Check out the new design

Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ouïghoure du Résumé dans l'Exégèse du noble Coran * - Lexique des traductions


Traduction des sens Verset: (63) Sourate: An Nahl
تَٱللَّهِ لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰٓ أُمَمٖ مِّن قَبۡلِكَ فَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَهُوَ وَلِيُّهُمُ ٱلۡيَوۡمَ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن بىز سېنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق. شەيتان ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ شېرىك، كۇپۇر، گۇناھ-مەسىيەت قاتارلىق ئەمەللىرىنى چېرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلار شەيتاننى قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىدىغان مەدەتكار دەپ ئويلىدى، ئۇلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە دەرتلىك ئازاب بار.
Les exégèses en arabe:
Parmi les bénéfices ( méditations ) des versets de cette page:
• من جهالات المشركين: نسبة البنات إلى الله تعالى، ونسبة البنين لأنفسهم، وأَنفَتُهم من البنات، وتغيّر وجوههم حزنًا وغمَّا بالبنت، واستخفاء الواحد منهم وتغيبه عن مواجهة القوم من شدّة الحزن وسوء الخزي والعار والحياء الذي يلحقه بسبب البنت.
مۇشرىكلارنىڭ نادان-جاھىللىقىدىن: ئۇلار قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ، قىزلارنى رەت قېلىدۇ، ئۇلارغا قىز تۇغۇلغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېرىلسە، غەم-قايغۇدىن چېرايلىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى قىز پەرزەنت سەۋەبىدىن كېلىدىغان ھايا، ئار-نۇمۇس، خارلىق ۋە قاتتىق قايغۇرۇشتىن قەۋمىگە يۈزلىنىشتىن قورقۇپ يوشۇرۇنىۋالىدۇ.

• من سنن الله إمهال الكفار وعدم معاجلتهم بالعقوبة ليترك الفرصة لهم للإيمان والتوبة.
ئاللاھنىڭ پرىنسىپىدىن: كاپىرلارغا مۆھلەت بېرىش، ئۇلارنى ئازابلاشقا ئالدىرىماسلىق، ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىشتىن ئىبارەتتۇر

• مهمة النبي صلى الله عليه وسلم الكبرى هي تبيان ما جاء في القرآن، وبيان ما اختلف فيه أهل الملل والأهواء من الدين والأحكام، فتقوم الحجة عليهم ببيانه.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇھىم ۋەزىپىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەھلى كىتاب ۋە ئۆز نەپسىگە ئەگىشىدىغان كىشىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆججەت تۇرغۇزىلىدۇ.

 
Traduction des sens Verset: (63) Sourate: An Nahl
Lexique des sourates Numéro de la page
 
Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ouïghoure du Résumé dans l'Exégèse du noble Coran - Lexique des traductions

Émanant du Centre d'Exégèse pour les Études Coraniques.

Fermeture