ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (175) سوره: سوره اعراف
وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ ٱلَّذِيٓ ءَاتَيۡنَٰهُ ءَايَٰتِنَا فَٱنسَلَخَ مِنۡهَا فَأَتۡبَعَهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَكَانَ مِنَ ٱلۡغَاوِينَ
ئەي پەيغەمبەر! بەنى ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شۇنداق بىر ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىنكى بىز ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق، ئۇ ئايەتلىرىمىزنى بىلدى، ئايەتلىرىمىز تەقەززا قىلغان ھەقىقەتنى چۈشەندى، لېكىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدى، بەلكى ئۇنى تەرك ئەتتى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئاندىن شەيتان ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ دوستى بولۇپ قالدى. ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولغىنىدىن كېيىن ئازغۇنلاردىن بولۇپ قالدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• المقصود من إنزال الكتب السماوية العمل بمقتضاها لا تلاوتها باللسان وترتيلها فقط، فإن ذلك نَبْذ لها.
ساماۋىي كىتابلارنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت ئۇنى تىل بىلەن تىلاۋەت قىلىشلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىشتۇر، چۈنكى تىل بىلەن تىلاۋەت قىلىش ئۇ كىتابلارنى چۇشىنىش ئۈچۈن ۋەسىلىدۇر.

• أن الله خلق في الإنسان من وقت تكوينه إدراك أدلة الوحدانية، فإذا كانت فطرته سليمة، ولم يدخل عليها ما يفسدها أدرك هذه الأدلة، وعمل بمقتضاها.
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنساننى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندىن باشلاپ ۋەھدانىيەت دەلىلىرىنى ئىدراك قىلىشنى ياراتتى، ئەگەر ئىنساننىڭ پىترىتى ساغلام بولۇپ ئۇنى بۇزىدىغان نەرسىلەر ئارلاشمىغان بولسا، بۇ دەلىللەرنى بىلەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىدۇ.

• في الآيات عبرة للموفَّقين للعمل بآيات القرآن؛ ليعلموا فضل الله عليهم في توفيقهم للعمل بها؛ لتزكو نفوسهم.
ئايەتلەردە قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىنغانلارغا ئىبرەت بار. چۈنكى ئۇلار نەپسىنى پاكلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىشتىن ئىبارەت پەزىلىتىنى بىلىدۇ.

• في الآيات تلقين للمسلمين للتوجه إلى الله تعالى بطلب الهداية منه والعصمة من مزالق الضلال.
ئايەتلەردە ئاللاھتىن ھىدايەت تەلەپ قىلىش ۋە ئازغۇنلۇقتىن ساقلىنىشنى سوراش ئارقىلىق ئاللاھقا يۈزلىنىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتمە بار.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (175) سوره: سوره اعراف
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن