કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ કસસ   આયત:

سۈرە قەسەس

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
سنة الله في تمكين المؤمنين المستضعفين وإهلاك الطغاة المستكبرين.
ئاجىز مۆمىنلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچى تەكەببۇرلارنى ھالاك قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ پىرىنسىپىدۇر.

طسٓمٓ
سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
અરબી તફસીરો:
تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ
بۇ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.
અરબી તફસીરો:
نَتۡلُواْ عَلَيۡكَ مِن نَّبَإِ مُوسَىٰ وَفِرۡعَوۡنَ بِٱلۡحَقِّ لِقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋننىڭ قىسسەسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز، چۈنكى ئۇلار قۇرئاندىكى مەزمۇنلاردىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ فِرۡعَوۡنَ عَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَجَعَلَ أَهۡلَهَا شِيَعٗا يَسۡتَضۡعِفُ طَآئِفَةٗ مِّنۡهُمۡ يُذَبِّحُ أَبۡنَآءَهُمۡ وَيَسۡتَحۡيِۦ نِسَآءَهُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن مىسىر زېمىنىدا ھەددىدىن ئاشتى ھەم ئۇ زېمىندا ھاكىم مۇتلەق بولۇۋالدى، مىسىر ئاھالىسىنى بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپىنى، يەنى بەنى ئىسرائىلنى ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈش، قىزلىرىنى خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن ھايات قالدۇرۇش ئارقىلىق بوزەك قىلدى ۋە ئۇلارنى قاتتىق خورلىدى. ھەقىقەتەن پىرئەۋن زۇلۇم قىلىش، ھەددىدىن ئېشىش ۋە تەكەببۇرلۇق ئارقىلىق يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردىن بولدى.
અરબી તફસીરો:
وَنُرِيدُ أَن نَّمُنَّ عَلَى ٱلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَنَجۡعَلَهُمۡ أَئِمَّةٗ وَنَجۡعَلَهُمُ ٱلۡوَٰرِثِينَ
بىز مىسىر زېمىنىدا پىرئەۋن بوزەك قىلغان ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئۇلارنىڭ دۈشمىنىنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۇلارنى باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان يولباشچى قىلىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلماقچىمىز. بىز پىرئەۋننىڭ ھالاكىتىدىن كېيىن ئۇلارنى مۇبارەك شام زېمىنىغا ۋارىس قىلىمىز. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىنىنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپلىرىگە) مىراسخور قىلدۇق».
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الإيمان والعمل الصالح سببا النجاة من الفزع يوم القيامة.
ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل قىيامەت كۈندىكى بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىدۇر.

• الكفر والعصيان سبب في دخول النار.
كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىق دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ.

• تحريم القتل والظلم والصيد في الحرم.
ھەرەمدە ئادەم ئۆلتۈرۈش، زۇلۇم قىلىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش ھارامدۇر.

• النصر والتمكين عاقبة المؤمنين.
مۇئمىننىڭ ئاقىۋىتى غەلىبە قىلىش ۋە قۇدرەت تېپىشتۇر.

وَنُمَكِّنَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَنُرِيَ فِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَ وَجُنُودَهُمَا مِنۡهُم مَّا كَانُواْ يَحۡذَرُونَ
بىز ئۇلارغا سەلتەنەت بېرىپ يەر يۈزىدە قۇدرەت تاپقۇزماقچىمىز، كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز. پىرئەۋنگە، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ چاپارمەن قوشۇنلىرىغا ئۇلار ئەنسىرەۋاتقان ئاقىۋەتنى كۆرسىتىمىز، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن دۇنياغا كەلگۈسى بىر ئوغۇل بالىنىڭ قولىدا گۇمران بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰٓ أُمِّ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَرۡضِعِيهِۖ فَإِذَا خِفۡتِ عَلَيۡهِ فَأَلۡقِيهِ فِي ٱلۡيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحۡزَنِيٓۖ إِنَّا رَآدُّوهُ إِلَيۡكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
بىز مۇسانىڭ ئانىسىغا مۇنداق ئىلھام قىلدۇق: مۇسانى ئېمىتكىن، ئەگەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالساڭ، ئۇنى ساندۇققا سېلىپ، نىل دەرياسىغا تاشلىغىن، ئۇنىڭ غەرق بولۇپ كېتىشىدىن ياكى پىرئەۋننىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرىمىگىن، پىراقىدىن قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم ھايات قايتۇرۇپ بېرىمىز ھەمدە ئۇنى ئاللاھ خالايىقلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز.
અરબી તફસીરો:
فَٱلۡتَقَطَهُۥٓ ءَالُ فِرۡعَوۡنَ لِيَكُونَ لَهُمۡ عَدُوّٗا وَحَزَنًاۗ إِنَّ فِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَ وَجُنُودَهُمَا كَانُواْ خَٰطِـِٔينَ
مۇسانىڭ ئانىسى بىزنىڭ ئىلھام قىلغىنىمىز بويىچە مۇسانى ساندۇققا سېلىپ، دېڭىزغا تاشلىدى، ئاندىن پىرئەۋن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئۇچرىتىپ، ئېلىۋېلىشتى. (مۇشۇنداق بولغاندا) مۇسانىڭ كەلگۈسىدە پىرئەۋنگە دۈشمەن بولۇشىدىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئىشقا ئېشىپ، ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ پادىشاھلىقىنى مۇسانىڭ قولى ئارقىلىق ۋەيران قىلاتتى. ھەقىقەتەن پىرئەۋن، ۋەزىرى ھامان ۋە ئۇلارنىڭ چاپارمەنلىرى كۇپۇرلۇقى، ھەددىدىن ئاشقانلىقى ۋە يەر - يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولغان ئىدى.
અરબી તફસીરો:
وَقَالَتِ ٱمۡرَأَتُ فِرۡعَوۡنَ قُرَّتُ عَيۡنٖ لِّي وَلَكَۖ لَا تَقۡتُلُوهُ عَسَىٰٓ أَن يَنفَعَنَآ أَوۡ نَتَّخِذَهُۥ وَلَدٗا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
پىرئەۋن مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان چاغدا ئايالى ئۇنىڭغا: بۇ بالا مېنىڭ ۋە سېنىڭ خۇشاللىقىمىز بولىدۇ. ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار. بەلكىم ئۇ ئىشىمىزغا ياراپ قالار ياكى بالا قىلىۋالارمىز، دېدى. ئۇلار ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
અરબી તફસીરો:
وَأَصۡبَحَ فُؤَادُ أُمِّ مُوسَىٰ فَٰرِغًاۖ إِن كَادَتۡ لَتُبۡدِي بِهِۦ لَوۡلَآ أَن رَّبَطۡنَا عَلَىٰ قَلۡبِهَا لِتَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
مۇسانىڭ ئانىسىنىڭ خىيالىغا مۇسادىن باشقا ھېچ ئىش كىرمەيدىغان بولۇپ، ئۇ سەۋر قىلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئەگەر بىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ، سەۋرچانلىق ئاتا قىلمىغان بولساق، مۇساغا بولغان ئامراقلىقىدىن ئۇنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى. (بۇلارنىڭ ھەممىسى)، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلاردىن ھەم پىشانىسىگە پۈتۈلگەنگە سەۋر قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئىدى.
અરબી તફસીરો:
وَقَالَتۡ لِأُخۡتِهِۦ قُصِّيهِۖ فَبَصُرَتۡ بِهِۦ عَن جُنُبٖ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
مۇسانىڭ ئانىسى مۇسانى دەرياغا تاشلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەمشىرىسىگە: مۇسانىڭ ئارقىسىدىن ئىزلاپ مېڭىپ، بولغان ئەھۋالنى ئۇقۇپ كەلگىن، دېدى. مۇسانىڭ ھەمشىرىسى بايقىلىپ قالماسىلىق ئۈچۈن ئۇنى بىر چەتتە كۆزىتىپ تۇردى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ مۇسانىڭ ھەمشىرىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە مۇسانىڭ ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلىغىلى كەلگەنلىكىنى ئۇقمايتتى.
અરબી તફસીરો:
۞ وَحَرَّمۡنَا عَلَيۡهِ ٱلۡمَرَاضِعَ مِن قَبۡلُ فَقَالَتۡ هَلۡ أَدُلُّكُمۡ عَلَىٰٓ أَهۡلِ بَيۡتٖ يَكۡفُلُونَهُۥ لَكُمۡ وَهُمۡ لَهُۥ نَٰصِحُونَ
مۇسا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن باشقا ئاياللارنى ئەمگىلى ئۇنىمىدى. مۇسانىڭ ھەمشىرىسى ئۇلارنىڭ مۇسانى ئېمىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا: مەن سىلەرگە مۇسانى ئېمىتىپ، باقىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ھەم ئۇلار مۇساغا كۆيىنىدۇ؟ دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَرَدَدۡنَٰهُ إِلَىٰٓ أُمِّهِۦ كَيۡ تَقَرَّ عَيۡنُهَا وَلَا تَحۡزَنَ وَلِتَعۡلَمَ أَنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
بىز مۇسانى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردۇقكى، ئانىسى ئۇنى يېقىندىن كۆرۈپ خۇرسەن بولسۇن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا قايغۇرمىسۇن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىشى ھەققىدىكى ۋەدىسىنىڭ راستلىقىنى بىلسۇن. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ۋەدىنى ھەمدە مۇسانى ئېمىتكەن ئايالنىڭ ئۇنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• تدبير الله لعباده الصالحين بما يسلمهم من مكر أعدائهم.
ئاللاھ تائالا ئۆز تەدبىرى ئارقىلىق سالىھ بەندىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن ساقلاپ قالىدۇ.

• تدبير الظالم يؤول إلى تدميره.
زالىمنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ئاقىۋەتتە ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.

• قوة عاطفة الأمهات تجاه أولادهن.
ئانىلار بالىلىرىغا ئىنتايىن كۆيۈمچاندۇر.

• جواز استخدام الحيلة المشروعة للتخلص من ظلم الظالم.
زالىمنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يوللۇق چارە - تەدبىر قوللىنىش دۇرۇس.

• تحقيق وعد الله واقع لا محالة.
ئاللاھنىڭ ۋەدىسى شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ.

وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَٱسۡتَوَىٰٓ ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
مۇسا ئۆسۈپ يېتىلىپ، كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغاندا بىز ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرى بەنى ئىسرائىلنىڭ دىنى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز مۇسانى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
અરબી તફસીરો:
وَدَخَلَ ٱلۡمَدِينَةَ عَلَىٰ حِينِ غَفۡلَةٖ مِّنۡ أَهۡلِهَا فَوَجَدَ فِيهَا رَجُلَيۡنِ يَقۡتَتِلَانِ هَٰذَا مِن شِيعَتِهِۦ وَهَٰذَا مِنۡ عَدُوِّهِۦۖ فَٱسۡتَغَٰثَهُ ٱلَّذِي مِن شِيعَتِهِۦ عَلَى ٱلَّذِي مِنۡ عَدُوِّهِۦ فَوَكَزَهُۥ مُوسَىٰ فَقَضَىٰ عَلَيۡهِۖ قَالَ هَٰذَا مِنۡ عَمَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِۖ إِنَّهُۥ عَدُوّٞ مُّضِلّٞ مُّبِينٞ
مۇسا كىشىلەر ئۆيلىرىدە ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا شەھەرگە كىرگەن بولۇپ، شەھەردە ئۆز - ئارا دەتالاش قىلىپ، ئۇرۇشۇپ قالغان ئىككەيلەننى ئۇچراتتى. ئۇلاردىن بىرى ئۆز قەۋمى بەنى ئىسرائىلدىن، يەنە بىرى دۈشمىنى پىرئەۋن قەۋمىگە تەۋە قىبتىلاردىن ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم مۇسادىن دۈشمىنى قىبتىغا قارشى ياردەم سورىۋېدى، مۇسا قىبتىغا بىر مۇش ئاتتى - دە، قاتتىق ئېتىلغان بىر مۇش بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: بۇ شەيتاننىڭ چىرايلىق كۆرسىتىشى ۋە قۇترىتىشىدۇركى، شەيتان ھەقىقەتەن ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنى ئازدۇرغۇچى، دۈشمەنلىكى ئوچۇق - ئاشكارا دۈشمەندۇر. مەندىن سادىر بولغان بۇ خاتالىقمۇ شەيتاننىڭ دۈشمەنلىكى ھەمدە مېنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرگەن ئازدۇرغۇچى بولغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر.
અરબી તફસીરો:
قَالَ رَبِّ إِنِّي ظَلَمۡتُ نَفۡسِي فَٱغۡفِرۡ لِي فَغَفَرَ لَهُۥٓۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
مۇسا ئۆزىدىن سادىر بولغان خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىپ پەرۋەردىگارىغا مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى پەرۋەردىگارىم! شەكسىزكى مەن بۇ قىبتىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ ئۆزەمگە ئۆزەم زۇلۇم قىلدىم، مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن. ئاندىن ئاللاھ بىزگە مۇسانىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
અરબી તફસીરો:
قَالَ رَبِّ بِمَآ أَنۡعَمۡتَ عَلَيَّ فَلَنۡ أَكُونَ ظَهِيرٗا لِّلۡمُجۡرِمِينَ
ئارقىدىنلا ئاللاھ يەنە مۇسانىڭ مۇنداق دۇئا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى: ئى پەرۋەردىگارىم! سەن ماڭا ئاتا قىلغان كۈچ - قۇۋۋەت، ھېكمەت ۋە ئىلىم بىلەن ھەرگىز گۇناھكارلارنىڭ گۇناھىغا يانتاياق بولمايمەن.
અરબી તફસીરો:
فَأَصۡبَحَ فِي ٱلۡمَدِينَةِ خَآئِفٗا يَتَرَقَّبُ فَإِذَا ٱلَّذِي ٱسۡتَنصَرَهُۥ بِٱلۡأَمۡسِ يَسۡتَصۡرِخُهُۥۚ قَالَ لَهُۥ مُوسَىٰٓ إِنَّكَ لَغَوِيّٞ مُّبِينٞ
مۇسا ھېلىقى قىبتىلىكنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولغاچقا، ئەنسىرەپ نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقىنى تىڭ - تىڭلاپ يۈرگەن بىر پەيتتە توساتتىن تۈنۈگۈن ھېلىقى قىبتىلىك دۈشمىنىگە قارشى ياردەم سورىغان كىشى يەنە بىر قىبتىلىككە قارشى ياردەم سورىدى. مۇسا ئۇنىڭغا: سەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھ ئادەم ئىكەنسەن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّآ أَنۡ أَرَادَ أَن يَبۡطِشَ بِٱلَّذِي هُوَ عَدُوّٞ لَّهُمَا قَالَ يَٰمُوسَىٰٓ أَتُرِيدُ أَن تَقۡتُلَنِي كَمَا قَتَلۡتَ نَفۡسَۢا بِٱلۡأَمۡسِۖ إِن تُرِيدُ إِلَّآ أَن تَكُونَ جَبَّارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا تُرِيدُ أَن تَكُونَ مِنَ ٱلۡمُصۡلِحِينَ
مۇسا ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن ئىسرائىللىكلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان قىبتىغا قول ئۇزاتماقچى بولغاندا ھېلىقى ئىسرائىللىك ئادەم مۇسانى ئۆزىنىڭ ئەدىبىنى بەرمەكچى دەپ ئويلاپ قالدى، چۈنكى ئۇ مۇسانىڭ: سەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھ ئادەم ئىكەنسەن، دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇساغا: سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ سەن پەقەت يەر يۈزىدە باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ، زۇلۇم قىلىدىغان زومىگەر بولۇشنىلا ئويلايسەن، ئەمما دەۋاگەرلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇشنى خالىمايسەن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
وَجَآءَ رَجُلٞ مِّنۡ أَقۡصَا ٱلۡمَدِينَةِ يَسۡعَىٰ قَالَ يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّ ٱلۡمَلَأَ يَأۡتَمِرُونَ بِكَ لِيَقۡتُلُوكَ فَٱخۡرُجۡ إِنِّي لَكَ مِنَ ٱلنَّٰصِحِينَ
بۇ خەۋەر (شەھەر ئىچىگە) پۇر كەتكەن بولۇپ، شەھەرنىڭ چەت يېرىدىن بىر ئادەم ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كېلىپ، (پىرئەۋنىيلەرنىڭ) مۇسانى تۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ: ئەي مۇسا، پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، شۇڭا دەرھال شەھەردىن چىقىپ كەتكىن، شەكسىزكى مەن ساڭا سەمىمىي نەسىھەت قىلىۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ سېنى تېپىۋېلىپ، ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَخَرَجَ مِنۡهَا خَآئِفٗا يَتَرَقَّبُۖ قَالَ رَبِّ نَجِّنِي مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
مۇسا ئۆزىگە كۆيۈنۈپ گەپ قىلغان ھېلىقى كىشىنىڭ دېگىنى بويىچە ئەنسىزلىك ئىچىدە شەھەردىن چىقتى، ئۇ بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ قالارمۇ، دەپ ئەتراپقا باقاتتى. ئۇ پەرۋەردىگارىغا: ئەي رەببىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن، ئۇلار ماڭا چېقىلمىسۇن، دەپ دۇئا قىلدى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الاعتراف بالذنب من آداب الدعاء.
گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىش دۇئانىڭ ئەدەب - قائىدىلىرىدىندۇر.

• الشكر المحمود هو ما يحمل العبد على طاعة ربه، والبعد عن معصيته.
ماختاشقا لايىق شۈكرى دېگەن بەندىنى پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىشقا ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان شۈكرىدۇر.

• أهمية المبادرة إلى النصح خاصة إذا ترتب عليه إنقاذ مؤمن من الهلاك.
نەسىھەت قىلىش بىر مۇئمىننى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشقا سەۋەب بولىدىغان ئىش بولسا دەرھال نەسىھەت قىلىش مۇھىمدۇر.

• وجوب اتخاذ أسباب النجاة، والالتجاء إلى الله بالدعاء.
قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلىش ھەمدە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش ۋاجىبتۇر.

وَلَمَّا تَوَجَّهَ تِلۡقَآءَ مَدۡيَنَ قَالَ عَسَىٰ رَبِّيٓ أَن يَهۡدِيَنِي سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ
ئۇ مەديەن تەرەپكە قاراپ ماڭغان چاغدا: پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن، ئاندىن مەن توغرا يولدىن ئېزىپ كەتمەيمەن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
وَلَمَّا وَرَدَ مَآءَ مَدۡيَنَ وَجَدَ عَلَيۡهِ أُمَّةٗ مِّنَ ٱلنَّاسِ يَسۡقُونَ وَوَجَدَ مِن دُونِهِمُ ٱمۡرَأَتَيۡنِ تَذُودَانِۖ قَالَ مَا خَطۡبُكُمَاۖ قَالَتَا لَا نَسۡقِي حَتَّىٰ يُصۡدِرَ ٱلرِّعَآءُۖ وَأَبُونَا شَيۡخٞ كَبِيرٞ
مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ بېشىدا چارۋىلىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى ئۇچراتتى، ئۇلاردىن سەل ئارقىدىراق ئىككى ئايالمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تاكى ئەرلەر چارۋىلىرىنى سۇغىرىپ بولغىچە قويلىرىنى سۇدىن توسۇپ تۇراتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەرگە نېمە بولدى؟ (قويلىرىڭلارنى) باشقىلار بىرگە سۇغارمامسىلەر؟ دېدى. ئۇلار مۇساغا: بىزنىڭ ئادىتىمىزدە ئاياللار ئەرلەرگە ئارىلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن تاكى ئەر پادىچىلار قايتىپ كەتكەنگە قەدەر ماللىرىمىزنى سۇغىرىشقا ئالدىرىمايمىز. دادىمىز ياشىنىپ قالغان بوۋاي بولغاچقا، چارۋىلارنى سۇغىرالمايدۇ. شۇڭا ئامالسىزلىقتىن قويلىرىمىزنى ئۆزىمىز سۇغىرىشقا مەجبۇرمىز، دېيىشتى.
અરબી તફસીરો:
فَسَقَىٰ لَهُمَا ثُمَّ تَوَلَّىٰٓ إِلَى ٱلظِّلِّ فَقَالَ رَبِّ إِنِّي لِمَآ أَنزَلۡتَ إِلَيَّ مِنۡ خَيۡرٖ فَقِيرٞ
مۇسانىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىپ بەرگەندىن كېيىن بىر سايىنىڭ ئاستىغا بېرىپ ئارام ئالغاچ پەرۋەردىگارىغا ھال ئېيتىپ: ئەي رەببىم! ماڭا نېمىنى چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، مەن شۇنىڭغا موھتاج، دەپ دۇئا قىلدى.
અરબી તફસીરો:
فَجَآءَتۡهُ إِحۡدَىٰهُمَا تَمۡشِي عَلَى ٱسۡتِحۡيَآءٖ قَالَتۡ إِنَّ أَبِي يَدۡعُوكَ لِيَجۡزِيَكَ أَجۡرَ مَا سَقَيۡتَ لَنَاۚ فَلَمَّا جَآءَهُۥ وَقَصَّ عَلَيۡهِ ٱلۡقَصَصَ قَالَ لَا تَخَفۡۖ نَجَوۡتَ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ
ھېلىقى ئىككى ئايال قايتىپ كېلىپ، دادىسىغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋېدى، دادىسى ئۇلارنىڭ بىرىنى مۇسانى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن كېلىپ: دادام سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ، ئۇ سىزنىڭ قويلىرىمىزنى سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭىزنىڭ ھەققىنى بەرمەكچى، دېدى. مۇسا ئۇلارنىڭ دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇ كىشى مۇسانىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇپ: ئەنسىرىمىگىن، ئەمدى زالىم پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن قۇتۇلدۇڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەديەنگە كۈچى يەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، دېدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَتۡ إِحۡدَىٰهُمَا يَٰٓأَبَتِ ٱسۡتَـٔۡجِرۡهُۖ إِنَّ خَيۡرَ مَنِ ٱسۡتَـٔۡجَرۡتَ ٱلۡقَوِيُّ ٱلۡأَمِينُ
ئىككى قىزنىڭ بىرى: ئى ئاتا! بۇ كىشىنى قويلىرىمىزنى بېقىشقا سالغىن، ئۇ سېنىڭ ئىشلىتىشىڭگە ئەڭ لايىق كىشى. چۈنكى ئۇ ھەم كۈچلۈك، ھەم ئامانەتچان ئىكەن. كۈچى بىلەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسا، ئامانەتچانلىقى بىلەن ئامانەتنى جايىدا ساقلايدۇ، دېدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَ إِنِّيٓ أُرِيدُ أَنۡ أُنكِحَكَ إِحۡدَى ٱبۡنَتَيَّ هَٰتَيۡنِ عَلَىٰٓ أَن تَأۡجُرَنِي ثَمَٰنِيَ حِجَجٖۖ فَإِنۡ أَتۡمَمۡتَ عَشۡرٗا فَمِنۡ عِندِكَۖ وَمَآ أُرِيدُ أَنۡ أَشُقَّ عَلَيۡكَۚ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئۇلارنىڭ ئاتىسى (يەنى شۇئەيب) مۇساغا: سېنىڭ قويلىرىمىزنى سەككىز يىل بېقىپ بېرىشىڭ بەدىلىگە بۇ ئىككى قىزىمدىن بىرىنى ساڭا نىكاھلاپ بەرسەم دەيمەن. ئەگەر ئون يىلنى تۇشقۇزۇۋەتسەڭمۇ ئىختىيارىڭ، ئەمما مەجبۇرىي ئەمەس. چۇنكى كېلىشىم سەككىز يىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقى ئىختىيارىيدۇر. مەن سېنى جاپاغا سېلىشنى خالىمايمەن. -ئاللاھ خالىسا- كەلگۈسىدە مېنىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلىدىغان، ۋەدىنى بۇزمايدىغان سالىھلاردىن بىرى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَ ذَٰلِكَ بَيۡنِي وَبَيۡنَكَۖ أَيَّمَا ٱلۡأَجَلَيۡنِ قَضَيۡتُ فَلَا عُدۡوَٰنَ عَلَيَّۖ وَٱللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٞ
مۇسا ئېيتتى: بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى توختامدۇر، مەن ئىككى مۇددەتنىڭ (يەنى سەككىز يىل ياكى ئون يىلنىڭ) قايسىسىنى توشقۇزسام مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلغان بولىمەن، شۇڭا ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويمىغىن، ئاللاھ بىزنىڭ كېلىشىمىمىزگە ئىگە بولغۇچىدۇر، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الالتجاء إلى الله طريق النجاة في الدنيا والآخرة.
ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قۇتۇلۇش يولىدۇر.

• حياء المرأة المسلمة سبب كرامتها وعلو شأنها.
مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھايالىق بولۇشى ئۇنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەم مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• مشاركة المرأة بالرأي، واعتماد رأيها إن كان صوابًا أمر محمود.
ئاياللارنىڭمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇشى ھەمدە ئورۇنلۇق پىكىر بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرۈش ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئىشتۇر.

• القوة والأمانة صفتا المسؤول الناجح.
كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئامانەتچانلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان رەھبەرنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

• جواز أن يكون المهر منفعة.
ئاياللارنىڭ تويلۇق مەھرى "پايدىلىنىش" بولسىمۇ بولىدۇ.

۞ فَلَمَّا قَضَىٰ مُوسَى ٱلۡأَجَلَ وَسَارَ بِأَهۡلِهِۦٓ ءَانَسَ مِن جَانِبِ ٱلطُّورِ نَارٗاۖ قَالَ لِأَهۡلِهِ ٱمۡكُثُوٓاْ إِنِّيٓ ءَانَسۡتُ نَارٗا لَّعَلِّيٓ ءَاتِيكُم مِّنۡهَا بِخَبَرٍ أَوۡ جَذۡوَةٖ مِّنَ ٱلنَّارِ لَعَلَّكُمۡ تَصۡطَلُونَ
مۇسا كېلىشكەن ئىككى مۇددەتنىڭ تولۇقراقى بولغان ئون يىلنى تۇشقۇزۇپ، ئائىلىسنى ئېلىپ مەديەندىن مىسىرغا قاراپ ماڭغان چاغدا تۇر تېغى تەرەپتە بىر ئوت كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: (مۇشۇ يەردە) تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن بىر ئوت كۆردۈم، بەلكىم مەن ئاشۇ يەردىن سىلەرگە بىرەر خەۋەر ياكى سىلەرنىڭ سوغۇقتىن ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم مۇمكىن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّآ أَتَىٰهَا نُودِيَ مِن شَٰطِيِٕ ٱلۡوَادِ ٱلۡأَيۡمَنِ فِي ٱلۡبُقۡعَةِ ٱلۡمُبَٰرَكَةِ مِنَ ٱلشَّجَرَةِ أَن يَٰمُوسَىٰٓ إِنِّيٓ أَنَا ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مۇسا (يىراقتىن) كۆرگەن ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدى، بۇ ئاللاھ تائالا مۇساغا گەپ قىلىش ئارقىلىق بەرىكەتلىك قىلغان جاي بولۇپ، (شۇ جايدىكى) دەرەختىن مۇنداق نىدا كەلدى: ئەي مۇسا! شەكسىزكى مەن پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ بولىمەن.
અરબી તફસીરો:
وَأَنۡ أَلۡقِ عَصَاكَۚ فَلَمَّا رَءَاهَا تَهۡتَزُّ كَأَنَّهَا جَآنّٞ وَلَّىٰ مُدۡبِرٗا وَلَمۡ يُعَقِّبۡۚ يَٰمُوسَىٰٓ أَقۡبِلۡ وَلَا تَخَفۡۖ إِنَّكَ مِنَ ٱلۡأٓمِنِينَ
ھاساڭنى تاشلىغىن. مۇسا پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ھاسىنى تاشلىدى. مۇسا ھاسىنىڭ بىردىنلا ھەرىكەتلىنىپ، گويا ئەجدىھادەك تېز تەۋرىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىيالمىدى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدى: ئەي مۇسا! ئالدىڭنى قىلغىن، قورقما. چۈنكى سەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭدىن ۋە باشقا ھەر قانداق قورقۇنچلۇق نەرسىدىن قورقمايدىغانلاردىن سەن.
અરબી તફસીરો:
ٱسۡلُكۡ يَدَكَ فِي جَيۡبِكَ تَخۡرُجۡ بَيۡضَآءَ مِنۡ غَيۡرِ سُوٓءٖ وَٱضۡمُمۡ إِلَيۡكَ جَنَاحَكَ مِنَ ٱلرَّهۡبِۖ فَذَٰنِكَ بُرۡهَٰنَانِ مِن رَّبِّكَ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦٓۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
ئوڭ قولۇڭنى بويۇن تەرىپىڭدىن قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ. مۇسا دەرھال ئوڭ قولىنى قوينىغا كىرگۈزۈۋېدى، قاردەك ئاپئاق بولۇپ چىقتى. قورقۇنچتىن تىنچلىنىش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆكسۈڭگە قويغىن. مۇسا قولىنى كۆكسىگە قويۇۋېدى، دەرھال قورقۇنچ يوقالدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھاسا بىلەن قول پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىلىرىغا ئەۋەتىلگەن دەلىل - پاكىتلاردۇر. ھەقىقەتەن ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەت ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى قەۋم ئىدى.
અરબી તફસીરો:
قَالَ رَبِّ إِنِّي قَتَلۡتُ مِنۡهُمۡ نَفۡسٗا فَأَخَافُ أَن يَقۡتُلُونِ
مۇسا پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ ئېيتتى: مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېنىغا سەن تاپشۇرغان ۋەزىپىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بارسام، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
અરબી તફસીરો:
وَأَخِي هَٰرُونُ هُوَ أَفۡصَحُ مِنِّي لِسَانٗا فَأَرۡسِلۡهُ مَعِيَ رِدۡءٗا يُصَدِّقُنِيٓۖ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يُكَذِّبُونِ
قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى ماڭا ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، ئەگەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى مېنى ئىنكار قىلىپ قالسا، ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى قۇۋۋەتلەيدۇ. مەن ھەقىقەتەن مەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭمۇ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
અરબી તફસીરો:
قَالَ سَنَشُدُّ عَضُدَكَ بِأَخِيكَ وَنَجۡعَلُ لَكُمَا سُلۡطَٰنٗا فَلَا يَصِلُونَ إِلَيۡكُمَا بِـَٔايَٰتِنَآۚ أَنتُمَا وَمَنِ ٱتَّبَعَكُمَا ٱلۡغَٰلِبُونَ
ئاللاھ مۇسانىڭ ئىلتىجاسىغا جاۋابەن: ئى مۇسا! بىز قېرىندىشىڭنى ساڭا ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق چوقۇم سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارغا دەلىل - پاكىت ئاتا قىلىمىز. ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ئىككىڭلار ۋە سىلەرگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر بىز سىلەر بىلەن بىرگە ئەۋەتكەن ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، دېدى.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• الوفاء بالعقود شأن المؤمنين.
كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش مۇئمىننىڭ ئىشىدۇر.

• تكليم الله لموسى عليه السلام ثابت على الحقيقة.
ئاللاھنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلغانلىقى ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن ۋەقەلىكتۇر.

• حاجة الداعي إلى الله إلى من يؤازره.
ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى قوللىغۇچىغا موھتاج.

• أهمية الفصاحة بالنسبة للدعاة.
دەۋەتچىگە نىسبەتەن تىلىنىڭ پاساھەتلىك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

فَلَمَّا جَآءَهُم مُّوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَا بَيِّنَٰتٖ قَالُواْ مَا هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّفۡتَرٗى وَمَا سَمِعۡنَا بِهَٰذَا فِيٓ ءَابَآئِنَا ٱلۡأَوَّلِينَ
مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار: بۇ پەقەت مۇسا ئويدۇرۇپ چىققان يالغاندۇر، بىز ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق، دېيىشتى.
અરબી તફસીરો:
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبِّيٓ أَعۡلَمُ بِمَن جَآءَ بِٱلۡهُدَىٰ مِنۡ عِندِهِۦ وَمَن تَكُونُ لَهُۥ عَٰقِبَةُ ٱلدَّارِۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ
مۇسا پىرئەۋنگە: پەرۋەردىگارىم ئۆز دەرگاھىدىن كىمنىڭ توغرا يول ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئاخىرەتتە ماختاشقا سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. زالىملار مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ، دېدى.
અરબી તફસીરો:
وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَأُ مَا عَلِمۡتُ لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرِي فَأَوۡقِدۡ لِي يَٰهَٰمَٰنُ عَلَى ٱلطِّينِ فَٱجۡعَل لِّي صَرۡحٗا لَّعَلِّيٓ أَطَّلِعُ إِلَىٰٓ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُۥ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
پىرئەۋن قەۋمىنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە: ئەي كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ ئۇنى بىلىپ قالسام ئەجەب ئەمەس. مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ ئۆزىنى ئاللاھ تەرەپتىن ماڭا ۋە قەۋمىمگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغانلىقىدا يالغانچى دەپ ئويلايمەن، دېدى.
અરબી તફસીરો:
وَٱسۡتَكۡبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُۥ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ إِلَيۡنَا لَا يُرۡجَعُونَ
پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرى تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ، مىسىردا ناھەق چوڭچىلىق قىلدى، قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى، ئۆزلىرىنى قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشتى.
અરબી તફસીરો:
فَأَخَذۡنَٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلظَّٰلِمِينَ
بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى جازالاپ، دېڭىزغا تاشلىدۇق، نەتىجىدە ئۇلار تەلتۆكۈس ھالاك بولدى. ئەي پەيغەمبەر! زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلىنىپ باققىن. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەزەلدىن ھالاكەت بولۇپ كەلدى.
અરબી તફસીરો:
وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلنَّارِۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا يُنصَرُونَ
ئۇلارنى بىز دوزاخقا چاقىرىدىغان تەكەببۇر، ئازغۇنلارنىڭ ئاتامانى قىلدۇق، چۈنكى ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇققا تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا ئۆزلىرى يولغا قويغان ھەر بىر يامان يول ھەمدە چاقىرغان ھەر بىر ئازغۇنلۇق ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرى قىلغان يامان ئەمەلنىڭ گۇناھى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئەگىشىپ شۇ يامانلىقنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىمۇ قوشۇپ يېزىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَأَتۡبَعۡنَٰهُمۡ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا لَعۡنَةٗۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ هُم مِّنَ ٱلۡمَقۡبُوحِينَ
بىز ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاش ئۈچۈن مۇشۇ دۇنيادىلا خار ۋە لەنەتكەردە قىلدۇق. ئۇلار قىيامەت كۈنىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىپ، ئەيىبكە دۇچار بولغۇچىلاردۇر.
અરબી તફસીરો:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ مِنۢ بَعۡدِ مَآ أَهۡلَكۡنَا ٱلۡقُرُونَ ٱلۡأُولَىٰ بَصَآئِرَ لِلنَّاسِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لَّعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
شۈبھىسىزكى، بىز ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئەۋەتكەندىن كېيىن مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەرنى ئۈممەتلىرى ئىنكار قىلغاندا بىز ئۇلارنى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق. تەۋراتتا ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغاننى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشىغا، زىيانلىق بولغاننى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇنى تاشلىشىغا ياردىمى بولىدىغان، ئۇلارنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتلەر بار. ئۇنىڭدا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرى بولغان رەھمەتتۇر. ئۈمىدكى ئۇلار ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىپ، ئىمان ئېيتقاي.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• رَدُّ الحق بالشبه الواهية شأن أهل الطغيان.
ئاجىز گۇمان بىلەن ھەقىقەتنى رەت قىلىش تەكەببۇرلارنىڭ ئىشىدۇر.

• التكبر مانع من اتباع الحق.
تەكەببۇرلۇق ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن توسۇپ قالىدۇ.

• سوء نهاية المتكبرين من سنن رب العالمين.
تەكەببۇرلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• للباطل أئمته ودعاته وصوره ومظاهره.
ئاساسسىز ساختىلىقنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق يولباشچىلىرى، تەشۋىقاتچىلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە شەكىللىرى بار.

وَمَا كُنتَ بِجَانِبِ ٱلۡغَرۡبِيِّ إِذۡ قَضَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَى ٱلۡأَمۡرَ وَمَا كُنتَ مِنَ ٱلشَّٰهِدِينَ
ئەي پەيغەمبەر! تۇر تېغىنىڭ مۇساغا نىسبەتەن غەرب تەرىپىدە سەن يوق ئىدىڭ، ئۇ چاغدا بىز مۇسانى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە ئەۋەتىش ھەققىدىكى ئەمرىمىزنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن ئىدۇق. سېنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتىڭ بولۇپ، ئۇنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇ جايغا كەلگەنلەردىن ئەمەسسەن. سەن ئۇلارغا دەپ بېرىۋاتقان ۋەقە ئاللاھنىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغانلىرىدىندۇر.
અરબી તફસીરો:
وَلَٰكِنَّآ أَنشَأۡنَا قُرُونٗا فَتَطَاوَلَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡعُمُرُۚ وَمَا كُنتَ ثَاوِيٗا فِيٓ أَهۡلِ مَدۡيَنَ تَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِنَا وَلَٰكِنَّا كُنَّا مُرۡسِلِينَ
بىز مۇسادىن كېيىن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى پەيدا قىلدۇق، ئۇلار ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇدى. سەن مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىپ تۇرغىنىڭ يوق. لېكىن بىز سېنى دەرگاھىمىزدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، شۇنداقلا ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرىنى ۋە ئۇنىڭ مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە تۇرغىنىنى ۋەھىي قىلدۇق، سەن پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھ ۋەھىي قىلغاننىلا ئېيتىپ بەردىڭ.
અરબી તફસીરો:
وَمَا كُنتَ بِجَانِبِ ٱلطُّورِ إِذۡ نَادَيۡنَا وَلَٰكِن رَّحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوۡمٗا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٖ مِّن قَبۡلِكَ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
باشقىلارغا دەپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا نىدا قىلىپ، ۋەھىي قىلغان چېغىمىزدا سەن ئۇ يەردە يوق ئىدىڭ. لېكىن بىز سېنى پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كىشىلەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق. بىزنىڭ ساڭا بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ۋەھىي قىلىشىمىز، سەندىن ئىلگىرى قەۋمىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشىنى، ئاندىن ئۇ پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىن ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئىدى.
અરબી તફસીરો:
وَلَوۡلَآ أَن تُصِيبَهُم مُّصِيبَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ فَيَقُولُواْ رَبَّنَا لَوۡلَآ أَرۡسَلۡتَ إِلَيۡنَا رَسُولٗا فَنَتَّبِعَ ءَايَٰتِكَ وَنَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ناۋادا ئۇلارغا كۇپرىسى ۋە گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر ئىلاھىي ئازاب كەلسە، ئۇلار ئۆزلىرىگە ھېچقانداق پەيغەمبەر ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ: «بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ناۋادا ئۇلار مۇشۇنى باھانە قىلىدىغان ئىش بولمىسا ئىدى، بىز ئۇلارنى ئالدىراپ جازالايتتۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە كۆرسىتىشىگە يوچۇق قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇلاردىن ئازابنى كېچىكتۈردۇق.
અરબી તફસીરો:
فَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلۡحَقُّ مِنۡ عِندِنَا قَالُواْ لَوۡلَآ أُوتِيَ مِثۡلَ مَآ أُوتِيَ مُوسَىٰٓۚ أَوَلَمۡ يَكۡفُرُواْ بِمَآ أُوتِيَ مُوسَىٰ مِن قَبۡلُۖ قَالُواْ سِحۡرَانِ تَظَٰهَرَا وَقَالُوٓاْ إِنَّا بِكُلّٖ كَٰفِرُونَ
مۇھەممەد قۇرەيشلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبەرلىك ئېلىپ كەلگەن چاغدا ئۇلار يەھۇدىيلاردىن بۇ ھەقتە سورىغان بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۇلارغا مۇشۇنداق باھانە كۆرسىتىشنى ئۆگەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: نېمىشقا مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان مۆجىزىلەردىن مۇساغا بېرىلگەن نۇرلۇق قول ۋە ھاسىغا ئوخشاش بىرەر مۆجىزە بېرىلمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: يەھۇدىيلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار تەۋرات ۋە قۇرئان ھەققىدە: تەۋرات بىلەن قۇرئان بىر - بىرىنى كۈچەيتىدىغان سېھىردۇر، بىز ھەقىقەتەن تەۋرات ۋە قۇرئاندىن ھەر بىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز، دېيىشتى.
અરબી તફસીરો:
قُلۡ فَأۡتُواْ بِكِتَٰبٖ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ هُوَ أَهۡدَىٰ مِنۡهُمَآ أَتَّبِعۡهُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر تەۋرات بىلەن قۇرئان سېھىردۇر، دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، تەۋرات ۋە قۇرئاندىنمۇ توغرىراق، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بىرەر كىتابنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار. ئەگەر كەلتۈرەلىسەڭلار مەن شۇنىڭغا ئەگىشەي.
અરબી તફસીરો:
فَإِن لَّمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَكَ فَٱعۡلَمۡ أَنَّمَا يَتَّبِعُونَ أَهۡوَآءَهُمۡۚ وَمَنۡ أَضَلُّ مِمَّنِ ٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ بِغَيۡرِ هُدٗى مِّنَ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئەگەر قۇرەيشلەر تەۋرات بىلەن قۇرئاندىنمۇ توغرىراق بىرەر كىتاب كەلتۈرۈشتە سېنىڭ تەلىپىڭنى ئورۇندىيالمىسا، ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى كىتابنى ئىنكار قىلىشى تامامەن ئاساسسىز بولۇپ، بۇنىڭ پەقەت ھاۋايى - ھەۋەسكە ئەگىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىگە چىن پۈتكىن. ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن توغرا يولنى قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھاۋايى - ھەۋىسىنىڭ كەينىگە كىرگەن ئادەمدىنمۇ ئازغۇنراق بىرى يوق. شەكسىزكى ئاللاھ كۇپۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• نفي علم الغيب عن رسول الله صلى الله عليه وسلم إلَّا ما أطلعه الله عليه.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەندىن باشقا غەيبنى بىلمەيدۇ.

• اندراس العلم بتطاول الزمن.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىلىم ئۆچۈپ كېتىدۇ.

• تحدّي الكفار بالإتيان بما هو أهدى من وحي الله إلى رسله.
ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەھىيسىدىنمۇ توغرىراق نەرسىنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق كاپىرلارغا جەڭ ئېلان قىلىشقا بولىدۇ.

• ضلال الكفار بسبب اتباع الهوى، لا بسبب اتباع الدليل.
كاپىرلارنىڭ ئازغۇنلۇقى دەلىلگە ئاساسلانغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرگەنلىكىدىندۇر.

۞ وَلَقَدۡ وَصَّلۡنَا لَهُمُ ٱلۡقَوۡلَ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
مۇشرىكلار بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان يەھۇدىيلارغا ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ قىسسەلىرى، شۇنداقلا ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان چاغدا بېشىغا كەلگەن ئازابلار ھەققىدە ئارقىمۇئارقا مەلۇمات بەردۇق. (بۇنداق قىلىشىمىز) ئۇلارنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىپ، ئىمان ئېيتىشلىرى ئۈچۈن، نىھايەت ئۇلارغىمۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب كەپقالماسلىقى ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ مِن قَبۡلِهِۦ هُم بِهِۦ يُؤۡمِنُونَ
قۇرئان نازىل بولۇشتىن بۇرۇن تەۋراتقا بولغان ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرغانلار قۇرئانغىمۇ ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابىدا قۇرئان ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى بىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَإِذَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِهِۦٓ إِنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّنَآ إِنَّا كُنَّا مِن قَبۡلِهِۦ مُسۡلِمِينَ
ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىلسە: بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان، شەكسىز ھەقىقەتتۇر. بىز بۇ قۇرئان نازىل بولۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇسۇلمان ئىدۇق، چۈنكى بىز ئۇنىڭدىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتقان ئىدۇق، دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
أُوْلَٰٓئِكَ يُؤۡتَوۡنَ أَجۡرَهُم مَّرَّتَيۡنِ بِمَا صَبَرُواْ وَيَدۡرَءُونَ بِٱلۡحَسَنَةِ ٱلسَّيِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابىغا بولغان ئىمانىدىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭغا بولغان ئىمانىدىمۇ مۇستەھكەم تۇردى. ئۇلار ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق قىلىپ سالغان گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ، بىز بەرگەن رىزىقلاردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَإِذَا سَمِعُواْ ٱللَّغۡوَ أَعۡرَضُواْ عَنۡهُ وَقَالُواْ لَنَآ أَعۡمَٰلُنَا وَلَكُمۡ أَعۡمَٰلُكُمۡ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡ لَا نَبۡتَغِي ٱلۡجَٰهِلِينَ
ئەھلى كىتابتىن بولغان بۇ مۇئمىنلەر بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغان چاغدا پەرۋا قىلماستىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ گەپنى دېگۈچىلەرگە: بىز ئەمەللىرىمىزنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزىمىز كۆرىمىز، سىلەرمۇ ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر. بىز سىلەرنى تىللاپ، ئازار بەرمەيمىز. دىنىمىز ۋە دۇنيايىمىزغا زىيىنى بولغاچقا نادانلار بىلەنمۇ ھەمسۆھبەت بولمايمىز، دەيدۇ.
અરબી તફસીરો:
إِنَّكَ لَا تَهۡدِي مَنۡ أَحۡبَبۡتَ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ
ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى، سەن ئەبۇ تالىب ۋە شۇنىڭدەك ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن يەككە - يېگانە ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئۇ ئۆز ئىلمى ئەزەلىيسىدە كىمنىڭ توغرا يول تاپالايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَقَالُوٓاْ إِن نَّتَّبِعِ ٱلۡهُدَىٰ مَعَكَ نُتَخَطَّفۡ مِنۡ أَرۡضِنَآۚ أَوَلَمۡ نُمَكِّن لَّهُمۡ حَرَمًا ءَامِنٗا يُجۡبَىٰٓ إِلَيۡهِ ثَمَرَٰتُ كُلِّ شَيۡءٖ رِّزۡقٗا مِّن لَّدُنَّا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
مەككىلىك مۇشرىكلار ئىسلامغا كىرىپ، ئىمان ئېيتماسلىققا باھانە كۆرسىتىپ: ئەگەر بىز سەن ئېلىپ كەلگەن بۇ دىنغا ئەگەشسەك دۈشمەنلىرىمىز بىزدىن زېمىنىمىزنى تېزلا تارتىۋالىدۇ، دېيىشتى. بىز ئۇلارنى قان تۆكۈش ۋە زۇلۇم قىلىش چەكلەنگەن ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟ ئۇلار ھەرەمدە باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن خاتىرجەم ياشاۋاتمامدۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك - تۈمەن مېۋىلەر ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئۇ مېۋىلەرنى بىز ئۆز دەرگاھىمىزدىن رىزىق قىلىپ كەلتۈرۈپ بەردۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرنى تونۇپ، ئۇنىڭغا شۈكرى قىلمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِن قَرۡيَةِۭ بَطِرَتۡ مَعِيشَتَهَاۖ فَتِلۡكَ مَسَٰكِنُهُمۡ لَمۡ تُسۡكَن مِّنۢ بَعۡدِهِمۡ إِلَّا قَلِيلٗاۖ وَكُنَّا نَحۡنُ ٱلۡوَٰرِثِينَ
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۆمگەن يۇرت ئاھالىسى نېمىدېگەن كۆپ - ھە! بىز ئۇلارغا ئازاب ئەۋەتىپ ھالاك قىلدۇق. ئەنە ئاشۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغىمۇ ئاللىبۇرۇن ئۈزۈلگەن، ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىسىدىن كېيىن بىر قىسىم يولۇچىلار ئازغىنە ۋاقىت تۇرغاندىن باشقا ھېچكىم تۇرۇپ باققىنىمۇ يوق. بىز ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ۋارىسلىق قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
وَمَا كَانَ رَبُّكَ مُهۡلِكَ ٱلۡقُرَىٰ حَتَّىٰ يَبۡعَثَ فِيٓ أُمِّهَا رَسُولٗا يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِنَاۚ وَمَا كُنَّا مُهۡلِكِي ٱلۡقُرَىٰٓ إِلَّا وَأَهۡلُهَا ظَٰلِمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ چوڭ يۇرتلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق يۇرت ئاھالىسىگە كەڭچىلىق قىلماي تۇرۇپ يۇرتلارنى ھالاك قىلغۇچى بولمىدى، شۇنداقلا ئۇ سېنى يۇرتلارنىڭ مەركىزى بولغان مەككىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. بىز ھېچقانداق يۇرت ئاھالىسىنى ئۇلار ھەقىقەت ئۈستىدە تۇرغان ھالەتلىرىدە ھالاك قىلمىدۇق، پەقەت بىز ئۇلارنى كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئارقىلىق زالىم بولغان چاغدىلا ھالاك قىلدۇق.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• فضل من آمن من أهل الكتاب بالنبي محمد صلى الله عليه وسلم، وأن له أجرين.
بۇ ئايەتلەر ئەھلى كىتاب ئىچىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان كىشىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا قوش ئەجىر بېرىلدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

• هداية التوفيق بيد الله لا بيد غيره من الرسل وغيرهم.
ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش پەقەت ئاللاھنىڭ قۇلىدىدۇر، ئاللاھتىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ، باشقىلارنىڭمۇ قولىدا ئەمەس.

• اتباع الحق وسيلة للأمن لا مَبْعث على الخوف كما يدعي المشركون.
ھەقىقەتكە ئەگىشىش مۇشرىكلار دەۋا قىلغىنىدەك قورقۇنچقا ئەمەس، بەلكى خاتىرجەملىككە ۋەسىيلە بولىدۇ.

• خطر الترف على الفرد والمجتمع.
كۆرەڭلەش شەخسكىمۇ، جەمئىيەتكىمۇ خەتەرلىكتۇر.

• من رحمة الله أنه لا يهلك الناس إلا بعد الإعذار إليهم بإرسال الرسل.
ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق كەڭچىلىك قىلماي تۇرۇپ ھالاك قىلماسلىقى ئۇنىڭ رەھمىتىدىندۇر.

وَمَآ أُوتِيتُم مِّن شَيۡءٖ فَمَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَزِينَتُهَاۚ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
ئاللاھ تائالا سىلەرگە نېمىلا بەرمىسۇن، ئۇ سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان نەرسىلەردۇر،ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى كاتتا ساۋاب - مۇكاپاتلار دۇنيانىڭ نازۇنېئمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىدىن كۆپ ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈلۈكتۇر. شۇڭا سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ، ئۆتكۈنچى مەنپەئەتنى قويۇپ، مەڭگۈ يوقالمايدىغان نېئمەتنى تاللىمامسىلەر؟
અરબી તફસીરો:
أَفَمَن وَعَدۡنَٰهُ وَعۡدًا حَسَنٗا فَهُوَ لَٰقِيهِ كَمَن مَّتَّعۡنَٰهُ مَتَٰعَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا ثُمَّ هُوَ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ مِنَ ٱلۡمُحۡضَرِينَ
بىز ئاخىرەتتە جەننەتنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈزۈلمەس نېئمەتلەرنى ۋەدە قىلغان ئادەم بىلەن، دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان مال - دۇنيا ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى بەرگەن، ئاندىن قىيامەت كۈنى جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟.
અરબી તફસીરો:
وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ فَيَقُولُ أَيۡنَ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ
ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارى ئۇلارغا: سىلەر مېنى قويۇپ چوقۇنغان ھەمدە ئۇلارنىڭ مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان شېرىكلىرىم قەيەردە؟ دەپ نىدا قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
قَالَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ رَبَّنَا هَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَغۡوَيۡنَآ أَغۡوَيۡنَٰهُمۡ كَمَا غَوَيۡنَاۖ تَبَرَّأۡنَآ إِلَيۡكَۖ مَا كَانُوٓاْ إِيَّانَا يَعۡبُدُونَ
كۇپرىغا چاقىرغۇچىلاردىن ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار: ئەي رەببىمىز! بىز ئۆزىمىز ئازغۇن بولغاچقا ئۇلارنى ئازدۇرۇپتۇق، ئەمدى ئۇلاردىن يىراقلىشىپ ساڭا يېقىنلاشتۇق. ئۇلار بىزگە چوقۇنمايتتى، پەقەتلا شەيتانلارغا چوقۇناتتى، دېيىشىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَقِيلَ ٱدۡعُواْ شُرَكَآءَكُمۡ فَدَعَوۡهُمۡ فَلَمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَهُمۡ وَرَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَۚ لَوۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ يَهۡتَدُونَ
ئۇلارغا: شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، سىلەرنى دۇچار بولغان بۇ خارلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن، دېيىلگىنىدە ئۇلار شېرىكلىرىنى چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن ھېچقانداق سادا كەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان ئازابنى كۆرگىنىدە دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ فَيَقُولُ مَاذَآ أَجَبۡتُمُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارى ئۇلارغا: مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمگە قانداق جاۋاب بەرگەن ئىدىڭلار؟ دەپ نىدا قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَعَمِيَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَنۢبَآءُ يَوۡمَئِذٖ فَهُمۡ لَا يَتَسَآءَلُونَ
ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن باھانە - سەۋەبلىرى ئۇلارغا مەخپىي بولۇپ، ھېچ نەرسىنى ئەسلىيەلمەيدۇ، بىر - بىرىدىنمۇ سورىشالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار كۈتۈلمىگەن ئالاقىزادىلىك ئىچىدە بولۇپ، ئۆزلىرى دۇچار بولغان ئازابقا چىن پۈتمەيتتى.
અરબી તફસીરો:
فَأَمَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَعَسَىٰٓ أَن يَكُونَ مِنَ ٱلۡمُفۡلِحِينَ
بۇ مۇشرىكلار ئىچىدىن كۇپرىسىدىن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، بۇلار كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىپ، ئەنسىز ئاقىۋەتتىن قۇتۇلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر.
અરબી તફસીરો:
وَرَبُّكَ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُ وَيَخۡتَارُۗ مَا كَانَ لَهُمُ ٱلۡخِيَرَةُۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى ئۆز ئىتائىتىگە ۋە پەيغەمبەرلىكىگە تاللايدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھقا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى يوق. ئاللا ئۇلار چوقۇنۇۋاتقان شېرىكلەردىن پاكتۇر ۋە مۇقەددەستۇر.
અરબી તફસીરો:
وَرَبُّكَ يَعۡلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمۡ وَمَا يُعۡلِنُونَ
پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنىمۇ، ئاشكارا قىلغانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَهُوَ ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ لَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلۡأُولَىٰ وَٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَهُ ٱلۡحُكۡمُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئۇ ئاللاھ تائالادۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق، بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ بارلىق ھەمدۇسانا يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، چوقۇم ئىجرا بولىدىغان، ئەمەلدىن قالمايدىغان ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يەككە - يېگانە ئاللاھ تەرىپىگە قايتۇرۇلىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• العاقل من يؤثر الباقي على الفاني.
ئەقىللىق ئادەم ئۆتكۈنچى نەرسىنى ئەمەس، مەڭگۈلۈكنى تاللايدۇ.

• التوبة تَجُبُّ ما قبلها.
تەۋبە ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يوق قىلىۋېتىدۇ.

• الاختيار لله لا لعباده، فليس لعباده أن يعترضوا عليه.
تاللاش ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بولمايدۇ.

• إحاطة علم الله بما ظهر وما خفي من أعمال عباده.
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ئاشكارىنىمۇ، يوشۇرۇننىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ.

قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن جَعَلَ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمُ ٱلَّيۡلَ سَرۡمَدًا إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَنۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَأۡتِيكُم بِضِيَآءٍۚ أَفَلَا تَسۡمَعُونَ
ئى پەيغەمبەر، مۇشرىكلارغا ئيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلار! ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى داۋاملىق، ئىزچىل قىلىۋەتسە، تا قىيامەتكە قەدەر ئۈزلۈكسىز كېچە بولسا، سىلەرگە كۈندۈزنىڭ يورۇقىغا ئوخشاش يورۇقلۇق ئەكېلەلەيدىغان ئاللاھتىن باشقا بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ بۇ دەلىللەرنى ئاڭلاپ، سىلەرگە بۇنى ئەكېلەلەيدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى بىلمەمسىلەر؟
અરબી તફસીરો:
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن جَعَلَ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمُ ٱلنَّهَارَ سَرۡمَدًا إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَنۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَأۡتِيكُم بِلَيۡلٖ تَسۡكُنُونَ فِيهِۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلاغا ئېيتقىنكى، ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە كۈندۈزنى تا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىق سوزىدىغان بولسا، كۈندۈزدە ئىشلەپ چارچىغانلىقتىن ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەرىكەتتىن توختايدىغان كېچىنى ئەكېلەلەيدىغان ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بارمۇ؟ سىلەر شۇنچىۋالا مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى ئويلاپ يېتەلمەمسىلەر؟
અરબી તફસીરો:
وَمِن رَّحۡمَتِهِۦ جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ لِتَسۡكُنُواْ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ئى ئىنسانلار! كۈندۈزى ئىشلەپ چارچىغىنىڭلاردىن كېيىن ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ سىلەرگە كېچىنى قاراڭغۇ قىلىپ بەرگەنلىكى، رىزىق ئىزدەپ تىرىكچىلىك قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ بەرگەنلىكى ئۇنىڭ رەھىم - شەپقىتىدىندۇركى، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىپ، تۇزكورلۇق قىلمىغايسىلەر.
અરબી તફસીરો:
وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ فَيَقُولُ أَيۡنَ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ
ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارى ئۇلارغا: سىلەر مېنى قويۇپ چوقۇنغان ھەمدە مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ بىلجىرلىغان شېرىكلىرىم قېنى؟ دەپ نىدا قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَنَزَعۡنَا مِن كُلِّ أُمَّةٖ شَهِيدٗا فَقُلۡنَا هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡ فَعَلِمُوٓاْ أَنَّ ٱلۡحَقَّ لِلَّهِ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ
بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقلىرى ۋە ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر پەيغەمبەرنى چىقىرىمىز، ئاندىن ئاشۇ ئۈممەتلەرنىڭ ئىنكارچىلىرىغا: كۇپۇرلۇقۇڭلار ۋە ئىنكارىڭلارغا دەلىل - پاكىتلىرىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، دەيمىز. لېكىن ئۇلارنىڭ دەلىللىرى يوق چىقىدۇ. (بۇ چاغدا) ئۇلار شەكسىز ھەقىقەتنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا خاس ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان شېرىكلىرى ئاللىقاياقلارغا غايىب بولىدۇ.
અરબી તફસીરો:
۞ إِنَّ قَٰرُونَ كَانَ مِن قَوۡمِ مُوسَىٰ فَبَغَىٰ عَلَيۡهِمۡۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ مِنَ ٱلۡكُنُوزِ مَآ إِنَّ مَفَاتِحَهُۥ لَتَنُوٓأُ بِٱلۡعُصۡبَةِ أُوْلِي ٱلۡقُوَّةِ إِذۡ قَالَ لَهُۥ قَوۡمُهُۥ لَا تَفۡرَحۡۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡفَرِحِينَ
قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن بولۇپ، ئۆز قەۋمىگە يوغانچىلىق قىلدى. بىز قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەردۇقكى، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى كۆتۈرۈش كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ئېغىر كېلەتتى. ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: بەك كۆرەڭلەپ كەتمىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا غەزەب قىلىدۇ ۋە كۆرەڭلەپ كەتكىنىگە قارىتا ئۇلارنى جازالايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَٱبۡتَغِ فِيمَآ ءَاتَىٰكَ ٱللَّهُ ٱلدَّارَ ٱلۡأٓخِرَةَۖ وَلَا تَنسَ نَصِيبَكَ مِنَ ٱلدُّنۡيَاۖ وَأَحۡسِن كَمَآ أَحۡسَنَ ٱللَّهُ إِلَيۡكَۖ وَلَا تَبۡغِ ٱلۡفَسَادَ فِي ٱلۡأَرۡضِۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُفۡسِدِينَ
ئاللاھ ساڭا بەرگەن مال - مۈلۈكلەرنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتتىكى ساۋابنى كۆزلىگىن، ئىسراپ قىلماستىن ۋە چوڭچىلىق قىلماستىن يەپ - ئىچىش، كىيىم - كېچەك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن ئىبارەت نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ پەرۋەردىگارىڭ ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغىن، يەر يۈزىدە گۇناھ - مەئسىيەت ئۆتكۈزۈش ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى تاشلاش ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا غەزەب قىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• تعاقب الليل والنهار نعمة من نعم الله يجب شكرها له.
كېچە - كۈندۈزنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىش كېرەك.

• الطغيان كما يكون بالرئاسة والملك يكون بالمال.
ھەددىدىن ئېشىش ئەمەل - مەنسەپ سەۋەبلىك بولغىنىدەك مال - دۇنيا سەۋەبلىكمۇ بولىدۇ.

• الفرح بَطَرًا معصية يمقتها الله.
كۆرەڭلەش ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان گۇناھتۇر.

• ضرورة النصح لمن يُخاف عليه من الفتنة.
ئېزىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن كىشىگە نەسىھەت قىلىش زۆرۈردۇر.

• بغض الله للمفسدين في الأرض.
ئاللاھ يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ئۆچ كۆرىدۇ.

قَالَ إِنَّمَآ أُوتِيتُهُۥ عَلَىٰ عِلۡمٍ عِندِيٓۚ أَوَلَمۡ يَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ قَدۡ أَهۡلَكَ مِن قَبۡلِهِۦ مِنَ ٱلۡقُرُونِ مَنۡ هُوَ أَشَدُّ مِنۡهُ قُوَّةٗ وَأَكۡثَرُ جَمۡعٗاۚ وَلَا يُسۡـَٔلُ عَن ذُنُوبِهِمُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
قارۇن: مېنىڭ بىلىمىم ۋە لاياقىتىم بولغاچقا بۇ بايلىققا ئېرىشتىم، شۇڭا مەن بۇ بايلىقلارغا لايىق، دېدى. قارۇن ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك ۋە مال - دۇنيالىرى كۆپ بولغانلارنىمۇ ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ قىيامەن كۈنى گۇناھكارلاردىن گۇناھلىرى ھەققىدە سوراش كەتمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلاردىن سوراش پەقەت ئۇلارنى مات قىلىش ۋە كايىش ئۈچۈندۇر.
અરબી તફસીરો:
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوۡمِهِۦ فِي زِينَتِهِۦۖ قَالَ ٱلَّذِينَ يُرِيدُونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا يَٰلَيۡتَ لَنَا مِثۡلَ مَآ أُوتِيَ قَٰرُونُ إِنَّهُۥ لَذُو حَظٍّ عَظِيمٖ
قارۇن (قەۋمى ئالدىغا) ھەيۋە كۆرسىتىش ئۈچۈن زىننىتى بىلەن چىققىنىدا، قارۇننىڭ ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى كۆزلەيدىغان ھەمراھلىرى: كاشكى بىزگىمۇ قارۇنغا بېرىلگىنىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىدىن بېرىلسىچۇ! ئۇ ھەقىقەتەن كاتتا نېسىۋە ئىگىسى ئىكەن، دېيىشتى.
અરબી તફસીરો:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ وَيۡلَكُمۡ ثَوَابُ ٱللَّهِ خَيۡرٞ لِّمَنۡ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗاۚ وَلَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ٱلصَّٰبِرُونَ
ئىلىملىك كىشىلەر قارۇننى زىبۇزىننىتى ئىچىدە كۆرۈپ ھەمدە قارۇننىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئاڭلاپ: ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتىكى ساۋابى ۋە تەييارلىغان نېئمىتى قارۇنغا دۇنيا ھاياتىدا بېرىلگەن نەرسىدىن كۆپ ياخشىدۇر. بۇ سۆز (يەنى كەلىمە تەۋھىدتىن ئىبارەت ئىمان سۆزى) نى دېيىشكە ھەمدە شۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىشقا پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب - مۇكاپاتنى بۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن بىلىشكە بەرداشلىق بېرەلىگەن سەۋرچان كىشىلەرلا مۇۋەپپەق قىلىنىدۇ.
અરબી તફસીરો:
فَخَسَفۡنَا بِهِۦ وَبِدَارِهِ ٱلۡأَرۡضَ فَمَا كَانَ لَهُۥ مِن فِئَةٖ يَنصُرُونَهُۥ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُنتَصِرِينَ
بىز قارۇندىن ھەددىدىن ئاشقانلىقىغا قارىتا ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى تۇرالغۇسى ۋە بارلىق مۈلكى بىلەن قۇشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. ئاندىن ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان بىر جامائە بولمىدى، قارۇن ئۆزىنىمۇ قوغدىيالمىدى.
અરબી તફસીરો:
وَأَصۡبَحَ ٱلَّذِينَ تَمَنَّوۡاْ مَكَانَهُۥ بِٱلۡأَمۡسِ يَقُولُونَ وَيۡكَأَنَّ ٱللَّهَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُۖ لَوۡلَآ أَن مَّنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا لَخَسَفَ بِنَاۖ وَيۡكَأَنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلۡكَٰفِرُونَ
قارۇننى يەر يۇتۇشتىن بۇرۇن ئۇ ئېرىشكەن مال - دۇنيا ۋە زىبۇزىننەتلەرنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەر ھەسرەت چېكىپ، (قارۇننىڭ ئەھۋالىدىن) ئىبرەت ئېلىپ مۇنداق دېيىشتى: ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىپ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇقمۇ؟ ناۋادا ئاللاھ تائالا بىزگە ئېغىزىمىزدىن چىققان سۆزلەرگە قارىتا جازالاش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، بىزنىمۇ قارۇننى يەر يۇتقانغا ئوخشاش يەر يۇتۇۋېتەتتى. كاپىرلار نە دۇنيادا، نە ئاخىرەتتە نىجات تاپالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەقىقەتەن ئىككىلا دۇنيادا زىيانكارلىقتۇر.
અરબી તફસીરો:
تِلۡكَ ٱلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ نَجۡعَلُهَا لِلَّذِينَ لَا يُرِيدُونَ عُلُوّٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فَسَادٗاۚ وَٱلۡعَٰقِبَةُ لِلۡمُتَّقِينَ
ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى بىز يەر يۈزىدە ھەقىقەتكە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باش تارتمايدىغان، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمايدىغان كىشىلەرنى ھۇزۇر - ھالاۋەتكە ئېرىشتۈرىدىغان، كۈتۈۋېلىش ماكانى قىلدۇق. جەننەتتىكى ھۇزۇر - ھالاۋەت ھەمدە ئاللاھنىڭ رازىلىقى پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغۇچىلارغا مەنسۇپتۇر.
અરબી તફસીરો:
مَن جَآءَ بِٱلۡحَسَنَةِ فَلَهُۥ خَيۡرٞ مِّنۡهَاۖ وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَلَا يُجۡزَى ٱلَّذِينَ عَمِلُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ إِلَّا مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
كىمكى قىيامەت كۈنى ناماز، زاكات، روزا ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەر بىلەن كېلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان بىر ياخشىلىقى ئون ھەسسىگىچە كۆپەيتىلىپ، قىلغان ياخشىلىقىدىن كۆپرەك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. كىمكى قىيامەت كۈنى كۇپۇرلۇق، جازانىخورلۇق، زىناخورلۇق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يامانلىقلار بىلەن كېلىدىكەن، بۇ يامانلىقلارنى قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنىغا تۇشلۇق، ئېغىرلىتىلماستىن جازاغا تارتىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• كل ما في الإنسان من خير ونِعَم، فهو من الله خلقًا وتقديرًا.
ئىنساندا بار بولغان ياخشىلىق ۋە نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە بېكىتىشىدۇر.

• أهل العلم هم أهل الحكمة والنجاة من الفتن؛ لأن العلم يوجه صاحبه إلى الصواب.
ئىلىم ئەھلى دانا، پىتنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى ئىلىم ئۆز ساھىبىنى توغرىغا باشلايدۇ.

• العلو والكبر في الأرض ونشر الفساد عاقبته الهلاك والخسران.
يەر يۈزىدە ھەددىدىن ئېشىش، تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت ھەم زىيانكارلىقتۇر.

• سعة رحمة الله وعدله بمضاعفة الحسنات للمؤمن وعدم مضاعفة السيئات للكافر.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭدۇر، مۇئمىنلەرگە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتىپ بېرىش، كاپىرلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ھەسسىلەپ جازا بەرمەسلىك بىلەن ئادىلدۇر.

إِنَّ ٱلَّذِي فَرَضَ عَلَيۡكَ ٱلۡقُرۡءَانَ لَرَآدُّكَ إِلَىٰ مَعَادٖۚ قُل رَّبِّيٓ أَعۡلَمُ مَن جَآءَ بِٱلۡهُدَىٰ وَمَنۡ هُوَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلغان، ئۇنى (ئىنسانلارغا) يەتكۈزۈشنى ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىنى پەرز قىلغان زات ئەلۋەتتە سېنى مەككىگە غالىب ھالدا قايتۇرىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم كىمنىڭ توغرا يول ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ھىدايەت ۋە ھەقىقەتتىن ئاشكارا ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَمَا كُنتَ تَرۡجُوٓاْ أَن يُلۡقَىٰٓ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبُ إِلَّا رَحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَۖ فَلَا تَكُونَنَّ ظَهِيرٗا لِّلۡكَٰفِرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! سەن -پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن- قۇرئاننىڭ ئۆزۈڭگە ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىڭ، لېكىن ئاللاھ رەھمەت قىلىپ ساڭا قۇرئاننى چۈشۈردى، كاپىرلارنىڭ ئازغۇنلۇقىغا يانتاياق بولمىغىن.
અરબી તફસીરો:
وَلَا يَصُدُّنَّكَ عَنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بَعۡدَ إِذۡ أُنزِلَتۡ إِلَيۡكَۖ وَٱدۡعُ إِلَىٰ رَبِّكَۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
بۇ مۇشرىكلار ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسۇپ قويمىسۇنكى، ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ۋە يەتكۈزۈشنى تاشلىمىغىن، كىشىلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا، ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغىن. ھەرگىز ئاللاھقا باشقىلارنى قوشۇپ چوقۇنىدىغان مۇشرىكلاردىن بولمىغىن. ئەكسىچە يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان مۇئمىنلەردىن بولغىن.
અરબી તફસીરો:
وَلَا تَدۡعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَۘ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ كُلُّ شَيۡءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجۡهَهُۥۚ لَهُ ٱلۡحُكۡمُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر مەبۇدقا چوقۇنما. ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد يوق. ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ. ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• النهي عن إعانة أهل الضلال.
بۇ ئايەتلەر ئازغۇنلارغا ياردەملىشىشتىن چەكلەيدۇ.

• الأمر بالتمسك بتوحيد الله والبعد عن الشرك به.
ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇشقا، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

• ابتلاء المؤمنين واختبارهم سُنَّة إلهية.
مۇئمىنلەرنىڭ تۈرلۈك سىناقلارغا مۇپتىلا بولۇشى ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• غنى الله عن طاعة عبيده.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەتتۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ કસસ
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો