ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (131) سوره: سوره اعراف
فَإِذَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡحَسَنَةُ قَالُواْ لَنَا هَٰذِهِۦۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةٞ يَطَّيَّرُواْ بِمُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُۥٓۗ أَلَآ إِنَّمَا طَٰٓئِرُهُمۡ عِندَ ٱللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
ئەگەر ئۇلارغا مولچىلىق بولۇپ، مېۋە-چىۋىلەر كۆپلەپ ھوسۇل ئىلىنىپ، بازار ئەرزانچىلىق بولسا ئۇلار: بىز بۇنىڭغا ھەقلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە ئۇ نەرسىلەر بىزگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن بىزگە بېرىلدى، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا قۇرغاقچىلىق، قەھەتچىلىك، كېسەللىكنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر مۇسىيبەت يەتسە، ئۇلار مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان بەنى ئىسرائىلنىڭ شۇملىقىدىن كەلدى دەيدۇ. ھەقىقەت شۇكى ئۇلارغا يەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن كەلگەندۇر. مۇسانىڭ ئۇلارغا بەددۇئا قىلغىنىدىن باشقا مۇسا ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ، شۇڭا بۇ ئىشلارنى ئاللاھتىن باشقىغا نىسبەت بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الخير والشر والحسنات والسيئات كلها بقضاء الله وقدره، لا يخرج منها شيء عن ذلك.
ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، ھېچ نەرسە ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

• شأن الناس في وقت المحنة والمصائب اللجوء إلى الله بدافع نداء الإيمان الفطري.
مۇسىبەت ۋە سىناق ۋاقىتلىرىدا ئىنسالارنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئىماننىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇشتۇر.

• يحسن بالمؤمن تأمل آيات الله وسننه في الخلق، والتدبر في أسبابها ونتائجها.
مۆئمىن ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى، مەخلۇقاتلار ئارىسىدىكى قانۇنيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سەۋەب نەتىجىلىرى ھەققىدە ئوبدان ئويلىنىشى ياخشىدۇر.

• تتلاشى قوة الأفراد والدول أمام قوة الله العظمى، والإيمان بالله هو مصدر كل قوة.
ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئالدىدا شەخىسلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى گۇمراھ بولىدۇ، ئاللاھقا ئىيمان ئېيتىش ھەرقانداق كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسىدۇر.

• يكافئ الله تعالى عباده المؤمنين الصابرين بأن يمكِّنهم في الأرض بعد استضعافهم.
ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچى مۆئمىن بەندىلىرىنى زېمىندا كۈچلەندۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلايدۇ.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (131) سوره: سوره اعراف
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن