ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (155) سوره: سوره اعراف
وَٱخۡتَارَ مُوسَىٰ قَوۡمَهُۥ سَبۡعِينَ رَجُلٗا لِّمِيقَٰتِنَاۖ فَلَمَّآ أَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ قَالَ رَبِّ لَوۡ شِئۡتَ أَهۡلَكۡتَهُم مِّن قَبۡلُ وَإِيَّٰيَۖ أَتُهۡلِكُنَا بِمَا فَعَلَ ٱلسُّفَهَآءُ مِنَّآۖ إِنۡ هِيَ إِلَّا فِتۡنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَن تَشَآءُ وَتَهۡدِي مَن تَشَآءُۖ أَنتَ وَلِيُّنَا فَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَاۖ وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡغَٰفِرِينَ
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئىچىدىكى بەزى جاھىل كىشىلەر موزايغا ئىبادەت قىلىپ قويغانلىقتىن پەرۋەردىگارىغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن قەۋمىنىڭ ئىچىدىن ياخشى دەپ قاراكغان يەتمىش ئادەمنى تاللىدى. ئاللاھ ئۇلارغا كېلىدىغان ئورۇننى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ زاتى ئىلاھىدىن تەلەپ قىلىنمايدىغان ئىشنى سوراپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھنى كۆرسۈتىشىنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا زەلزەلە(يەنى يەر تەۋرەش) يۈزلەندى، ئۇلار ئۇنىڭ قورقۇنچىسىدىن ھۇشىدىن كەتتى ۋە ھالاك بولدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئەگەر سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلار كېلىشتىن ئىلگىرى مېنى ھالاك قىلىشنى خالىغان بولساڭ ھالاك قىلاتتىڭ، ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن،؟ قەۋمىمنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلىشى پەقەت سىناق بولۇپ ئۇ ئارقىلىق سەن خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىسەن ۋە خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئىگە بولغۇچىسەن، بىزنىڭ گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، كەڭرى رەھمىتىڭ ئارقىلىق بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن گۇناھنى ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن ۋە ئەڭ ياخشى كەچۈرگۈچىسەن، دېدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• في الآيات دليل على أن الخطأ في الاجتهاد مع وضوح الأدلة لا يعذر فيه صاحبه عند إجراء الأحكام عليه، وهو ما يسميه الفقهاء بالتأويل البعيد.
ئايەتتە شۇنىڭغا دەلىل باركى، دەلىللەر ئۇچۇق تۇرۇپ ئىجتىھادتا خاتالىشىپ قالغان ئادەمنىڭ ئەھكاملارنى ئىجرا قىلغاندا ئۆزرىسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ، بۇنى ئۆلىمالار « تەئۋىلىل بەئىد » يەنى يىراق تەۋىل دەپ ئاتايدۇ.

• من آداب الدعاء البدء بالنفس، حيث بدأ موسى عليه السلام دعاءه فطلب المغفرة لنفسه تأدُّبًا مع الله فيما ظهر عليه من الغضب، ثم طلب المغفرة لأخيه فيما عسى أن يكون قد ظهر منه من تفريط أو تساهل في رَدْع عَبَدة العجل عن ذلك.
ئۆزىگە دۇئا قىلىشتىن باشلاش دۇئانىڭ ئەدەپلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە ئۆزىگە دۇئا قىلىپ، ئاللاھقا بولغان ئەدەب نۇقتىسىدىن ئۆزى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن غەزەپ ھەققىدە مەغپىرەت تىلىدى. ئاندىن قېرىندىشىدىن مەيدانغا كېلىشى مۈمكىنچىلىكى بولغان موزايغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى چەكلەشكە سەل قاراش ھەققىدە ھارۇنغا مەغپىرەت تىلىدى.

• التحذير من الغضب وسلطته على عقل الشخص؛ ولذلك نسب الله للغضب فعل السكوت كأنه هو الآمر والناهي.
ئاچچىقلىنىش ئىنسان ئەقلىگە ھۆكۈمران بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. سۇكۇت قىلىش خۇددى غەزەپلىنىشتىن توسقۇچى ياكى سۇكۇتقا بۇيرۇغىچىغا ئوخشاشتۇر.

• ضرورة التوقي من غضب الله، وخوف بطشه، فانظر إلى مقام موسى عليه السلام عند ربه، وانظر خشيته من غضب ربه.
ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىش ۋە جازاسىدىن قورقۇشنىڭ زۈرۈرلىكى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى ئورنىىغا قاراڭ، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىدىن قورققىنىغا قاراڭ.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (155) سوره: سوره اعراف
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن