કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અન્ નમલ   આયત:

سۈرە نەمل

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
الامتنان على النبي صلى الله عليه وسلم بنعمة القرآن وشكرها والصبر على تبليغه.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بۈيۈك مۆجىزىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش، قۇرئاننى يەتكۈزۈش يولىدا ئۇچرىغان ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بۇ سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

طسٓۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡقُرۡءَانِ وَكِتَابٖ مُّبِينٍ
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولدى. ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ ئايەتلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدۇر، (قۇرئان) روشەن كىتابتۇركى، ئۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. ئازراق ئويلانغان كىشى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
هُدٗى وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُؤۡمِنِينَ
ھەقكە يېتەكلەپ، توغرىنى كۆرسىتىدىغان بۇ ئايەتلەر ئاللاھقا ۋە ئاللانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە خۇشبېشارەتتۇر.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ
ئۇلار نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، ئاخىرەتتىكى جازا - مۇكاپاتلارغا چىن پۈتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ زَيَّنَّا لَهُمۡ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَهُمۡ يَعۡمَهُونَ
شەكسىزكى ئاخىرەتكە ھەم ئاخىرەتتىكى جازا - مۇكاپاتقا ئىشەنمەيدىغان كاپىرلارغا ناچار ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ قويدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى، تېڭىرقىغان ھالدا توغرا يولنى تاپالمىدى.
અરબી તફસીરો:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَهُمۡ سُوٓءُ ٱلۡعَذَابِ وَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ هُمُ ٱلۡأَخۡسَرُونَ
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈپەتتىكى ئىنسانلار بۇ دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىنىش ئارقىلىق قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغانلاردۇر، چۈنكى ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا مەڭگۈلۈك مەھكۇم قىلىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھەم بالا - چاقىلىرىنى يوقىتىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَإِنَّكَ لَتُلَقَّى ٱلۡقُرۡءَانَ مِن لَّدُنۡ حَكِيمٍ عَلِيمٍ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئاننى يارىتىشىدا، پىلانلىشىدا ۋە ئەھكاملارنى يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى زاتتىن تاپشۇرۇۋالىسەن. ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِأَهۡلِهِۦٓ إِنِّيٓ ءَانَسۡتُ نَارٗا سَـَٔاتِيكُم مِّنۡهَا بِخَبَرٍ أَوۡ ءَاتِيكُم بِشِهَابٖ قَبَسٖ لَّعَلَّكُمۡ تَصۡطَلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەھلىگە: مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىزگە توغرا يول كۆرسىتىدىغان بىرەر خەۋەر ئېلىپ كېلەي ياكى سىلەرنىڭ سوغۇقتىن ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّا جَآءَهَا نُودِيَ أَنۢ بُورِكَ مَن فِي ٱلنَّارِ وَمَنۡ حَوۡلَهَا وَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مۇسا يىراقتىن كۆرۈنگەن ئوتنىڭ ئورنىغا كەلگەندە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدى: ئوتنىڭ يېنىدىكى كىشى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پەرىشتىلەر ئۇلۇغ قىلىندى. بۇ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنى ئۇلۇغلاش ھەمدە ئۇنى ئازغۇنلار سۈپەتلىگەن نالايىق سۈپەتلەردىن پاكلاش ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّهُۥٓ أَنَا ٱللَّهُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئاللاھ تائالا مۇساغا ئېيتتى: ئى مۇسا! شەكسىزكى مەن ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب، يارىتىش، تەقدىر قىلىش ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن.
અરબી તફસીરો:
وَأَلۡقِ عَصَاكَۚ فَلَمَّا رَءَاهَا تَهۡتَزُّ كَأَنَّهَا جَآنّٞ وَلَّىٰ مُدۡبِرٗا وَلَمۡ يُعَقِّبۡۚ يَٰمُوسَىٰ لَا تَخَفۡ إِنِّي لَا يَخَافُ لَدَيَّ ٱلۡمُرۡسَلُونَ
ھاساڭنى تاشلىغىن. مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى. مۇسا ھاسىسىنىڭ خۇددى ئەجدىھادەك تەۋرىنىپ، ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە ئارقىسىغا بۇرۇلدى، (قورققىنىدىن) كەينىگە قارىيالمىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئېيتتى: قورقمىغىن. مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەجدىھا ۋە باشقا نەرسىلەردىن قورقمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِلَّا مَن ظَلَمَ ثُمَّ بَدَّلَ حُسۡنَۢا بَعۡدَ سُوٓءٖ فَإِنِّي غَفُورٞ رَّحِيمٞ
لېكىن كىمكى گۇناھ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلىدىكەن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن.
અરબી તફસીરો:
وَأَدۡخِلۡ يَدَكَ فِي جَيۡبِكَ تَخۡرُجۡ بَيۡضَآءَ مِنۡ غَيۡرِ سُوٓءٖۖ فِي تِسۡعِ ءَايَٰتٍ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَقَوۡمِهِۦٓۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
قولۇڭنى كۆڭلىكىڭنىڭ ياقىسىدىن قوينۇڭغا سالغىن، قولۇڭ قوينۇڭغا سالغاندىن كېيىن قاردەك ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، ئۇ ئاۋلاق كېسىلى ئەمەس. (بۇ ئىش بىز ساڭا ئاتا قىلغان) توققۇز مۆجىزە ئىچىدە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېننىڭ راستلىقىڭغا ئىسپات بولىدۇ، -قول بىلەن بېرىلگەن مۆجىزىلەر: ھاسا، قەھەتچىلىك يىللىرى، مېۋىلەرنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، توپان بالاسى، چېكەتكە، پىت، تاشپاقا ۋە قان ئاپەتلىرى قاتارلىقلار بولۇپ- (بىز بۇ ئاپەتلەرنى) پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە ئاپرىدە قىلدۇق. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم ئىدى.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّا جَآءَتۡهُمۡ ءَايَٰتُنَا مُبۡصِرَةٗ قَالُواْ هَٰذَا سِحۡرٞ مُّبِينٞ
ئۇلارغا بىز مۇسانى قوللاپ ئۇنىڭغا بەرگەن بۇ روشەن مۆجىزىلەر كەلگەن چاغدا ئۇلار: مۇسا مۆجىزە دەپ كەلتۈرگەن بۇ نەرسىلەر ئوپئوچۇق سېھىردۇر، دېيىشتى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• القرآن هداية وبشرى للمؤمنين.
قۇرئان مۇئمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە خۇشخەۋەردۇر.

• الكفر بالله سبب في اتباع الباطل من الأعمال والأقوال، والحيرة، والاضطراب.
ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولۇش ئاساسسىز ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشكە، تېڭىرقاش ۋە ئارىسالدىلىقتا قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

• تأمين الله لرسله وحفظه لهم سبحانه من كل سوء.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ ھەم ئۇلارنى ھەر قانداق يامانلىقتىن ساقلايدۇ.

وَجَحَدُواْ بِهَا وَٱسۡتَيۡقَنَتۡهَآ أَنفُسُهُمۡ ظُلۡمٗا وَعُلُوّٗاۚ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
ئۇلار ئىچىدە بۇ مۆجىزىلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ، ھەقتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن بۇ روشەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ، ئېتىراپ قىلمىدى. ئەي پەيغەمبەر! كۇپۇرلۇقى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ئارقىلىق يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئويلاپ باققىن. بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتتۇق.
અરબી તફસીરો:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ وَسُلَيۡمَٰنَ عِلۡمٗاۖ وَقَالَا ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي فَضَّلَنَا عَلَىٰ كَثِيرٖ مِّنۡ عِبَادِهِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا ۋە ئوغلى سۇلايمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق، (ئۇلارنىڭ) قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلگەنلىكىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. داۋۇد بىلەن سۇلايمان ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىپ: جىمى ھەمدۇسانا بىزنى پەيغەمبەر قىلىپ، جىن - شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق كۆپلىگەن مۇئمىن بەندىلىرىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھ تائالا خاستۇر، دېدى.
અરબી તફસીરો:
وَوَرِثَ سُلَيۡمَٰنُ دَاوُۥدَۖ وَقَالَ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ عُلِّمۡنَا مَنطِقَ ٱلطَّيۡرِ وَأُوتِينَا مِن كُلِّ شَيۡءٍۖ إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡفَضۡلُ ٱلۡمُبِينُ
سۇلايمان پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە ۋە پادىشاھلىقتا دادىسى داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ۋە ئاتىسىغا بەرگەن نېئمەتلەرنى تىلغا ئېلىپ: ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ بىزگە قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۆگەتتى، پەيغەمبەرلەرگە ۋە پادىشاھلارغا بېرىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى بەردى. ئاللاھ تائالا بىزگە بەرگەن بۇ نېئمەتلەر ھەقىقەتەن روشەن مەرھەمەتتۇر.
અરબી તફસીરો:
وَحُشِرَ لِسُلَيۡمَٰنَ جُنُودُهُۥ مِنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ وَٱلطَّيۡرِ فَهُمۡ يُوزَعُونَ
سۇلايمانغا ئىنسانلار، جىنلار ۋە ئۇچار قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى، ئۇلار ناھايىتى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
અરબી તફસીરો:
حَتَّىٰٓ إِذَآ أَتَوۡاْ عَلَىٰ وَادِ ٱلنَّمۡلِ قَالَتۡ نَمۡلَةٞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّمۡلُ ٱدۡخُلُواْ مَسَٰكِنَكُمۡ لَا يَحۡطِمَنَّكُمۡ سُلَيۡمَٰنُ وَجُنُودُهُۥ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
ئۇلار توختىماي يۈرۈش قىلىپ، شام زېمىنىدىكى بىر چۈمۈلە ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە چۈمۈلىلەردىن بىرى: ھەي چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىۋېلىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن. كاشكى ئۇلار سىلەرنىڭ بارلىقىڭلارنى ئۇققان بولسا، سىلەرنى ھەرگىز يەنچىۋەتمىگەن بولاتتى، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَتَبَسَّمَ ضَاحِكٗا مِّن قَوۡلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوۡزِعۡنِيٓ أَنۡ أَشۡكُرَ نِعۡمَتَكَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَيَّ وَأَنۡ أَعۡمَلَ صَٰلِحٗا تَرۡضَىٰهُ وَأَدۡخِلۡنِي بِرَحۡمَتِكَ فِي عِبَادِكَ ٱلصَّٰلِحِينَ
سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگىن، ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا بەرگەن نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر ئېيتىشنى ئىلھام قىلغىن، مېنى ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغىن، شۇنداقلا رەھمىتىڭ بىلەن سالىھ بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
وَتَفَقَّدَ ٱلطَّيۡرَ فَقَالَ مَالِيَ لَآ أَرَى ٱلۡهُدۡهُدَ أَمۡ كَانَ مِنَ ٱلۡغَآئِبِينَ
سۇلايمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ، ھۆپۈپنى كۆرمىگەندىن كېيىن ئېيتتى: ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۈپنى كۆرمەيمەنغۇ! ئۇنى بىرەر نەرسە توسۇۋېلىپ كۆرەلمەي قالدىممۇ ياكى ئۇ زادى يوقمۇ؟
અરબી તફસીરો:
لَأُعَذِّبَنَّهُۥ عَذَابٗا شَدِيدًا أَوۡ لَأَاْذۡبَحَنَّهُۥٓ أَوۡ لَيَأۡتِيَنِّي بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ
سۇلايمان ئۇنىڭ يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن: مەن ئۇنى قاتتىق جازالايمەن، يەنى يا يوقاپ كەتكەنلىكىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئۇنى بوغۇزلايمەن ياكى يوقاپ كەتكەنلىكىگە سەۋەب بولالايدىغان ئېنىق پاكىت كەلتۈرىدۇ، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَمَكَثَ غَيۡرَ بَعِيدٖ فَقَالَ أَحَطتُ بِمَا لَمۡ تُحِطۡ بِهِۦ وَجِئۡتُكَ مِن سَبَإِۭ بِنَبَإٖ يَقِينٍ
ھۆپۈپ يوقاپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىپ كېلىپ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى: مەن سەن بىلمىگەن بىر ئىشنى بىلىپ كەلدىم، ساڭا سەبە ئاھالىسىدىن شەكسىز، ئىشەنچلىك مەلۇمات ئېلىپ كەلدىم.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• التبسم ضحك أهل الوقار.
تەبەسسۇم قىلىش ئېسىل كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىدۇر.

• شكر النعم أدب الأنبياء والصالحين مع ربهم.
نېئمەتكە شۈكۈر قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدىكى ئەدەب - ئەخلاقىدۇر.

• الاعتذار عن أهل الصلاح بظهر الغيب.
سالىھ كىشىلەر يوقلۇقى ئۈچۈن ئۆزرىخاھلىق ئېيتىدۇ.

• سياسة الرعية بإيقاع العقاب على من يستحقه، وقبول عذر أصحاب الأعذار.
جازاغا تېگىشلىك بولغانلارنى جازالاش، يوللۇق ئۆزرىسى بارلارنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىش پۇقرالارنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

• قد يوجد من العلم عند الأصاغر ما لا يوجد عند الأكابر.
بەزىدە كاتتىلار بىلمىگەننى كىچىكلەر بىلىدۇ.

إِنِّي وَجَدتُّ ٱمۡرَأَةٗ تَمۡلِكُهُمۡ وَأُوتِيَتۡ مِن كُلِّ شَيۡءٖ وَلَهَا عَرۡشٌ عَظِيمٞ
شەكسىزكى مەن بىر ئايالنىڭ ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ئايالغا كۈچ - قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىقنىڭ ھەر قانداق ۋاسىتىسى بېرىلىپتۇ. ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر تەختى بار بولۇپ، ئۇ خەلقىنى شۇ تەختىدە ئولتۇرۇپ ئىدارە قىلىدىكەن.
અરબી તફસીરો:
وَجَدتُّهَا وَقَوۡمَهَا يَسۡجُدُونَ لِلشَّمۡسِ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَصَدَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ فَهُمۡ لَا يَهۡتَدُونَ
مەن بۇ ئايالنىڭمۇ، قەۋمىنىڭمۇ ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتقۇانلىقىنى كۆردۈم، شەيتان ئۇلارغا شېرىك ۋە ئاسىيلىقتىن ئىبارەت ناچار ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ھەق يولىدىن بۇرۇۋەتكەنلىكتىن، ئۇلار ھىدايەت تاپالماپتۇ.
અરબી તફસીરો:
أَلَّاۤ يَسۡجُدُواْۤ لِلَّهِ ٱلَّذِي يُخۡرِجُ ٱلۡخَبۡءَ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَيَعۡلَمُ مَا تُخۡفُونَ وَمَا تُعۡلِنُونَ
شەيتان ئۇلارنىڭ ئاسماندا يوشۇرۇنغان يامغۇرنى ۋە زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىدىغان، بەندىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان، بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلمىسۇن، دەپ ئۇلارغا شېرىك ۋە ئاسىيلىقتىن ئىبارەت ناچار ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى.
અરબી તફસીરો:
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ۩
ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇركى، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.
અરબી તફસીરો:
۞ قَالَ سَنَنظُرُ أَصَدَقۡتَ أَمۡ كُنتَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ھۆپۈپكە ئېيتتى: سەن دېگەنلىرىڭدە راست ئېيتتىڭمۇ ياكى يالغان ئېيتتىڭمۇ؟ قاراپ باقىمىز.
અરબી તફસીરો:
ٱذۡهَب بِّكِتَٰبِي هَٰذَا فَأَلۡقِهۡ إِلَيۡهِمۡ ثُمَّ تَوَلَّ عَنۡهُمۡ فَٱنظُرۡ مَاذَا يَرۡجِعُونَ
سۇلايمان بىر پارچە مەكتۇب يېزىپ، ئۇنى ھۆپۈپكە بەردى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: بۇ مەكتۇبنى سەبە ئاھالىسىگە ئاپىرىپ تاشلىغىن، مەكتۇب ئۇلارنىڭ قولىغا تەگكەندىن كېيىن بىر چەتتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىغا قۇلاق سالغىن.
અરબી તફસીરો:
قَالَتۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَؤُاْ إِنِّيٓ أُلۡقِيَ إِلَيَّ كِتَٰبٞ كَرِيمٌ
ئايال پادىشاھ مەكتۇبنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئېيتتى: ئەي كاتتىلار! ماڭا بىر پارچە قىممەتلىك مەكتۇب كەلدى.
અરબી તફસીરો:
إِنَّهُۥ مِن سُلَيۡمَٰنَ وَإِنَّهُۥ بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
سۇلايماندىن ئەۋەتىلگەن ھەمدە «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن» دەپ باشلانغان بۇ مەكتۇبنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
અરબી તફસીરો:
أَلَّا تَعۡلُواْ عَلَيَّ وَأۡتُونِي مُسۡلِمِينَ
ھاكاۋۇرلۇق قىلماي، ماڭا بويسۇنغان ھالدا ئالدىمغا كېلىڭلار. مەن سىلەرنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە، ئۇنىڭغا قوشۇپ قۇياشقا چوقۇنۇش ئارقىلىق سىلەر ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان شېرىكنى تاشلاشقا چاقىرىمەن.
અરબી તફસીરો:
قَالَتۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَؤُاْ أَفۡتُونِي فِيٓ أَمۡرِي مَا كُنتُ قَاطِعَةً أَمۡرًا حَتَّىٰ تَشۡهَدُونِ
ئايال پادىشاھ مۇنداق دېدى: ئەي ئۇلۇغلار، كاتتىلار! بۇ ئىشتا ماڭا توغرا مەسلىھەت بېرىڭلار، مەن مۇشۇ چاغقىچىمۇ سىلەرنى يىغىپ، مەسلىھەتىڭلارنى ئالماي تۇرۇپ ھېچ ئىشتا قارار چىقارغىنىم يوق.
અરબી તફસીરો:
قَالُواْ نَحۡنُ أُوْلُواْ قُوَّةٖ وَأُوْلُواْ بَأۡسٖ شَدِيدٖ وَٱلۡأَمۡرُ إِلَيۡكِ فَٱنظُرِي مَاذَا تَأۡمُرِينَ
ئۇنىڭغا قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: بىز تولىمۇ كۈچلۈك، ئۇرۇشتا ئىنتايىن جەڭگىۋار خەلقمىز، سېنىڭ پىكىرىڭگە ھۆرمەت قىلىمىز، شۇڭا ئۆزۈڭ بىر نەرسە دېگىن. بىزنى نېمىگە بۇيرۇساڭ، بىز شۇنى قىلىشقا تەييار، دېيىشتى.
અરબી તફસીરો:
قَالَتۡ إِنَّ ٱلۡمُلُوكَ إِذَا دَخَلُواْ قَرۡيَةً أَفۡسَدُوهَا وَجَعَلُوٓاْ أَعِزَّةَ أَهۡلِهَآ أَذِلَّةٗۚ وَكَذَٰلِكَ يَفۡعَلُونَ
ئايال پادىشاھ ئېيتتى: پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش ئارقىلىق شەھەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، شەھەرنىڭ ئىززەت - شەرەپ بىلەن ياشاپ كەلگەن ئاقساقاللىرى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى خورلايدۇ. پادىشاھلار بىرەر شەھەرنى بېسىۋالسا، (شەھەر پۇقرالىرىنىڭ) كۆڭۈللىرىگە قورقۇنچ ۋە ئەندىشە سېلىش ئۈچۈن بۇرۇندىن شۇنداق قىلىپ كەلگەن.
અરબી તફસીરો:
وَإِنِّي مُرۡسِلَةٌ إِلَيۡهِم بِهَدِيَّةٖ فَنَاظِرَةُۢ بِمَ يَرۡجِعُ ٱلۡمُرۡسَلُونَ
مەن بۇ مەكتۇبنىڭ ئىگىسىگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە سوۋغات ئەۋەتىمەن ھەمدە سوۋغات ئەۋەتكەندىن كېيىن ئەلچىلەرنىڭ قانداق جاۋاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• إنكار الهدهد على قوم سبأ ما هم عليه من الشرك والكفر دليل على أن الإيمان فطري عند الخلائق.
ھۆپۈپنىڭ سەبە قەۋمىنىڭ شېرىك ۋە كۇپۇرلۇقىنى ئەيىبلىگەنلىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ تەبىئىتىدە ئىمان بارلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

• التحقيق مع المتهم والتثبت من حججه.
دەۋاگەرنى تەكشۈرۈش ھەم ئۇنىڭ دەلىل - ئىسپاتىنى ئېنىقلاش.

• مشروعية الكشف عن أخبار الأعداء.
دۈشمەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلاش يوللۇق.

• من آداب الرسائل افتتاحها بالبسملة.
مەكتۇبنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاش مەكتۇب يېزىشنىڭ ئەدەب - ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• إظهار عزة المؤمن أمام أهل الباطل أمر مطلوب.
مۇئمىننىڭ ئازغۇنلارغا كۈچىنى كۆرسىتىپ قويۇشى ياخشى ئىشتۇر.

فَلَمَّا جَآءَ سُلَيۡمَٰنَ قَالَ أَتُمِدُّونَنِ بِمَالٖ فَمَآ ءَاتَىٰنِۦَ ٱللَّهُ خَيۡرٞ مِّمَّآ ءَاتَىٰكُمۚ بَلۡ أَنتُم بِهَدِيَّتِكُمۡ تَفۡرَحُونَ
بىلقىسنىڭ ئەلچىسى ھەمراھلىرى بىلەن سوۋغاتلارنى كۆتۈرۈپ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە سۇلايمان ئۇنىڭ سوۋغات ئەۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: سىلەر ماڭا مال - دۇنيا بېرىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلاردىن دىققىتىمنى بۇرىماقچىمۇ؟ ئاللاھ تائالا ماڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىك، پادىشاھلىق ۋە مال - دۇنيالار سىلەرنىڭ بەرگىنىڭلاردىن كۆپ ياخشىدۇر. بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن دۇنيانىڭ ئەرزىمەس ماتالىرىدىن كۆرەڭلەپ كېتىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
ٱرۡجِعۡ إِلَيۡهِمۡ فَلَنَأۡتِيَنَّهُم بِجُنُودٖ لَّا قِبَلَ لَهُم بِهَا وَلَنُخۡرِجَنَّهُم مِّنۡهَآ أَذِلَّةٗ وَهُمۡ صَٰغِرُونَ
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بىلقىسنىڭ ئەلچىسىگە: ئەكەلگەن سوۋغىتىڭنى ئېلىپ كەتكىن. بىز بىلقىس ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان لەشكەر تارتىپ بېرىپ، ئەگەر ئۇلار ماڭا بويسۇنمىسا، ئىلگىرى شان - شەرەپ بىلەن ياشاپ كەلگەن سەبەدىن خارلانغان ھالدا قوغلاپ چىقىرىمىز، دېدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَؤُاْ أَيُّكُمۡ يَأۡتِينِي بِعَرۡشِهَا قَبۡلَ أَن يَأۡتُونِي مُسۡلِمِينَ
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام يېنىدىكى ئوردا ئەركانلىرىغا خىتاب قىلىپ: ئەي كاتتىلار! ئۇلار بويسۇنغان ھالدا ئالدىمغا كېلىشتىن بۇرۇن قايسىڭلار بىلقىسنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىسىلەر؟ دېدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَ عِفۡرِيتٞ مِّنَ ٱلۡجِنِّ أَنَا۠ ءَاتِيكَ بِهِۦ قَبۡلَ أَن تَقُومَ مِن مَّقَامِكَۖ وَإِنِّي عَلَيۡهِ لَقَوِيٌّ أَمِينٞ
باشتۇڭ بىر جىن ئۇنىڭغا جاۋابەن: مەن ئۇنىڭ تەختىنى سەن مۇشۇ ئۇرنۇڭدىن تۇرۇپ بولغۇچە ئەكېلىپ بولىمەن، مېنىڭ ئۇنى ئەكېلىشكە ئەلۋەتتە كۈچۈم يېتىدۇ، مەن بۇ ئىشتا ئىشەنچلىكمەن، بۇيرۇقۇڭدىن ھېچنېمىنى چالا قويمايمەن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَ ٱلَّذِي عِندَهُۥ عِلۡمٞ مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ أَنَا۠ ءَاتِيكَ بِهِۦ قَبۡلَ أَن يَرۡتَدَّ إِلَيۡكَ طَرۡفُكَۚ فَلَمَّا رَءَاهُ مُسۡتَقِرًّا عِندَهُۥ قَالَ هَٰذَا مِن فَضۡلِ رَبِّي لِيَبۡلُوَنِيٓ ءَأَشۡكُرُ أَمۡ أَكۡفُرُۖ وَمَن شَكَرَ فَإِنَّمَا يَشۡكُرُ لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ رَبِّي غَنِيّٞ كَرِيمٞ
سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا سالىھ بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ كىتابتىن ئىلمى بار، شۇنىڭ ئىچىدە دۇئانىڭ ئىجابەت قىلىنىشىغا ۋەسىيلە بولىدىغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ئىسمىنىمۇ بىلىدىغان كىشى ئىدى. شۇ كىشى سۇلايمانغا: مەن ئاللاھقا بىلقىسنىڭ تەختىنى ئەكېلىپ بېرىشى ھەققىدە دۇئا قىلىپ، سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنى ئەكېلىپ بولىمەن، دېدى - دە، ئاللاھقا دۇئا قىلىۋېدى، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى شۇئانلا ئىجابەت قىلدى. سۇلايمان بىلقىسنىڭ تەختىنىڭ ئۆز يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ پەزلى - مەرھەمىتىدىندۇركى، ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلامدىم - يوق؟ سىنىماقچى. كىمكى ئاللاھقا شۈكرى قىلىدىكەن، شۈكرىسىنىڭ پايدىسى ئۆزىگە. ئاللاھ ھەر نەرسىدىن بىھاجەت زاتتۇركى، بەندىلەرنىڭ شۈكرى قىلغانلىقى ئۇنىڭ بايلىقىنى كۆپەيتەلمەيدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، شۈكرى قىلمايدىكەن، شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭ شۈكرىسىدىن بىھاجەتتۇر، سېخىيدۇر. ئۇنىڭ ئۆز نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغانلارغىمۇ ئېھسان قىلىشى ئۇنىڭ سېخىيلىقىدىندۇر.
અરબી તફસીરો:
قَالَ نَكِّرُواْ لَهَا عَرۡشَهَا نَنظُرۡ أَتَهۡتَدِيٓ أَمۡ تَكُونُ مِنَ ٱلَّذِينَ لَا يَهۡتَدُونَ
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام: بىلقىسنىڭ تەختىنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئۆزگەرتىۋېتىڭلار. ئۇ ئۆز تەختىنى تونۇيالامدۇ - يوق؟ قاراپ باقايلى، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّا جَآءَتۡ قِيلَ أَهَٰكَذَا عَرۡشُكِۖ قَالَتۡ كَأَنَّهُۥ هُوَۚ وَأُوتِينَا ٱلۡعِلۡمَ مِن قَبۡلِهَا وَكُنَّا مُسۡلِمِينَ
سەبە مەلىكىسى سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا سىناش ئۈچۈن: مۇشۇ سېنىڭ تەختىڭگە ئوخشامدۇ؟ دېيىلدى. ئۇ جاۋابەن: شۇدەك قىلىدۇ، دېدى. ئارقىدىنلا سۇلايمان: ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق ئىشلارغا قادىر بولغاچقا، بىلقىستىن ئىلگىرى بىزگە ئىلىم بەرگەن ئىدى. بىزمۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغان ئىدۇق، دېدى.
અરબી તફસીરો:
وَصَدَّهَا مَا كَانَت تَّعۡبُدُ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ إِنَّهَا كَانَتۡ مِن قَوۡمٖ كَٰفِرِينَ
ئۇنى قەۋمىگە ئەگىشىپ، قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرى ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن توسۇپ قويدى، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا كاپىر بولغان قەۋمدىن بولۇپ، ئۇمۇ قەۋمىگە ئوخشاش كاپىرلاردىن بولغان ئىدى.
અરબી તફસીરો:
قِيلَ لَهَا ٱدۡخُلِي ٱلصَّرۡحَۖ فَلَمَّا رَأَتۡهُ حَسِبَتۡهُ لُجَّةٗ وَكَشَفَتۡ عَن سَاقَيۡهَاۚ قَالَ إِنَّهُۥ صَرۡحٞ مُّمَرَّدٞ مِّن قَوَارِيرَۗ قَالَتۡ رَبِّ إِنِّي ظَلَمۡتُ نَفۡسِي وَأَسۡلَمۡتُ مَعَ سُلَيۡمَٰنَ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
بىلقىسقا: سىرتقى كۆرۈنۈشى تۈپتۈز سارايغا كىرگىن، دېيىلگەندە بىلقىس ئۇنى كۆرۈپلا سۇ دەپ ئويلاپ قالدى - دە، كىچىپ ئۆتۈشكە تەمشەلگەندەك پاچىقىنى ئاچتى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام: بۇ ئەينەكتىن ياسالغان سىلىق سارايدۇر، دەپ، ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىۋېدى، بىلقىس سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا شۇئانلا ئاۋاز قوشۇپ: ئەي رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ساڭا باشقىلارنى قوشۇپ چوقۇنۇپ ئۆزۈمگە زۇلۇق قىپتىمەن، مەن سۇلايمان بىلەن بىرگە پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بويسۇندۇم، دېدى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• عزة الإيمان تحصّن المؤمن من التأثر بحطام الدنيا.
ئىماننىڭ شەرىپى مۇئمىننى مال - دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشتىن ساقلايدۇ.

• الفرح بالماديات والركون إليها صفة من صفات الكفار.
ماددىي نەرسىلەردىن خۇشال بولۇش ھەمدە ئۇنىڭغا بېرىلىپ كېتىش كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• يقظة شعور المؤمن تجاه نعم الله.
مۇئمىن ئاللاھنىڭ نېئمىتى ئالدىدا ھوشيار بولىدۇ.

• اختبار ذكاء الخصم بغية التعامل معه بما يناسبه.
قارشى تەرەپنىڭ زېھنىنى سىناش ئۇنىڭ ھالىغا يارىشا مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈندۇر.

• إبراز التفوق على الخصم للتأثير فيه.
قارشى تەرەپتىن ئۈستۈنلۈكىنى ئىزھار قىلىش ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر.

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمۡ صَٰلِحًا أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ فَإِذَا هُمۡ فَرِيقَانِ يَخۡتَصِمُونَ
ھەقىقەتەن بىز سەمۇدقا ئۇلارنىڭ نەسەب قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. سالىھ ئۇلارغا: يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدى. سالىھ ئۇلارنى تەۋھىدكە چاقىرغاندىن كېيىن ئۇلار بىردىنلا بىرى مۇئمىن، يەنە بىر كاپىر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، قايسى تەرەپنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە دەتالاش قىلىشقا باشلىدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَ يَٰقَوۡمِ لِمَ تَسۡتَعۡجِلُونَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبۡلَ ٱلۡحَسَنَةِۖ لَوۡلَا تَسۡتَغۡفِرُونَ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ
سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازاب كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن گۇناھلىرىڭلارغا مەغپىرەت تىلىسەڭلار بولمامدۇ؟ دېدى.
અરબી તફસીરો:
قَالُواْ ٱطَّيَّرۡنَا بِكَ وَبِمَن مَّعَكَۚ قَالَ طَٰٓئِرُكُمۡ عِندَ ٱللَّهِۖ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ تُفۡتَنُونَ
سالىھنىڭ قەۋمى ھەقتىن چوڭچىلىق قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا: سەن ۋە سەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن (بىزگە قەھەتچىلىك كەلدى) دېدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىقلارنى باشقىلارنىڭ شۇملۇقىدىن دەپ قاراشتىن چەكلەنگەن ئىدىڭلار. بۇنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇ ئىشلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئەسلىدە سىلەر بەزىدە كەڭرى نېئمەتلەر بېرىلىش ئارقىلىق، بەزىدە خاپىلىققا دۇچار بولۇش ئارقىلىق سىنىلىۋاتىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
وَكَانَ فِي ٱلۡمَدِينَةِ تِسۡعَةُ رَهۡطٖ يُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا يُصۡلِحُونَ
ھىجر شەھىرىدە توققۇز نەپەر كىشى بولۇپ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بارمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
قَالُواْ تَقَاسَمُواْ بِٱللَّهِ لَنُبَيِّتَنَّهُۥ وَأَهۡلَهُۥ ثُمَّ لَنَقُولَنَّ لِوَلِيِّهِۦ مَا شَهِدۡنَا مَهۡلِكَ أَهۡلِهِۦ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ
ئۇلار بىر - بىرىگە مۇنداق دېيىشتى: ئاراڭلاردىن ھەر كىم ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن، كېچىدە سالىھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا: بىز سالىھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆلتۈرۈلگەندە يوق ئىدۇق، شەكسىزكى بىز راست دەۋاتىمىز، دەيمىز.
અરબી તફસીરો:
وَمَكَرُواْ مَكۡرٗا وَمَكَرۡنَا مَكۡرٗا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
ئۇلار سالىھنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن خۇپىيانە سۇيىقەست پىلانلاشتى. بىزمۇ سالىھقا ياردەم بېرىپ، ئۇلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزدۇق. ئۇلار بۇنى بىلمەيتتى.
અરબી તફસીરો:
فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ مَكۡرِهِمۡ أَنَّا دَمَّرۡنَٰهُمۡ وَقَوۡمَهُمۡ أَجۡمَعِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى ۋە ھىيلە - مىكرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىنى ئويلىنىپ باققىن. بىز ئۆز دەرگاھىمىزدىن ئازاب ئەۋەتىپ ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋەتتۇق. نەتىجىدە ئۇلار تامامەن ھالاك بولدى.
અરબી તફસીરો:
فَتِلۡكَ بُيُوتُهُمۡ خَاوِيَةَۢ بِمَا ظَلَمُوٓاْۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئەنە ئاشۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئىدى، ئۇ ئۆيلەرنىڭ تام - تورۇسلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئادىمىزاتتىن خالىي بوپقالدى. شەكسىزكى ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا كەلگەن ئازاب ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەتتۇر. مۇئمىنلەر (ئاللاھنىڭ) ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئالىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَأَنجَيۡنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ
سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغان ئىدى.
અરબી તફસીરો:
وَلُوطًا إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَتَأۡتُونَ ٱلۡفَٰحِشَةَ وَأَنتُمۡ تُبۡصِرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! لۇتنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا لۇت قەۋمىگە كايىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەيىبلەپ ئىپلاس قىلمىشىنى ئىنكار قىلىپ ئېيتتى: سىلەر بىر يەرگە توپلىشىدىغان سورۇنلىرىڭلاردا بىر - بىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئوچۇق - ئاشكارا قەبىھ قىلمىشنى قىلامسىلەر؟
અરબી તફસીરો:
أَئِنَّكُمۡ لَتَأۡتُونَ ٱلرِّجَالَ شَهۡوَةٗ مِّن دُونِ ٱلنِّسَآءِۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ تَجۡهَلُونَ
سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىپىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ئىپپىتىڭلارنى ساقلاپ، پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمامسىلەر؟ بۇ قىلغىنىڭلار پەقەت چاھارىپايلاردەك شەھۋەتنى قاندۇرۇشتۇر. بەلكى سىلەر ئىمان ئېيتىش، پاك بولۇش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆزۈڭلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنىمۇ بىلمەيدىغان نادان كىشىلەر سىلەر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الاستغفار من المعاصي سبب لرحمة الله.
گۇناھ - مەئسىيەتتىن ئىستىغپار ئېيتىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

• التشاؤم بالأشخاص والأشياء ليس من صفات المؤمنين.
ئىنسانلارنى ۋە نەرسىلەرنى شۇملۇق كەلتۈرىدۇ، دەپ قاراش مۇئمىنلەرنىڭ خىسلىتى ئەمەس.

• عاقبة التمالؤ على الشر والمكر بأهل الحق سيئة.
ھەق يولدىكىلەرگە يامانلىق قىلىش ۋە سۇيىقەست پىلانلاشنىڭ ئاقىۋىتى ياماندۇر.

• إعلان المنكر أقبح من الاستتار به.
گۇناھنى ئاشكارا قىلىش مەخپىي قىلغاندىن يامانراقتۇر.

• الإنكار على أهل الفسوق والفجور واجب.
پاسىقلارنى ۋە گۇناھكارلارنى يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىبتۇر.

۞ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ أَخۡرِجُوٓاْ ءَالَ لُوطٖ مِّن قَرۡيَتِكُمۡۖ إِنَّهُمۡ أُنَاسٞ يَتَطَهَّرُونَ
ئۇلارنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار نىجاسەتتىن ۋە مەينەتچىلىكتىن پاك كىشلەردۇر» دېيىش بولدى. ئۇلار بۇ گەپلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ناچار قىلمىلشىرىغا شېرىك بولماي، ئەكسىچە ئىنكار قىلغان لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن دېيىشتى.
અરબી તફસીરો:
فَأَنجَيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ قَدَّرۡنَٰهَا مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ
بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتۇلدۇردۇق، خوتۇنىنىڭ ھالاك بولغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولۇشى ئۈچۈن ئازابتا قېلىشىغا ھۆكۈم قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِم مَّطَرٗاۖ فَسَآءَ مَطَرُ ٱلۡمُنذَرِينَ
بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن تاش ياغدۇردۇق. بۇ يامغۇر ئازاب بىلەن قورقۇتۇلسىمۇ قوبۇل قىلمىغانلارنى ھالاك قىلغۇچى ئاپەت بولدى.
અરબી તફસીરો:
قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ وَسَلَٰمٌ عَلَىٰ عِبَادِهِ ٱلَّذِينَ ٱصۡطَفَىٰٓۗ ءَآللَّهُ خَيۡرٌ أَمَّا يُشۡرِكُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، جىمى ھەمدۇسانا نېئمەتلەر ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، لۇت ۋە سالىھلارنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابتىن مېنىڭ ساھابىلىرىمنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىشىمۇ ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر. ھەممە نەرسە ئىلكىدە بولغان، ھەقىقىي مەبۇد ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، مۇشرىكلار چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار ياخشىمۇ؟
અરબી તફસીરો:
أَمَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَنۢبَتۡنَا بِهِۦ حَدَآئِقَ ذَاتَ بَهۡجَةٖ مَّا كَانَ لَكُمۡ أَن تُنۢبِتُواْ شَجَرَهَآۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ بَلۡ هُمۡ قَوۡمٞ يَعۡدِلُونَ
ئەي ئىنسانلار! ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ھەم كۆركەم باغلارنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئاجىز بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇنچىۋالا باغلارنى يېتىشتۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيتتى. ئۇنى ئاللاھ ئۆستۈرۈپ بەردى. ئاللاھقا بۇ ئىشلارنى قىلىشىپ بەرگەن بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ يوق! بەلكى ئۇلار ھەقتىن چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر بولغاچقا، ناھەق رەۋىشتە ياراتقۇچىغا يارالغۇچىلارنى تەڭ قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَمَّن جَعَلَ ٱلۡأَرۡضَ قَرَارٗا وَجَعَلَ خِلَٰلَهَآ أَنۡهَٰرٗا وَجَعَلَ لَهَا رَوَٰسِيَ وَجَعَلَ بَيۡنَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ حَاجِزًاۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
زېمىننى ئۈستىدىكى مەخلۇقلارنى پاراكەندە قىلمايدىغان شەكىلدە تەۋرىمەس، مۇستەھكەم قىلغان كىم؟ ئۇنىڭ ئىچىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، تاغلارنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قوزۇق قىلغان كىم؟ تۇزلۇق دېڭىز بىلەن تاتلىق دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا توسۇق پەيدا قىلغان كىم؟ ئۇ توسۇق ئىككى دېڭىزنىڭ بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىپ، ئىچكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھقا بۇلارنى قىلىشىپ بەرگەن بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ يوق! ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلگەن بولسا ئىدى، ئاللاھقا مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان بولاتتى.
અરબી તફસીરો:
أَمَّن يُجِيبُ ٱلۡمُضۡطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكۡشِفُ ٱلسُّوٓءَ وَيَجۡعَلُكُمۡ خُلَفَآءَ ٱلۡأَرۡضِۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ قَلِيلٗا مَّا تَذَكَّرُونَ
بېشىغا كۈن چۈشۈپ، خاپىلىقتا قالغان ئادەم دۇئا قىلسا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغان، ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن كېسەللىك، كەمبەغەللىك ۋە باشقا تۈرلۈك خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان زات كىم؟ ئۇ زات سىلەرنى ئەۋلادمۇئەۋلاد بىر - بىرىڭلارغا ئىزباسار بولىدىغان ھالەتتە يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدى. ئاللاھقا بۇلارنى قىلىشىپ بەرگەن بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ يوق! سىلەر ئىنتايىن ئاز پەند - نەسىھەت قوبۇل قىلىسىلەر، ئاز ئىبرەت ئالىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
أَمَّن يَهۡدِيكُمۡ فِي ظُلُمَٰتِ ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ وَمَن يُرۡسِلُ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦٓۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ تَعَٰلَى ٱللَّهُ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا نىشان قىلىپ بەرگەن ئالامەتلەر ۋە يۇلتۇزلار ئارقىلىق سىلەرگە يول كۆرسىتىدىغان، بەندىلىرىگە رەھمەت بولىدىغان يامغۇرنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن خۇشبېشارەت بېرىدىغان شاماللارنى ئەۋەتىدىغان زات كىم؟ ئاللاھقا بۇ ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىدىغان بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ ئاللاھ (بۇلاردىن) پاكتۇر، مۇشرىكلار ئۇنىڭغا شېرىك قىلىۋاتقان مەخلۇقاتلىرىنىڭ (شېرىك بولۇشىدىن) مۇقەددەستۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• لجوء أهل الباطل للعنف عندما تحاصرهم حجج الحق.
بۇ ئايەتلەر ئازغۇنلارنىڭ ھەقىقەت پاكىتلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغاندا مۇش كۆتۈرۈپ قوپىدىغانلىقىنى،

• رابطة الزوجية دون الإيمان لا تنفع في الآخرة.
ئىمان بولمىسا قىيامەتتە ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى،

• ترسيخ عقيدة التوحيد من خلال التذكير بنعم الله.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى،

• كل مضطر من مؤمن أو كافر فإن الله قد وعده بالإجابة إذا دعاه.
مەيلى مۇئمىن بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن، ئاللاھ تائالانىڭ چارىسىز قالغاندا دۇئا قىلغان ھەر كىمنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

أَمَّن يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ وَمَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۗ أَءِلَٰهٞ مَّعَ ٱللَّهِۚ قُلۡ هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئىنساننى دەسلەپتە بەچچىدانلاردا باسقۇچمۇ-باسقۇچ ياراتقان، ئاندىن ۋاپات تاپقۇزغاندىن كېيىن يەنە ئۇنى تىرىلدۈرىدىغىنى كىم؟ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندىن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق سىلەرگە رىزىق .بېرىۋاتقان كىم؟ ئاللاھقا بۇ ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىدىغان بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا: ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، شېرىك كەلتۈرگىنىڭلارغىمۇ دەلىل - پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، دېگىن.
અરબી તફસીરો:
قُل لَّا يَعۡلَمُ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ ٱلۡغَيۡبَ إِلَّا ٱللَّهُۚ وَمَا يَشۡعُرُونَ أَيَّانَ يُبۡعَثُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەرمۇ، زېمىندىكى ئىنسانلارمۇ غەيبنى بىلمەيدۇ. لېكىن ئۇنى يەككە - يېگانە ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھتىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
بَلِ ٱدَّٰرَكَ عِلۡمُهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِۚ بَلۡ هُمۡ فِي شَكّٖ مِّنۡهَاۖ بَلۡ هُم مِّنۡهَا عَمُونَ
ئۇلارنىڭ ئاخىرەت ھەققىدىكى ئىلمى (ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد) ئۇدۇم قالغان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭغا ئىشىنەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار ئاخىرەت ھەققىدە داۋاملىق گۇمان ۋە تېڭىرقاش ئىچىدىدۇر. بەلكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئاخىرەتتىن كوردۇر.
અરબી તફસીરો:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَءِذَا كُنَّا تُرَٰبٗا وَءَابَآؤُنَآ أَئِنَّا لَمُخۡرَجُونَ
كاپىرلار ئىنكار قىلىپ ئېيتتى: بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان تۇرساق، قايتىدىن تىرىكلىك ھالەتكە قايتىشىمىز مۇمكىنمۇ؟
અરબી તફસીરો:
لَقَدۡ وُعِدۡنَا هَٰذَا نَحۡنُ وَءَابَآؤُنَا مِن قَبۡلُ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ھەقىقەتەن بىزگە ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا بىردەك قايتا تىرىلىدىغانلىقىمىز ۋەدە قىلىنغان ئىدى. ئەمما بىز بۇ ۋەدىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. بىزنىڭ ھەممىمىزگە قىلىنغان بۇ ۋەدە ئىلگىرىكىلەر كىتابلىرىدا توپلىغان ئەپسانىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كىشىلەرگە ئېيتقىنكى، زېمىننىڭ ھەر قانداق يېرىگە بېرىپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق.
અરબી તફસીરો:
وَلَا تَحۡزَنۡ عَلَيۡهِمۡ وَلَا تَكُن فِي ضَيۡقٖ مِّمَّا يَمۡكُرُونَ
مۇشرىكلارنىڭ دەۋىتىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن ئىچىڭ سىقىلمىسۇن. ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
قەۋمىڭدىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان كاپىرلار ئېيتىدۇكى، سەن ۋە مۇئمىنلەر بىزگە ۋەدە قىلىۋاتقان ئازاب قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر ئاشۇ دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار (قېنى دەپ بېقىڭلار).
અરબી તફસીરો:
قُلۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ رَدِفَ لَكُم بَعۡضُ ٱلَّذِي تَسۡتَعۡجِلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئالدىراتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن.
અરબી તફસીરો:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَشۡكُرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئىنسانلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر، ئۇلار شۇنچىۋالا كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلغان تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَيَعۡلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمۡ وَمَا يُعۡلِنُونَ
شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىدە يوشۇرغانلىرىنىمۇ، ئاشكارا قىلغانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمَا مِنۡ غَآئِبَةٖ فِي ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٍ
ئاسماندا ۋە زېمىندا ھەر قانداق بىر سىر بولسا، ئۇ چوقۇم لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەندۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ يَقُصُّ عَلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَكۡثَرَ ٱلَّذِي هُمۡ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلار دەتالاش قىلىشقان كۆپ نەرسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇرمىلاشلىرىنىمۇ پاش قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• علم الغيب مما اختص به الله، فادعاؤه كفر.
غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاس ئىش بولۇپ، غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىش كۇپۇرلۇقتۇر.

• الاعتبار بالأمم السابقة من حيث مصيرها وأحوالها طريق النجاة.
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ۋە ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئېلىش نىجاتلىققا ۋەسىلە بولىدۇ.

• إحاطة علم الله بأعمال عباده.
ئاللاھنىڭ ئىلمى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• تصحيح القرآن لانحرافات بني إسرائيل وتحريفهم لكتبهم.
قۇرئان ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ھەقتىن چەتنەپ كەتكەنلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى بۇرمىلاشلىرىنى تۈزەتكەن.

وَإِنَّهُۥ لَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ
قۇرئان ھەقىقەتەن ئىچىدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغۇچى مۇئمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ رَبَّكَ يَقۡضِي بَيۡنَهُم بِحُكۡمِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡعَلِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى مۇئمىن ۋە كاپىر بارلىق ئىنسانلار ئارسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاندىن مۇئمىننى رەھمىتىگە ئالىدۇ، كاپىرنى جازالايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، توغرا ئىش قىلغۇچىنى خاتا ئىش قىلغۇچىغا ئارىلاشتۇرۇۋەتمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۖ إِنَّكَ عَلَى ٱلۡحَقِّ ٱلۡمُبِينِ
شۇڭا پۈتۈن ئىشلىرىڭدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن ھەم ئۇنىڭغا تايانغىن، شۈبھىسىزكى سەن روشەن ھەقىقەت ئۈستىدىسەن.
અરબી તફસીરો:
إِنَّكَ لَا تُسۡمِعُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَلَا تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا وَلَّوۡاْ مُدۡبِرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! سەن ھەقىقەتەن ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن قەلبلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلۈكلەر ۋە پاڭلارغا، ئۇلار سەندىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا دەۋىتىڭنى ئاڭلىتالمايسەن.
અરબી તફસીરો:
وَمَآ أَنتَ بِهَٰدِي ٱلۡعُمۡيِ عَن ضَلَٰلَتِهِمۡۖ إِن تُسۡمِعُ إِلَّا مَن يُؤۡمِنُ بِـَٔايَٰتِنَا فَهُم مُّسۡلِمُونَ
سەن كۆزلىرى ھەقىقەتتىن كور بولغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلالمايسەن، شۇڭا ئۇلارغا قايغۇرمىغىن ھەم قۇرۇق ئاۋارە بولمىغىن، دەۋىتىڭنى پەقەت ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.
અરબી તફસીરો:
۞ وَإِذَا وَقَعَ ٱلۡقَوۡلُ عَلَيۡهِمۡ أَخۡرَجۡنَا لَهُمۡ دَآبَّةٗ مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ تُكَلِّمُهُمۡ أَنَّ ٱلنَّاسَ كَانُواْ بِـَٔايَٰتِنَا لَا يُوقِنُونَ
كۇپرىسى ۋە ئاسىيلىقلىرىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئازابلاشقا تېگىشلىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئازابلانسا ۋە ناچار كىشىلەر قېپقالسا، قىيامەت يېقىنلاشقان چاغدا زېمىندىن قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرنى مەيدانغا چىقىرىمىز. ئۇ ئالامەت زېمىندىن چىقىدىغان بىر ھايۋان بولۇپ، ئۇ ئۇلار چۈشىنىدىغان تىلدا ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَيَوۡمَ نَحۡشُرُ مِن كُلِّ أُمَّةٖ فَوۡجٗا مِّمَّن يُكَذِّبُ بِـَٔايَٰتِنَا فَهُمۡ يُوزَعُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ھەر ئۈممەتتىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان بىر توپ كاتتىباشلىرىنى توپلايدىغان ھەمدە ئۇلار باشتىن - ئاخىرى يىغىلىپ، ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلىدىغان كۈننى سۆزلەپ بەرگىن.
અરબી તફસીરો:
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُو قَالَ أَكَذَّبۡتُم بِـَٔايَٰتِي وَلَمۡ تُحِيطُواْ بِهَا عِلۡمًا أَمَّاذَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئۇلار توختىماي ھەيدىلىپ، ھېساب مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە ئاللاھ ئۇلارغا كايىپ: سىلەر مېنىڭ يەككە - يېگانىلىكىمنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ھەمدە مېنىڭ شەرىئىتىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭ باتىل ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتىڭلار يوق. (ئەگەر ئۇنىڭ باتىللىقى ھەققىدە مەلۇماتىڭلار بولغان بولسا) ئاندىن ئۇنى ئىنكار قىلساڭلارمۇ بولار ئىدى. ياكى سىلەرنىڭ ئايەتلىرىمنى تەستىقلاش ياكى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت قىلمىشىڭلار نېمە؟
અરબી તફસીરો:
وَوَقَعَ ٱلۡقَوۡلُ عَلَيۡهِم بِمَا ظَلَمُواْ فَهُمۡ لَا يَنطِقُونَ
ئاللاھقا كاپىر بولۇش ھەم ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ئازاب كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئاجىز، دەلىل - پاكىتلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بولغاچقا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
أَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا جَعَلۡنَا ٱلَّيۡلَ لِيَسۡكُنُواْ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبۡصِرًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە كېچىنى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت قىلىپ بەرگەنلىكىمىزگە، كۈندۈزنى كۆرۈپ، تىرىكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن يورۇق قىلىپ بەرگەنلىكىمىزگە قاراپ باقمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن ئاشۇ قايتا - قايتا ئۆلۈم ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشتە ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن ئالامەتلەر بار.
અરબી તફસીરો:
وَيَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِ فَفَزِعَ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا مَن شَآءَ ٱللَّهُۚ وَكُلٌّ أَتَوۡهُ دَٰخِرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! سۈر چىلىشقا مۇئەككەل پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم سۈر چالىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، ئۇ چاغدا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئالاقىزادە بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن ئاللاھ مەرھەمەت قىلىپ بۇ ئالاقىزادىلىكتىن ساقلاپ قالغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرى ئاللاھقا بويسۇنۇپ، باش ئەگكەن ھالدا كېلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَتَرَى ٱلۡجِبَالَ تَحۡسَبُهَا جَامِدَةٗ وَهِيَ تَمُرُّ مَرَّ ٱلسَّحَابِۚ صُنۡعَ ٱللَّهِ ٱلَّذِيٓ أَتۡقَنَ كُلَّ شَيۡءٍۚ إِنَّهُۥ خَبِيرُۢ بِمَا تَفۡعَلُونَ
بۇ كۈندە تاغلارنى مىدىرلىماي، جىم تۇرىدۇ، دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى تاغلار ئەمەلىيەتتە بۇلۇتتەك ناھايىتى تېز مېڭىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىشىدۇركى، ئۇ تاغلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى ئۇ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەم شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا سىلەرگە جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أهمية التوكل على الله.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى،

• تزكية النبي صلى الله عليه وسلم بأنه على الحق الواضح.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روشەن ھەقىقەت ئۈستىدە ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشنى،

• هداية التوفيق بيد الله، وليست بيد الرسول صلى الله عليه وسلم.
ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇلىدا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى،

• دلالة النوم على الموت، والاستيقاظ على البعث.
ئۇيقۇنىڭ ئۆلۈمنىڭ، ئويغىنىشنىڭ قايتا تىرىلىشنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

مَن جَآءَ بِٱلۡحَسَنَةِ فَلَهُۥ خَيۡرٞ مِّنۡهَا وَهُم مِّن فَزَعٖ يَوۡمَئِذٍ ءَامِنُونَ
قىيامەت كۈنى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن كەلگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكىگە ئېرىشىپ خاتىرجەم بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَكُبَّتۡ وُجُوهُهُمۡ فِي ٱلنَّارِ هَلۡ تُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن كەلگەنلەر دوزاخقا دۇم تاشلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تېخىمۇ يەرگە قارىتىش ئۈچۈن كايىلغان ھالەتتە دېيىلىدۇكى: سىلەر پەقەت دۇنيادا كاپىر بولغانلىقىڭلار ھەم ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
إِنَّمَآ أُمِرۡتُ أَنۡ أَعۡبُدَ رَبَّ هَٰذِهِ ٱلۡبَلۡدَةِ ٱلَّذِي حَرَّمَهَا وَلَهُۥ كُلُّ شَيۡءٖۖ وَأُمِرۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان شەھەر مەككىنىڭ پەرۋەردىگارىغىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇ جايدا قان تۆكۈشكە بولمايدۇ، ھېچكىم زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ، ئوۋلىرى ئوۋلانمايدۇ، دەرەخلىرى كېسىلمەيدۇ. ھەممە نەرسنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر. مەن پەقەت ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم.
અરબી તફસીરો:
وَأَنۡ أَتۡلُوَاْ ٱلۡقُرۡءَانَۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَقُلۡ إِنَّمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُنذِرِينَ
مەن كىشىلەرگە قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇم، كىمكى قۇرئان بىلەن ھىدايەت تېپىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۆزىگە. كىمكى ئېزىپ، قۇرئاندىكى بەلگىلىمىلەردىن چەتنەپ، ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلمايدىكەن: مەن پەقەت سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن، سىلەرنى ھىدايەت قىلىش مېنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ، دېگىن.
અરબી તફસીરો:
وَقُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ سَيُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ فَتَعۡرِفُونَهَاۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، جىمى ھەمدۇسانا ساناقسىز نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردا، ئاسماندا، زېمىندا ۋە رىزىق بېرىشتە ئۆزىنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. سىلەر ئۇ مۆجىزىلەرنى ھەقكە بويسۇنۇشقا يېتەكلەيدىغان رەۋىشتە تونۇيسىلەر. پەرۋەردىگارىڭ قىلمىشىڭلاردىن بىخەۋەر قالمايدۇ، بەلكى ئۇ ئۇنىڭدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الإيمان والعمل الصالح سببا النجاة من الفزع يوم القيامة.
ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل قىيامەت كۈندىكى بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىدۇر.

• الكفر والعصيان سبب في دخول النار.
كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىق دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ.

• تحريم القتل والظلم والصيد في الحرم.
ھەرەمدە ئادەم ئۆلتۈرۈش، زۇلۇم قىلىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش ھارامدۇر.

• النصر والتمكين عاقبة المؤمنين.
مۇئمىننىڭ ئاقىۋىتى غەلىبە قىلىش ۋە قۇدرەت تېپىشتۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અન્ નમલ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો