કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા


શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ અઅલા   આયત:

سۈرە ئەئلا

સૂરતના હેતુઓ માંથી:
تذكير النفس بالحياة الأخروية، وتخليصها من التعلقات الدنيوية.
ئىنسانغا ئاخىرەت ھاياتىنى ئەسلىتىش ۋە ئۇنى دۇنياغا باغلىنىشتىن خالاس قىلىش.

سَبِّحِ ٱسۡمَ رَبِّكَ ٱلۡأَعۡلَى
پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن بولغان پەرۋەردىگارىڭنى زىكرى قىلغان ۋە ئۇلۇغلىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ تەسبىھ ئېيتقىن.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ
ئۇ ئىنساننى بېجىرىم شەكىلدە ياراتتى ۋە قامىتىنى راۋرۇس قىلدى.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ
ئۇ پۈتكۈل خالايىقنىڭ جىنسلىرىنى، تۈرلىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى بېكىتتى ھەمدە ھەر قانداق مەخلۇقنى ئۆزىگە مۇناسىپ ۋە ماس تەرەپكە يېتەكلىدى.
અરબી તફસીરો:
وَٱلَّذِيٓ أَخۡرَجَ ٱلۡمَرۡعَىٰ
ئۇ زېمىندىن چارىپايلىرىڭلارنى باقىدىغان ئوت - چۆپلەرنى چىقاردى.
અરબી તફસીરો:
فَجَعَلَهُۥ غُثَآءً أَحۡوَىٰ
ئاندىن ئۇ ئوت - چۆپلەر ھۆل ياشىرىپ بولغاندىن كېيىن قارامتۇل قۇرۇق ئوت - خەسكە ئايلاندۇردى.
અરબી તફસીરો:
سَنُقۡرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰٓ
ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ، قەلبىڭگە توپلاپ بېرىمىز، ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسەن. شۇڭ سەن ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قىلغىنىڭدەك، جىبرىئىل بىلەن تەڭ ئوقۇمىغىن.
અરબી તફસીરો:
إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ وَمَا يَخۡفَىٰ
لېكىن ئاللاھ بىرەر ھېكمەت تۈپەيلىدىن سېنىڭ ئۇنتۇپ قېلىشىڭنى خالىغان ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قالىسەن. شەكسىزكى ئاللاھ ئاشكارىنى ۋە مەخپىينى بىلىدۇ، بۇ ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
وَنُيَسِّرُكَ لِلۡيُسۡرَىٰ
بىز ساڭا جەننەتكە كىرىشكە ۋەسىلە بولىدىغان ئەمەللەردىن ئاللاھ رازى بولىدىغانلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىمىز.
અરબી તફસીરો:
فَذَكِّرۡ إِن نَّفَعَتِ ٱلذِّكۡرَىٰ
بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان ئارقىلىق كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغىن، ئۇلار ۋەز - نەسىھەتكە قۇلاقلا سالىدىكەن، ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن.
અરબી તફસીરો:
سَيَذَّكَّرُ مَن يَخۡشَىٰ
سېنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىڭنى ئاللاھتىن قورقىدىغان ئادەم قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋەز - نەسىھەتتىن مەنپەئەت ئالىدۇ.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• تحفظ الملائكة الإنسان وأعماله خيرها وشرها ليحاسب عليها.
پەرىشتىلەر ئىنساننى ۋە ئۇنىڭ ياخشى - يامان پۈتۈن ئەمەللىرىنى ھېساب ئۈچۈن كۆزىتىپ تۇرىدۇ.

• ضعف كيد الكفار إذا قوبل بكيد الله سبحانه.
كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكرى ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئالدىدا تولىمۇ ئاجىزدۇر.

• خشية الله تبعث على الاتعاظ.
ئاللاھتىن قورقۇش ئىبرەت ئېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

وَيَتَجَنَّبُهَا ٱلۡأَشۡقَى
كاپىر ۋەز - نەسىھەتتىن يىراق تۇرىدۇ ۋە قاچىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاخىرەتتە دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ بەدبەخت ئىنساندۇر.
અરબી તફસીરો:
ٱلَّذِي يَصۡلَى ٱلنَّارَ ٱلۡكُبۡرَىٰ
ئاخىرەتتە ئۇلۇغ ئوتقا كىرىدىغان كىشى ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ ۋە مەڭگۈ ئازابىنى چېكىدۇ.
અરબી તફસીરો:
ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحۡيَىٰ
ئاندىن ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ بىراقلا ئازابتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ يا تۈزۈكرەك ياشىيالمايدۇ.
અરબી તફસીરો:
قَدۡ أَفۡلَحَ مَن تَزَكَّىٰ
شېرىكتىن ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن پاكلانغان ئادەم كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتتى.
અરબી તફસીરો:
وَذَكَرَ ٱسۡمَ رَبِّهِۦ فَصَلَّىٰ
ئۇ پەرۋەردىگارى يولغا قويغان شەكىلدە ئۇنى زىكىر قىلاتتى ھەمدە نامازنى تەلەپكە لايىق رەۋىشتە ئادا قىلاتتى.
અરબી તફસીરો:
بَلۡ تُؤۡثِرُونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا
بەلكى سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئالدىغا قويىسىلەر، ئۇنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىسىلەر، ھالبۇكى ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرقلەر بار.
અરબી તફસીરો:
وَٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰٓ
ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ھەمدە ئۇنىڭدىكى مال - ماتا ۋە نازۇ-نېئمەتلەردىن كۆپ ياخشى ھەم ئارتۇقتۇر. چۈنكى ئاخىرەتتە قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر بار.
અરબી તફસીરો:
إِنَّ هَٰذَا لَفِي ٱلصُّحُفِ ٱلۡأُولَىٰ
شەكسىزكى بىز سىلەرگە سۆزلەپ بەرگەن بۇ ئىشلار ۋە خەۋەرلەر قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان سەھىپىلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
صُحُفِ إِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ
ئۇ بولسا ئىبراھىم ۋە مۇساغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەردۇر.
અરબી તફસીરો:
આયતોના ફાયદાઓ માંથી:
• أهمية تطهير النفس من الخبائث الظاهرة والباطنة.
كۆڭۈلنى سىرتقى ۋە ئىچكى نىجاسەتلەردىن پاكلاش ئىنتايىن مۇھىم.

• الاستدلال بالمخلوقات على وجود الخالق وعظمته.
ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كاتتىلىقىغا مەخلۇقاتلار دەلىل قىلىنىدۇ.

• مهمة الداعية الدعوة، لا حمل الناس على الهداية؛ لأن الهداية بيد الله.
دەۋەتچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت دەۋەت قىلىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەتكە زورلاش مەجبۇرىيىتى يوق. چۈنكى ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.

 
શબ્દોનું ભાષાંતર સૂરહ: અલ્ અઅલા
સૂરહ માટે અનુક્રમણિકા પેજ નંબર
 
કુરઆન મજીદના શબ્દોનું ભાષાંતર - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ભાષાંતરોની અનુક્રમણિકા

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

બંધ કરો