Check out the new design

क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद * - अनुवादों की सूची


अर्थों का अनुवाद सूरा: अन्-निसा   आयत:
وَمَا كَانَ لِمُؤۡمِنٍ أَن يَقۡتُلَ مُؤۡمِنًا إِلَّا خَطَـٔٗاۚ وَمَن قَتَلَ مُؤۡمِنًا خَطَـٔٗا فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖ وَدِيَةٞ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦٓ إِلَّآ أَن يَصَّدَّقُواْۚ فَإِن كَانَ مِن قَوۡمٍ عَدُوّٖ لَّكُمۡ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖۖ وَإِن كَانَ مِن قَوۡمِۭ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٞ فَدِيَةٞ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ وَتَحۡرِيرُ رَقَبَةٖ مُّؤۡمِنَةٖۖ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ شَهۡرَيۡنِ مُتَتَابِعَيۡنِ تَوۡبَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا
بىر مۇئمىننىڭ يەنە بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈۋېتىشى توغرا ئەمەس، لېكىن بۇ ئىش سەۋەنلىكتىن يۈز بېرىپ قالغان بولسا، (بۇنىڭغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ). يەنى، كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ ئۆز قىلمىشىنىڭ كەففارىتى ئۈچۈن بىر قۇل ئازات قىلىشى، قاتىلنىڭ مىراسخور تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ مىراسخورلىرىغا تولۇق بىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى دىيەتنى ئۆتۈۋەتسە، تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچى سىلەرگە دۈشمەن قەۋمدىن بولغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىنلا بولىدىكەن، يەنىلا قاتىل مۇئمىن بىر قۇل ئازات قىلىشى كېرەك، ئەمما دىيەت تۆلىمەيدۇ. ناۋادا ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن ئەمەس، ئەمما ئاراڭلاردا ئەھدى-پەيمان بار، مەسىلەن زىممىيلەرگە ئوخشاش كىشى بولسا، بۇ چاغدا قاتىلنىڭ مىراسخور تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىغا تولۇق بىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. قاتىل بولسا ئۆز قىلمىشىنىڭ كەففارىتى ئۈچۈن مۇئمىن قۇلدىن بىرنى ئازات قىلىشى لازىم. ئەگەر ئازات قىلىدىغانغا مۇئمىن قۇل تاپالمىسا ياكى ئۇنىڭ قىممىتىنىمۇ بېرەلمىسە، بۇ چاغدا ئۇ ئىككى ئاي ئارقىمۇ-ئارقا، بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئارىلىقنى ئۈزۈپ قويماي روزا تۇتۇشى كېرەك. بۇ ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ، قاتىلنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا قىلغان تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكام ۋە پىلانلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
अरबी तफ़सीरें:
وَمَن يَقۡتُلۡ مُؤۡمِنٗا مُّتَعَمِّدٗا فَجَزَآؤُهُۥ جَهَنَّمُ خَٰلِدٗا فِيهَا وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ وَلَعَنَهُۥ وَأَعَدَّ لَهُۥ عَذَابًا عَظِيمٗا
كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن، ناھەق ئۆلتۈرىدىكەن، ئەگەر بۇنداق قىلىش توغرا دەپ قارىغان ياكى تەۋبە قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەمدە مەڭگۈ قىلىشتۇر. ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ غەزىبى ياغىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا مۇشۇنداق چوڭ گۇناھنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن كاتتا ئازاب تەييارلىدى.
अरबी तफ़सीरें:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا ضَرَبۡتُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَتَبَيَّنُواْ وَلَا تَقُولُواْ لِمَنۡ أَلۡقَىٰٓ إِلَيۡكُمُ ٱلسَّلَٰمَ لَسۡتَ مُؤۡمِنٗا تَبۡتَغُونَ عَرَضَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا فَعِندَ ٱللَّهِ مَغَانِمُ كَثِيرَةٞۚ كَذَٰلِكَ كُنتُم مِّن قَبۡلُ فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمۡ فَتَبَيَّنُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! ناۋادا ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىپ قالساڭلار، ئالدى بىلەن كىمگە قارشى جىھاد قىلىدىغانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىڭلار. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىزھار قىلغان كىشىگە: سەن مۇئمىن ئەمەس، پەقەت ئۆلۈمدىن ۋە مال-مۈلكۈڭدىن ئەنسىرەپ مۇسۇلمانلىقىڭنى ئىزھار قىلىشقا مەجبۇر بولدۇڭ، دېمەڭلار ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن غەنىمەت ئېلىش دېگەندەك دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار. چۈنكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپلىگەن غەنىمەتلەر بار، ئۇ بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى ھەم تولىمۇ كاتتىدۇر. سىلەرمۇ ئىلگىرى ئۆز قەۋمىدىن ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن مۇشۇ ئادەمگە ئوخشاش ئىدىڭلار. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە ئىسلام ئارقىلىق كۆپ ياخشىلىق قىلدى، جېنىڭلارنى ساقلاپ قالدى. شۇڭا ئالدى بىلەن كىمگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىڭلار. شەكسىزكى ئاللاھقا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن كىچىككىنە نەرسىمۇ مەخپىي قالمايدۇ. سىلەرنى چوقۇم ئەمىلىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپاتقا تارتىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• جاء القرآن الكريم معظِّمًا حرمة نفس المؤمن، وناهيًا عن انتهاكها، ومرتبًا على ذلك أشد العقوبات.
قۇرئان كەرىم مۇئمىننىڭ جېنىنىڭ ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ قىلدى، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىشتىن چەكلىدى ۋە بۇ قىلمىشقا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

• من عقيدة أهل السُّنَّة والجماعة أن المؤمن القاتل لا يُخلَّد أبدًا في النار، وإنما يُعذَّب فيها مدة طويلة ثم يخرج منها برحمة الله تعالى.
ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى بويىچە، مۇئمىن قاتىل دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇلمايدۇ، پەقەت ئۇزۇن مۇددەت دوزاختا ئازابلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن دوزاختىن چىقىرىلىدۇ.

• وجوب التثبت والتبيُّن في الجهاد، وعدم الاستعجال في الحكم على الناس حتى لا يُعتدى على البريء.
جىھادتا ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئۇۋال قىلىنماسلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلماسلىق لازىم.

 
अर्थों का अनुवाद सूरा: अन्-निसा
सूरों की सूची पृष्ठ संख्या
 
क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद - अनुवादों की सूची

कुरआन अध्ययन एवं व्याख्या केंद्र द्वारा निर्गत।

बंद करें