Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Tippudi firooji ɗii


Firo maanaaji Aaya: (15) Simoore: Simoore yimooɓe
قَالَ كَلَّاۖ فَٱذۡهَبَا بِـَٔايَٰتِنَآۖ إِنَّا مَعَكُم مُّسۡتَمِعُونَ
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى: ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، يەنى ئۇلار سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا سەن قېرىندىشىڭ ھارۇن بىلەن بىرگە ئىككىڭلارنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇقتۇرىدىغان مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىرگە، سىلەرگە ياردەم بېرىپ ھەم قوللاپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ دېگەنلىرىڭلارنىمۇ، سىلەرگە دېيىلگەننىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمەن. بىز سىلەرنىڭ دېيىشكەنلىرىڭلاردىن ھېچنەرسىنى قولدىن بېرىپ قويمايمىز.
Faccirooji aarabeeji:
Ina jeyaa e nafoore aayeeje ɗee e ngol hello:
• حرص الرسول صلى الله عليه وسلم على هداية الناس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىسمەندۇر.

• إثبات صفة العزة والرحمة لله.
ئاللاھنىڭ غالىب ۋە رەھىمدىل دېگەن سۈپەتلىرى باردۇر.

• أهمية سعة الصدر والفصاحة للداعية.
دەۋەتچىنىڭ كۆڭلى - كۆكسى كەڭرى ھەم تىلى پاساھەتلىك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

• دعوات الأنبياء تحرير من العبودية لغير الله.
پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەتلىرى ئاللاھنىڭ باشقىسىغا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئازاد قىلىشتۇر.

• احتج فرعون على رسالة موسى بوقوع القتل منه عليه السلام فأقر موسى بالفعلة، مما يشعر بأنها ليست حجة لفرعون بالتكذيب.
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قارشى ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى باھانە قىلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ پىرئەۋننىڭ (ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) يالغانغا چىقىرىشىغا بۇ ئىشنىڭ باھانە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلدى.

 
Firo maanaaji Aaya: (15) Simoore: Simoore yimooɓe
Tippudi cimooje Tonngoode hello ngoo
 
Firo maanaaji al-quraan tedduɗo oo - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Tippudi firooji ɗii

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Uddude