Traduction des sens du Noble Coran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Lexique des traductions


Traduction des sens Verset: (39) Sourate: MARIAM
وَأَنذِرۡهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡحَسۡرَةِ إِذۡ قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ وَهُمۡ فِي غَفۡلَةٖ وَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسانلارنى ھەسرەت-نادامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈندە يامان ئىش قىلغۇچى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلسا، ياخشى ئىش قىلغۇچى تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەتلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بەندىلەرنىڭ نام-ئەمەل سەھىپىسى يېپىلغان ۋە ھېسابلىرى تاماملانغان، ھەر بىر ئىنسان ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ياشاۋاتقان ھاياتتىن مەغرۇرلانغان، ئاخىرەتنى ئۇنۇتقان ئېدى، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيتتى.
Les exégèses en arabe:
Parmi les bénéfices ( méditations ) des versets de cette page:
• لما كان اعتزال إبراهيم لقومه مشتركًا فيه مع سارة، ناسب أن يذكر هبتهما المشتركة وحفيدهما، ثم جاء ذكر إسماعيل مستقلًّا مع أن الله وهبه إياه قبل إسحاق.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قەۋمىدىن ئايرىلغاندا سارە ھەمرا بولغان بولۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئاللاھنىڭ ئۇ ئىككەيلەنگە ئاتا قىلغان ئوغلى ۋە نەۋرىسىنى زىكىر قىلىش مۇناسىپ بولدى. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاقتىن بۇرۇن ئاتا قىلغان ئىسمائىل .ئەلەيھىسسالامنى ئايرىم زىكىر قىلدى

• التأدب واللطف والرفق في محاورة الوالدين واختيار أفضل الأسماء في مناداتهما.
ئاتا-ئانا بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئەدەب بىلەن، كۆيۈمچانلىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۇلارنى ئەڭ چىرايلىق ئىسىم بىلەن چاقىرىش لازىم.

• المعاصي تمنع العبد من رحمة الله، وتغلق عليه أبوابها، كما أن الطاعة أكبر الأسباب لنيل رحمته.
گۇناھ-مەئسىيەت بەندىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن چەكلەيدۇ، رەھمەت ئېشىكلىرىنى تاقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بولغانغا ئوخشاشتۇر.

• وعد الله كل محسن أن ينشر له ثناءً صادقًا بحسب إحسانه، وإبراهيم عليه السلام وذريته من أئمة المحسنين.
ئاللاھنىڭ بارلىق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا قىلغان ۋەدىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بويىچە ئۇلارنىڭ ياخشى نامىنى تارىتىشتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ياخشى ئىىش قىلغۇچىلارنىڭ پېشىۋاسىدۇر.

 
Traduction des sens Verset: (39) Sourate: MARIAM
Lexique des sourates Numéro de la page
 
Traduction des sens du Noble Coran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Lexique des traductions

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Fermeture