Check out the new design

Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ouïghoure du Résumé dans l'Exégèse du noble Coran * - Lexique des traductions


Traduction des sens Sourate: Az Zukhruf   Verset:
وَمَا نُرِيهِم مِّنۡ ءَايَةٍ إِلَّا هِيَ أَكۡبَرُ مِنۡ أُخۡتِهَاۖ وَأَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡعَذَابِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ
بىز پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىلىرىنى كۇپۇرلۇقتىن قايتىپ قالارمىكىن دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ توغرىلىقى ھەققىدە بىر - بىرىدىن كاتتا بولغان دەلىل - پاكىتلارنى كۆرسەتتۇق ھەمدە ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىلا جازالىدۇق. لېكىن پايدىسى بولمىدى.
Les exégèses en arabe:
وَقَالُواْ يَٰٓأَيُّهَ ٱلسَّاحِرُ ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِندَكَ إِنَّنَا لَمُهۡتَدُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر قىسىم ئازاب كەلگەن چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئەي سېھىرگەر! ئەگەر بىز ئىمان ئېيتساق پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلساڭ. ئەگەر ئۇ بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە، بىز شەكسىزكى توغرا يولدا بولىمىز، دېيىشتى.
Les exégèses en arabe:
فَلَمَّا كَشَفۡنَا عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابَ إِذَا هُمۡ يَنكُثُونَ
قاچانكى بىز (مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۋەتسەك، ئۇلار يەنە ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ.
Les exégèses en arabe:
وَنَادَىٰ فِرۡعَوۡنُ فِي قَوۡمِهِۦ قَالَ يَٰقَوۡمِ أَلَيۡسَ لِي مُلۡكُ مِصۡرَ وَهَٰذِهِ ٱلۡأَنۡهَٰرُ تَجۡرِي مِن تَحۡتِيٓۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ
پىرئەۋن قەۋمى ئىچىدە ئۆز سەلتەنىتىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا نىدا قىلىپ ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئوردامنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان مۇنۇ نىل دەرياسى مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ پادىشاھلىقىمنى كۆرۈپ، كاتتىلىقىمنى بىلمەيۋاتامسىلەر؟
Les exégèses en arabe:
أَمۡ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي هُوَ مَهِينٞ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ
مەن تۈزۈكرەك گەپمۇ قىلالمايدىغان، ئاجىز ھەم قوغلاندى مۇسادىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
Les exégèses en arabe:
فَلَوۡلَآ أُلۡقِيَ عَلَيۡهِ أَسۡوِرَةٞ مِّن ذَهَبٍ أَوۡ جَآءَ مَعَهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ مُقۡتَرِنِينَ
ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمىشقا ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەيزۈك تاشلاپ بەرمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئارقىمۇئارقا پەرىشتىلەر كەلمىدى؟
Les exégèses en arabe:
فَٱسۡتَخَفَّ قَوۡمَهُۥ فَأَطَاعُوهُۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ گۇمراھلىقىغا ئىتائەت قىلدى. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققان پاسىق قەۋم ئىدى.
Les exégèses en arabe:
فَلَمَّآ ءَاسَفُونَا ٱنتَقَمۡنَا مِنۡهُمۡ فَأَغۡرَقۡنَٰهُمۡ أَجۡمَعِينَ
ئۇلار كۇپۇرلۇقتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق بىزنى غەزەپلەندۈرگەن چاغدا بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ، ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
Les exégèses en arabe:
فَجَعَلۡنَٰهُمۡ سَلَفٗا وَمَثَلٗا لِّلۡأٓخِرِينَ
ئاندىن بىز پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى كىشىلەرنى (يامان يولغا) باشلايدىغان باشلامچى قىلدۇق. سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرىنىڭمۇ ئىزلىرى بار. بىز كىيىنكىلەرنىڭمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش ئەمەل قىلىپ، مۇشۇلارغا ئوخشاش ئازابقا گىرىپتار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئىبرەت ئالىدىغانلارغا ئىبرەت قىلدۇق.
Les exégèses en arabe:
۞ وَلَمَّا ضُرِبَ ٱبۡنُ مَرۡيَمَ مَثَلًا إِذَا قَوۡمُكَ مِنۡهُ يَصِدُّونَ
مۇشرىكلار ناسارالار چوقۇنغان ئىيسانىمۇ ئاللاھنىڭ: «ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار بىلەن قوشۇلۇپ دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر» دېگەن سۆزىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ دەپ ئويلىدى. ھالبۇكى ئاللاھ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىگەندەك ئىيساغا قۇلچىلىق قىلىشتىنمۇ چەكلىگەن ئىدى. ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭ توساتتىن دەتالاشقا چۈشۈپ: بىز سېنىڭ ئىيسانىڭ ئورنىدا ئىلاھىمىز بولۇشۇڭغا رازى بولدۇق، دېيىشىپ چۇقان - سۈرەن سېلىشىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا: «شەكسىزكى بىز تەرەپتىن ياخشىلىق پۈتۈلگەنلەر دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ» دېگەن ئايەتنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ نازىل قىلدى.
Les exégèses en arabe:
وَقَالُوٓاْ ءَأَٰلِهَتُنَا خَيۡرٌ أَمۡ هُوَۚ مَا ضَرَبُوهُ لَكَ إِلَّا جَدَلَۢاۚ بَلۡ هُمۡ قَوۡمٌ خَصِمُونَ
ئۇلار: بىزنىڭ مەبۇدلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسا ياخشىمۇ؟ دېيىشتى. بۇ مىسالنى ئىبنى زەبەئرا ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى ھەقكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جىدەل قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى. چۈنكى ئۇلار جىدەلخور خەقتۇر.
Les exégèses en arabe:
إِنۡ هُوَ إِلَّا عَبۡدٌ أَنۡعَمۡنَا عَلَيۡهِ وَجَعَلۡنَٰهُ مَثَلٗا لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
ئىيسا پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك نېئمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر. ئادەممۇ ئاتا - ئانىسىز يارىتىلغىنىدەك، بىز ئىيسانىمۇ ئاتىسىز يارىتىش ئارقىلىق بەنى ئىسرائىلغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرستىدىغان بىر دەلىل قىلدۇق.
Les exégèses en arabe:
وَلَوۡ نَشَآءُ لَجَعَلۡنَا مِنكُم مَّلَٰٓئِكَةٗ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَخۡلُفُونَ
ئەي ئادەمزات! ئەگەر بىز سىلەرنى ھالاك قىلىشنى خالىساق، ئەلۋەتتە ھالاك قىلاتتۇق ھەمدە پەرىشتىلەرنى زېمىندا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئىزباسار قىلاتتۇق. ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلاتتى.
Les exégèses en arabe:
Parmi les bénéfices ( méditations ) des versets de cette page:
• نَكْث العهود من صفات الكفار.
ئەھدىنى بۇزۇش كاپىرلارنىڭ سۈپىتىدىندۇر.

• الفاسق خفيف العقل يستخفّه من أراد استخفافه.
پاسىق دېگەن ئەقىلسىز بولۇپ، ئۇنى كىم ئەخمەق قىلىشنى خالىسا ئەخمەق قىلالايدۇ.

• غضب الله يوجب الخسران.
ئاللاھنىڭ غەزىپى زىيانكارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

• أهل الضلال يسعون إلى تحريف دلالات النص القرآني حسب أهوائهم.
ئازغۇنلار قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرى بويىچە بورمىلاشقا ئۇرۇنىدۇ.

 
Traduction des sens Sourate: Az Zukhruf
Lexique des sourates Numéro de la page
 
Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ouïghoure du Résumé dans l'Exégèse du noble Coran - Lexique des traductions

Émanant du Centre d'Exégèse pour les Études Coraniques.

Fermeture