ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (43) سوره: سوره اعراف
وَنَزَعۡنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنۡ غِلّٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَقَالُواْ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي هَدَىٰنَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهۡتَدِيَ لَوۡلَآ أَنۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُۖ لَقَدۡ جَآءَتۡ رُسُلُ رَبِّنَا بِٱلۡحَقِّۖ وَنُودُوٓاْ أَن تِلۡكُمُ ٱلۡجَنَّةُ أُورِثۡتُمُوهَا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئاللاھنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ قەلبلىرىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتنى ئېلىپ تاشلىشى، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەرنى ئاققۇزۇشى جەننەتتە ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەتنىڭ مۇكەممەللىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ: جىمى ھەمدۇسانا بىزنى مۇشۇ مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرگەن ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، ئەگەر ئاللاھ بىزنى مۇۋەپپەق قىلمىغان بولسا بىز بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيتتۇق. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھېچقانداق شەك بولمىغان ھەقىقەتنى، مۇكاپات ۋەدىسى ۋە ئازاب تەھدىتلىرىدە راست بولغان سۆزنى ئېلىپ كەپتىكەن، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر جاكارچى: پەيغەمبەرلىرىم دۇنيادا سىلەرگە خەۋەر قىلغان جەننەت مانا مۇشۇ، ئاللاھ ئۆز رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرگە جەننەتنى بەردى، دەپ جاكارلايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• المودة التي كانت بين المكذبين في الدنيا تنقلب يوم القيامة عداوة وملاعنة.
ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى دۇنيادىكى دوستلۇق قىيامەت كۈنى ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ.

• أرواح المؤمنين تفتح لها أبواب السماء حتى تَعْرُج إلى الله، وتبتهج بالقرب من ربها والحظوة برضوانه.
مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىشى ئۈچۈن ئاسمانلارنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، مۇئمىنلەرنىڭ روھلىرى پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولغانلىقى ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلىكى بىلەن خۇشاللىنىدۇ.

• أرواح المكذبين المعرضين لا تفتح لها أبواب السماء، وإذا ماتوا وصعدت فهي تستأذن فلا يؤذن لها، فهي كما لم تصعد في الدنيا بالإيمان بالله ومعرفته ومحبته، فكذلك لا تصعد بعد الموت، فإن الجزاء من جنس العمل.
ھەقكە قارشىلىشىپ، ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ روھلىرى ئۈچۈن ئاسمانلارنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلمايدۇ، ئۇلار ئۆلگەندە ئاسمانغا ئۆرلەپ، ئاسماندىكىلەردىن رۇخسەت سورايدۇ، لېكىن ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. ئۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ئاللاھنى تونۇش ۋە دوست تۇتۇش ئارقىلىق يۇقىرىغا ئۆرلىمىگىنىدەك، ئاخىرەتتە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۆرلىيەلمەيدۇ. دېمەك جازا ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ شەكلىدە بولىدۇ.

• أهل الجنة نجوا من النار بعفو الله، وأدخلوا الجنة برحمة الله، واقتسموا المنازل وورثوها بالأعمال الصالحة وهي من رحمته، بل من أعلى أنواع رحمته.
جەننەت ئەھلى ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى بىلەن دوزاختىن قۇتۇلدى، ئاللاھنىڭ رەھىتى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزۈلدى، تۇرالغۇلارنى بۆلۈشتى، ئۇلار ئۇ تۇرالغۇلارغا ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ئېرىشتى. بۇ ياخشى ئەمەللەر ئاللاھنىڭ مېھىر-شەپقىتى، بەلكى مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىندۇر.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (43) سوره: سوره اعراف
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن