سۆزلىرىڭلارنى مەخپىي قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ قەلبلىرىدىكىنىمۇ بىلگۈچىدۇر. ئۇنىڭغا ئاشۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَلَا يَعۡلَمُ مَنۡ خَلَقَ وَهُوَ ٱللَّطِيفُ ٱلۡخَبِيرُ
پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقان زات مەخپىيەتلىكنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيراق بولغان نەرسىلەرنىمۇ بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەڭ نازۇك ئەھۋاللىرىنىمۇ بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ ذَلُولٗا فَٱمۡشُواْ فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُواْ مِن رِّزۡقِهِۦۖ وَإِلَيۡهِ ٱلنُّشُورُ
ئاللاھ زېمىننى سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلارغا قولاي، (تېرىقچىلىق قىلىشىڭلار) ئۈچۈن يۇمشاق قىلىپ بەردى. شۇڭا تەرەپ - تەرەپكە سەپەر قىلىپ، ئاللاھ سىلەرگە شۇ زېمىندا تەييارلىغان رىزىقلاردىن يەڭلار. نىھايەتتە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
ءَأَمِنتُم مَّن فِي ٱلسَّمَآءِ أَن يَخۡسِفَ بِكُمُ ٱلۡأَرۡضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ
سىلەر ئاسماندىكى زات ئاللاھنىڭ ئايىغىڭلار ئاستىدا تۇرغان، ئولتۇراقلىشىشقا قولاي ھەم رايىش بولغان زېمىننى خۇددى قارۇننىڭ ئاستىدىن يارغاندەك يېرىۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولدۇڭلارمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا بەرقارار تۇرغان ئۇ زېمىن توساتتىن تەۋرەپ كەتكەن ئەمەسمىدى؟
تفسیرهای عربی:
أَمۡ أَمِنتُم مَّن فِي ٱلسَّمَآءِ أَن يُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ حَاصِبٗاۖ فَسَتَعۡلَمُونَ كَيۡفَ نَذِيرِ
ياكى ئاسماندىكى زات ئاللاھنىڭ خۇددى لۇت قەۋمىگە تاش ياغدۇرغاندەك سىلەرگىمۇ ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولدۇڭلارمۇ؟ مېنىڭ ئازابىمنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ (قانداقلىقىنى) چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر. لېكىن سىلەر ئازابنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى بىلگىنىڭلارنىڭ ھەرگىز پايدىسى بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ
ھەقىقەتەن بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ ئىنكار (ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئۇلار كۇپرىسى ۋە ئىنكارچىلىقىدا چىڭ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب چۈشۈردى. مېنىڭ (ئازاب چۈشۈرۈش ئارقىلىق) ئۇلارنى ئەيىبلىشىم قانداقكەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئەيىبلەش بولدى.
تفسیرهای عربی:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلطَّيۡرِ فَوۡقَهُمۡ صَٰٓفَّٰتٖ وَيَقۡبِضۡنَۚ مَا يُمۡسِكُهُنَّ إِلَّا ٱلرَّحۡمَٰنُۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءِۭ بَصِيرٌ
بۇ ئىنكارچىلار ئۈستلىرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلارنى كۆرمىدىمۇكى، ئۇ قۇشلار ھاۋادا قانات قاقىدۇ. ئۇلارنى يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن پەقەت ئاللاھلا تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَمَّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي هُوَ جُندٞ لَّكُمۡ يَنصُرُكُم مِّن دُونِ ٱلرَّحۡمَٰنِۚ إِنِ ٱلۡكَٰفِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ
ئەي كاپىرلار! ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى ئازابلىماقچى بولسا، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالايدىغان ھېچبىر قوشۇن يوقتۇر. كاپىرلار پەقەت ئالدانغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنى شەيتان ئالدىدى. نەتىجىدە ئۇلار شەيتاننىڭ دامىغا چۈشتى.
تفسیرهای عربی:
أَمَّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي يَرۡزُقُكُمۡ إِنۡ أَمۡسَكَ رِزۡقَهُۥۚ بَل لَّجُّواْ فِي عُتُوّٖ وَنُفُورٍ
ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رىزىقنىڭ يېتىپ كېلىشىنى توسۇپ قالسا، سىلەرگە رىزىق بېرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ھاسىل كالام، كاپىرلار بويۇنتاۋلىقتا، تەكەببۇرلۇقتا ۋە ھەقتىن باش تارتىشتا ھەقىقەتەن ئەزۋەيلەپ كەتتى.
تفسیرهای عربی:
أَفَمَن يَمۡشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجۡهِهِۦٓ أَهۡدَىٰٓ أَمَّن يَمۡشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
بېشىنى چۆكۈرۈپ، دوڭغىيىپ ماڭغان ئادەم؛ -يەنى مۇشرىك- توغرا يولدىمۇ ياكى داغدام يولدا تۈپتۈز ماڭغان مۇئمىنمۇ؟
تفسیرهای عربی:
قُلۡ هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَكُمۡ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ سىلەرنى يارىتىپ، ئاڭلايدىغان قۇلاقلارنى، كۆرىدىغان كۆزلەرنى، ئويلىنىدىغان قەلبلەرنى ئاتا قىلغان زاتتۇر. سىلەر ئاللاھ ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە ناھايىتى ئاز شۈكرى قىلىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ هُوَ ٱلَّذِي ذَرَأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەرنى زېمىندا يارىتىپ، ئەتراپقا تاراتقىنى ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان مەبۇدلىرىڭلار ئەمەس، بەلكى ئاللاھتۇر. قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن مەبۇدلىرىڭلارنىڭ يېنىغا ئەمەس، بەلكى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارىسىلەر. شۇڭا ئاللاھتىن قورقۇڭلار ھەمدە يالغۇز شۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى يىراق سانايدىغان ئىنكارچىلارغا دەيدۇكى، ئەي مۇھەممەد! سەن ۋە سېنىڭ ھەمراھلىرىڭ بىزگە ۋەدە قىلىۋاتقان بۇ ۋاقىت قاچان كېلىدۇ؟ ئەگەر سىلەر ئۇ ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ، دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، (قېنى دەپ باقمامسىلەر؟).
تفسیرهای عربی:
قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡعِلۡمُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٞ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، قىيامەتنىڭ ئىلمى پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم روشەن بولغان بىر پەيغەمبەرمەن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• اطلاع الله على ما تخفيه صدور عباده.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن سىرلاردىنمۇ خەۋەرداردۇر.

• الكفر والمعاصي من أسباب حصول عذاب الله في الدنيا والآخرة.
كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىندۇر.

• الكفر بالله ظلمة وحيرة، والإيمان به نور وهداية.
ئاللاھقا كاپىر بولۇش زۇلمەت ۋە تېڭىرقاشتۇر، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش بولسا نۇر ۋە ھىدايەتتۇر.

فَلَمَّا رَأَوۡهُ زُلۡفَةٗ سِيٓـَٔتۡ وُجُوهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَقِيلَ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تَدَّعُونَ
ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت، يەنى قىيامەت كۈنى كېلىپ، ئازابنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن چاغدا ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ، قارىداپ كېتىدۇ. ئۇلارغا: سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا تەلەپ قىلىپ ھەم ئالدىرىتىپ كەلگەن ۋاقىت مانا مۇشۇ، دېيىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَهۡلَكَنِيَ ٱللَّهُ وَمَن مَّعِيَ أَوۡ رَحِمَنَا فَمَن يُجِيرُ ٱلۡكَٰفِرِينَ مِنۡ عَذَابٍ أَلِيمٖ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ مېنى ۋە مەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى ۋاپات تاپقۇزسا، كاپىرلارنى دەرتلىك ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرالايدۇ؟، ئۇلارنى ئۇ ئازابتىن ھېچكىم قۇتۇلدۇرالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ هُوَ ٱلرَّحۡمَٰنُ ءَامَنَّا بِهِۦ وَعَلَيۡهِ تَوَكَّلۡنَاۖ فَسَتَعۡلَمُونَ مَنۡ هُوَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك زاتتۇركى، سىلەرنى يالغۇز ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، بارچە ئىشلىرىمىزدا يالغۇز ئۇنىڭغىلا تاياندۇق. ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا، كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِنۡ أَصۡبَحَ مَآؤُكُمۡ غَوۡرٗا فَمَن يَأۡتِيكُم بِمَآءٖ مَّعِينِۭ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار! ئەگەر سىلەر ئىچىۋاتقان سۇ يەرگە سىڭىپ كەتسە، سىلەر ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيسىلەر. ئۇ چاغدا ئۇنداق ئېقىپ تۇرىدىغان كۆپ سۇنى سىلەرگە كىم كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كەلتۈرەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• اتصاف الرسول صلى الله عليه وسلم بأخلاق القرآن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننىڭ ئەخلاقى بىلەن زىننەتلەنگەندۇر.

• صفات الكفار صفات ذميمة يجب على المؤمن الابتعاد عنها، وعن طاعة أهلها.
كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرى ناچار سۈپەتلەر بولۇپ، مۇئمىنلەر بۇنداق سۈپەتلەردىن ۋە شۇ سۈپەت كىشىلەرگە ئىتائەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

• من أكثر الحلف هان على الرحمن، ونزلت مرتبته عند الناس.
كۆپ قەسەم قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا خار بولىدۇ، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئابرۇيى چۈشۈپ كېتىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره ملك
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن