ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (158) سوره: سوره اعراف
قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُمۡ جَمِيعًا ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ فَـَٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِ ٱلنَّبِيِّ ٱلۡأُمِّيِّ ٱلَّذِي يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَكَلِمَٰتِهِۦ وَٱتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تېرىلدۈرىدۇ، تىرىكلەرنى ئۆلتۇرىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا ۋە ئوقۇش يېزىشنى بىلمەيدىغان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئۇ پەقەت پەرۋەردىگارى ۋەھىي قىلغان ۋەھىينى ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئاللاھقا ئىيمان كەلتۈرىدۇ، ئۇ ئۆزىگە ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان نەرسىلەرنى ئايرىماستىن ئىشىنىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرگە ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەردە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تضمَّنت التوراة والإنجيل أدلة ظاهرة على بعثة النبي محمد صلى الله عليه وسلم وعلى صدقه.
تەۋرات ۋە ئىنجىلدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكى روشەن دەلىللەر بىلەن بايان قىلىنغان.

• رحمة الله وسعت كل شيء، ولكن رحمة الله عباده ذات مراتب متفاوتة، تتفاوت بحسب الإيمان والعمل الصالح.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتى پەرقلىق بىر قانچە مەرتىۋە بولۇپ، ئۇ ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بويۇنچە پەرىقلىنىدۇ.

• الدعاء قد يكون مُجْملًا وقد يكون مُفَصَّلًا حسب الأحوال، وموسى في هذا المقام أجمل في دعائه.
دۇئا ئەھۋالغا قارىتا بەزىدە ئىخچام بەزىدە تەپسىلى بولىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئورۇندىكى دۇئاسىنىڭ لەپزى ئىخچام مەناسى چوڭقۇر دۇئادۇر.

• من صور عدل الله عز وجل إنصافه للقِلَّة المؤمنة، حيث ذكر صفات بني إسرائيل المنافية للكمال المناقضة للهداية، فربما توهَّم متوهِّم أن هذا يعم جميعهم، فَذَكَر تعالى أن منهم طائفة مستقيمة هادية مهدية.
ئاللاھنىڭ ئاز ساندىكى مۇئمىنلەرنىمۇ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ ئادالىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ بەنى ئىسرائىلنىڭ ھىدايەتكە زىت سۈپەتلىرىنى بايان قىلدى، بەلكى بىر قىسىم كىشىلەر پۈتۈن بەنى ئىسرائىلغا ئومۇمى دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھىدايەت يولىدا ماڭغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (158) سوره: سوره اعراف
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن