Check out the new design

クルアーンの対訳 - クルアーン簡潔注釈(ウイグル語対訳) * - 対訳の目次


対訳 節: (10) 章: 高壁章
وَلَقَدۡ مَكَّنَّٰكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَجَعَلۡنَا لَكُمۡ فِيهَا مَعَٰيِشَۗ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ
ئەي ئادەم بالىلىرى! شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە ياشاش يوللىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇڭا سىلەر بۇنىڭغا قارىتا ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشىڭلار كېرەك ئىدى، لېكىن سىلەرنىڭ شۈكرۈڭلار ناھايىتى ئاز بولدى.
アラビア語 クルアーン注釈:
本諸節の功徳:
• من مقاصد إنزال القرآن الإنذار للكافرين والمعاندين، والتذكير للمؤمنين.
كاپىرلارنى ۋە قارشىلىق قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇئمىنلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىش قۇرئاننى نازىل قىلىشتىكى مەقسەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

• أنزل الله القرآن إلى المؤمنين ليتبعوه ويعملوا به، فإن فعلوا ذلك كملت تربيتهم، وتمت عليهم النعمة، وهُدُوا لأحسن الأعمال والأخلاق.
ئاللاھ قۇرئاننى مۇئمىنلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشلىرى ئۈچۈن نازىل قىلدى. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا ئۇلارنىڭ تەربىيىسى مۇكەممەل، نېئمىتى تولۇق بولىدۇ ھەمدە ئەڭ ياخشى ئەمەل ۋە ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ.

• الوزن يوم القيامة لأعمال العباد يكون بالعدل والقسط الذي لا جَوْر فيه ولا ظلم بوجه.
قىيامەت كۈنى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى قىلچە ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇم بولمىغان ئادالەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

• هَيَّأ الله الأرض لانتفاع البشر بها، بحيث يتمكَّنون من البناء عليها وحَرْثها، واستخراج ما في باطنها للانتفاع به.
ئاللاھ زېمىننى ئۈستىگە بىنا سېلىش، تېرىقچىلىق قىلىش ھەمدە پايدىلىنىش ئۈچۈن تېگىدىكى نەرسىلەرنى قېزىپ چىقىرىش مۇمكىن بولىدىغان دەرىجىدە ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتىگە تەييارلاپ بەردى.

 
対訳 節: (10) 章: 高壁章
章名の目次 ページ番号
 
クルアーンの対訳 - クルアーン簡潔注釈(ウイグル語対訳) - 対訳の目次

Tafsir Center for Quranic Studies - 発行

閉じる