クルアーンの対訳 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - 対訳の目次


対訳 節: (122) 章: 家畜章
أَوَمَن كَانَ مَيۡتٗا فَأَحۡيَيۡنَٰهُ وَجَعَلۡنَا لَهُۥ نُورٗا يَمۡشِي بِهِۦ فِي ٱلنَّاسِ كَمَن مَّثَلُهُۥ فِي ٱلظُّلُمَٰتِ لَيۡسَ بِخَارِجٖ مِّنۡهَاۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلۡكَٰفِرِينَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئاللاھ ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى كۇپۇرلۇق، نادانلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈك ھېسابلانغان، ئاندىن بىز ئۇنى ئىمان، ئىلىم ۋە تائەتكە يېتەكلەش ئارقىلىق قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئادەم، كۇپۇرلۇق، نادانلىق ۋە گۇناھ- مەئسىيەتنىڭ زۇلمەتلىك پاتقاقلىرىغا چىقالمايدىغان دەرىجىدە پېتىپ قالغانلىقتىن نىشاندىن ئادىشىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟ بۇ مۇشرىكلارغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان نەرسىنىڭ گۆشلىرىنى يېيىش ۋە ئاساسسىز مۇنازىرىلىشىشتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلگەندەك، كاپىرلارنىڭ قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابلارغا دۇچار بولۇشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
アラビア語 クルアーン注釈:
本諸節の功徳:
• الأصل في الأشياء والأطعمة الإباحة، وأنه إذا لم يرد الشرع بتحريم شيء منها فإنه باق على الإباحة.
نەرسىلەر ۋە يېمەكلىكلەردىكى ئەسلى پىرىنسىپ ھالاللىق بولۇپ، شەرىئەت ئۇلاردىن مەلۇم نەرسىنى ھارام قىلمىغىچە، ئۇ نەرسە ھالال پېتى قالىدۇ.

• كل من تكلم في الدين بما لا يعلمه، أو دعا الناس إلى شيء لا يعلم أنه حق أو باطل، فهو معتدٍ ظالم لنفسه وللناس، وكذلك كل من أفتى وليس هو بكفء للإفتاء.
دىندا بىلمەيدىغان نەرسىنى دېگەن ياكى كىشىلەرنى ئۆزى توغرا ياكى خاتالىقىنى بىلمەيدىغان نەرسىگە چاقىرغان ھەر كىم، ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ زۇلۇم قىلغان، چەكتىن ئاشقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا پەتىۋا بېرىشكە سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ پەتىۋا بەرگەن ھەر قانداق ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.

• منفعة المؤمن ليست مقتصرة على نفسه، بل مُتَعدِّية لغيره من الناس.
مۇئمىننىڭ مەنپەئەتى ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، باشقىلارغىمۇ يېتىدۇ.

 
対訳 節: (122) 章: 家畜章
章名の目次 ページ番号
 
クルアーンの対訳 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - 対訳の目次

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

閉じる