クルアーンの対訳 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - 対訳の目次


対訳 節: (147) 章: 家畜章
فَإِن كَذَّبُوكَ فَقُل رَّبُّكُمۡ ذُو رَحۡمَةٖ وَٰسِعَةٖ وَلَا يُرَدُّ بَأۡسُهُۥ عَنِ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار سېنى ئىنكار قىلىپ، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ يېنىدىن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمىگەن بولسا، ئۇلارنى قىزىقتۇرۇپ ئېيتقىنكى: پەرۋەردىگارىڭلار ھەقىقەتەن چەكسىز مەرھەمەت ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭ سىلەرگە مۆھلەت بېرىپ، ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكىمۇ ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-شەپقىتىدىندۇر. يەنە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئازابى گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىۋېرىدىغان كىشىلەردىن قايتۇرۇلمايدۇ.
アラビア語 クルアーン注釈:
本諸節の功徳:
• الحذر من الجرائم الموصلة لبأس الله؛ لأنه لا يُرَدُّ بأسه عن القوم المجرمين إذا أراده.
ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان جىنايەتلەردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ گۇناھكارلارنى ئازابلىماقچى بولغاندا ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئازابى قايتۇرۇلمايدۇ.

• الاحتجاج بالقضاء والقدر بعد أن أعطى الله تعالى كل مخلوق قُدْرة وإرادة يتمكَّن بهما من فعل ما كُلِّف به؛ ظُلْمٌ مَحْض وعناد صرف.
ئاللاھ ھەركىمگە بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلالايدىغان قۇدرەت ۋە ئىرادىنى بەرگىنىدىن كېيىن يەنە قازا ۋە قەدەرنى باھانە قىلىش پەقەت زۇلۇم ۋە سەركەشلىكتۇر.

• دَلَّتِ الآيات على أنه بحسب عقل العبد يكون قيامه بما أمر الله به.
يۇقىردىكى ئايەتلەر بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشى ئەقلىگە يارىشا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

• النهي عن قربان الفواحش أبلغ من النهي عن مجرد فعلها، فإنه يتناول النهي عن مقدماتها ووسائلها الموصلة إليها.
گۇناھ - مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھ مەئسىيەت قىلىشتىنلا چەكلىگەندىن كۈچلۈكرەكتۇر. چۈنكى گۇناھ-مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھنىڭ مۇقەددىمىلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 
対訳 節: (147) 章: 家畜章
章名の目次 ページ番号
 
クルアーンの対訳 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - 対訳の目次

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

閉じる