ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی آیه: (63) سوره: سوره اعراف
أَوَعَجِبۡتُمۡ أَن جَآءَكُمۡ ذِكۡرٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَلَىٰ رَجُلٖ مِّنكُمۡ لِيُنذِرَكُمۡ وَلِتَتَّقُواْ وَلَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
ئاراڭلاردىكى سىلەر تونۇيدىغان بىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپتىن ۋەھىي ۋە پەند-نەسىھەت كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالدىڭلارما؟ ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇرسا، يالغانچى ۋە يولدىن چىققان بىرى بولمىسا، ياكى باشقا بىر مەخلۇق بولمىسا؟ ئۇ ئەگەر سىلەر ئىنكار قىلىپ، ئاسىيلىق قىلساڭلار، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن كەلدى. ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈمىدلىكتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الأرض الطيبة مثال للقلوب الطيبة حين ينزل عليها الوحي الذي هو مادة الحياة، وكما أن الغيث مادة الحياة، فإن القلوب الطيبة حين يجيئها الوحي، تقبله وتعلمه وتنبت بحسب طيب أصلها، وحسن عنصرها، والعكس.
مۇنبەت زېمىن پاك قەلبكە ئوخشايدۇ، پاك قەلبلەرگە ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا ئۇ، قەلبكە ھاياتلىق ئېلمېنتى بولىدۇ، گوياكى يامغۇر ھاياتلىق ئېلمېنتى بولغاندەك. چۈنكى پاك قەلبلەر ۋەھىي كەلگەن چاغدا ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىدۇ، يىلتىزى ۋە ئېلمېنتىنىڭ ياخشىلىقىغا قاراپ ياشىرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىمۇ مۇشۇ نىسبەتتە بولىدۇ.

• الأنبياء والمرسلون يشفقون على الخلق أعظم من شفقة آبائهم وأمهاتهم.
پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىنمۇ بەكرەك مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.

• من سُنَّة الله إرسال كل رسول من قومه وبلسانهم؛ تأليفًا لقلوب الذين لم تفسد فطرتهم، وتيسيرًا على البشر.
ھەربىر پەيغەمبەرنى ئۆز قەۋمىدىن، شۇلارنىڭ تىلى بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بولۇپ، بۇ پىترىتى بۇزۇلمىغان كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى مايىل قىلىش ۋە ئىنسانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر.

• من أعظم السفهاء من قابل الحق بالرد والإنكار، وتكبر عن الانقياد للعلماء والنصحاء، وانقاد قلبه وقالبه لكل شيطان مريد.
ھەقىقەتكە رەت قىلىش ۋە ئىنكار قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلار، ئۆلىمالار ۋە نەسىھەتكارلارنىڭ سۆزىگە كىرىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ، ئىچى-تېشى ئاسىي شەيتانغا باش ئەگكەنلەر ئەڭ ئەقىلسىز ئىنسانلاردىندۇر.

 
ترجمهٔ معانی آیه: (63) سوره: سوره اعراف
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن