Check out the new design

Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. * - Teburin Bayani kan wasu Fassarori


Fassarar Ma'anoni Sura: Yusuf   Aya:
فَلَمَّا ذَهَبُواْ بِهِۦ وَأَجۡمَعُوٓاْ أَن يَجۡعَلُوهُ فِي غَيَٰبَتِ ٱلۡجُبِّۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِ لَتُنَبِّئَنَّهُم بِأَمۡرِهِمۡ هَٰذَا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ
يەئقۇب يۇسۇفنى ئۇلارغا قوشۇپ قويدى. ئۇلار يۇسۇفنى يىراققا ئاپىرىپ قۇدۇققا تاشلىۋەتمەكچى بولغاندا بىز يۇسۇفكە بۇ ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ: ئۇلار سېنىڭ يۇسۇف ئىكەنلىكىڭنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان بىر پەيتتە ئۇلارغا بۇ قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بەرگىن، دېدۇق.
Tafsiran larabci:
وَجَآءُوٓ أَبَاهُمۡ عِشَآءٗ يَبۡكُونَ
يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ھىيلە - مىكىرلىرىنى يېپىش ئۈچۈن كەچتە ئاتىسىنىڭ يېنىغا يىغلاپ كېلىشتى.
Tafsiran larabci:
قَالُواْ يَٰٓأَبَانَآ إِنَّا ذَهَبۡنَا نَسۡتَبِقُ وَتَرَكۡنَا يُوسُفَ عِندَ مَتَٰعِنَا فَأَكَلَهُ ٱلذِّئۡبُۖ وَمَآ أَنتَ بِمُؤۡمِنٖ لَّنَا وَلَوۡ كُنَّا صَٰدِقِينَ
ئۇلار: ئەي دادىمىز! بىز يۇسۇفنى كىيىم - كېچەكلىرىمىز ۋە ئۇزۇق - تۈلۈكلىرىمىزنى ساقلىغىلى قويۇپ يۈگۈرۈشتە ۋە ئوق ئېتىشتا بەسلىشىش ئۈچۈن كېتىپ قاپتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ. گەرچە بىز ھەقىقەتەن راستچىل بولساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن، دېدى.
Tafsiran larabci:
وَجَآءُو عَلَىٰ قَمِيصِهِۦ بِدَمٖ كَذِبٖۚ قَالَ بَلۡ سَوَّلَتۡ لَكُمۡ أَنفُسُكُمۡ أَمۡرٗاۖ فَصَبۡرٞ جَمِيلٞۖ وَٱللَّهُ ٱلۡمُسۡتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
ئۇلار باشقىلارنى «يۇسۇفنى زادى بۆرە يەپ كېتىپتۇ» دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ سۆزلىرىنى ھىيلە - مىكىر ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆينىكىنى ئۆز قېنىدىن باشقا قانغا مىلەپ ئەكېلىشتى، يەئقۇب كۆينەكنىڭ يىرتىلمىغىنىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلىۋالدى - دە، ئۇلارغا: ھەقىقىي ئەھۋال سىلەر دېگەندەك ئەمەس، ئەكسىچە نەپسىڭلار سىلەرگە ناچار قىلمىشىڭلارنى پەردازلاپ كۆرسەتتى. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىپ، نالە - پەرياد قىلمايمەن. يۇسۇفنىڭ سىلەر دەۋاتقان ئىشىدا ئاللاھتىن ياردەم كۈتىمەن.
Tafsiran larabci:
وَجَآءَتۡ سَيَّارَةٞ فَأَرۡسَلُواْ وَارِدَهُمۡ فَأَدۡلَىٰ دَلۡوَهُۥۖ قَالَ يَٰبُشۡرَىٰ هَٰذَا غُلَٰمٞۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَٰعَةٗۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ
(يۇسۇف تاشلىۋېتىلگەن قۇدۇق بار يەردىن) بىر كارۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سۇچىسىنى سۇ ئەكېلىشكە ئەۋەتتى. سۇچى سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىۋېدى، يۇسۇف ئارغامچىغا ئېسىلىۋالدى. ئۇ يۇسۇفنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن: خۇشخەۋەر! بىر ئوغۇل بالا، دېدى. سۇچى بىلەن بىر قانچە ھەمراھلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت مېلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يۇسۇفنى كارۋاندىكىلەردىن مەخپىي تۇتۇشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يۇسۇفنى ئەرزىمەس ماتا قاتارىدا سېتىۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Tafsiran larabci:
وَشَرَوۡهُ بِثَمَنِۭ بَخۡسٖ دَرَٰهِمَ مَعۡدُودَةٖ وَكَانُواْ فِيهِ مِنَ ٱلزَّٰهِدِينَ
ئۇلار يۇسۇفكە ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭدىن تېزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى مىسىردا ئازلىقىدىن قاراپلا قانچىلىكلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان بىر قانچە تەڭگىگە سېتىۋېتىشتى. چۈنكى ئۇلار يۇسۇفنىڭ تۇرقىدىن ئۇنىڭ قۇل ئەمەسلىكىنى پەملىگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ ئائىلىسدىن ئۆزلىرىگە بىرەر خەۋپ يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. مانا بۇ يۇسۇفنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان رەھمىتىنىڭ مۇكەممەللىكىدىندۇر.
Tafsiran larabci:
وَقَالَ ٱلَّذِي ٱشۡتَرَىٰهُ مِن مِّصۡرَ لِٱمۡرَأَتِهِۦٓ أَكۡرِمِي مَثۡوَىٰهُ عَسَىٰٓ أَن يَنفَعَنَآ أَوۡ نَتَّخِذَهُۥ وَلَدٗاۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلِنُعَلِّمَهُۥ مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِۚ وَٱللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰٓ أَمۡرِهِۦ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
يۇسۇفنى سېتىۋالغان مىسىرلىق كىشى ئايالىغا: ئۇنى ياخشى كۈتكىن، ئۆزىمىزگە يارىشا ھۆرمىتىنى قىلغىن. بەلكىم ئۇ ھاجىتىمىز چۈشكەندە ئەسقېتىپ قالار ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز، دېدى. بىز يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قۇدۇقتىنمۇ چىقىرىپ، ئەزىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇنىڭغا مايىل قىلغىنىمىزدەك، ئۇنى مىسىردا يەرلەشتۈردۇق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق. ئاللاھ ئۆز ئىشىدا غالىبتۇر، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئاللاھنى مەجبۇرلىغۇچى يوق، لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى، يەنى كاپىرلار بۇنى بىلمەيدۇ.
Tafsiran larabci:
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥٓ ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
يۇسۇف قۇرامىغا يەتكەندە بىز ئۇنىڭغا ئىلىم ۋە ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، بىز يۇسۇفنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ئاللاھقا قىلغان ئىبادەتلىرىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلغانلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
Tafsiran larabci:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• بيان خطورة الحسد الذي جرّ إخوة يوسف إلى الكيد به والمؤامرة على قتله.
بۇ ئايەتلەر يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىش، ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى پىلانلاش دەرىجىسىگە ئېلىپ بارغان ھەسەتخورلۇقنىڭ خەتىرىنى بايان قىلىدۇ.

• مشروعية العمل بالقرينة في الأحكام.
ھۆكۈم قىلىشتا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەرگە قاراپ ئىش كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• من تدبير الله ليوسف عليه السلام ولطفه به أن قذف في قلب عزيز مصر معاني الأبوة بعد أن حجب الشيطان عن إخوته معاني الأخوة.
شەيتان يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرىدىن قېرىنداشلىق مېھرىنى توسۇپ قويغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ مىسىر پادىشاسىنىڭ كۆڭلىگە دادىلىق مېھرىنى سېلىشى يۇسۇفكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

 
Fassarar Ma'anoni Sura: Yusuf
Teburin Jerin Sunayen Surori Lambar shafi
 
Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci. - Teburin Bayani kan wasu Fassarori

Wanda aka buga a Cibiyar Tafsiri da karatuttukan AlƘur'ani.

Rufewa