Traduction des sens du Noble Coran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Lexique des traductions


Traduction des sens Verset: (102) Sourate: AL-AN’ÂM
ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ فَٱعۡبُدُوهُۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ وَكِيلٞ
ئەي ئىنسانلار! ئاشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان زات سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇركى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگارىڭلار يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلارمۇ يوق. ئۇ ھەر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىدۇركى، يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لايىق بولغان، ھەر نەرسىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر.
Les exégèses en arabe:
Parmi les bénéfices ( méditations ) des versets de cette page:
• تنزيه الله تعالى عن الظلم الذي ترسِّخُه عقيدة (الجَبْر)، وبيان أن كفر العباد وشركهم أمر يحدث باختيارهم.
بۇ ئايەتلەر جەبەرىيەلەرنىڭ ئەقىدىسىدە ئورناپ كەتكەن زۇلۇمدىن ئاللاھ تائالانى پاكلاشنى ھەمدە بەندىلەرنىڭ تۇزكورلۇقى ۋە شېرىك كەلتۈرۈشلىرىنىڭ شۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولىدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

• ليس بمقدور نبي من الأنبياء أن يأتي بآية من عند نفسه، أو متى شاء، بل ذلك أمر مردود لله تعالى، فهو القادر وحده على ذلك، وهو الحكيم الذي يُقَدِّر نوع الآية ووقت إظهارها.
ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى چاغلاپ، خالىغان ۋاقىتتا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈش قولىدىن كەلمەيدۇ. بەلكى بۇ ئاللاھقا باغلىق ئىشتۇر. چۈنكى پەقەت ئاللاھلا مۇشۇنداق قىلىشقا قادىر ھەمدە مۆجىزىنىڭ تۈرىنى ۋە ئۇنى قاچان ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى بېكىتىدىغان ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى زاتتۇر.

• النهي عن سب آلهة المشركين حذرًا من مفسدة أكبر وهي التعدي بالسب على جناب رب العالمين.
پۈتكۈل ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەددىدىن ئېشىشتىن ئىبارەت تېخىمۇ چوڭ يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىللاش چەكلىنىدۇ.

• قد يحول الله سبحانه وتعالى بين العبد والهداية، ويُصرِّف بصره وقلبه على غير الطاعة؛ عقوبة له على اختياره الكفر.
ئاللاھ تائالا بەزىدە بەندە بىلەن ھىدايەت ئارىسىنى توسۇپ قويىدۇ، ھەمدە بەندىنىڭ كۇپرىلىقنى تاللىغانلىقىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ پاراسىتى ۋە قەلبىنى ئىتائەت قىلماسلىققا بۇرۇۋېتىدۇ.

 
Traduction des sens Verset: (102) Sourate: AL-AN’ÂM
Lexique des sourates Numéro de la page
 
Traduction des sens du Noble Coran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Lexique des traductions

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Fermeture