クルアーンの対訳 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - 対訳の目次


対訳 節: (82) 章: 高壁章
وَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ أَخۡرِجُوهُم مِّن قَرۡيَتِكُمۡۖ إِنَّهُمۡ أُنَاسٞ يَتَطَهَّرُونَ
لۇت توسقان مۇشۇ قەبىھ قىلمىشنى قىلغان قەۋمىنىڭ جاۋابى پەقەت ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن ھالدا: لۇتنى ۋە ئائىلىسىنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدىن ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلار ئارىمىزدا تۇرۇشقا لايىق ئەمەس، دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.
アラビア語 クルアーン注釈:
本諸節の功徳:
• اللواط فاحشة تدلُّ على انتكاس الفطرة، وناسب أن يكون عقابهم من جنس عملهم فنكس الله عليهم قُراهم.
بەچچىۋازلىق ئىستىل بۇزۇقلۇقىنى كۆرسىتىدىغان قەبىھ قىلمىشتۇر. بۇنداق كىشىلەرگە «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» جازاسى مۇناسىپ بولغاچقا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرۈۋەتتى.

• تقوم دعوة الأنبياء - ومنهم شعيب عليه السلام - على أصلين: تعظيم أمر الله: ويشمل الإقرار بالتوحيد وتصديق النبوة. والشفقة على خلق الله: ويشمل ترك البَخْس وترك الإفساد وكل أنواع الإيذاء.
شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى مۇنداق ئىككى پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان: بىرىنچى، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ھۆرمەت قىلىش بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىقرار قىلىش ۋە پەيغەمبەرلىكنى تەستىقلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچىسى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا شەپقەتلىك بولۇش بولۇپ، بۇ باشقىلارنىڭ ھەققىنى كەم بەرمەسلىك، بۇزۇقچىلىق قىلماسلىق، ھەر تۈرلۈك ئەزىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• الإفساد في الأرض بعد الإصلاح جُرْم اجتماعي في حق الإنسانية؛ لأن صلاح الأرض بالعقيدة والأخلاق فيه خير للجميع، وإفساد الأرض عدوان على الناس.
يەر يۈزى ئىسلاھ قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بۇزۇقچىلىق قىلىش ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارغا قىلىنغان ئىجتىمائىي جىنايەتتۇر. چۈنكى يەر يۈزىنى ئەقىدە ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش ھەممەيلەنگە پايدىلىق، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولسا باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر.

• من أعظم الذنوب وأكبرها وأشدها وأفحشها أخذُ ما لا يحقُّ أخذه شرعًا من الوظائف المالية بالقهر والجبر؛ فإنه غصب وظلم وعسف على الناس وإذاعة للمنكر وعمل به ودوام عليه وإقرار له.
باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىش ھەقلىرىنى ناھەق يوسۇندا، زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش ئەڭ ئېغىر، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەبىھ گۇناھلاردىندۇر. چۈنكى ئۇ بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم قىلغانلىق، باشقىلارنى بوزەك قىلغانلىق، يامانلىق تېرىشقا ھەرىكەت قىلغانلىق، شۇنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقتۇر.

 
対訳 節: (82) 章: 高壁章
章名の目次 ページ番号
 
クルアーンの対訳 - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - 対訳の目次

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

閉じる