Traduction des sens du Noble Coran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - Lexique des traductions


Traduction des sens Verset: (7) Sourate: AL-MOUMTAHANAH
۞ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَجۡعَلَ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَ ٱلَّذِينَ عَادَيۡتُم مِّنۡهُم مَّوَدَّةٗۚ وَٱللَّهُ قَدِيرٞۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئى مۇئمىنلەر! بەلكىم ئاللاھ سىلەر ئۆچ كۆرىدىغان ئادەملەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىش ئارقىلىق ئاراڭلاردا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرگە دىندا قېرىنداش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئىمانغا قايتۇرۇشقا قادىردۇر. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
Les exégèses en arabe:
Parmi les bénéfices ( méditations ) des versets de cette page:
• في تصريف الله القلب من العداوة إلى المودة، ومن الكفر إلى الإيمان إشارة إلى أن قلوب العباد بين إصبعين من أصابعه سبحانه، فليطلب العبد منه الثبات على الإيمان.
ئاللاھنىڭ دىللارنى ئۆچمەنلىكتىن دوستلۇققا، كۇپرىدىن ئىمانغا يۆتكىشى بەندىلەرنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بارماقلىرىدىن ئىككى بارماق ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەندە ئاللاھتىن ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشنى تىلىسۇن.

• التفريق في الحكم بين الكفار المحاربين والمسالمين.
مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىۋاتقان كاپىرلار بىلەن تىنچلىق بېتىمى تۈزۈشكەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىنى ھۆكۈمدە پەرقلەندۈرۈش.

• حرمة الزواج بالكافرة غير الكتابية ابتداءً ودوامًا، وحرمة زواج المسلمة من كافر ابتداءً ودوامًا.
ئەھلى كىتابتىن سىرت كاپىر ئاياللارنى ئېلىشمۇ، بار نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇشمۇ ھارامدۇر. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئايالنىڭمۇ كاپىرغا تېگىشى ياكى نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇشىمۇ ھارامدۇر.

 
Traduction des sens Verset: (7) Sourate: AL-MOUMTAHANAH
Lexique des sourates Numéro de la page
 
Traduction des sens du Noble Coran - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - Lexique des traductions

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

Fermeture