Check out the new design

Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ouïghoure du Résumé dans l'Exégèse du noble Coran * - Lexique des traductions


Traduction des sens Sourate: Ar Rûm   Verset:

رۇم

Parmi les objectifs de la sourate:
تأكيد تفرّد الله سبحانه بتصريف الأمور، وبيان سنن الله في خلقه.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدىكى پىرىنسىپىنى بايان قىلىش.

الٓمٓ
بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
Les exégèses en arabe:
غُلِبَتِ ٱلرُّومُ
پارسلار رۇملۇقلارنى يېڭىۋالدى.
Les exégèses en arabe:
فِيٓ أَدۡنَى ٱلۡأَرۡضِ وَهُم مِّنۢ بَعۡدِ غَلَبِهِمۡ سَيَغۡلِبُونَ
(ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش) شام زېمىنىنىڭ پارسقا ئەڭ يېقىن جايىدا (يۈز بەرگەن ئىدى). رۇملۇقلار پارسلارنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن ئۇزۇنغا قالماي قايتا غەلىبە قىلىدۇ
Les exégèses en arabe:
فِي بِضۡعِ سِنِينَۗ لِلَّهِ ٱلۡأَمۡرُ مِن قَبۡلُ وَمِنۢ بَعۡدُۚ وَيَوۡمَئِذٖ يَفۡرَحُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
(رۇملۇقلارنىڭ غەلىبىسى) ئۈچ يىلدىن ئاز بولمىغان، ئون يىلدىنمۇ ئېشىپ كەتمىگەن بىر مۇددەت ئىچىدە (ئىشقا ئاشىدۇ). رۇملۇقلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن بۇرۇنقى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارچە ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. رۇملۇقلار پارسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈندە مۇئمىنلەر خۇشاللىققا چۆمىدۇ.
Les exégèses en arabe:
بِنَصۡرِ ٱللَّهِۚ يَنصُرُ مَن يَشَآءُۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ رۇملۇقلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشىدىن خۇشاللىققا چۆمۈشى ئۇلارنىڭ كىتاب ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئۆزى خالىغان كىشىگە قارشى ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، قەتئىي يېڭىلىپ قالمايدۇ. ئۇ مۇئمىن بەندىلىرىگە كۆيۈمچاندۇر.
Les exégèses en arabe:
Parmi les bénéfices ( méditations ) des versets de cette page:
• لجوء المشركين إلى الله في الشدة ونسيانهم لأصنامهم، وإشراكهم به في الرخاء؛ دليل على تخبطهم.
مۇشرىكلارنىڭ قىيىن پەيتلەردە بۇتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئاللاھقا يالۋۇرۇشى، باي - باياشاتلىقتا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى ئۇلارنىڭ تايىنى يوقلۇقىنىڭ دەلىلىدۇر.

• الجهاد في سبيل الله سبب للتوفيق إلى الحق.
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• إخبار القرآن بالغيبيات دليل على أنه من عند الله.
قۇرئاننىڭ غەيبىي ھادىسىلەر ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بېرىشى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.

 
Traduction des sens Sourate: Ar Rûm
Lexique des sourates Numéro de la page
 
Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ouïghoure du Résumé dans l'Exégèse du noble Coran - Lexique des traductions

Émanant du Centre d'Exégèse pour les Études Coraniques.

Fermeture