ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (188) سوره: سوره اعراف
قُل لَّآ أَمۡلِكُ لِنَفۡسِي نَفۡعٗا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ وَلَوۡ كُنتُ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ لَٱسۡتَكۡثَرۡتُ مِنَ ٱلۡخَيۡرِ وَمَا مَسَّنِيَ ٱلسُّوٓءُۚ إِنۡ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ وَبَشِيرٞ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئەي مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ئاللاھ خالىمىسا ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، بۇ پەقەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. مەن پەقەت ئاللاھ ماڭا بىلدۇرگەننىلا بېلىمەن، غەيىبنى بىلمەيمەن، ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام ئىدىم، بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىشلارنى بىگەنلىكىم ۋە بولىدىغان ئىشلارنى بىلگەنلىكىم سەۋەبلىك ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈپ زىياننى توسۇپ قالالىغان بولاتتىم. مەن پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان، مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىپ مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى تەستىقلايدىغان قەۋمگە ئاللاھنىڭ كاتتا مۇكاپاتى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدىغان پەيغەمبەردۇرمەن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• في الآيات بيان جهل من يقصد النبي صلى الله عليه وسلم ويدعوه لحصول نفع أو دفع ضر؛ لأن النفع إنما يحصل من قِبَلِ ما أرسل به من البشارة والنذارة.
يۇقىرىقى ئايەتلەردە؛ پايدىنى قولغا كەلتۇرۇپ زىياننى دەپئى قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇئا قىلغان ئادەمنىڭ نادانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى مەنپەئەت پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن خۇش-بىشارەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن ھاسىل بولىدۇ.

• جعل الله بمنَّته من نوع الرجل زوجه؛ ليألفها ولا يجفو قربها ويأنس بها؛ لتتحقق الحكمة الإلهية في التناسل.
ئاللاھ ئۆز نېئمىتى بىلەن ئايالنى ئەرنىڭ تۈرىدىن ياراتتى، چۈنكى نەسىل قالدۇرۇشتا ئىلاھى ھىكمەتنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئەر ئايالى بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەتتە بولىدۇ، بۇ جەرياندا بىربىرى بىلەن ئۆزلىشىپ بىرگە ياشاشتىن زىرىكىشىپ قالمايدۇ.

• لا يليق بالأفضل الأكمل الأشرف من المخلوقات وهو الإنسان أن يشتغل بعبادة الأخس والأرذل من الحجارة والخشب وغيرها من الآلهة الباطلة.
مەخلۇقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئەۋزەل ئىنساننىڭ تاش، ياغاچ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ تۆۋەن ۋە ئەڭ خار باتىل ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشى لايىق ئەمەس.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (188) سوره: سوره اعراف
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن