Check out the new design

ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಮರ್ಯಮ್   ಶ್ಲೋಕ:

مەريەم

ಅಧ್ಯಾಯದ ಉದ್ದೇಶಗಳು:
إبطال عقيدة نسبة الولد لله من المشركين والنصارى، وبيان سعة رحمة الله بعباده.
مۇشرىكلار ۋە ناسارالارنىڭ ئاللاھقا بالا نىسبەت بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسىنى بىكار قىلىش، ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بولغان رەھمىتىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش.

كٓهيعٓصٓ
سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىندى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ذِكۡرُ رَحۡمَتِ رَبِّكَ عَبۡدَهُۥ زَكَرِيَّآ
بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان رەھمىتىنىڭ ۋەقەلىكى بولۇپ، بۇنى ئىبرەت يۈزىسىدىن ساڭا بايان .قىلىپ بېرىمىز
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥ نِدَآءً خَفِيّٗا
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا ئىجابەتكە يېقىن بولسۇن ئۈچۈن مەخپى .دۇئا قىلدى
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ ٱلۡعَظۡمُ مِنِّي وَٱشۡتَعَلَ ٱلرَّأۡسُ شَيۡبٗا وَلَمۡ أَكُنۢ بِدُعَآئِكَ رَبِّ شَقِيّٗا
ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئاجىزلاپ قالدىم، چېچىم ئاقاردى، ساڭا قىلغان دۇئايىمدا ئۈمىتسىز بولۇپ باقمىدىم، بەلكى ھەرقاچان ساڭا دۇئا قىلسام دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدىڭ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَإِنِّي خِفۡتُ ٱلۡمَوَٰلِيَ مِن وَرَآءِي وَكَانَتِ ٱمۡرَأَتِي عَاقِرٗا فَهَبۡ لِي مِن لَّدُنكَ وَلِيّٗا
مەن تۇغقانلىرىمنىڭ مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولۇپ دىننىڭ ھەققىنى ئورۇندىيالماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم، ئايالىم تۇغماس، ھوزۇرۇڭدىن ماڭا ياردەم بېرىدىغان بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنۡ ءَالِ يَعۡقُوبَۖ وَٱجۡعَلۡهُ رَبِّ رَضِيّٗا
ئۇ مەندىن پەيغەمبەرلىككە ۋارىس بولىدۇ، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋارىس بولىدۇ. ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنى دىندا، ئەخلاقتا ۋە .ئىلىمدە سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
يَٰزَكَرِيَّآ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَٰمٍ ٱسۡمُهُۥ يَحۡيَىٰ لَمۡ نَجۡعَل لَّهُۥ مِن قَبۡلُ سَمِيّٗا
ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا: ئى زەكەرىيا! بىز ساڭا سېنى خۇرسەن قېلىدىغان خەۋەر بېرىمىز، بىز سېنىڭ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلدۇق. ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت بېرىمىز، بۇ ئىسىمنى ئىلگىرى بۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە نېسىپ قىلمىغان ئېدۇق .دېدى
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَٰمٞ وَكَانَتِ ٱمۡرَأَتِي عَاقِرٗا وَقَدۡ بَلَغۡتُ مِنَ ٱلۡكِبَرِ عِتِيّٗا
زەكەرىيا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ھەيران قىلىپ: مېنىڭ قانداق بالام بولىدۇ؟ ئايالىم تۇغماس، مەن قېرىپ ئاجىزلاپ بەك ياشىنىپ كەتكەن .تۇرسام؟ دېدى
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٞ وَقَدۡ خَلَقۡتُكَ مِن قَبۡلُ وَلَمۡ تَكُ شَيۡـٔٗا
پەرىشتە: ئىش سەن ئېيتقاندەك، ئايالىڭ تۇغماس، سەن ياشىنىپ ئاجىزلاپ بەك قېرىپ كەتتىڭ، لېكىن پەرۋەردىگارىڭ مۇنداق دېدى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەھيانى تۇغماس ئانىدىن، بەك قېرىپ ئاجىزلاپ كەتكەن دادىدىن يارىتىشى ئاساندۇر. ئى زەكەرىيا بۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنىمۇ يوقتىن بار قىلدى يەنى تىلغا ئېلىنمايدىغان يوقلىقتىن ياراتتى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ رَبِّ ٱجۡعَل لِّيٓ ءَايَةٗۖ قَالَ ءَايَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ ٱلنَّاسَ ثَلَٰثَ لَيَالٖ سَوِيّٗا
زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! پەرىشتە ماڭا بىشارەت بەرگەن نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم ئارام تاپىدىغان بىر ئالامەت قىلغىن دېدى. ئاللاھ: ساڭا بىشارەت بېرىلگەن نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى؛ سەن ساق- سالامەت تۇرۇپ ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلىشقا قادىر .بولالمايسەن دېدى
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوۡمِهِۦ مِنَ ٱلۡمِحۡرَابِ فَأَوۡحَىٰٓ إِلَيۡهِمۡ أَن سَبِّحُواْ بُكۡرَةٗ وَعَشِيّٗا
زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇيدىغان جايىدىن قەۋمىنىڭ يېنىغا چېقىپ، ئۇلارغا سۆزلىمەستىن ئىشارەت قىلىپ: ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئاللاھقا كۆپ تەسبىھ ئېيتىڭلار دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• الضعف والعجز من أحب وسائل التوسل إلى الله؛ لأنه يدل على التَّبَرُّؤِ من الحول والقوة، وتعلق القلب بحول الله وقوته.
ئاللاھقا ۋەسىلە قېلىنىدىغان ۋاستىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاجىزلىق ۋە بىچارىلىقتۇر، چۈنكى ئۇ كۈچ-قۇۋۋەتتىن ئادا-جۇدا بولغان ۋاقىتتا قەلبىنىڭ ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە ئالاقىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

• يستحب للمرء أن يذكر في دعائه نعم الله تعالى عليه، وما يليق بالخضوع.
ئىنسان دۇئاسىدا ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئەسلەش ۋە ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق ھالەتتە بويسۇنۇش ياخشى كۆرۈلىدۇ.

• الحرص على مصلحة الدين وتقديمها على بقية المصالح.
دىنى مەنپەئەتىنى باشقا بارلىق مەنپەئەتلەردىن ئالدىنقى ئورۇنغا .قويۇشقا ھېرىسمەن بولۇش

• تستحب الأسماء ذات المعاني الطيبة.
مەنىسى چوڭقۇر ئىسىملارنى تاللاپ قويۇش ياخشىدۇر.

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಮರ್ಯಮ್
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

ಪ್ರಕಾಶನ - ಕುರ್‌ಆನ್ ತಫ್ಸೀರ್ ಸ್ಟಡಿ ಸೆಂಟರ್

ಮುಚ್ಚಿ