Check out the new design

ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಲ್ -ಮಾಇದ   ಶ್ಲೋಕ:
إِنَّمَا يُرِيدُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَن يُوقِعَ بَيۡنَكُمُ ٱلۡعَدَٰوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ فِي ٱلۡخَمۡرِ وَٱلۡمَيۡسِرِ وَيَصُدَّكُمۡ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَعَنِ ٱلصَّلَوٰةِۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّنتَهُونَ
ھەقىقەتەن شەيتان مەس قىلغۇچى نەرسىلەرنى ۋە قىمارنى چىرايلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچ-ئاداۋەت پەيدا قىلىش ھەمدە سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن دىققىتىڭلارنى بۇرۇۋېتىشنىڭ كويىدا. ئەي مۇئمىنلەر! بۇ مۇنكەر ئىشلاردىن ئەمدى قول ئۈزەمسىلەر؟ شەكسىزكى، مۇشۇنداق قىلىش سىلەرگە لايىقتۇر. شۇڭا بۇ ئىشلاردىن يېنىڭلار.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَٱحۡذَرُواْۚ فَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىگەنلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. ئەگەر سىلەر بۇنداق قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزۈشتۇر. ئۇ ئەمەلىيەتتە يەتكۈزدى. ئەگەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئۆز مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ۋابالى ئۆزۈڭلارغىدۇر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
لَيۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جُنَاحٞ فِيمَا طَعِمُوٓاْ إِذَا مَا ٱتَّقَواْ وَّءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ ثُمَّ ٱتَّقَواْ وَّءَامَنُواْ ثُمَّ ٱتَّقَواْ وَّأَحۡسَنُواْۚ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئەگەر ھاراق ھارام قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن قورقۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ھارام ئىشلاردىن ساقلانغان بولسا، ئاندىن تاكى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلگەنگە قەدەر ئۇنى ئۆزلىرىگە كۆزەتچى قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، ھاراق ھارام قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھاراق ئىچكەنلىكلىرىگە قارىتا گۇناھكار بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە گوياكى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئىبادەتتە ھەر دائىم ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۇيغۇ بولىدۇ ۋە بۇ خىل تۇيغۇ مۇئمىننى ئەمەللەرنى ئېھسان بىلەن ئۆز لايىقىدا قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَيَبۡلُوَنَّكُمُ ٱللَّهُ بِشَيۡءٖ مِّنَ ٱلصَّيۡدِ تَنَالُهُۥٓ أَيۡدِيكُمۡ وَرِمَاحُكُمۡ لِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ مَن يَخَافُهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَلَهُۥ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا ئېھرامدىكى ھالىتىڭلاردا ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بەرگەن قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىدىن بەزىسى ئارقىلىق سىلەرنى سىنايدۇ. ئۇنىڭ كىچىكلىرىنى قۇرۇق قولمۇ تۇتۇۋالالايسىلەر، چوڭلىرىنى قىلىچ-نەيزىلىرىڭلار بىلەن ئوۋلايسىلەر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇنداق قىلىشى، ئاللاھنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىمانى كامىل بولغانلىقتىن ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ قورقىدىغان، ئاندىن ئۆز ئەمىلى مەخپىي قالمايدىغان ياراتقۇچىسىدىن قورقۇپ ئوۋ ئوۋلاشتىن توختايدىغانلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ چېگراسىنى ئېشىپ، ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ھالەتتە ئوۋ ئوۋلايدىكەن، ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا دەرتلىك ئازاب بار.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَقۡتُلُواْ ٱلصَّيۡدَ وَأَنتُمۡ حُرُمٞۚ وَمَن قَتَلَهُۥ مِنكُم مُّتَعَمِّدٗا فَجَزَآءٞ مِّثۡلُ مَا قَتَلَ مِنَ ٱلنَّعَمِ يَحۡكُمُ بِهِۦ ذَوَا عَدۡلٖ مِّنكُمۡ هَدۡيَۢا بَٰلِغَ ٱلۡكَعۡبَةِ أَوۡ كَفَّٰرَةٞ طَعَامُ مَسَٰكِينَ أَوۡ عَدۡلُ ذَٰلِكَ صِيَامٗا لِّيَذُوقَ وَبَالَ أَمۡرِهِۦۗ عَفَا ٱللَّهُ عَمَّا سَلَفَۚ وَمَنۡ عَادَ فَيَنتَقِمُ ٱللَّهُ مِنۡهُۚ وَٱللَّهُ عَزِيزٞ ذُو ٱنتِقَامٍ
ئەي مۇئمىنلەر! ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ھالىتىڭلاردا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئاراڭلاردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا تۆگە ياكى كالا ۋە ياكى قويدىن ئۆزى ئۆلتۈرگەن ھايۋانغا تەڭ كېلىدىغان ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىبتۇر. بۇنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن ئادىل بولغان ئىككى كىشى بېكىتىدۇ. ئىككى كىشى بېكىتكەن بۇ ھايۋانغا مەككىگە ئەۋەتىلگەن قۇربانلىق ماللىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىپ، ھەرەمنىڭ دائىرىسىدە بوغۇزلىنىدۇ ياكى شۇنىڭ قىممىتىدە ھەرەمنىڭ كەمبەغەللىرىدىن ھەربىرىگە يېرىم سادىن يېمەكلىك بېرىلىدۇ، ياكى ھەر يېرىم سا يېمەكلىكنىڭ بەدىلىگە بىر كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ جازالارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئوۋ ئوۋلىغان ئادەم ئۆزى قىلغان جىنايەتنىڭ ۋابالىنى تېتىسۇن. ئېھرام باغلىغان ئادەم ھارام قىلىنىشتىن بۇرۇن ھەرەمنىڭ ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى. ئەمما كىمكى ھارام قىلىنغاندىن كېيىنمۇ يەنە شۇ گۇناھنى تەكرار سادىر قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئازابلاش ئارقىلىق جازالايدۇ. ئاللاھ تائالا كۈچلۈكتۇر، قۇدرەتلىكتۇر. ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ بىر ئالامىتى شۇكى، ئۇ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى خالىسا جازالايدۇ، ئۇنى جازالاشتىن ھېچبىر كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• عدم مؤاخذة الشخص بما لم يُحَرَّم أو لم يبلغه تحريمه.
ئېھرام باغلىمىغان ياكى ئېھرام باغلىغۇچىلارنىڭ ئوۋ ئوۋلىشىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدىكى ھۆكۈم يەتمىگەن ئادەم جازالانمايدۇ.

• تحريم الصيد على المحرم بالحج أو العمرة، وبيان كفارة قتله.
ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان كىشىنىڭ ئوۋ ئوۋلىشى ھارام. ئۆلتۈرگەن نەرسىسىنىڭ بەدىلىگە كەففارەت بېرىشى ۋاجىب.

• من حكمة الله عز وجل في التحريم: ابتلاء عباده، وتمحيصهم، وفي الكفارة: الردع والزجر.
ئاللاھ تائالانىڭ چەكلىمە قويۇشتىكى ھېكمەتلىرىنىڭ بىرى بەندىلىرىنى سىناش ۋە ئۇلارنى تاۋلاپ چىقىشتۇر. كەففارەت بېكىتىشتىكى ھېكمەتلىرىنىڭ بىرى بولسا، گۇناھنىڭ تەكرار سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇپ قېلىشتۇر.

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಲ್ -ಮಾಇದ
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

ಪ್ರಕಾಶನ - ಕುರ್‌ಆನ್ ತಫ್ಸೀರ್ ಸ್ಟಡಿ ಸೆಂಟರ್

ಮುಚ್ಚಿ